yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 21:42:39

كەمتۈك ھېكايەت 2- مۈشكىلاتتىكى ئۈچ كىشى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-8 22:04

...
ئۈچ كىشى سەپەر ئۈستىدە مۇنداق بىر مۇشكىلاتتا قاپتۇ:
تۇيۇقسىز بىر تاش غۇلاپ چۈشۈپ ئۇلار تۇرغان غارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋاپتۇ. ھەرقانچە قىلىپمۇ تاشنى غۇلىتىۋېتەلمىگەندىن كېيىن ئۆز لىرىنىڭ دۇنيالىقتا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بايان قىلىپ ئاللاھتىن بۇ تاشنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىپتۇ.
بىرىنچى كىشى:
- ئاتا- ئانامغا ھەر كۈنى سەھەردە سۈت ئەكىلىپ بېرىشنى ئادەت قىلغان ئىدىم، بىر كۈنى سۈتنى ئەكەلسەم ئاتا- ئانام تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتۇ، ئاتا- ئانامنى ئويغۇتىۋەتمەي دەپ ئاتا- ئانام ئۇيقۇسىغىدىن ئويغانغۇچە ئىشىك ئالدىدا سۈتنى كۆتۈرۈپ تۇردۇم.
ئىھ ئالاھ، مۇشۇ ئەمىلىم ساڭا يارىغان بولسا بۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ!- دەپتىكەن تاش ئازراق مىدىراپتۇ.
ئىككىنچى كىشى:
- مەن بىر كۈنى ئىككى ئەادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن، ئىش ھەققىنى يۇقۇرىراق دېيىشكەن ئادەمدىن، ئىش ھەققىنى تۆۋەنرەك دېيىشكەن ئادەم ياخشىراق ( كۆپرەك) ئىشلىدى، ئىش تۈگىگەندە مەن دېيىشكەن بويىچە ھەق بەرسەم ئىش ھەققىنى تۆۋەنرەك دېيىشكەن ئادەم نارازى بولۇپ پۇلنى ئالماي كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئىش ھەققىگە بىرنەچچە توخۇ ئېلىپ باققا قويۇپ بەردىم توخۇلار كۆپەيدى، توخۇ ۋە ئۇنىڭ تۇخۇمىنىڭ پۇلىغا قوي ئېلىپ ماللىرىمغا قوشۇپ قويدۇم، قويلار قوزىلاپ ئاۋۇدى، قوينى سېتىپ كالا ئېلىپ ماللار قاتارىغا قوشۇپ قويدۇم.
بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ھېلىقى ئىش ھەققىنى تۆۋەنرەك دېيىشكەن ئادەم ئىش ھەققىنى ئالغىلى كەلدى، مەن ئۇنىڭغا
- ئېغىلدىكى كالىلارنى ھەيدەپ ماڭ- دېدىم.
- ئۇ كىشى ئۆزەمنىڭ ھەققىنى ئالاي- دەپ ئۇنىمىدى.
- مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۇ كىشىنىڭ ھەققىنى قولىغا تەككۈزدۈم.
ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ، مۇشۇ ئەمىلىم ساڭا يارىغان بولسا بۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ! - دەپتىكەن تاش يەنە ئازراق سۈرۈلۈپتۇ.
ئۈچىنچى كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆمرىدە قىلغان ئىشى ( تەپسىلاتىنى ئەسلىيەلمىدىم) ئاللاھقا نىدا قىپتىكەن ھېلىقى تاش پۈتۈنلەي غۇلاپ چۈشۈپتۇ.
...
بۇ ھېكايەتتىكى ئاتا- ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان ھېكايەت يۈرۈكۈمگە بەكرەك ئورناپ كەتكەنىكەن مەرھۇم ئاتا- ئانامنىڭ خىزمىتىنى قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ قىلدىم. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ شاپائىتنى كۆرۈۋاتىمەن.
ئىككىنچى كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاسىيىتىنىڭ تېگىگە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ يېتىۋاتىمەن.

ئۈچىنچى كىشىنىڭ بايانى تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا باردەك، ئەمما پەقەتلا ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن.

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 03:10:36

مەن سىزگە قالغان بىرسىنى دەپ بىرەي، ئەمما سىز دىققەت قىلىدىغان بىر قانچە ئىش بار.

1. بۇ ھىكايەت ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈم پەيغەمبىرىمىزدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستۇر.( سەھىھۇل بۇخارى 2110 _ ھەدىس )
2. يازمىڭىزدا ۋەقەلىك تەرتىپى ئالمىشىپ كەتكەن. يەنى بىرىنجى كىشىنىڭ توغرا. سىز ئۇنتۇلۇپ قالغان كىشىنىڭ ۋەقەلىكى بولسا ئىككىنجى كىشىنىڭ ۋەقەلىكى.سىزنىڭ يازغىنىڭىزدىكى ئىككىنجى كىشى بولسا ئەسلى رىۋايەتتىكى ئۈچىنجى كىشىنىڭ ۋەقەلىكىدۇر.
3. ۋەقەلىك تولۇق بايان قىلىنمىغان ( بەلكىم ئىسىڭىزدا شۇنچىلىك قالغان بولىشى مۇمكىن، بىراق ئاساسى مەزمۇن دىيىلىپتۇ. )

ئەمدى سىزگە ئىككىنجى كىشىنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بىرەي:
… ئىككىنجى كىشى مۇنداق دىدى:« ئى اللە مىنىڭ تاغامنىڭ بىر قىزى بولۇپ، ئۇ ماڭا كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈكى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئۆزۈمگە خالاپ قالدىم، بىراق ئۇ رەت قىلدى. بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئۇ تۇرمۇشتا قىيلىنىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ يىنىمغا كەلدى، مەن ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن مىنىڭ ئوتتۇرامنى خالىي قويۇش بەدىلىگە بىر يۈز يىگىرمە دىنار بەردىم، ئۇ شۇنداق قىلدى، مەن ئۇنىڭغا قادىر بولىۋىدىم ئۇ مۇنداق دىدى:« ساڭا ئۈزۈكنى بۇزۇش ئۈزۈكنىڭ ھەققى بىلەنلا ھالال بولىدۇ.» شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن گۇناھ ھىس قىلىپ قايتتىم، ھالبۇكى ئۇ ماڭا كىشىلەر ئىچىدە ئەڭ سۆيۈملۈكى ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا بەرگەن ئالتۇننى ئىلىۋالمىدىم . ئى اللە ئەگەر مۇشۇ ئىشنى سىنىڭ رازىلىقىڭنى ئىزدەپ قىلغان بولسام بىزدىن بۇ قىيىنچىلىقنى كۆتۈرىۋەتكىن »
شۇنىڭ بىلەن يوچۇق ئىچىلدى بىراق ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقالمايتتى .
……

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 07:49:54

بىرەرسىمىز تىلىڭىزنىڭ ئۇچىغا قاراپ باقىلىما؟{:90:}

y.n.elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 13:08:52

ھەقىقەتەن ناھايتى ياخشى ھىكايەت.

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 14:39:01

بۇ بىر ھەدىس بولۇپ ،«ياخشىلار باغچىسى» دىگەن كىتابتا بار .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 22:10:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-9 22:47

izchi يوللىغان ۋاقتى2014-6-9 03:10 static/image/common/back.gif
مەن سىزگە قالغان بىرسىنى دەپ بىرەي، ئەمما سىز دىققەت ق ...

ئالدى بىلەن تۈزۈتۈش بېرىپ مەزمۇننى تولۇقلاپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن.
بۇنى ئاڭلىغىنىمغا 35 يىلدىن جىقراق ۋاقت بولغاچقا يادىمدا تولۇق قالماپتىكەن...
بەت: [1]
: كەمتۈك ھېكايەت 2- مۈشكىلاتتىكى ئۈچ كىشى