Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 00:21:06

Excel دىكى سىنۇس قاتارلىق ئۈچبۇلۇڭ فونكىسىيىلىرى خاتامۇ قانداق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 00:51  

Excel دىكى سىنۇس قاتارلىق ئۈچبۇلۇڭ فونكىسىيىلىرى خاتامۇ قانداق؟


سالام ئەزىزلەر، مۇنداق بىر مەسىلىگە دۈچ كېلىپ قالدىم، تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭدىكى تانگىنىس فۇنكىسىيىسىنى ئىشلىتىش، ۋە تەتۈر تانگىنىس بىلەن بۇلۇڭنى تېپىش كېرەك بولۇپ قىلىپ، كومپيۇتېر ۋە ۋىنفوننىڭ ھېساپلىغۇچ ۋە Excel نى ئىشلىتىش داۋامىدا، ھېساپلىغۇچتا نورمال قىممەتكە ئېرىشتىم، ئەمما،  Excel نىڭ ئۈچبۇلۇڭ فورمۇلىلىرى ئارىسىدىكى sin, cos, tan قاتارلىق فۇنكىسىيىلەردىن ئېرىشكەن قىممەت نورمال ئەمەس.
ياكى مەن   Excel  دىكى فۇنكىسىيىسىنىڭ دەل ئۆزىنى بىلەلمەي قالدىممۇ، دوستلاردىن قولاي بولغانلار، Excel دا  سىناپ باقسا، ئەگەر توغرا فۇنكىسىيىنى تاپسا ماڭا قالدۇرۇپ قويغان بولسا، رەھمەت. ئەگەر، مېنىڭ كومپيۇتېرىمدىكى ۋە ۋىنفوندىكى ئەھۋال بىر ئۇمۇمىي ئەھۋال بولسا، ئۇنداقتا بۇ مىكروسوفت ۋە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ، ئىگە تەرەپكە ئىنكاس قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.
سىناق مۇھىتى:  windows 8.1 ، ms office 2013 ، windows phone 8 office
ياكى ms office 2013 دىكى مەسىلە بولۇشى مۇمكىنمىدۇ دەپ، ئۆچۈرۈۋەتتىم، بۇرۇنقى نەشىرلىرىنى قاچىلىماقچى. Excel  نىڭ ھەر قايسى نەشىرلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر، قىممەت بېرىپ سىناپ، ئەھۋالنى بۇ يەرگە يېزىپ قويساڭلار بوپتىكەن، رەھمەت.
ئەسلى، بىر يۈرۈش فورمۇلانى Excel  غا كىرگۈزۈپ، ئۆزگەرگۈچىلەر ۋە نەتىجە بويىچە جەدۋەل چىقارماقچى ئىدىم. Excel ئەسقاتماي ھېساپلىغۇچتا ھېساپلاپ يۈرسەم، بەشيۈزدەك سان ئۈچۈن چوت دەۋرىگە قايتىپ تاش سانىغاندەك ئىش بولىدىكەن.

پايدىلىنىش قىممەتلىرى:
سىنۇس 30 گىرادۇسنىڭ قىممىتى 0.5.
تانگىنىس 30 گىرادۇسنىڭ قىممىتى 0.57735
تانگىنىس 45 گىرادۇسنىڭ قىممىتى 1.



https://onedrive.live.com/redir?resid=737A4E7CAC140448!4145&authkey=!ADpv5QaGreJq8l0&v=3&ithint=photo,.jpeg

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 07:18:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   facebook تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 07:19  

خاتا ئەمەس.

ئېكىسېلدا سىنوس، كوسىنوسدەك ئۈچبۇلۇڭلۇق فۇنكىسىيەلەرنى ئىشلەتكەندە مۇنداق ئىشلىتىمىز:=SIN(RADIANS(30))30گىرادۇسنى ئادەتتكى ھېسابلىغۇچتا بىۋاستە ئىشلەتسەك بولىدۇ، ئەمما ئېكىسېلدا RADIANS نى ئىشلىتىپ ئورتاق مىقتارغا ئۆزگەرتمىىسە بولمايدۇ. مەسىلەن 6/PI مۇ 30 گىرادۇس بولسىمۇ شەكلى ئوخشىمايدۇ.

بۇ 2013 نۇسىخىسى.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 07:52:06

مەن مۇشۇ ماتېماتىكىنى ياخشى ئوقۇمىغان، مۇشۇ نەرسىلەرنى قەتئىي بىلمەيمەن، يۇقىرىدىكى تېما ۋە ئېنكاسنى ئوقۇپ ھاڭۋېقىپلا قالدىم...نوس، كوتانگىنوس...:lol

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 08:02:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 08:06  

چۈشەندىم، رەھمەت بۇرادەر، ئېچىلىپ كەتتى.
ئەسلى، Excel دا سىنۇس- تانگىنىس فۇنكىسيىلىرى ھېساپلايدىغان قىممەتنىڭ بىرلىكى رادىيان  ئىكەن، يەنە مەسىلەن، atan  بىلەن بۇلۇڭغا ئېرىشكەندىمۇ بىرلىكى رادىيان بولىدىكەن، ئاندىن ئۇنى بىزگە تۇنۇش 360 گىرادۇسلۇق بىرلىككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،=DEGREES(ATAN(1))نى ئىشلەتسەك بولىدىكەن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 09:59:48

مېنى شەھەر يەپ كەتتىمۇ يا بىلمىدىم، ئۇنتۇپ قالاي دەپتىمەن بۇ نەرسىلەرنى{:87:}

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 11:06:57

Baqka:
بولسا مۇنداق ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرنى يېزىپ بەرسڭىز؟
ئېكسئېلدا يەنە قانداق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ؟بولسا مەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشىراق ھۈنەرلەرنى
ئۆگىنەي دېگەن،بولسا تور بېكەتلەر بولسا تەمىنلەپ بەرسىڭىز؟

Mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 13:30:47

كومپيۇتېردا مەيلى تەييار فۇنكىسيە بولسۇن ياكى ئۆزىمىز يازغان تېرىگونومىيەلىك فۇنكىسيەلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان فۇنكىسيە بولسۇن چوقۇم بۇلۇڭنىڭ رادىئان سىستېمىسى بويىچە ئېلىنىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 16:16:09

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 09:59 static/image/common/back.gif
مېنى شەھەر يەپ كەتتىمۇ يا بىلمىدىم، ئۇنتۇپ قالاي دەپتى ...

شامالدۇرغۇچتا مۇشۇنداق پىرقىراۋېرىپ ھېلىمۇ ئۇنتۇپ قالماپسىز. سىز مۇشۇنداق پىرقىرىغىلى بىر ئەسىر بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 20:51:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 21:27  

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 11:06 static/image/common/back.gif
Baqka:
بولسا مۇنداق ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ قەد ...

ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش ئۇسۇلى، ھېساپلىماقچى بولغان مەسىلىگە قارىتا، مىقدارلارنى ئايرىم كاتەكچىگە تولدۇرۇپ، نەتىجە چىقارماقچى بولغان كاتەكچىگە فورمۇلا يازىسىز. ئېكىسېل نۇرغۇن فورمۇلا تەمىنلىگەن، ئىشلىتىش ئاددى ھەم قولاي. ئەگەر، نىشان مۇرەككەپرەك بولسا، بىر فورمۇلانىڭ قىممەت ئورنىغا يەنە بىر فورمۇلانى كىرىشتۈرۈپ يېزىۋېرىسىز. ئەگەر مەلۇم مىسال تەمىنلىگەن بولسىڭىز جاۋاپ بېرىش ئاسان بولاركەن.
ئېكسېلدا نۇرغۇن سىتاتىستىكا ئىشلىيەلەيسىز. بۇرۇنقى ئىدارەم ئۈچۈن تۈزگەن مۇقىم مۈلۈك جەدۋىلىمدە، باش بەتتە ئۇمۇمىي ھېساۋات، تارماق بەتلەردە يەككە تۈرلەرنىڭ تەپسىلاتى بولۇپ، پەقەت سان ۋە باھانىلا كىرگۈزسە، ئومۇمىي سومما تېگىشلىك كاتەكلەردە ئۆزى چىقاتتى، گەرچە بۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمىگۈدەك ئىش بولسىمۇ، ئەگەر جەدۋەلگە فورمۇلا ۋە قىممەت تارتىش ئۇسۇللىرىنى كىرگۈزمىسە، 50 مەكتەپتىكى نەچچە يۈز خادىمنىڭ تەكرار ئەمگەك مىقدارىنى ھېساپلىسا، زور ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدۇ، بىز يۇقىرىنىڭ شۇنداق چالا جەدۋەللىرىنىڭ دەردىنى تارتىپ باققان. مەن بارلىق فورمۇلا كاتەكچىلىرىنى قۇلۇپلىۋېتىپ، تۈۋەننىڭ تەكرار ئىش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان، شۇنداقتىمۇ بىر خادىم، ئۇمۇمىي خۇلاسىنى ھېساپلىغۇچتا بىسىپ چىقىرىپ، تولدۇرۇشقا باش بەتنى ئاچساق، ھەممە خۇلاسە ئۆزى تولدۇرۇلۇپ بوپتىكەن، دېگەنتى. بىر كونكىرىت ۋەزىپە ئىشلەڭ، ئۇستا بوپ كېتىسز.
ئەگەر، ئىمتىھان كېنىشكىسى باسماقچى بولدىڭىز، ئىسىم، مەيدان، ئۇرۇن نومۇرى ئېكىسېل جەدۋەلگە توپلىنىپ بولدى دەيلى، ئەمدى, ئۆلچەملىك شەكىلدە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى چىقىرىڭ، دەپ تاپشۇرسا، ئۇچۇرلارنى ۋوردتىكى جەدۋەلگە بىرمۇ- بىر كۆچۈرۈپ چاپلامدۇق؟ ئون ئادەمنىڭ بولسىغۇ مەيلى، يۈز سىنىپ ئۈچ- تۆت مىڭ بالىنىڭكىنىچۇ؟ بۇ چاغدا، ئوففىسنىڭ ئەكسەسنى ئىشلىتىسىز، ئاۋال، ئېكىسېلغا ئۇچۇرلارنى تولۇق كىرگۈزۈۋالىسىز، ئاندىن ئەكسەسنىڭ جەدۋەل گۇرۇپپىسىغا ئەكىرىسىز، ئاندىن، ئەكسەسنىڭ دوكىلات گۇرۇپپىسىغا بىر قىلىپ ياساپ، قىلىپ يۈزىگە جەدۋەل ھالقىلىرىنى تارتىپ ئېلىپ كىرىسىز، سىناق قىلىپ بىر بەت، پەقەت بىرىنچى بەتنىلا، قەغەز ساق قالسۇن، بېسىپ، قىلىپنى تەڭشەيسىز، قىلىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىرلا بۇيرۇق بەرسىڭىز، بارلىق مەيدانلارنىڭ كېنىشكىسى چىقىدۇ. ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە، يەنە بىر قىلىپتا پارتا چاپلاقنى، يەنە بىر قىلىپتا ئىشىك چاپلاقنى چىقىرىپ، ئىمتىھان مەسئۇللىرىغا تاپشۇرىسىز. مەن ياسىغان شۇنداق بىر ھۆججەت ۋىلايەت ئاتلاپ باققان.
بۇ خىل جەرياننى ئىشلەشنى ئۇقمىغانلىقتىن، قۇرۇق ئىمتىھان كېنىشكىسىنى بالىلارغا تارقىتىپ، تامدىكى جەدۋەلدىن ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇغۇچى ئۆزىگە يازدۇرۇپ، ئاندىن تامىغا بېسىپ تارقاتقان قولايسىز ئەھۋاللارنىمۇ كۆردۇق.


ئەڭ ياخشىسى، ئېكىسېلنىڭ ئۆزىنى ئېچىپ، فورمۇلالارنى چىقىرىپ چوقۇپ بېقىڭ.

ئېكىسېلنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ بىڭلىسىڭىز، ياكى بەيدۇلىسىڭىز بىكەتلەرنى ئۆزىڭىز تاپالايسىز، تاللاپ ۋە شاللاپ..

ئەگەر خالىسىڭىز، تۈۋەندىكىسى بىر تاپشۇرۇق بولسۇن:
a1 كاتەككە كىملىك نومۇرىڭىزنى تولدۇرۇڭ، ئاخىرىدىكى تۆت خانىسىنى يەۋەتسە، قۇرۇق كاتەكچىنى ھەرپ تۈرىگە تەڭشەڭ، قانداق تەڭشەشنى ئۆزىڭىز تېپىڭ. b1 كاتەكچىگە، تۈۋەندىكىنى كىرگۈزۈڭ. نەتىجىسىگە قارىتا، ئىشلەتكەن فورمۇلالارنىڭ رولىنى بىلىڭ:=concatenate(mid(a1,7,4),".",mid(a1,11,2),".",mid(a1,13,2))
بەت: [1]
: Excel دىكى سىنۇس قاتارلىق ئۈچبۇلۇڭ فونكىسىيىلىرى خاتامۇ قانداق؟