OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 10:44:43

ئوغۇز:ئۈچ گۆھەر

تۇرمۇشتىكى «ئۈچ گۆھەر»
ئوغۇز تەرجىمىسى
ئىلاۋە:مەن بۇ ئەسەرنى 2011-يىلى تەرجىمە قىلىپ«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ئىدىم،بىراق، يېقىندا بۇ تەرجىمە ئەسەرۋە مەن تەرجىمە قىلىپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان «ھىكمەت ئۈنچىلىرى»نىڭ بىر قىسمىنىڭ مەلۇم بىر ئاپتۇرنىڭ كىتابىدىنمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆردۈم،بۇ ئەھۋال ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى،كىتاپ ئاپتۇرى ھېچبولمىسا مېنىڭ تەرجىمە قىلغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىمۇ بولاتتى،بىراق،ئاپتۇر مۇنداق قىلمىغان،بۇ مەن بۇ يىل يولۇقتۇرغان ئىككىنجى قېتىمىلىق ئەھۋال بولۇپ قالدى.تورداشلار بۇ ئەھۋالغا قانداق قارايدىكىن؟
تەبىئەتتىكى ئۈچ گۆھەر:كۈن نۇرى،ھاۋا،سۇ
گەپ قىلىشتىكى ئۈچ گۆھەر:مەرھەممەت،رەھمەت،كەچۈرۈڭ
تېرىكچىلكتىكى ئۈچ گۆھەر:كەمتەرلىك،ئەدەپ،زوقلىنىش
تەربىيە ئېلشتىكى ئۈچ گۆھەر:جىمجىتلىق،مېھرىبانلىق،سالماقلىق
ئائىلىدىكى ئۈچ گۆھەر:ئامراقلىق،قىززىقچىلىق،كۆيۈنۈش
ئائىلىنى تۈزەشتكى ئۈچ گۆھەر:ئىناقلىق،خۇشاللىق،تىنچلىق
يىمەك-ئىچمەكتىكى ئۈچ گۆھەر:تەڭپۇڭ بولۇش،چەك قويۇش،مىننەتدار بولۇش
ساغلام بولۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:پىيادە مېڭىش،ئەدەپ،زوقلىنىش
ساياھەت قىلىشتىكى ئۈچ گۆھەر:نەزەر دائرىسى كەڭرى بولۇش،بىخەتەر ئويناش،تىجەشلىك بولۇش،
مالىيە كرىم چىقىمنى باشقۇرۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:خامچوتنى ئالدىن تۇرغۇزۇش،كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تىجەش،تىرىشچان،ئىقتىسادچىل،مۇۋاپىق بولۇش
ئىلىمدىكى ئۈچ گۆھەر؛جانلىق ئىشلىتىش،ئەتراپىلق بولۇش،چىن بولۇش،
ئىلىم تەھسىل قىلىشتىكى ئۈچ گۆھەر:زېرىكمەي ئوقۇش ،زېرىكمەي يېزىش،زېرىكمەي تەپەككۇر قىلىش
دوست تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:سەمىمىيىلىك،ئاقكۆڭۈللۈك،دۇرۇس بولۇش
ئادەم بولۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:راستچىل بولۇش،ئاقككۆڭۈل بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش
ئاتا-ئانىنىڭ ئۈچ گۆھىرى:تەربىيەلىمەك،مەسئۇلىيەت،شان-شەرەپ
بەخىتلىك بولۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:يىيەلەيدىغان بولۇش،ئۇخلىيالايدىغان بولۇش، كۈلەلەيدىغان بولۇش
مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى ئۈچ گۆھەر:يۈزلىنىش،بىر تەرەپ قىلىش،قويۇپ قويۇش
مەنبە:خەنزۇچە«پارتىيە ئەزالىرى دوستى»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانى

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 11:30:03

مەڭگۈ ئەسقاتىدىغان بىر گۆھەر:
نان يېسە قورساق تويىدۇ

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 13:04:49

تەكرار تەرجىمە بولۇپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

dido يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 14:08:37

مالىيە كرىم چىقىمنى باشقۇرۇشتىكى ئۈچ گۆھەر  ، بەش گۆھەر بولۇپ قاپتۇ :)

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 15:20:39

مېنىڭچىمۇ تەكرار تەرجىمە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
بەت: [1]
: ئوغۇز:ئۈچ گۆھەر