OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 17:47:20

ئوغۇز:ھەقىقەت

ھەقىقەت
(مەسەل)
پاۋلو.كوئېلخو Paulo Coelho  [برازىلىيە]
ئوغۇز تەرجىمىسى
شەيتان مۇرتلىرىنى باشلاپ دوزاخنى چارلاۋىتىپ،يولدا بىر توپ ئەرنىڭ ئېڭىشىپ بىر نەرسە ئىزدەۋاتقانلىقىنى،پات-پات بىلىنى ئىگىپ پارقىراق بىر نەرسىنى يانچۇقىغا ئاۋايلاپ سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
ئارىدىن بىر مۇرت  تولىمۇ قىززىققان ھالدا سوراپتۇ:ــ ئۇلارنىڭ تېپىۋالغىنى قانداق ئەتىۋارلىق نەرسىدۇ؟
شەيتان ئىرەڭشىمىگەن ھالدا:ــ ھەقىقەتنىڭ بىر پارچىسى خالاس،ــ دەپتۇ.
مۇرتلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق تەشۋىشلىنىپتۇ.ــ ھەقىقەتنىڭ بىر پارچىسى بىلەن بىر رۇھنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ،مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە،دوزاخ ھەقىقەت بىلەن توشۇپ كېتىپ بىرمۇ ئادەم قالماي قۇرۇقدىلىنىپ قالسا شەيتان ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمامدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن مۇرتلار بەس-بەستە پىكىر قىپتۇ:ــ بۇ ئادەملەر ھەقىقەتنى بايقاپ قاپتۇ،بۇ بەكلا قۇرقۇنچلۇق،ئۇلارنى تىزدىن تۇتۇپ،ھەقىقەتنى تارتىۋالايلى،يولدىكى ھەقىقەت پارچىلىرىنىمۇ سۈپۈرىۋىتەيلى.
بىراق،شەيتان ئۇلارنىڭ گېىپىگە پىسەنت  قىلماپتۇ.
مۇرتلار ھەقىقەتنىڭ پارچىسىنى تېپىۋالغان ئادەملەرنىڭ خۇشلىقىدىن گۈلقەقەلىرىنىڭ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى،ئەتراپتىكى كىشىلەرگە قولىدىكى ھەقىقەت پارچىسىنى داملىتىۋاتقانلىقىنى،ئەمما قارىشى تەرەپنىڭمۇ بوش كەلمەي،يانچۇقىدىن ھەقىقەتنىڭ بىر پارچىسىنى  چىقىرىپ جېنىنىڭ بارىچە قارىشى تەرەپكە بىر نېمىلەرنى دەپ چۈشەندۈرىۋاتقانلىقىنى، ئارقىدىن ئىككى ئادەمنىڭ مۇشتلىشىپ پومداقلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.
مۇرتلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي گاڭگىرىغان ھالدا شەيتانغا قاراپتۇ.شەيتان ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ:ــ مەن ھەقىقەتنىڭ پارچىلىرىنى ئەتەي يولغا چېچىۋەتتىم،ھەر بىر ئادەم ھەقىقەتنىڭ بىر پارچىسىنى بايقاپ،مەن پۈتكۈل ھەقىقەتكە ئىگە بولدۇم،دەپ قارايدۇ.ئۇلار قارىشى تەرەپنى قايىل قىلماقچى بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ،ئۆز-ئارا جىدەللىشىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ئۇلار ھەقىقەتتىن بارغانسىرى يىراقلايدۇ،مانا بۇ مەن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان ئاقىۋەت،شۇنداقكەن بىز يەنە نېمىدىن ئەندىشە قىلىمىز؟


مەنبە:«ياشلار سالونى 青年文摘»ژۇرنىلىنىڭ 2013 –يىلى 8-ئايلىق (ئالدىنقى يېرىم ئايلىق) سانى

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 19:41:54

شۇڭا بەزى نەرسىلەرنى ئارتۇق مۇنازىرە قىلىشمۇ خەتەرلىك

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 02:22:38

دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ مەنبەسى ئايەت ۋە ھەدىستىن بولمىسا يوللىمىغۇلۇق.

muzappar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 04:19:14

دىنغا زىت كەلمىسە پايدىسى بولسا بولىۋىرىدۇ•

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 06:28:54

ئۇغۇز:
تەرجىمىلرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،
ئادەتتە بۇ ياشلار سالونى 青年文摘» بۇ ژورناللارغا مۇشتەرى بولغانمۇ ياكى ...؟
بولسا مۇشتەرى بۇلۇش يوللىرىنى ،قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن قولغا ئالغىلى بۇلىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز؟
يەنە ياخشى ئەسەرلەر بار ،تەرجىمە قىلىشقا ماس كىلىىدىغان ژورناللار  قايسىلار؟

arkyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 09:22:11

شەيتان ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ:ــ مەن ھەقىقەتنىڭ پارچىلىرىنى ئەتەي يولغا چېچىۋەتتىم،ھەر بىر ئادەم ھەقىقەتنىڭ بىر پارچىسىنى بايقاپ،مەن پۈتكۈل ھەقىقەتكە ئىگە بولدۇم،دەپ قارايدۇ.ئۇلار قارىشى تەرەپنى قايىل قىلماقچى بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ،ئۆز-ئارا جىدەللىشىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ئۇلار ھەقىقەتتىن بارغانسىرى يىراقلايدۇ،مانا بۇ مەن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان ئاقىۋەت،شۇنداقكەن بىز يەنە نېمىدىن ئەندىشە قىلىمىز؟
----------------------------
ئويلانغۇدەك گەپلەر ئىكەن

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 11:12:42

شەيتان ئادەمدىن ئەقىللىقمۇ ياكى ئادەم شەيتاندىن ئەقىللىقمۇ؟

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 12:32:00

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقرىپ تەرجىمە ئەسەرلىرىمنى ئوقۇغىنىغا،ئىنكاس يازغىنىغا رەھمەت!تورداشلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىغا بىر ئوتلام بولسىمۇ ئۇسسۇزلۇق سۇنۇش مەن  ئۈچۈن ئىنسانى مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت !
tagh ئەپەندى،مېنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!ئادەتتە مەن ۋاقتىم يار بەرسىلا كۈتۈپخانىغا كىرىپ،خەنزۇچە گېزىت-ژۇرناللارنى ۋاراقلاپ شۇنىڭدىن ئۆزۈمگە يارىغان،بەلگىلىك قىممىتى بار دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى تاللاپ ئېلىپ تەرجىمە قىلىمەن.مېنىڭچە مەيلى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى ئەسەر تەرجىمە قىلىدىغانلار بولسۇن كۈتۈپخانا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جاي.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 09:23:42

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 02:22 static/image/common/back.gif
دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ مەنبەسى ئايەت ۋە ھەدى ...

:curse:

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 09:33:41

مۇشۇنداق ماڭسا توختىماي يېڭىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى» نىڭ كېيىنكى يېڭى نەشرىدە «ئىسىم فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇش» ئىقتىدارى قوشۇلىدىكەن-دە.
تۈنۈگۈن ئۈلۈشكۈن تېخى بىر تېمىدا ئۇرۇش چىقىپ كەتكەندەك قىلغان مۇشۇ بىر مەسىلىدە.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 10:52:20

مۇشۇنداق ماڭسا توختىماي يېڭىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى» نىڭ كېيىنكى يېڭى نەشرىدە «ئىسىم فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇش» ئىقتىدارى قوشۇلىدىكەن-دە.
تۈنۈگۈن ئۈلۈشكۈن تېخى بىر تېمىدا ئۇرۇش چىقىپ كەتكەندەك قىلغان مۇشۇ بىر مەسىلىدە.
Hechkimئەپەندى،ئەسكەرتمە بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت،مەن بۇ ئىشقا دىققەت قىلماپتىمەن،مۇندىن كېيىن ئەجنەبىيلەرنىڭ ئىسمىنى يازغاندا دىققەت قىلىمەن.مېنىڭچە بىر مەسىلە ئۈستىدە تالاش تارتىش قىلىشتكى مەقسەد مەسىلىنى ھەل قىلىش بولىشى،ھەرگىزمۇ بىر بىرىمىزگە كۆڭۈل ئاغرىقى  تېپىش بولماسلىقى كېرەك.
بەت: [1]
: ئوغۇز:ھەقىقەت