ھايات دىگەن ئىمتىھانكەن ئەسلىدە
ھايات دىگەن ئىمتىھانكەن ئەسلىدەتۇرسۇن ئىدىرىس
ھايات دىگەن ئىمتىھانغا ئوخشايدۇ،
سوئالى كۆپ جاۋاپلىرى چۇۋالچاق.
ئۈندەشلىرى چۇقان سىلىپ ھەر دەقىق،
ياشاپ كەلدۇق ھېرىپ - چارچاپ مۇشۇنداق!
سۆزلەپ كۆردۇق ئۈنلىرىمىز بوغۇلدى،
تۇرمۇش ئاتلىق رودىپايدىن ئاغرىنىپ.
قېرىپ قالدۇق تىنىقىمىز كىسىلدى،
خىيال باستى بالىلىقنى سېغىنىپ.
شىۋاق پۇراپ سەھرالار ئىنتىلدۇق،
پادا كالا مانانلىرى تۇتىيا.
كىتىپ قاپتۇ ئارمان - ئارزۇ ياراتماي،
پۈتمەس سېرلىق ئىمتىھانكەن بۇ دۇنيا.......
ياخشىكەن بۇ شىئېر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-9 23:59
ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ
(سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر شائىرى: ئىليا بەختىيا)
ھايات - غەلۋىر، ھەممىمىزنى تاسقايدۇ،
بىرسى كۈلۈپ، بىرسى يىغلاپ قاخشايدۇ.
بەخت دېگەن كەلمەيدىكەن ئۆزىچە،
ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ.
بىرلىرى بار: ئويلىمايدۇ، ئۇخلايدۇ،
ياخشىلىقنى - يامانلىقنى ئۇقمايدۇ.
بىرلىرىنىڭ چىچى ئۇزۇن، ئەقلى يوق،
ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ.
ئەمدى بىرى ئەمگەك تەرى تۆكمەيدۇ،
ئەمما لېكىن سىزدىن ياخشى كۆكلەيدۇ.
ھەر بەندىدە بىردىن تالانت بار ئىكەن،
ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ
بىرلىرى بار ئەجەلدىنمۇ قورقمايدۇ،
مەقسىدىگە يەتكەندىلا توختايدۇ.
«بەش قول بىردەك يارالماپتۇ ئەسلىدە»-
ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ.
بەلەن شېئىر بولۇپتۇ {:112:}
بەت:
[1]