ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 15:03:15

بېرلىندا تۇنجى« ئۈچ دىن بىرلەشكەن دىنى سورۇن» بەربا قىلىنماقچى....

بىر ھويلىنىڭ ئىچىدە « ئۈچ خىل دىن مۇرىتىلىرى ئىبادەت قىلىدۇ». گېرمانىيە « سەھەر پوچتا خەۋەر گېزىتى »نىڭ 7-ئىيۇن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوخشاش بولمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن دىنى مۇرىتلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ،  ناسارا دىنى، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدى دىنى مۇرىتلىرى بىرلىكتە ئىبادەت قىلىدىغان ،دۇنيادىكى تۇنجى « ئۈچ خىل دىن مۇرىتىلىرى بىرلىكتە  ئىبادەت قىلىدىغان ئىمارەت» قۇرۇلۇش باشلىغان.
بۇ ئىمارەت بېرلىندىكى بىر مەيدانغا جايلاشقان بولۇپ،3-ئىيۇن ناسارا دىنى مۇرىتلىرى، مۇسۇلمانلار، يەھۇدى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قۇرۇلۇش ئورنىغا يىغىلىپ، قۇرۇلۇشقا بىردىن خىش قويۇپ، «بىر ئادەم بىر خىش ئىئانە قىلىش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان.
خەۋەردە دىيىلىشچە، بۇ يەر بۇرۇن قاقاسلىق بولۇپ،2009-يىلى بۇ يەردىن قېزىپ چىقىلغان ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە ئاسارە- ئەتىقىلەر بۇ ئىمارەتنىڭ قۇرۇلىشىغا تۈرتكە بولغان. يەھۇدى دىنى مۇرىتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ دىيىشىچە،« بېرلىن ئازاپلىق ئەسلىمنى قالدۇرغان شەھەر ئىكەن، بۇ يەردە ئىلگىرى يەھۇدىلارنى يوقىتىش پىلانى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىمارەتنى سېلىشنىڭ مەقسىتى ئۆز چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن». مۇسۇلمانلار ۋەكىلىنىڭ دىيىشىچە، « بۇ ئىمارەتنى سېلىشنىڭ مەقسىتى ھەرقايسى دىن ۋە مەدىنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى  چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن».
بۇ ئىمارەتنىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخى 43مىليۇن500مىڭ ياۋرو بولۇپ،قۇرۇلۇش خىراجىتى پۈتۈنلەي ئىئانە توپلاشتىن كېلىدىكەن. بۇ ئىمارەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن 4مىليۇن پارچە خىش كېتىدىغان بولۇپ، ھەربىر پارچە خىشنىڭ باھاسى 10 ياۋرو ئىكەن. ئىمارەت قۇرۇلىىشىنىڭ رەسمى ئىش باشلىشى ئۈچۈن ،تەخمىنەن 10 مىليۇن ياۋرو كېتىدىكەن.
گېرمانىيىنىڭ نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر بۇ ئىمارەتنىڭ قۇرۇلىشىغا ئىجابى پوزىتسىيىدە بولغان. ئەمما بەزى كىشىلەر« ھەرقايسى دىنلارنىڭ مۇرىتلىرى راستىنلا بۇ يەردە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالارمۇ؟» دىگەندەك ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەنبە: يەرشارى ۋاقىت گېزىتى 2014-يىل 9-ئىيۇندىكى سانى 4-بەت.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 17:54:15

نىمانداق قىممەت خىش ئاۋۇ... بىرسى 100 كوي كەن..:o

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 18:06:27

ئەكبەرشاھنى ئەسلىتىپ قويدى.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 19:06:02

قىنى سىلىپ باقسۇن ،ئەھمىيتىنى كىيىن دىيشەرمىز !
ئەمما ئاۋۇ بىر تىلى 10 ياۋرۇلۇق  خىشقا قىزقىپ قالدىم !

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 09:02:09

oygak2005 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-10 19:06 static/image/common/back.gif
قىنى سىلىپ باقسۇن ،ئەھمىيتىنى كىيىن دىيشەرمىز !
ئەمما  ...

مانا 10 ياۋرۇلۇق خىش:


پوپ: دىققەت قىلىش گۇيلار ، چېقىلىپ كەتمىسۇن . ھاھاھا .

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 10:01:01

ماۋۇ مەن ئەتىگەنلىك تاماقنى ياندۇرۋەتكەندىن كىيىنكى ئەڭ ئەڭ كاتتا خۇش خەۋەر بولدى.

baris يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 14:42:18

بولسا بىردىن سېتېۋىلىپ ساقلاپ قويغىدەك خىشكەن .:lol:lol:lol

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 14:51:39

جۇڭگونىڭ بەش موچەنلىك خىش بىلەن سالغان بىنالىرى 20 يىلدا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. بەلكىم ماي باھاسىغا نۇرغۇن باج ۋە ھەقنى قوشۇۋەتكەندەك، خىشنىڭ باھاسىغىمۇ بىنانىڭ نۇرغۇن چىقىملىرىنى قوشۇۋەتكەن بولسا كېرەك.

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 18:29:53

توۋا ! دانىسى100 كويلۇق خىشتا ساسا تېخى 3 دىن بىرىككەن يىڭىلىق بولغۇدەك پايدا زىيىننى كىيىن بىلىتمىز

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 18:31:35

رەسىمگە جالىسام ئادەتتىكى قىش كەن بومىسا

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 18:31:37

رەسىمگە جالىسام ئادەتتىكى قىش كەن بومىسا

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 18:33:36

ياۋروپادا قىشچىلىق قىلسا پايدا شۇيەر دىكەن :lol:lol

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 21:34:33


ئوتتۇرىسىدىكى ئىمامنى بىلىدىغانلار بامۇ؟ ئىسمىنى قادىر.سانچى دەمدۇ{:122:}
بەت: [1]
: بېرلىندا تۇنجى« ئۈچ دىن بىرلەشكەن دىنى سورۇن» بەربا قىلىنماقچى....