Qunek يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 17:02:08

ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتچىسىغا ئىشتىياق باغلىشى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pinhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 20:46  

شۇنداق قىلىپ بۇ پىرسۇناژىمىز بولغان ئابدۇسەمەت مامۇت بىرەر چوڭ ئىش قىلىشنىڭ كويىدا ئۆيدىن چىقماي رۇقىيە ھاشىمنىڭ ئەتكەن تامىقىنى يەپ ئۈندىداردا بوران چىقىرىپ يۈردى . ئۇنىڭچە بولسا ھازىر ئۈندىدار ئارقىلىق نام چىقىرىش تولىمۇ ئاقىلانە تاللاشتەك تۇيۇلدى . ئۇ دەسلەپتە ئۈندىدارنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەستە رۇقىيە ھاشىمنىڭ نەۋرە ئىنىسىنىڭ قولىدا يانفۇننى كۆتىرۋېلىپ بۇرنىغا توغىرلاپ ئۇنى بۇنى دەۋاتقىنىنى ، تۇرۇپلا يانفۇنغا مەستانىلەرچە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى ۋە تۇرۇپ كۈلۈپ كېتىشلىرىدىن ھەيرانە بولۇپ ياقىسىنى چىشلىدى . بىراق نەچچە ئايدىن بۇيان يۇيۇلمىغان قوي يۇڭى مايكىسىنىڭ تەرلەشكەن ۋە كىرلەشكەن ياقىسى شۇنچىلىك سېسىق ئىدىكى ، ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇپ سالدى ۋە شۇ ياندۇرغانچە ئەتىگەن يىگەن تاماقلىرىنىمۇ پاك پاكىز ياندۇرۋېتىپ ، شۇ ياتقىنىچە ئۈچ كۈنگىچە قوپالماي قالدى . ئۇ بۇ ئىشنى ئۆزىچە ئۈندىداردىن كۆرۈپ ، ئۈندىدارغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ يۈگەن كۈنلەرنىڭ بېرىدە ، يىگىلەپ قالغان سويمىدەك چىرايغا ئىگە بىردوستىنىڭ قاتتىق نام قازىنىپ كەتكىنى ئاڭلىدى ۋە سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇنىڭ دوستلار چەمبىركىدە توختىماي ، توڭلاتقۇدا پىچىنە پىشۇرماڭ ، ھاۋانىڭ تۇتۇلغىنى ئېچىلغىنى ئەمەس ، يول يىراق بولسا مۇساپىمۇ ئۇزۇرايدۇ دىگەندەك ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى يېزىپ تارقىتىپ يۈرۈپ داڭ چىقىرىپ كەتكىنى بىلدى ۋە ئۆيىگە قايتىپ كېچىچە ئۇخلىماي ئۈندىدار ئويناش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى . ئەتىسى ئۇ ئەتتىگەن تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قوتا تېلفۇنىنى سېتىۋېتىپ ، ئۈندىدارنى سايرىتۋېتىدىغان تېلفۇندىن بىرنى ئالماقچى بولۇپ تېلفۇن بازىرىغا بېرىپ نىمكەش تېلفۇن يىغىۋالدىغان بىرسىگە تېلفۇنىنى كۆرىستۋېدى ، ھېلىقى تېلفۇنچى ئالقاپ ئابدۇسەمەت مامۇتقا لاپپىدە قارىۋېتىپ :
- مېنى ئەتىگەندە ناشتا قىلۋالسۇن دەپ تېلفۇنىڭىزدا ياڭاق چېقىپ بەرگىلى كەلدىڭىزمۇ ئاكا - دېۋىدى ، نىمە دىيىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان ھالىتىگە قاراپ پىخلداپ تۇرغان ئەتراپتىكى ئالقاپلارمۇ چاچما چاقچاقنى باشلاپ كەتتى .
- ئاكاۋوي ، تېلفۇنىڭزنى جىڭلاپ ساتسىڭىزمۇ بولغۇدەكقۇ ،
- جىڭلاپ ئەمەس مىتىرلاپ ساتسىمۇ ھەرەمگە بارغۇدەك پۇل كەلگۈدەك .
- مەشەدىلا ئولتۇرۇپ پارچىلاپ ساتامسىز يا ؟
- ئەرزان بەرسىڭىز ئۆيگە ئاپىرىڭ كارىۋات قىلىۋالساممۇ بولغۇدەك .
- يېرىم كېچىدە تىتىرەپ كەتسە يەر تەۋرەپتۇ دەپ ئىشتانغا چىقىرۋېتەرسەن ...
- ۋەت .............
ئۇلار مۇشۇنداق ئۇزۇندىن ئۇزۇن تېتىقسىز چاقچاقلارنى قىلىپ ئابدۇسەمەت مامۇتنى تىرىكتۈرۈپ يۈرۈپ ئازغىنە پۇلغا سېتىۋالدىدە يېڭى تېلفۇن ئالامتىڭىز ئاكا دەپ كەينىدن باشلاپ تېلفۇن پوكىيىگە باشلاپ باردى . ئاخىرى ئۇنى تاللاپ ، بۇنى تاللاپ ، تاڭسىڭدەك تولا گەپ قىلىپ يۈرۈپ پارتىيەگە سادىق يۈرىكىنىڭ تارتىشىشى ئارقىسىدا دۆلەت ئچىىدە ئىشلەنگەن ، دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ، كائىنات بويىچە ئاۋانگىرات ماركا بولغان كۇپەي تېلفۇننى سېتىۋالدى ۋە لاتنچە ماركىسىغا قاراپ كۈلپەت(Coolpad) دەپ ئات قۇيۇۋالدى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈندىدار ئويناش مۇساپىسى باشلىنىپلا كەتتى . دەسلەپتە كۈلپەتكە ئانچە كۆنەلمىگەن ئابدۇسەمەت مامۇت بىر نەچچە كۈن باشقىلاردىن ئۇنى بۇنى سوراپ يۈرۈپ ئۆگەندىكى . بىر نەچچە كۈندىلا ئۈندىدار دىگەندىن ئوت ، تېلفۇندىن بوران چىقىرىپ ئۈنداردىكى مەھەللىىسدە خېلى داڭلىقلاردىن بولۇپ قالدى . ھازىر ئۇ كىيىم كەيسىمۇ قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ داڭلىق ماركىنى ئالاتتى ، ئۆينىڭ ئاستىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇللاردىن تاماق يىمەيتتى . ئۇنىڭ خىيالىچە بولسا بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئۈندىداردىكى سالاھىيتىگە ماس كەلمەيتتى . ئۇنىڭچە بولسا ئۈندىداردىكى سالاھىيىتىگە ماس قىلىپ شەخىسى ئايروپىلاندا ماڭغۇسى بارتى بىراق پۇل بولمىغاچقا كوچا ئاپتۇبۇسىنى شەخسى ئايروپىلان دەپ خىيال قىلىپ كوچا ئاپتۇبۇسىدا قاتنايتتى . پات پات تۇرمۇش ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن قاۋاقخانىمۇ قاۋاقخانا ، دېسكوخانا ، بىر نىمەخانىلارغا بېرىپ ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى . شۇنداق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ئۇچراتقان چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە ئىختىيارسىز كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ قالاتتى ۋە دەررۇ ئۆز كۆڭلىدە ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بېرىپ مەن ئۇلارغا تەنقىد نەزىرىدە قارىدىم دەپ ئويلايتتى ۋە نىمىشقا شۇنداق چىرايلىق قىزلارغا نەسىھەت قىلىش پۇرسىتىنىڭ كەلمەيدىغىندىن ئىچى پۇشاتتى .
دەل شۇ مەزگىللەردە ئۈندىداردا تونۇشۇپ قالغان بىر قىز بىلەن خېلى چىقشىپ قالدى . ئۇز قىزمۇ ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ <<ھېكمەت>> لىرىگە تەشنا ، نەسىھەت قىلىپ قۇيۇشىغا تەقەززادەك كۆرۈنەتتى . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇلار شەھەردىكى مەلۇم قەھۋاخانىدا كۆرۈشمەكچى بولۇشتى . كۆرۈشمەكچى بولغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئابدۇسەمەت مامۇت زادىلا ئۇخليالمىدى . ئۇ قىز ئورۇقمىدۇ ، سىمىزمىدۇر ، سەتمدۇر ، چىرايلىقمىدۇر دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى ۋە يېنىدا پۇشۇلداپ ياتقان رۇقىيە ھاشىم بىلىپ قالىدىغاندەك ۋەھىمىگە چۈشەتتىيۇ ، ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ساھىپجاماللارغا نەسىھەت قىلىش پۇرسىتىنىڭ كەلگىنىدىن ھاياجانلىناتتى . ئۇنىڭچە بولسا مۇشۇنى بىر باشلىۋالسا ئەتە ئۆگۈن چىرايلىق قىزلار ئۇنىڭ ئىشىكىدە ئۇنىڭ نەسىھەت قىلىپ قۇيۇشىنى كۈتۈپ ئۇنى ساقلاپ كەتسە ، ئۇ ئالدىرماي چىقىپ بالكوندىن كۈزىتىپ ئەڭ چىرايلىقىنى چاقىرىپ نەسىھەت قىلسا ، نەسىھەت ئاڭلىغىلى كەلگەن قىزلار ياش تۆكۈپ يىغلاپ ، ئابدۇسەمەت مامۇتقا ئۇچراشتىن بۇرۇنقى ھاياتىنىڭ ھىچنىمىگە ھىساب ئەمەسلىكىنى ئېيتسا ۋە ئۆزىنى ھەر قاچان ئابدۇسەمەت ماماۇتقا تولۇق بېغىشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتسا دىگەنلەرنى ئويلاۋېتىپ رۇقىيە ھاشىمغا بىر قارىۋېتىپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ تاققا - تۇققا خىياللارنى قىلىپ يۈرۈپ ئۇخلاپ قالدى . ئەتىسى ئۇ كۆرۈشىدىغان ۋاقىتقا قارىتا چىرايلىق كىيىنىپ ، چېچىنى شاپاقتا قاتۇرۇپ ، شىبلىتىنى تۈكۈرۈكتە مايلاپ پاقىرتىپ ئۇ قىز بىلەن كۆۈشمەكچى بولغان ئۇرۇنغا قاراپ ماڭدى ۋە ئۈندىدارغا ئۇ قىزغا ئۆزىنىڭ ئاق كۆينەك ، پادىچىلار ئىشتى كىيىۋالغىنىنى ئېيتىپ قويدى . ئۇلار دىيىشكەن قەھۋەخانىنىڭ قارشىسىدىكى ئاپتۇبۇز بىكەتنىڭ يېنىدا كۆرۈشۈپ تۇرىشىغا تەلەي شۇنچىلىك كاج كەلدىكىن ، تۇيۇقسىزلا ئاسماننىڭ ئەلپازى بۇزۇلۇپ تاراسلىتىپ يامغۇر يېغىپلا كەتتى . ئۇلار شۇنچە تېز مېڭىپ قەھۋەخانىغا كىرگەن بولسىمۇ يامغۇردىن قېچىپ كىرىۋالغانلار كۆپ بولغاچقا ئۇلارغا ئۇرۇن يەتمەيدىغاندەك قىلاتتى . ئۇلار ئامالسىز سىرتقا چىقىپ پاراڭلىشىپ تۇردى . ئەتىيازنىڭ ھاۋاسىدا ھۆل يېغىندا قالغان ئابدۇسەمەت مامۇت ھېلىدىن ھېلىغا چۈشكۈرەتتى ، توڭلاپ تىتىرەيتتى . ھەتتا بىر نەچچە قېتىم بۇرنىدىن لامپۇچكا ئېتىلدۇرۇپمۇ ئۈلگۈردى . چاچلىرى بۇزۇلۇپ ، شىبلىتلىرىغا لاي چاپلىشىپ ، ئىنتايىن ئوسال روھى ھالىتى بىلەن يۇندىغا موللاق ئاتقان مۈشۈككىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى . بىراق قىز بولسا شارتتىدە يېنىدىن يامغۇرلۇق چاپاننى چىقىرىپ كىيىپ ، سالاپىتى ۋە تۇرقىنى بۇزماستىن ھىچنىمە بولمىغاندەك تۇرۇپ پاراڭ سېلىۋاتاتتى . ھازىرقى پەيتتە بولسا ئابدۇسەمەت مامۇت ئۇ قىزغا ئەمەس ئۇ قىز ئابدۇسەمەت مامۇتقا نەسىھەت قىلىۋاتاتتى . نەسىھەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ، سىرتقا باشقىلار بىلەن كۆرۈشكىلى چىققاندا ھاۋارايىغا دىققەت قىلىش ۋە ئالدىن بېرىلگەن ھاۋارايىغا دىققەت قىلىپ تەييارلىقنى پۇختا قىلىش ھەقىقىدە ئىدى . ھەتتا ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ بىر نەچچە قېتىم مەسخىرلىك كۈلۈپمۇ قويدى ۋە قوشنىسىنىڭ ئوغرى مۈشۈكىگە ئوخشىتىپمۇ ئۈلگۈردى . بۇ ئوخشىتىش ۋە مەسخىرلىك كۈلكىلەردىن جېنى سىقىراپ كەتكەن ئابدۇسەمەت مامۇت ئىچىدە قان قان يىغىلسىىمۇ ، چىرايى تارتىشىپ قالغان ھالەتتە ئىنتايىن بىر ئوسال چىراي ئىپادىسىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى .
ئۇ ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ئۇ قىزدىن ھاۋارايى مەلۇماتىنى قەيەردىن بىلگىنىنى سورىغاندا ، ئۇ قىز كۈلۈپ تۇرۇپ ئىزدىنىشقا چىقسىڭىز <<ئانا تىلىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ھاۋارايى مەلۇماتچىسى >> دىگەن تېمىدىن چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ . ياكى hawa123.com تىن بىۋاستە چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ دەپ ئېيتىپ بەردى .
ئابدۇسەمەت مامۇت ئاخىرى يانفۇنغا ھاۋارايى مەلۇماتچىسىنى قاچىلاشنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدى ۋە قىز بىلەن خوشلىشىپ ماڭغاچ ئۆيگە بېرىپلا hawa123.com نى ئېچىپ ئۇيغۇرچە ھاۋارايى مەلۇماتچىسىنى چۈشۈرۋېلىش قارارىغا كەلدى . hawa123.com نى تېلفۇنىڭىزدا ياكى كومپىيۇتېرىڭىزدا ئېچىپ چۈشۈرۋېلىڭ

hawa123.com

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 17:13:28

قۇناخۇن ئەگەر لەڭپۇڭۇمدىن كۈندە بىر قاچا ئىچسەڭ تەشۋىقاتىڭدىن ئوت چىقىرىۋىتىمەن دەپ ۋەدە قىلغان{:87:}
بۇ خېلى يامان ئەمەس بوپتۇ قۇنانكا:lol
لەڭپۇڭنىڭ پەچەت يەرلىرىدىن ئەپ قويغىن، كەچتە بىر تەخسە ئىچىۋىتىپ كىركىتەي ئۆيگە.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 17:13:45

ئېلانغا ھۆددىگەر فىركەنغۇ بۇ :lol

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 17:20:45

پاھ ئىلان دىگەن ماشتا بولا ،

y.n.elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 18:04:55

يامان قونەككىنا بۇ؟:o دەھشەت يىزىۋېتىپتۇ ما ئېلاننى {:112:}

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 18:16:43

پىرىم، تەلىم بەرگەيلا{:263:}

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 18:41:23

ماۋزۇسىنى توغرا يازسىمۇ بولاۋىرىدىغان ئىشكەن ئەسلى.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 18:43:51

دېمەك ئابدۇسەمەت مامۇت مەھسۇلاتىڭلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلىكەندە:lol

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 19:44:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 19:45  

تىل دىگەن بار يەردە باركىنا. (قوش قوللاپ خو، قوش قوللاپ چاۋاك چېلىپ يىقىلىپ چۈشىدىغان كۈلگۈنچەكۋاينى تاپالمايۋاتىمەنيـــــا، ما يانفۇندىن)      

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 20:00:35

سىز لامپۇڭچىمۇ ياكى پىروگىرامىرمۇ ؟

saray يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 20:03:44

پېپسىنىڭ ئېلانىدىن بىرنى كۆرۈۋەتكەندەك بولدۇم

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 20:09:12

بىرىنچىدىن ئىلانغا ۋە ئىلانچىغا ئاپىرىن:lol
ئىككىنچىدىن :  ئابدۇسەمەت مامۇت زادى كىم   پەرھات تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ بىر تىمىسى مۇشۇ ئىسىم بىلەن باشلانغانكەن‹‹ ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئوغلىغا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىسى››  بۇ مەۋھۇم شەخسمۇ يا:P:o

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 20:43:53

ئەلادىن بىرسى كەتتى. قالتىس كەپتۇ ماۋۇ ئېلان.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 20:46:26

ئېلان نوچى بولغان بولسا قاراپ تۇرماي تېلېفونىڭىزنى چىقىرىڭدە، ئاۋۇ ئەپنى قاچىلاپ ھوزۇرلىنىپ ئىشلىتىڭ:lol
ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ{:87:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 20:47:01

يۇقارقى ئىنكاس ھەممەيلەنگە قارىتىلدى، بىكارغا ئېلان كۆرىدىغان ئىش يوق:lol

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 22:00:04

لەڭپۇڭ ساتقان ئەي قۇنەك،
چەكتىڭمۇ يا بىر پىنەك.
نەدىن كەلگەن ئىلھام بۇ،
بىر چالمىدا ئۈچ پاختەك.

MemetDoxtur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 22:36:13

ئابدۇسەمەت  مامۇتنىڭ زۇكىمىغا CMD نى تەۋسىيە قىلىمەن ، كۆرۈشكىلى چىققاندا CMD نى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 22:53:26

ئەمما ئېلان بولا مۇشتا بۇلا:lol:lol:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 23:17:49

MemetDoxtur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 22:36 static/image/common/back.gif
ئابدۇسەمەت  مامۇتنىڭ زۇكىمىغا CMD نى تەۋسىيە قىلىمەن ، ك ...

قۇش زۇكىمىنىڭ دورىسىما ئۇ؟

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 00:05:50

paliwan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 22:00 static/image/common/back.gif
لەڭپۇڭ ساتقان ئەي قۇنەك،
چەكتىڭمۇ يا بىر پىنەك.
نەدىن ك ...

ما ئەدەم يەرشارىدا بار ئىكەندە :lol :handshake ،،،،
بەت: [1] 2 3
: ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتچىسىغا ئىشتىياق باغلىشى