sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 11:30:50

ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ھۆججەتلىك فىلىملەر

بىلكان شىركىتى تاختا كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش جەريانىدا مەھسۇلات ئىقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش، خېرىدارلارغا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن تەمىنلەش مەقسىتىدە بىر قىسىم نادىر ھۆججەتلىك فىلىملەرنى تەرجىمە قىلغان. بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەر تۆۋەندىكىچە:

شىركەتنىڭ قۇدرىتى
10 قىسىم، DVD ئېنىقلىقتا، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق. 2013- يىللىق بىلكان ئىجادىيەتچىلەر يىغىنىدا يىغىن قاتناشچىلىرىغا سوۋغا سۈپىتىدە تارقىتىلغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_1.jpg


ۋول كوچىسى(wall street)
10 قىسىم. ئۇيغۇرچە خەتلىك. تارقىتىلمىغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_2.jpg

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_3.jpg


ھاياتلىق(BBC شىركىتى ئىشلىگەن)
10 قىسىم، ئۇيغۇرچە خەتلىك، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق، كۆكنۇر دىسكىسى(Blu-ray 1080p) قىلىپ ئىشلەنگەن. ئۇيغۇرچە خەتلىكى بىلكان مەھسۇلاتلىرىدا تارقىتىلغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_4.jpg


يەرشارى(BBC شىركىتى ئىشلىگەن)
11 قىسىم، ئۇيغۇرچە خەتلىك، كۆكنۇر ئىنىقلىقىدا. بىلكان مەھسۇلاتلىرىدا تارقىتىلغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_5.jpg
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_6.jpg



ماكان(HOME)
بىر قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم. ئۇيغۇرچە خەتلىك. بىلكان مەھسۇلاتلىرىدا تارقىتىلغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_7.jpg


مارسقا ساياھەت(Roving Mars)
لوكخىت مارتىن شىركىتى سۈرەتكە ئالغان، دىسنىي شىركىتى ئىشلىگەن، مارس ماشىنا ئادىمى توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم. ئۇيغۇرچە خەتلىك. 720p ئىنىقلىقتا. بىلكان مەھسۇلاتلىرىدا تارقىتىلغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_8.jpg
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_9.jpg



مەخپىي سودا(inside job)
2008-يىلدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم. ئۇيغۇرچە خەتلىك. تارقىتىلمىغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2014/06/060814_0412_10.jpg

مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 12:48:33

گۈزەل،
ب ب س نىڭ ھۈججەتلىك فىلىملىرى شۇنداق پەيزى،
بولۇپمۇ ئاۋۇ ھاياتلىق دىگەن يۈرۈشلىك ھۆججەتلىك فىلىملەرنى تولىمۇ ياقتۇرغانىدىم.
inside jobنى مەخپىي سودا دىسە تازا چۈشمەمدۇ قانداق؟
بۇ فىلىمنى ئىككى يىل بۇرۇن كۆرگەنىدىم، دەرۋەقە 2008-يىلىدىكى پۇل -مۇئامىلە كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار توغرىسىدا ئىشلەنگەن
بىرىنىڭ ئۆيىدە يۇشۇرۇپ قويغان ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ئوغۇرلانغان بولسا، ئوغرى ئۇدۇل كىرىپلا جايىنى تىپىپ ئالغان، ھىچقانداق ئاختۇرغانلىق ئىزناسى بولمىسا، يەنى شۇ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ قەيەرگە تىقىلغانلىقىنى بىلىدىغاندىن بىرى ئالغان يەنى ئوغرى ئىچىدىكىلىرىنىڭ بىرى بولسا بۇنى inside job دەيمىز، پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىمۇ دەل شۇنداق بولغان. بۇنى ئۇيغۇرچە نىمە دىسەك بولاركىن، مەخپىي سودا دىسەك تازا قاملاشماس؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 13:03:22

ئوجون
نەدىن چۈشۈرىمىز باللا،تېز دەڭلارچۇ ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 13:08:26

پەردە ئارقسىىدكى ئوغرى دىسەك بولامىكى :lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 13:09:37

خەنچە يىزىق ئەمما ئەسلى تىلىدىكى نۇسقىرىلىنى كۆرسەڭلەر مانا :

http://www.ngpod.cn/down/video/BBC-Documentary.html

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 14:17:20

ئەسالامۇ ئەلەيكۇم تىما ئىگسى !
بۇ فىلىملەرنى قەيەردىن كۆرمىز ؟قەيەردىن چۈشۈرمىز ؟

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 14:25:14

c# نىڭ ئاخرىنى بەك ساقلاپ كەتتىم، بلوگىڭىزنى نەچچە ماتىلاپ:lol

NamsizNur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 18:01:37

inside job دىگەن ھۆججەتلىك فىلىم مەندە باتتى،بىلكان شىركىتى ئېلان قىلمىغان فىلىم شۇغۇ دەيمە.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 18:47:51

چىك-ئـــــــــــــــــــا، كۆرىدىغان يىرى كىنونى ئىلان قېلىپ،
يا بى بىشىغا ئەسكەرتىش بىرىپ قويماي، توردا كۆگىلى بومايدۇ دەپ،
ناۋاخ، ئۇ بىلوگنى مالتىلاپ كۈن كەچ بولدى، بىرسىنى كۆرەلىگەن بولسام نىمىدىي.:@:@:@

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 18:56:28

  ھەممىسىنى يىغىپ د ۋ د پىلاستىنكا قىلساڭلار مەن بىرىنجى بولۇپ سېتىۋالاي.

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 19:23:30

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 18:56 static/image/common/back.gif
ھەممىسىنى يىغىپ د ۋ د پىلاستىنكا قىلساڭلار مەن بىرىنج ...

بىللە كۆرۈمىزما؟ ھاھاھاھ..

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 22:04:40

دابازادا 3كويغا دىيىنى سېتىۋالىدىغان كۈنلەرمۇ كىلىدۇ، ئاز قالدى

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 06:12:54

1-،2- لىرىنى كۆرۈپتىكەنمەن، ئەمما تولۇق ئەمەس.
ئەنگىلىيەنىڭ 'شەرقى ھىندىستان شىركىتى' 东印度公司 ئىسىمگە كېلىپ قالدى، يېقىندا بىرسى سۆزى ئىچىدە تىلغا ئالغاندەك قىلغان. ئىشقىلىپ، بۇ شىركەت مۇرەككەپ شىركەت ئىكەن، گاھى بىر مەبلەغ سالغۇچىغا، گاھى بىر ئارمىيەگە، گاھى بىر زاۋۇتقا، گاھى بىر ھۆكۈمەتكە ئوخشاش. قىزىقىدىغانلار تارىخىنى ئوقۇپ باقساڭلار كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالالايسىلەركەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 10:45:12

تارىمبەي  تەپسىلىي دەڭلىچۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 17:17:53

كۆرگىلى يا چۈشۈرگىلى بولمايدىغان فىلىملەرمۇ بۇ...

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 17:19:36

بلوگىڭىزدىكى  خەتلەر ئاجايىپ يوغان كۆرىنىدىكەن،تەگلىكمۇ ئىكرانغا لىڭ ئىكەن، كىشىنىڭ كۆزىنى بىئارام قىلىدىكەن، ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپ باقامسىزكىن؟
مېنىڭ ئىشلەتكىنىم ie10

function يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 20:11:52

مازراق تېما بولاپتۇ، سىننى نېمە قىلىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە يوق، مەسلىن بىلكاننىڭ بىرەر نېمىسىنى سېتىۋالساق بىللە قوشۇپ بېرەمدۇ؟ ياكى ھەقسىزمۇ ؟ پۇللۇقمۇ؟  نەدىن كۆرىدۇ؟ نەدىن چۈشۈرىدۇ؟ ،،،، دېگەندەك ھېچىقانداق ئۇچۇر يوق. ئەخلەت تېما دېسە بولغىدەك.
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ھۆججەتلىك فىلىملەر