yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 22:53:15

كەمتۈك ھېكايەت 1- سەدىقە بالانى يەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 22:54  

چاچلار ئاقىرىشقا باشلىغان مۇشۇ كۈنلەردە  بالا ۋاقتىمدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن، رەھمەتلىك دادامنىڭ، ئۇرۇق- تۇققان، دوست- يار، چوڭلارنىڭ  ئېيتىپ بەرگەن ھېكايەت- نەسىھەتلىرىدىن يادىمدا قالغان قىسىمىنى ئېيتىمەن، كەم جايىنى تولۇقلاپ بەرگەيسىلەر.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~
سەدقە بالانى يەر
بىر ئادەم ھالۋىغا ئامراقكەن، بىر كۈنى سەھەردە ئايالى ھالۋا ئىتىپتۇ.
ئۇ ھالۋىنى يەي دەپ تۇرسا بىر ساھىلنىڭ « ھەق دوست! » دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، ئۇ كىشى ئاغزىغا سالاي دەپ تۇرغان ھالۋىنى قويۇپ ئالدىدىكى بىر پىيالە ھالۋا بىلەن  يۇمشاق ناننى ئېلىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئىشىك ساھىلغا بېرىپتۇ.
ئەسلىدە بۇ كىشى ئولتۇرغان كىگىزنىڭ ئاستىدا بىر زەھەرلىك ئىلان باركەنتۇق، ئۇ كىشى سەدىقە بېرىش ئۈچۈن ماڭغاندا ئاشۇ ئىلاننىڭ بېشەىغا دەسسىۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىنىڭ ئەجىلى كېيىنگە سۈرۈلۈپتۇ. ..
~~~~~~~~~~~~~
بۇ ، 4-5 ياش چاغلىرىمدا ئاڭلىغان ھېكايەت بولغاچقا يادىمدا شۇنچىلىك قاپتۇ، كىچىكلىكىمدە ساھىل كەلسە سەدىقىنى مەن ئەچىقىپ بېرەتتىم، ھالا بۈگۈنكى كۈنلەرگىچە ساھىلنى قۇرۇق ياندۇرمايمەن.
ئائىلىمىزدە، ئوتۇن ياكى باشقا نەرسە  سېتىۋالساقمۇ   ئۆيگە ئەكىلىپ بەرگۈچىگە ئۇسسۇلۇق ياكى تاماق بېرىدىغان ئادەت باركەن ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:34:21

مەنمۇ بىرنەچچىنى يېزىپ قۇياي دىگەن   لېكىن ئالدىرىغاندا يادىمغا كەلمەيۋاتىدۇ    يادىمغا كەلگەندە يېزىپ قۇيارمەن.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:38:36

خەتكۈچ سېلىپ قوياي.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:02:10

ئارلىقىمىز يىراقتەك قىلىدۇ ، بولمىسا مەن ئۆيىڭىزگە كۆمۈر ئاپىرىپ بەرگەچ بىر پىيالە چېيىڭىزنى ئىچىپ كېلەركەنمەن .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 08:31:41

tayker يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 12:02 static/image/common/back.gif
ئارلىقىمىز يىراقتەك قىلىدۇ ، بولمىسا مەن ئۆيىڭىزگە كۆ ...

ھە راست، ئاتا- ئانام « ئۆينىڭ بەرىكىتى مېھمان بىلەن» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى شۇ گەپنى مەنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم.
ئاللاھ خالىسا سىزنىڭ قولىڭىزغا سۇ بېرىشمۇ نىسىپ بولغاي.

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 09:58:12

ھىكايىڭىزنىڭ تەبىيۋى ئەھمىيتى باكەن، ئۇ پەزىلەتلەرنى داۋاملاشتۇرۋاقىنىڭىزدىن خوش بولدۇم،  ساھىل ئەمەس، سائىل مەنىسى سورىغۇچى تىلەمچى دىگەن گەپ، يەنى سۇئال دىگەن سوز بىلەن تۇرداش،  ئىككىلىسى ئەرەپچە گەپ،  سەدىقە بالانى يە، تەۋبە گۇناھنى يە: دىگەن ھىكمەتلىك جۇملە رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسلىردىن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 21:08:40

satuk يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 09:58 static/image/common/back.gif
ھىكايىڭىزنىڭ تەبىيۋى ئەھمىيتى باكەن، ئۇ پەزىلەتلەرنى  ...

خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
بەت: [1]
: كەمتۈك ھېكايەت 1- سەدىقە بالانى يەر