attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 22:54:05

چاچ ئاقىرىپ كېتىشنى داۋالاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 00:56  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار  ھەممەڭلارغا مەن ئەتىرگۈلدىن ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن، خۇشۋاق بولۇڭلار !

   ئەمدى تېمىدا دېمەكچى بولغان مەزمۇنغا كېلەي : ھازىر مەيلى خانىم-قىزلاردا بولسۇن ،مەيلى ئەرلەردە بولسۇن ،بالدۇر چاچ ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ،بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىدە كۆرۈلۈشىنى خالىمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . ھەم ھە دېسە ھەر خىل بوياقلار بىلەن چاچ بوياپ  بۇ خىل قىيىنچىلىقنى ۋاقىتلىق ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ .بۇنىڭ كېيىن سامالەتتىككە زىيىنى بارلىغىنىمۇ ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز .  مەنمۇ  بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزا  بولۇش سۈپىتىم بىلەن ،ئۆزۈم ئىشلىتىپ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن بىر ئۇسۇلنى مۇنبەردىكى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىدىدە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،دوستلارنىڭمۇ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . بۇ ئۇسۇل بەكلا ئاددى بولۇپ  پەقەت سىز ئاز تولا ئىزچىللىقنى ساقلىسىڭىز، ئىرادە قىلسىڭىزلا بۇ مەسىلىمۇ جايىدا ھەل بولۇپ كەتكۈسى ...........

ماتىرياللىرى  :پوستى قىزىل خاسىڭ  (يەر ياڭىقى) مېغىزى(红皮花生米)بىر كىلوگىرام (1kg).
ئەسكەرتىش :花生米دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە  (يەر ياڭىقى) دەپ ئاتىغىنىم توغرىمۇ بىلمىدىم ، لۇغەتتە  ئۇيغۇرچىسىگە خاسىڭ  دەپ ئېلىپتۇ ،دوستلارنىڭ ئۆزى چۈشەنگەن ئۇسۇلدا قوبۇل قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ياڭاق مېغىزى (核桃)يېرىم كىلوگىرام (500g).
گۈرۈچ ئاچىقسۈيى (米醋)ئىككى يېرىم كىلوگىرام (2.5kg).

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاغزى ھىم ئېتىلىدىغان  كومزەك  ياكى چوڭراق ئەينەك قۇتىغا ياڭاق مېغىزى بىلەن خاسىڭ(يەر ياڭىقى) مېغىزىنى سېلىپ ،ئۇستىگە ئاچىقسۇنى چىلاشقۇچە قۇيۇپ ،ئاغزىنى ھىم ئېتىمىز . بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن كۈندە ئەتىگىنى ناشتىدا  7 تال خاسىڭ (يەر ياڭىقى) مېغىزى بىلەن ياڭاق مېغىزىنى يەيمىز ،تۆت ھەپتە ،يەنى بىر ئايدىن كېيىن ئۇنۈمىنى كۆرەلەيسىز . مانا مۇشۇنچىلىك ئاددى .

مەن ئالدىنقى يىلى خىزمەت ئۈستىدە يىقىلىپ چۈشۈپ  باش قىسىم  قاتتىق تېگىپ كەتكەنلىكتىن  تاكى ھازىرغىچە باش قېيىش،ۋە باش ئاغرىش سەۋەپلىك   دەم ئېلىش پەقەت  ياخشى بولماي كەلدى ، بارغانچە ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى بارغانچە  ئېغىزلىشىپ  كەتتى    ،يېقىنلاردىن ئەھۋالىمدا كۆپ ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ  چېچىم  كۆرۈنەرلىك دائىرىدە ئاقىرىپ كەتكەن  بولغاچقا ، سىرىتتىن  مىللىيچە رېتسىپلىرىمىزنى ۋە دۆرىگەرلىرىمىز ياسىغان دورىلاردىن خېلى كۆپ ئىشلىتىپ سىنىغان بولدۇم ،ئەمما ئەسلىدىنلا ئىسسىققا مايىل مىجەزىمگە تېخىمۇ ماس كەلمەي قويدى ، چاچ ئاقىرىش بارغانچە كۆپىيىپ كەتتى ،ئالدىنقى  ئايدا  بۇ رېتسىپنى ئۇچرىتىپ سىناپ بېقىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم ۋە مۆھلەتتە بىر ئاي تولۇق ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىككى كۈندە چېچىمدا ئۈنۈم كۆرۈلدى ، ئەسلىدىنلا يىليىزىدىن ئاقارغان چاچنىڭ رەڭگى ھازىر بارغانچە قوڭۇر رەڭگە مايىللىشىپ بولدى ،دېمەك مەن يەنە ئىستىمالنى داۋاملاشتۇرسام  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان بولىمەن . ئادەتتە بۇلارنىڭ بەدەنگە زىيىنى بولمىغاندىكىن، بۇ تەرەپتىن ھەر ئاماللارنى قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش  يولىدا كېلىۋاتقان دوستلارنىڭمۇ  ۋاقتىدا سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-7 18:42):
كۈندە ئەتىگىنى ناشتىدا  7 تال خاسىڭ (يەر ياڭىقى) مېغىزى بىلەن  يېرىم ياڭاق مېغىزىنى يەيمىز .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:32:52

ھازىرچە ئون تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلاپ تۇراي .
قىنى مەنمۇ سىناپ باقاي ...
18 ياشتىن باشلاپ چېچىمغا ئاق چۇشكىلى تۇرغان ، ھازىر 32 ياشقا كىردىم ، بۇدا قارىسام ساقىلىمغا ئىككى تال ئاق ئارىلاپتۇ .:dizzy::L:funk:

ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ خىلى قىرى كۆرۇنسەم كىرەك ، ئەلقىسسە 2006 - يىللىرى ش ج ئۇ فىزىكا كەسپىدە ئوۇغاننىڭ 2- يىلى ، دەرىس ئارلىقىدا سومكامنى ئۆشنەمگە ئارتىپ فىزىكا بىناسىدىن ئۇنۋىرسال بىناغا قاراپ ماڭسام  (خەنزۇ سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئىككى ئاغىينەم بىلەن بىللە )، ئىككى قىز ئالدىمنى توسۇپلا : - مۇئەللىم ، ئالدىنقى قىتىملىق تەجرىبە دەرىسىگە كىلەلمىگەنتۇق ، بۇگۇن ئىشلەيلى دەپ كەلگەن ، ماۋۇ تەجرىبىنى نەدە ئىشلەيمىز دەپ تەجرىبە كىتابىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ . قارىسام ئۇنۋىرسال فىزىكىنىڭ تەجرىبىسى (普通物理) , {:130:}  。 مەنمۇ چاندۇرمايلا : ئۆز ۋاقتىدا كەلمەپسىلە ، ئەمدى  ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ، ئوقۇتۇش كاتىپى بىلەن كىلىشىڭلا دەپلا يولۇمغا راۋان بولدۇم .

قىشتا پويىزدا ئۆيگە قايىتقۇچە ، مەكتەپداش قىزلار : سىزنى ئاسپىرانىتما ، بۇ يىل ئوقۇش پۇتتۇرەمسىز دەپ ئادەمنى خجىل قىلىپ ، (تولۇق كۇرۇسنىڭ ئىككىنچى يىلىدا ئاران ئوقۇۋاتسام تىخى :'(، )

بۇدا بىكەتتە  بىر ئايال ، پەمىمچە 40 لاردا بار ، ئاكا مانىڭغا قالاپ قويسىلا دەيدۇ . {:118:}



ئاق چاچ بولسىلا ئەدەم بەك قىرى كۆرۇنەمدۇ نېمە :lol...

قىنى باشقا تىۋىپ ھەكىملەر چاچ ئاقىرشنىڭ مەخپى رىتسىپ دورىللىرى بولسا تۆكمەمسىلەر ،
تادۇبەگ سىللىدە بولسا ، ئەتە ئۇرۇمچىگە ئۆتكەچ ئېلىۋالىمەن .   بىزات ھەكىمدە بولسا ، قەشقەرگە قايىتقاندا ئېلىۋالاي ، باشقىلاردا بولسا ئالساممۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە ....

بۇرۇن ئىرسىيەتمىكىن دەپ جىق كۆڭۇلشىمىگەن ، تۆت ياشقا كىرگەن قىزىمنىڭ بېشىدىكى بىرتال ئاق چاچنى كۆرۇپ .....:funk:  .  يىمەكلىكتە بىرەر نەرسە كەممىدۇ ياكى  قان ، مىجەز خىلىتىلىرىمىز  بۇزۇلغانمىدۇ ...



alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:39:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 10:04  

مېنىڭمۇ چاچلىرىم تۈگۈل ساقاللىرىمغىمۇ ئاق كىرىپ بولدى،يېشىم ئەمدى تېخى 32ياش،خۇاسىڭ مېغىزىنىڭ نېپىز پوستىنى تازىلىۋېتەمدۇق ياكى ?

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:06:13

ما تېمىدا مەن ئۇزۇندىن بېرى غەم قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئۆزى يېزىلىپتۇ. چېچىم بەك تېز ئاقىرىپ كەتتى. ئەمدى قارىسام ساقاللىرىمغىمۇ ئاق سانجىلغىلكى تۇرۇپتۇ. ياش ئەمدىن ئوتتۇزدىن ھالقىغاندا بۇنداق تېز ئاقىرىپ كەتسە بىنورمال ھېس قىلىدىكەن. دىققىتىم مۇشۇ تېمىدا.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:33:43

چاچ دېگەن 45 لەردىن ئاشقاندا ئاقارمامدۇ دەيمەندە !!  ھازىر قارىسامغۇ  30 دىن ئەمدى ئاتلىغان ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئاقباشتەك كۆرۈنىدۇ...
مەندىمۇ يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان ئاقچاچ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ماۋۇ رېتسىپنى ئىشلىتىپ كۆرسەك بولغۇدەك. رەھمەت تېما يوللىغۇچى.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:39:29

مەنمۇ بۇياپ يۈرىۋاتىمەن:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:39:29

باشتا بىر تال ئىككى تال دەپ سانىۋالغىلى بولغىدەك بار ئىدى.
ھازىر ئىيەدىن بىيەدىن جىقلاپ مېڭىۋاتىدۇغۇ تاڭ
يۇلسا بولامدۇ ئاق چاچنى:lol

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 11:15:48

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 10:39 static/image/common/back.gif
باشتا بىر تال ئىككى تال دەپ سانىۋالغىلى بولغىدەك بار ئ ...

مەنمۇ بىر ئىككى تال بار ۋاقتىدا يۇلىۋەتكەن ئىدىم. ھازىر كارىم يوق  ئاق چاچ بىلەن  ئادەم ئويلىغانسىرى چېچى تېخمۇ بەك ئاقىرىپ كېتىدىكەن .

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 11:43:38

چاچتا كىپەك ھەددىدىن زىيادە جىق ..پازكىزە يۇيۇپ تۇرسىمۇ تارىسا تارالمايدىغان،بەشىنجى باشقارمىدىكى دولىنىڭ چېچىدەك پاخپاق چاچلارغا مۇنداق بىر ئامال بار.
قارا ئۈچمىدىن ئون تال ئېلىپ چاچىقا مىجىپ سۈركەيمىز...ياخشى قولغا يالتىراق كىيۋېلىڭ بولمىسا رەڭ ئىچىپ قالىدۇ..چاچلىرى ئازراق ئاقرىشقا باشلىغانلار قارا ئۈجمىنى سۈركەپ چاچنى  يېرىم سائەت يالتىراق بىلەن دۈملىسەك چاچ قارىدايدۇ.چاچلار شۇنداق رەتلىك ، سىلىق ،پار پار پار.قىلىپ تۇرىدۇ..چاچقا ھەرگىز ئەكىس تەسىر بولمايدۇ...

Uy~SuN يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:19:41

نەپ تېگىدىغان تىما ئىكەن بۇ

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:22:02

Uy~SuN يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 12:19 static/image/common/back.gif
نەپ تېگىدىغان تىما ئىكەن بۇ

قوللايمەن

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:22:47

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 11:39 static/image/common/back.gif
مېنىڭمۇ چاچلىرىم تۈگۈل ساقاللىرىمغىمۇ ئاق كىرىپ بولدى ...

مەن پوستى بىلەن بىلەن قوشۇپلا يەۋەردىم .ئەسلىدىكىدىمۇ رېتسىپتىمۇ بۇ ھەقتە بىرنىمە دېمەپتىكەن .

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:53:08

ساقلىۋالاي

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 15:32:14

ياڭاقنى قانچىلىك مىقداردا يەيمىز?

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:41:07

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 17:32 static/image/common/back.gif
ياڭاقنى قانچىلىك مىقداردا يەيمىز?

7تال خاسىڭ مېغىزى،يېرىم ياڭاق مېغىزى .

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:45:16

xaqan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 10:06 static/image/common/back.gif
ما تېمىدا مەن ئۇزۇندىن بېرى غەم قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئۆزى ...

سىلىنىڭغۇ خوتۇن بىلەن ئىككى بالا بار. لېكىن مەندەك بويتاقلارنىڭ ئاقىرىپ كەتسە نېمە دېگۈلۈك؟!

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:45:45

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 10:39 static/image/common/back.gif
باشتا بىر تال ئىككى تال دەپ سانىۋالغىلى بولغىدەك بار ئ ...

مەن ئاق چاچنى يۇلسام بىر ئاينىڭ ئىچىدە بىرسى يۈز بولدى!

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 19:42:01

ئۈنۈم بولىدىغان ئىش بولسا سىنايلى. ئىشقىلىپ بوياش قەتئى ياخشى ئەمەسمىكىن دەيمەن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:45:27

ئاشپۇزۇللاردىكى بالىلار 'ئاكا' دەپ گەپ قىلغاندىن كىيىنلا قېرىغاننى تۇيۇپ، يولدىن ئۆتكەن كىچىك( ئەسلى تەڭتۇش دەپ ئويلايدىغان) قىزلارغا بىزىرىپ قاراپ تۇرۇشتىن خىجىل بولۇشنى ئۆگەنگەن ... چاچنى بويىۋېلىپ قاراۋەرسە بولاما ئادەم {:136:}

ماۋۇ رىتسىپ  بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، ئىشقىلىپ يەر ياڭىقى بىلەن ياڭاق پايدىلىق نەرسىلەر.

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 22:39:04

گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى دېگەننى نەدىن تاپقىلى بۇلىدۇ ئەمدى
بەت: [1] 2 3
: چاچ ئاقىرىپ كېتىشنى داۋالاش