چولتوك ! يانفۇن سۇغا چۈشۈپ كەتسە …..
ئەگەر بىر قىز بىلەن تۇنجى قېتىم كۈرۈشكىلى چىققاندا ئامراق يانفۇنىڭىزغا قەھۋە ياكى چاي تۈكۈلۈپ كەتسە قانداق قىلىسىز ؟ بۇنداق كىشىنىڭ ھېسىياتىغا سوغوق كېلىپ ئەقلىنى زۇكام قىلىدىغان تەسەۋۋۇرنى قىلماي ئەسقاتىدىغان تۈزۈكرەك ھۈنەر ئۈگەنمەيمىزمۇ ؟ ( كەمىنىنىڭ ئىككى يانفۇنىمۇ سۇغا چۆمۈلۈپ چىققان )1،توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش
يانفۇنىڭىز سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ياكى سۇ كىرىپ كەتكەندە بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يانفۇننى توك مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىش . باتارىيەنى چېقىرۋېلىش . ھەرگىزمۇ < يانفۇندىن چاتاق چىققاندىمۇ > دەپ يانفۇننى قوزغىتىپ باقماڭ .بولمىسا قىسقا تۇتىشىپ قېلىپ راستلا چاتاق چىقىدۇ ( ئادەتتە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يانفۇننى ھەقسىز رېمۇنت قىلىپ بەرمەيدۇ )
2 ،ئۈسكۈنىلەرنى چۇۋۇش
باتارىيەنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىككىنچى ئىش يانفۇننى چۇۋۇش . ياپقۇچ ، يانفۇن كارتىسى ، سىغىم كارتىسى قاتارلىق چىقىرىۋالغىلى بۇلىدىغان ھەممە نەرسىنى ئامال بار چىقىرىۋېلىش كېرەك . چىقىرىۋالغان نەرسىڭىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ئىتتىك قۇرۇيدۇ . ئەمما ئېھتىيات قىلىڭ ، چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويماڭ .
3 ،قۇرۇتۇش
ئەگەر يانفۇنىڭىز بەختكە قارشى پاسكىنا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا ئاۋال يانفۇنىڭىزنى تازىلاڭ ( ئەگەر يانفۇنىڭىزدىن زېرىككەن بولسىڭىز سۇپۇنداپ يۇيۇڭ ) ، قۇرۇق ، پاكىز لاتا ياكى تازلىق قەغىزى بىلەن سۈرتۈڭ . ئاندىن يانفۇننى قۇرۇتۇڭ .
قۇرۇتۇش ئۇسۇللىرى:
شامالدۇرغۇچتا قۇرۇتسىڭىزمۇ ، يەلپۈپ قۇرۇتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .توردا گۈرۈچنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قۇيۇپ قۇرۇتىدىغان بىرخىل ئۇسۇل باركەن . بۇنى سىناپ باقماپتىمەن ، پىدائىي بۇلۇپ سىناپ باقىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار .
ماۋۇ پەندى-نەسىھەتلەرنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ :
1، كۈچەپ سىلكىمەڭ . بولمىسا ئىچىدىكى سۇ چىقىپ كېتىش تۈگۈل بەلكىم تېخىمۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىشى مۇمكىن . ئىچىدىكى زاپچاسلىرى ئاجراپ كەتسە ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك بولىدۇ تېخى .
2، ئاپتاپتا قۇرۇتماڭ .
3، يانفۇنىڭىزنى تۇخۇم ياكى كاۋاب دەپ قالمىغان بولسىڭىزلا دوخۇپكىغا سېلىشنى ياكى ئوتقا قاقلاشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ .
4، چاچ قۇرۇتقۇچتا قۇرۇتسىڭىز بولىدۇ ،ئەمما ئىسسىق شامالدا قۇرۇتماڭ .
ئەمدى يانفۇنىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ ….. ئاز بولغاندا ئالتە – يەتتە سائەتتىن كېيىن پۈتۈنلەي قۇرىغىنىغا كۆزىڭىز يەتكەندە باتارىيەنى سېلىپ يانفۇننى قوزغىتىڭ
:lol مۇ ياكى :'( مۇ ؟
ئەگەر پېشانىڭىز تەتۈر كېلىپ يانفۇنىڭىزنى رېمۇنت قىلدۇرماقچى بولسىڭىز يول بۇيىدىكى ئۇششاق-چۇششەك چاپلاق چاپلايدىغانلارنىڭ قېشىغا ئەمەس ، مەخسۇس يانفۇن رېمۇنتچىلىقى قىلىدىغان دۇكانغا بېرىڭ . ئەگەر يانفۇنىڭىزنى < ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى > قىلىش زۆرۈر بولسا ئەڭ ياخشىسى < يېڭى ئەزا > كۆچۈرۈڭ . ئاشقان- تاشقان ئەزانى ئالماشتۇرماڭ . < ئوپراتسىيە > جەريانىدا < دوختۇر > نىڭ يانفۇنىڭىزنىڭ ساق ئەزالىرىنى ئالماشتۇرىۋېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ .
مايەرنى باسسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى ئەسلى مەنبەسى-- پېقىرنىڭ بلوگىدا كۆرىسىز
يازما تامام ۋەسسالام ،ۋاللاھۇ ئالەم بىسساۋاب ھازىر كۆپىنچە تېلفۇنلار 1- باسقۇچتىنلا ئۆتەلمىگىدەك . يانفونىڭىز ئاممىۋى ھاجەتخانىلارغا (ئاقمايدىغان) چۈشۈپ كەتسە، يانفوننى سۈزىمەن دەپ سەكرەپ چۈشمەڭ :lol
ناھايتى زىيان بولسا 2-3 مىڭ سوم زىيان بولىدۇ.
ئىچكىردىكى مەلۇم بىر يېزىدا بىرسىنىڭ ئىككى مىڭ سوملۇق يانفونى ھاجەتخانىغا چۈشۈپ كېتىپتىكەن، زىيانغا چىدىمىغان ئېرى سەكرەپ چۈشۈپ سېىسقچىلىقتا ھۇشىدىن كېتىپتۇ، ئۇنى قۇتقۇزىمەن دەپ يەنە بىرسى سەكرەپتۇ، يەنە بىرسى سەكرەپتۇ، بىر-بىردىن ئەقىللىق بىر ئائىلدىكى ئالتىسى سەكرەپ چۈشۈپ، ھېچقايسسى چىقالماي تۇرسا كەنىتتىكى باشقىلار ئارغامچا تاشلاپ تارتىپ چىقىرىپتۇ، ئىككىسى نەقمەيداندا ئۆلۈپتۇ.
ئالدىنقى ھەپتە نۇر تورىدىن ئوقۇغانتىم. گۈرۈچكە سېلىپ قۇياڭلا يىڭى چىقىدىغان تېلفۇنلار سۇغا چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ
سۇ كىرمەيدىغان قىلىپ ياسالغان پۇچۇق ئالمىنىڭ باتارىيەسسى ئاجرىمايدۇ-دە كاساپەت:@ alip يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 09:43 static/image/common/back.gif
يانفونىڭىز ئاممىۋى ھاجەتخانىلارغا (ئاقمايدىغان) چۈشۈپ ...
ماۋۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ شۇنداق كۈلۈپ كېتىپتىمەن. بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغۇچە بىر ئادەمنىڭ كونۇپكىلىق يانفۇنى ھاجەتخانىڭ يولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. بەك تەستە ئىزدەپ تېىپ ئالدى. ئۈرۈمچىگە بارغۇچە تاماقمۇ يېمىدى. مىنىڭ خۇاۋېي يانفونۇم ھاجەتخانىغا چۈشۈپ كېتىپ، ماينى چىقىرۋىلىپ پاكىز سۇدا يۇيۇپ، چايقاپ بىر كۈن تاشلاپ قويسام ئوڭشىلىپ قاپتىكەن. ھازىر چىققان 1500-2000 نىڭ ئۈستىدىكى يانفونلاردا ئاساسەن سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بار. شۇڭا غەم يېمىسەكمۇ بولىدۇ. دۆلىتىمىز تەۋەسىدە ياسالغان يانفونلاردا يۇقىرقىدەك ئۇسۇللارنى قوللانسا بولغۇدەك:funk: شۇنداق قىلىپ ئىككىسى پوقتا ئۆلدىما {:87:}{:87:}{:87:} ئۆتكەن يىلى موتورولا دىن بىرنى ئالغان بىر يىل بولا بولماي پات پات ئۆچۈپ قالدىغان ، قايتا قوزغولىدىغان بولۇپ قالغان كىيىن پەقەتلا ئىچىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن سىتىشتىن كىيىنكى رىمۇنىت مەركىزىگە ئىلىپ بارسام ، يانفون بىسىلىپ بۇزۇلۇپتۇ بىز رىمۇنىت قىلىپ بىرەلمەيمىز ، دەپ تۇرۇۋالدى نىمە دەيمەن ئەمدى تېلفوننى باسماي يەرگە چۈشۈرمەي ئىشلەتكىلى بولامدۇ ، شۇنداق قىلىپ تىخى ئەمدى 10 ئاي بولغان ھەقلىق بولسىمۇ رىمۇنىت قىلدۇراي دىسەم مىڭ يۆەن ئەتراپىدا ھەق ئالىدىكەن . تىخى بىر ئىككى ئاي ساقلايدىكەنمەن، كىيىن تاۋباۋدا 100يۆنگە ياستىۋالدىم. بۇ ئەقلى تېلېفونلارنىڭ ئۆمۈرى بەك قىسقا ئىكەن بۇرۇنقى ئەقىسىز تېلېفونلارنىڭ ئۆمۈرىنىڭ بەشتىن بىرىگمۇ توغرا كەلمەيدىكەن. Kulke يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 12:12 static/image/common/back.gif
ھازىر چىققان 1500-2000 نىڭ ئۈستىدىكى يانفونلاردا ئاساسەن س ...
تىلفۇنۇمغا تۇرۇپلا ئەپلەر قاچىلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. روت ھوقوقىنى ئىلۋەتكەن مېنىڭ يانفونۇم دەل ئاۋۇ رەسىمدىكى يانفون شۇ!
سۇدىن ۋە چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى بار. يانفوننى پاكىزە تۇتۇش ئۈچۈن، ھەركۈنى كەچتە يېرىم سائەت سۇغا چىلاپ قويىمەن. Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 14:26 static/image/common/back.gif
مېنىڭ يانفونۇم دەل ئاۋۇ رەسىمدىكى يانفون شۇ!
سۇدىن ۋە ...
ھاھاھا... تىپ نومۇرىنى دەۋېتىڭە ھاللىق سەۋېيەگە يەتكەندە ئىشلىتەرمىز:lol begir يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 13:01 static/image/common/back.gif
酷派 دىن بىرنى ئالغانتىم ، بىر ھەپتە بولغاندا ئىشخانىدىك ...
ماشىنىنىڭ ناچىرى --لىفەن
تاماقنىڭ ناچىرى--مىفەن
ئادەمنىڭ ناچىرى --چۇپەي
تېلفۇننىڭ ناچىرى--كۇپەي :lol ئاچچىقسۇغا چىلاپ قويساڭلار ئەتىسىگىچە ۋىرۇس كىرمەيدۇ. kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 14:30 static/image/common/back.gif
ھاھاھا... تىپ نومۇرىنى دەۋېتىڭە ھاللىق سەۋېيەگە يەتكە ...
Xpera M36h turken يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 13:50 static/image/common/back.gif
تىلفۇنۇمغا تۇرۇپلا ئەپلەر قاچىلىغىلى بولمايدىغان ب ...
root ئېلىشتىن بۇرۇن ساقمىتى؟
ناۋدا شۇنداق بوپ قالسا سىستېما قاچىلىماي ئوڭشىغىلى بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-7 16:36
مەنمۇ تىلفۇنۇمنى دائىم يۇيۇپ تۇرىمەن.ئىگىركى يانفۇنۇم سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۈلۈپ كەتكەن،ھازىرقى(ئالماs5 ) يانفۇنۇمنىڭ ھەر خىل سىرتقى زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىت كۈچى خېلىلا ياخشى چىقتى، ، بۇ يانفۇنۇمنى قەۋەتلا ياخشى كۈرۈپ قالدىم.