qutyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 03:26:23

‏بالىلاردىكى ئۈچەي ياللۇغى توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن

‏بالىلاردىكى ئۈچەي ياللۇغى توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن

‏ئوغلۇم 11ئايلىق بولدى ،بىر نەچچە كۈن بولدى ئىچى سۈرۈپ قالدى ،چوڭ تەرەت ماڭقىدەك قانلىق كىلىدۇ ،بالىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاندىن باشلاپ سۇسىزلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ،قايناقسۇغا شىكەر سىلىپ ئىچۈرىۋاتىمىز .ناھىيلىك دوختۇرخانىدا چوڭ تەرەتنى تەكشۈرتسەك مىكروپلۇق ئۈچەي ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويدى ،ياتاقتا ياتقۇزۇشنى دىگەنتى ئۇنىڭغا قوشۇلمىدۇق ،دوختۇرمۇ بالا سۇسىزلىنىپ كەتمەپتۇ دورا بىرىڭلار دىدى ، دوختۇرنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچۈرىۋاتىمىز .ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم بالىلاردىكى مۇشۇخىل ئەھۋالغا قارىتا يەرلىكتە قانداق داۋالاش ئۇسۇللىرى بار ؟مەقسىتىم بالىنى ئىمكانقەدەر دوختۇرخانىنىڭ دورا ئۇكۇللىىدىن نېرىراق قىلماقچى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيلىك دوختۇرخانىغا قەتئى ئەشەنمەيمەن ،ياتاقتا ياتقۇزۇش زۆرۈر بولسا قەشقەرگە ئاپارمىسام كۆڭلۈم خاتىرجەم بولمايدۇ ،شۇڭا ئىمكان بولسا ئۆيدە ساقايتىۋالسام دىگەن ئۈمۈتتە بۇ تىمىنى يوللىدىم .
‏تەجرىبىلىك ئاتا -ئانىلار ۋە تىۋىپ ھەكىملىرىمىز مۇشۇنىڭغا قارىتا بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:12:48

思密达 دەپ بىر دورا بار ، لىكىن بالا ئىچكىلى ئۇنۇمايدىكەن .  لېكىن مەنچە ئامال بار ئوكۇل سالغۇزىۋىتىڭ ،  

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:59:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 10:14  

مىكروپلۇق ئۈچەي ياللۇقى بولسا دوختۇردا داۋالىتىڭلار، بالا كىچىك ئىكەن.
بەك ئۆيدە ئاسراپ باقسام بولىتتى دېسەڭلا يەرلىك ئۇسۇللاردىن بىر-ئىككىنى دەپ بىرەي:
1. سامساقنى جىق سىلىپ شويلا ئاش ئىتىپ يېگۈزسە بولىدۇ.
2.پاقا يوپۇرمىقىنى يۇمشاق چاناپ تۈگرە ئېتىپ يېگۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. (ھازىر ئېرىق بويلىرىدا بەك تولا بۇ ئۆسۈملۈك).
3. يېشىل تونلۇق موزىدىن بىر تالنى خېمىرغا ئوراپ قاسقاندا موزا يۇمشىغىچە دۈملەپ بۇغدايدەك چوڭلۇقتا كۈندە 2-3 قېتىم يېگۈزۈپ يېگۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. ئېمىۋاتقان بوۋاق بولسا ئانىسى يۇمشاق چايناپ يېسە بولىدۇ.
4.بىھىنى چوغدا پۇشۇرۇپ يېگۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. بىھىنى تاپقىلى بولمىسا ئوبدان تەييارلانغان بىھى شەربىتى ئىچكۈزۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
5. ئانار چېچىگى گۈلقەنتى يېگۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.
بۇلارنى بالىغا يېگۈزگىلى بولسا ئاز مىقداردا يېگۈزگەچ ئانىسىنى ئىمىۋاتقان بوۋاق بولسا ئانىسىغا كۆپرەك يېگۈزۈپ بەرسە سۈت ئارقىلىق بالىغا تەسىر قىلىدۇ.
بۇ رېتسىپلار ئەل-ئىچى سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار بولۇپ پايدىلىنىش قىممىتى بار. لىكىن ئاساسلىق داۋالاش ۋاستىسى قىلىۋىلىپ باشقا ئەھۋاللار كىلىپ چىقسا مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
80خالتا بلوگى- مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى سەھىپىسى. تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن
www.80halta.com

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:22:28

كىچىك بالا سىز تەجىربە قىلدىغان مارۇدا ئەمەس. دەرھال چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ. تەرىتىدىن قان كەلدى دەپ يەنە مۇنبەر ئويناپ ئولتۇرغىننى...

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:55:49

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 15:41:32

چىڭدامىسونى قايناق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىۋېتىڭ.  يېرىمىنىڭ يېرىمىنى ئىككى قوشۇق قايناقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچتۈرىۋېتىڭ.
چوڭلار پۈتۈن بىرنى قايناقسۇ بىلەن ئىچىۋەتسەڭلار بولىدۇ. مەن دوختۇرخانىدا كاسسىرلىق قىلىۋاتقاندا ئۆگەنگەن ئۇسۇل. بەك ئۈنۈم قىلغان.  

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 18:55:28

قېرىندىشىم ئۆتىنىپ قالاي ئاشۇ بالىڭىزنىڭ ئىچى ھازىرمۇ سۈرىۋاتقان بولسا قەتئى كىچىكتۈرمەي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىڭ ،  بوۋاق بالىدىكى ئىچى سۈرۈشكە قەتئى سەل قارىماڭ ،  بىز كىچىكىنى  چوڭ بالامنى باققان پەدىدە بېقىپ 10- ئاي ئۆگۈنلۈككە  ھېيىت دىگەن كۈنى تۇرۇپلا ئىچى سۈرۈپ قاپتى، بۇرۇن بالىلارغا ئىشلىتىپ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن دورىلارنى ئىشلەتسەك ساقىيىپ قالار دەپ ئەنە ياخشىلاندى ، مەنە تەرىتى خېلى قۇيۇقلاشتى دەپ ئولتۇرۇپ  ئىككى كۈندىن كېيىنلا  بالا توساتتىن ئېغىرلىشىپ يەرلىك كولىتىدىغانغا تەييار بوپ قالغان ،جەنۇپتىكى بالىلار كېسىلىگە يامان يەردىن ئىككىسىگە ئاپىرىپ  ئاساسى جەھەتتىن  كىچىكىپ قاپسىلەر  دىگەن جاۋابنى ئالغاندا ئەقلىمىزنى تېپىپ كېچىلەپ  ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئاللانىڭ شىپالىق بېرىشى ، دوختۇرنىڭ سەۋەب قىلىشى  بىلەن قۇتقۇزۇۋالدۇق . سىزنى قورقۇتقىنىم ئەمەس ، كىچىك بالىنىڭ كېسىلىگە قېنى قاراپ باقايلى دەيدىغان  ئىش بەك خەتەرلىككەن .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:12:08

قان كەلمىگەن بولسا ياخشى ئىدى. ئۈچەي سىناپ باقىدىغان ئەزا ئەمەس.ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىدىغان يەرگە يېتىپتۇ، مۇنتىزىم داۋالىتىۋېتىڭ.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 22:54:27

ئەلداۋا توربېكىتى بىر ۋاقىتتا مەخسۇس مۇشۇ كېسەل ھەققىدە تىببى ئۇنىۋېرستىتتىكى بىر بالىلار كېسەللىكلىرى دوكتۇرىنى زىيارەت قىلىپ سۇئال جاۋاپ پروگراممىسى ئىشلىگەن ئىدى، شۇنى ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈپ بېقىڭ، ئەمما تېزلىكتە چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 23:22:04

كىچىك بالىنىڭ ئىچى سۈرۈشىدىن سۇسىزلىنىش خەتەرلىك، سۇسىزلانمىغىنى ياخشى بوپتۇ. مەن بالامنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاندا چوڭلارنىڭ گېپى بىلەن يىمىش جىگدە بەرسەم ساقايغان.
بەت: [1]
: ‏بالىلاردىكى ئۈچەي ياللۇغى توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن