Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 23:21:11

[ئۇيغۇرچە ئەپ] نارۇتو ئاتالغۇلار لۇغىتى Android نۇسخسى تارقىتىلدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىمىز تەرجىمە قىلىپ مېڭىۋاتقان ياپونىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «نارۇتو» نى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تەرجىمانلىرىمىزغا بۆلۈنگەن قىسىملاردا يېڭى ئاتالغۇلار چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى ھازىر uYGHuR05  ئەپەندىم ئۆزى باش بولۇپ تەھرىرلەپ ۋە ئاتالغۇلارنى رەتلەپ مېڭىۋاتىدۇ. بىزمۇ تەرجىمە ۋەزىپىسى ئالغان تەرجىمانلارغا رەتلەنگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى ئېيتىپ كېلىۋاتىمىز. يەنى [ئاتالغۇلار] «نارۇتو» فىلىمىدىكى ئاتالغۇلار دېگەن تېمىغا يېڭى ئاتالغۇلارنى قوشۇپ قويۇپ تەرجىمانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييار قىلدۇق. ئەمما بىر قىسىم تەرجىمانلارنىڭ تورغا چىقىشى ئەپسىز شارائىتتا بۇ يەرمۇ ئەسقاتماي، ئاتالغۇلارنىڭ قالايمىقان ئېلىنىپ كېتىشى ياكى تەرجىمىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇ ۋەجىدىن يېقىندا uYGHuR05 ئەپەندىم مۇشۇ ئاتالغۇلارنى توپلاپ PDF قىلىپ ھەر بىر تەرجىمانغا ۋەزىپىگە قوشۇپ بىللە بېرىشىمىزنى ئېيتتى.
بۇ لۇغەتتە پەقەت نارۇتو فىلىمىنىڭ 1-قىسىمىدىن 133-قىسىمىغچە بولغان كىشى ئىسىملىرى، يەر جاي ناملىرى، دۆلەت ناملىرى، فىلىمدىكى ماھارەت ناملىرى... قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل ھالىتىلا كىرگۈزۈلدى.  ئاللاھ خالىسا ۋاقىتىم يار بەرسە بۇ لۇغەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەخسۇس كىنو-فىلىم ئاتالغۇ لۇغىتى قىلىپ قويۇش ئارزۇيىمىز بار. ھازىر بۇ نۇسخىسدىن تەرجىمانلارنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تۇرۇشىنى سورايمىز.

بۇ لۇغەتنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.


ئەپ نامى: نارۇتو ئاتالغۇلىرى
نەشرى: 1.0
ئىشلەش مۇھىتى:Android 4.0 دىن يۇقىرى سىستېمىلار
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2014-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 7-كۈنى (كەچ)
1.0 نەشرىنى چۈشۈرۈش
http://www.qutyar.net/mb/static/image/filetype/unknown.gif Naruto_Atalghu_Lughiti1.0.apk ‎(288 KB) چۈشۈرۈش سانى: 0

لۇغەت كەسمىلىرى:





ئەسلى مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:36:24

قانچىنچى قىسىملىرىغا كەلدى ھازىر:lol
10 يىلدىن ئاشتىمۇ نىمە ھە
ئالدىنقى كۈنى ۋانپىسقا 15 يىل بولدى دەپ پائالىيەت قىلۋېتىپتىكەن

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 11:25:47

توۋا ۋوي  مۇشۇ نارۇتو   خەيزەيۋاڭ  دەمدۇ  مۇشۇ نەرسىلەرنىمۇ  دادا يوللۇق كىشىلەر  ‹‹ۋۇججۇن››، ‹‹ۋەششى››دىگەچ كۆرىدىكەن شۇنچە نوچىمۇ بۇ   زىيالى ئەپەندىمۇ بۇ توغۇرلۇق سۆزلەۋېتىپتۇ:lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 11:40:20

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 11:25 static/image/common/back.gif
توۋا ۋوي  مۇشۇ نارۇتو   خەيزەيۋاڭ  دەمدۇ  مۇشۇ نەرسىلەرن ...

كىچىك باللارمۇ چوڭلارنىڭ فانتازىيەلىك كىنولىرىنى ۋوييوي دەپ كۆرىدىغۇ. كارتون بولغىنى ئۈچۈنلا چوڭلار كۆرسە بولمايدۇ دەيدىغان قائىدە يوققۇ دەيمەن. :lol
بۇ كارتوننى كىچىكلەر ئەمەس چوڭلار كۆرىدۇ. كىچىكلەر بۇ كارتوننى چۈشىنەلمەيدۇ. چوڭلار ئۈچۈنلا ياسالغان كارتون دەپ چۈشەندىمغۇ مەن:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:03:09

one piece  647 قىىسم
ھەر بىر قىسمى 24 مىنۇت  جەمئى:  15528 مىنۇت  سائەتكە ئايلاندۇرساق 258 سائەت

بىر بەت كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن 3 مىنۇت كەتتى دىسەك بىز مۇشۇ كارتوننى كۆرۈشنىڭ ئورنىغا 5176 بەت كىتاب (200 بەتلىك كىتابتىن 26 پارچە)ئوقۇلايايدىكەنمىز كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنگەن تەسۋېر مىڭىمىزنى تەپەككۇر بىلەن ئوزۇقلاندۇرالمايدۇ  كىتاب ئوقۇغاچ قىلغان  قىلغان تەسەۋۋۇرنىڭ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئۇرغۇتالايدۇ .

كارتون كۆرۈش كىرەك (كۆرمىسەك چىدىمايمىز{:90:}) لىكىن كىتابمۇ كۆرۈش كىرەك !

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:07:08

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 12:03 static/image/common/back.gif
one piece  647 قىىسم
ھەر بىر قىسمى 24 مىنۇت  جەمئى:  15528 مىنۇت   ...

بۇ كارتوننى كۆرگەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنى سىز بىز جەزملىيەلمەيمزدە. بىراۋنى كارتون كۆرمەيسىەن كىتاب ئوقىيسەن دېگىلى ياكى كىتاب ئوقىيسەن كارتون كۆرىسەن دېگىلى بولمايدۇ. ھې ھې...
مېنى ئېلىپ ئېيتسام قىلىدىغان ئىشلىرىم جىق، ھېلى تور، ھېلى كىنو، ھېلى سودا، ھېلى يانفون ۋە پروگرامما ئىشلىرى دېگەندەك. لېكىن يىلدا 4-5 يۈرۈش كىتاب ئېلىشنى ۋەزىپە قىلىپ ۋاقتىم يەتكەن ئاساستا شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەر ئىككى ئوقۇپ قويىمەن. ئەمما بۇ ئىشلارنى داۋراڭ سېلىپ كىتاب ئوقۇدۇم، ئانى قىلدىم مانى قىلدىم دېمەيمەن (ھازىر گەپ چىقىپ قېلىپ دېيىلدى ئە مدى:lol )
شۇنىڭدەك ھەر كىمنىڭ ئۆز قىزىقىشى، تۇرمۇشى بار. بۇ كارتوننىڭ ئىشى بىلەنلا بوپ كېتىدىغانلارمۇ قورسىقىغا تاماق يەمدىكىن دەيمەنغۇ:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:29:41

@kakkur
ياپۇنىيە مانگا ئەنىمېلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان يېرى ياخشى يېزىلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ مەزمونىغا تارىخ،ئېقىم مەسلىلىرى،ئاۋانگارات پەن تېخنىكا،ئۆرۈپ ئادەت،كىشىلىك مۇناسىۋەت.... قاتارلىقلارنى زىچ يۇغۇرۋەتكەنلىكىدە.بولمىسا ھازىرقى دەۋر كىشىلەرگە قېلىن قېلىن قۇرۇق نەزىرىيە سۆزلەيدىغان كىتاپلارنى ئوقۇش قىلچىمۇ خوشياقمايدىغان دەۋر،چوڭلارنىڭ تەربىيە نەسىھەتلىرى قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان دەۋر.......

ۋاسكىتبول ماھىرى مىنىڭ دۇنيا قارىشىمغىچە تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەر دىسەم بەلكىم ئېشىپ كەتمەسلىكى مومكىن.

dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:54:26

بۇ كارتوننى مەنمۇ ئىز قوغلاپ كۆرىۋاتىمەن، ھازىر 584 - قىسمىغا كەلدى، يامان ئاقسا يېرىگە كەلدى، ئون قۇيرۇق ئالدىنقى قىسمىدا چىقتى، ئەمدىدىن باشلاپ تېخىمۇ ئاقسا ئۇرۇشۇپ قويغۇدەك.  ئىشقىلىپ، بەزىدە كارتوننىڭ تەربىيەسى كىتابنىڭكىدىن ياخشىراق بولامدىكىن، كىچىك ۋاقتىمدا مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە ھىكايە، مىم دېگەندەك ئېسىل كارتونلار بار ئىدى، شۇلارنى شۇنداق قىزىقىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ كېتەتتۇق. ئەگەر شۇ چاغدا ئۇ كارتونلار  بولماي، شۇلارنىڭ كىتابى بولغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئۆيدىكىلەر ئوقۇپ بەرگەن بولسا، بەلكىم بۇ ھېكايىلەرنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېسىمىزگە ئالالماسلىقىمىز مۇمكىن بولغىيتتى...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 13:50:28

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 12:29 static/image/common/back.gif
@kakkur
ياپۇنىيە مانگا ئەنىمېلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغا ...

سىز دىگەن ‹‹ۋاسكىتبول ماھىرى››   ساكۇراگى خانامىچى، رۇكاۋا كائىدى  دىگەنلەر چىقىدىغان كارتون شۇما؟

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:23:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bigaan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 20:25  

نىمىشقىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانسىلە ،تۇز سەپمىگەن تاماقتەك چىقىپ قالاتتى ...يەنە كىلى غەلىتە ئاتالغۇ بەك  جىق. ھەممىسگە  سۆزلۈق ياساپ بولالمايسىلەردە .
يەنە كىلىپ ئۇ كارتوندا كۈچلۈك دىنىي ئەقىدىمۇ ،توغرا دىنغا مۇخالىپ مەزمۇنلارمۇ كۆپ .سەبىي بالىلارنى ئەينى ۋاقىتتا سەن باجىي ،مەن ئامىنتابىتتا دىگەندەك ،سەن بەن مەن لىيۇۋداۋ ،9 قۇيرۇقلۇق تۈلكىنى ياراتتىم ... دىگەندەك غەيرى ناتوغرا پىكىر بىلەن زەھەرلىمەكچىمۇ ؟ئەملىيەتتە ئاددىي كۆرۈنگەن بىلەن ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان مەدىنىيەت ھۇجۇمىغا  قانداق تاقابىل تۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دىگەنلەرگىمۇ دىققەت قىلساق بولمامدۇ ؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 21:07:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 21:08  

Bigaan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 20:23 static/image/common/back.gif
نىمىشقىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانسىلە ،تۇز سەپمىگە ...

قورقساق ئۆيدە قويىۋاتقان شىياڭياڭ بىلەن ھېلىقى ئورمانلىقتىكى ئېيىق بىلەن ئوۋچىنىڭكىدىن قورقساق توغرا بۇلامىكى. كۆرسىلا بىر يەرلىرى بىر قانداق.
مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ماۋۇ كارتوننى  كۆرۈپ زەھەرلىنىپ قاپتۇ دىگەننى ئاڭلاپ باقمىدىم . كۆرىۋاتقانلار ئاساسەن ئەقلى ئوچۇق . نەزەر دائىرىسى كەڭلەر كۆرىۋاتىدۇ. بولمىسا 3قىسىم كۆرۈپلا زىرىكەتتى. شۇڭا بۇنداقلار ئاسانلا كارتوننىڭ ئىچىدىكى دىنى ئەقىدىگە ئىشنىپ كەتمەيدۇ.  بۇنداق ئىش بولدىغان بولسا كىچىكىمزدە‹مەشھۇر كىشلەر ھەققىدە ھىكايەت›‹مىم›‹ئەقىللىق يىشىيۇ›نى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يىشىيۇدەك ئەقىللىق مىمدەك زىرەك مەشھۇر كىشلەر بولۇپ كىتەتتۇق.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 22:06:40

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 12:29 static/image/common/back.gif
@kakkur
ياپۇنىيە مانگا ئەنىمېلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغا ...

بۇمۇ ئېسىل كارتونلارنىڭ بىرسى. بۇرۇن ئۇيغۇرچىسىنى ئىز قويماي كۆرگەن. يېقىندا 26G لىق 720P لىق MKV سى ئۇچراپ قالدى. ئەسلى تىل، خەنزۇچە ئاۋاز، خەنزۇچە خەتلىك تاللاپ ئاڭلاپ تاللاپ كۆرىدىغان نۇسخىسى. ھەممسىى ئايرىم ئايرىمكەن تېخى. بىزنىڭ كونا فىلىم گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئاران بىرقانچە قىىسم تاپتۇ. بەلكىم قالغان 10 نەچچە مىڭ تال دەيلەر ئىچىدىن چىقىپ قالسا بۇنىمۇ سۈزۈككە ئىشلىۋېتىمىز. ساقلاپ قويغۇدەك كارتون زادى.

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 22:47:08

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 21:07 static/image/common/back.gif
قورقساق ئۆيدە قويىۋاتقان شىياڭياڭ بىلەن ھېلىقى ئورما ...

زەھىرىنىڭ تەسىرىنى ئالدىرماي بىلىپ قالىسىز.
باشتىكى قىسىملاردىلا يالىڭاچ كۆرۈنۈشلەر بار . باللىرىڭىزنى ئاشۇنداق نەرسىلەرنى كۆرسۈتۈش بىلەن تەربىيەلىگۈڭىز كەپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 23:56:39

مەنمۇ بۇ كارتوننىڭ رەسىملىك ھەم tv قىسىملىرىنى تەڭ قويماي كۆرىۋاتقاننىڭ بىرى.
Bigaan نىڭ ئەنسىرىشىمۇ ئورۇنلۇق. «نارۇتو»دا كۆرگەن كىشىگە ئىجابى تەسىر بېرىدىغان يەرلىرى نۇرغۇن، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىزنىڭ ئىتقاد مەدىنىيىتىمىزگە زىت بولغان مەزمۇنلارمۇ يوق ئەمەس.  كۆرۈپ بىزگە پايدىلىق بولغان قىسمىنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرسەك بولىدۇ،  يېشى كىچىك ياكى تېخى ئاق-قارىنى بىلىپ بولالمىغان كىشىگە تەۋسىيە قىلمىساق ياخشى، بۇ توپتىكىلەر ئاسانلا مەزكۇر كارتوندىكى قارا قوياق ھەممىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۋىلىش ئىھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ مېنىڭچە...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 20:42:36

كۆرمىگەنلەر ئارماندا........... مەن قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن. نارۇتو، ئەزرائىل، تېننىس توپ شاھى، يەتتە مەرۋايىت، دىڭىز قاراقچىلېرى شاھى دەمدۇق 海贼王  نى.
جىق دوستلېرىمغا تەۋسىيە قىلىپ باقتىم. مۇشۇ كارتونلارنى ئاخىرغىچە كۆرۈپ كۆرگەن ۋاقتىغا پۇشايمان قىلغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىشقىلىپ ئېسىل.
ئېسىل ئەمگەك بوپتۇ. بولسا مۇكەممەل چىقارساڭلار نارۇتو ، ئەزرائىل قاتارىدىكى مۇشۇ بىر قانچە كارتونلار ھەقىقەتەن 100 يىلدىن كېيىنمۇ ئەتىۋارلانغۇدەك ئېسىل كارتونلار..كۆرگىلى 10 يىل بوپتۇ. ئەزرائىل ئاياغلاشقاندا كۆڭلۈپ بەك يېرىم بولغانتى.
بەت: [1]
: [ئۇيغۇرچە ئەپ] نارۇتو ئاتالغۇلار لۇغىتى Android نۇسخسى تارقىتىلدى