ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 10:54:32

رىم پاپاسى پەلەستىن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن تىلاۋەت قىلدى...

رىم پاپاسى جورجى مارىئو بېرگوگىل ،ئىسرائىلىيە پىرېزىدىنتى پېرېس، پەلەستىن مىللى ھوقۇق كومېتىتىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ئابباس 8-ئىيۇن كەچتە ئۇچىرىشىپ، ۋاتىكان گۈللىكىدە دۇنيا تېنچىلىقى ئۈچۈن  بىرلىكتە دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.
فىرانسىيە ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېرېس بىلەن ئابباس ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ۋاتىكانغا يېتىپ بارغان، ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا  رىم پاپاسى بىلەن كۆرۈشكەن، ئارقىدىن ئۈچ كىشى  ۋاتىكان گۈللىكىدە بىرلىكتە دۇنيا تېنچىلىقى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان،ھەمدە بىرلىكتە بىر تۈپ زەيتۇن دەرىخى تىككەن.
ۋاتىكان تەرەپ بۇھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ،  رىم پاپاسىنىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتە ھىچقانداق سىياسى مۇددىئانىڭ يوقلىغى، باشقا تەرەپلەرنىڭمۇ بۇ قېتىمقى ئۇچىرىشتىن چوڭ ئۈمىت كۈتۈپ كەتمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.ئەمما ئامېرىكا ئاگىنتلىقى ئىپادە بىلدۈرۈپ،بۇنىڭ«بىر قېتىملىق ئادەتتىن تاشقىرى ئۇچىرىشىش» ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم مۇسۇلمان ۋە يەھۇدى دىنى مۇرىتىنىڭ رىم پاپاسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىرلىكتە دۇئا-تىلاۋەت قىلغانلىقى رىم پاپاسىنىڭ شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىم پاپاسى ئىككى ھەپتە بۇرۇن بېتخېلىمنى زىيارەت قىلغاندا، پەلەستىن ،ئىسرائىلىيە تەرەپنى «مەڭگۇ تۈگىمەيدىغان ،قۇرۇق» سۆھبەتنى تېزدىن ئاياقلاشتۇرۇپ، تېنچ مۇھىت بەرپا قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى دۇئا -تىلاۋەتكە ئىپادە بىلدۈرۈپ،« ئوتتۇرا شەرقتە سىموۋول خاراكتىرلىق ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەت ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ۋاتىكاندا يالغۇز ئۇچىرىشىپ ، نىمىلەرنى دىيىشكەنلىكى ئېنىق ئەمەس» دىگەن.
پېرېسنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچىرىشىشى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياخۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئسرائىلىيە پىرېزىدىنت ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ،« بۇ پەقەت بىر قېتىملىق دۇئا-تىلاۋەت خالاس، دۇئا-تىلاۋەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر قايسىسى ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ » دىگەن.
«ئىسرائىلىيە پوچتا گېزىتى » بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ،« رىم پاپاسىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكلىپى ئانچە دوستانە ئەمەس، ناسارا دۇنياسىنى يەھۇدىلارغا قارشى يۆلىنىشكە باشلىشى مۇمكىن» دەپ قارىغان. بەزى پەلەستىنلىكلەرمۇ «رىم پاپاسى ئىسرائىلىينىڭ پەلەستىىن زىمىنىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېنىق ئەيىپلىمىدى» دەپ نارازى بولۇشقان.8-ئىيۇن ئابباس گېزىتتە ئىپادە بىلدۈرۈپ،« رىم پاپاسىنى ھەركىتى تولۇپ تاشقان قەھرىمانلىق روھىغا ئىگە بولۇپ، ھىچكىم پەلەستىن ئىسرائىلىيە خەلقنىڭ تېنچلىققا بولغان تەلپۈنىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ» دىگەن.

مەنبە: يەرشارى ۋاقىت گېزىتى 2014-يىل 9-ئىيۇندىكى سانى 2-بەت.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 12:26:29

ئۇلارنىڭ بىللە دۇا قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرىتى بولغان بولسا كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 13:22:17

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-10 12:26 static/image/common/back.gif
ئۇلارنىڭ بىللە دۇا قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرىتى بولغان ب ...

مانا
http://www.bbc.com/news/world-middle-east-27756397

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 13:35:47

پەلەستىن خاماس ۋە فاتاخ دەپ ئىككى گورۇھقا بۆلۈنۈگلىككەنغۇ..؟
ئابباس قايسى گورۇھقا تەۋەدۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 13:37:50

http://cn.bing.com/images/search?q=Pope+hosts+Shimon+Peres+and+Mahmoud+Abbas+at+Vatican&FORM=HDRSC2#a

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 14:03:59

ھەي بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ....

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 15:30:25

  ۋاتىكاندا دۇئا -تىلاۋەت قىلغان رەسىم بەك كىچىك چىقىپ قاپتۇ .

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 16:36:34

تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مۇئەللىم رىم پاپىسى دىسە ، مەن تېخى بويى پاكار ئادەم ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتىم ، كىيىن بىلدىم پاپا دەپ كىمنى دەيدىغانلىقىنى ، ، ، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن  بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ۋاتىكان ۋە پاپا توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتساق يەنە  بىر ساۋاغدىشىم ۋاتىكاندا بويى پاكار پاپىلار جىقمۇ دەپ يۈرۈيدۇ ، ، ،

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 20:19:58

توۋا  !!! {:102:} {:102:} {:102:}

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 21:11:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anw8735 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-10 21:48  

تىنىچلىق ئۈچۈن  مەھمۇد ئابباس ئاخىرى خىرىستىيانچە دۇئا قىپتۇدە!.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 23:33:12

خىرىستىيان پاپاسى بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ۋەكىلى ئۆزدىنىنىڭ ئۆرپى-ئادىتىچە كىيىنىپتۇ. ئاۋۇ مەھمۇد ئابباسنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىچە كىيىنمىگىنىگە قاراپ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم..

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 02:05:41

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-10 23:33 static/image/common/back.gif
خىرىستىيان پاپاسى بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ۋەكىلى ئۆزدىنىن ...

ئەرلەرنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ گالىستۇك تاقىشى ئىسلامچە كىيىم-كېچەك ئادىتىگە زىت كېلەمدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 09:56:20

مەن زىت كىلىدۇ دىمىدىم..

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 09:58:07

مەن ئاۋۇ دىرۇزىنى يەھۇدى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن كەچۈرۈڭ.
سىزمۇ پاپا بىلەن كۈرۈشۈپ قۇلىغا سۈيۈپ، دۇئاسىنى ئېلىپ كەلسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 11:00:27

رىم پاپاسى ئىككى ھەپتە بۇرۇن بېتخېلىمنى زىيارەت قىلغاندا، پەلەستىن ،ئىسرائىلىيە تەرەپنى «مەڭگۇ تۈگىمەيدىغان ،قۇرۇق» سۆھبەتنى تېزدىن ئاياقلاشتۇرۇپ، تېنچ مۇھىت بەرپا قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
:P

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 11:40:01

خەلىقىنىڭ غېمىنى يەيدىغان بىر سىياسىئون بۇلۇش ئۈچۈن ھەر نىمە بۇلۇشقا توغرا كىلىدۇ !
بەت: [1]
: رىم پاپاسى پەلەستىن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن تىلاۋەت قىلدى...