Aqil1120 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 19:16:27

مېنىڭ دادام (نەسىر)

                                          مېنىڭ دادام (نەسىر)
                                    ئەخمەتجان مەمتىمىن(تىيەنجىن)
          تۇلىمۇ خۇشالمەن دادا،تىنىچ ئولتۇرۇپ سېنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددى ئىش-كۈشلىرىڭ بىلەن بىللە مېنىڭ كۆڭۈل خاتىرەمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن سىمايىڭنى قايتا-قايتا ئەسلەپ،چاڭقىغان دىلىمغا روھى ئۇزۇق ئالالىغىنىمغا.بۇلۇپمۇ ئىشلىرىم ئەپلەشمەي مەيۈس يۈرگەن كۈنلەردە،بۇلۇپمۇ قات-قات مۈشكۈلاتلار پۇتۇمغا چىگىلگەن قۇرام تاشتەك مېنى ھالسىراتقاندا.بۇ جاھان شۇنداق جاھانكەن،بالا ئاتىنى دورايدىغان.بالىلىق چاغلىرىمدا ھەتتا ھازىرمۇ مېنىڭ تەۋرەنمەس ئۈلگەم بۇلۇپ كېلىۋاتقىنىڭ بىر ھەقىقەت.سېنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسەڭنى ماڭا ھاياتلىق بەرگىنىڭ دەپ قارىمايمەن.چۈنكى قوي كالىلارمۇ بالىللىرىغا جان بېرەلەيدۇ.مېنىڭچە بولغاندا،سەن ماڭا ئەڭ قىممەتلىك بولغان مۇنداق ئىككى نەرسىنى بەردىڭ.بېرى تېرىشچانلىق روھى،ئىككىنچىسى مەسھۇليەت ئېڭى.
          ھەر كۈنى سەھەردە،مەن سۈت ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقاندا،سېنىڭ بامدات نامىزىنى ئوقۇۋاتقان ئاۋازىڭ بىلەن ئويغىنىمەن.لېكىن كۆزۈمنى ئاچسام ،كۆرىدىغىنىم پەقەت سېنىڭ قارا كۆلەڭگەڭ بۇلىدۇ.چۈنكى تاڭ تېخى تۇلۇق يورىمىغان،ئەتراپ قاراڭغۇ.نېمىشقىكىن چىراقنى ياقمايسەن.ماڭىمۇ ئادەت بۇلۇپ قالدى،سەھەردە ئاۋازىڭنى ئاڭلايمەن چىرايىڭنى كۆرمەيمەن،پۈتۈن كۈن سەن ئۆيدە يوق،سىرتتا ئىشلەيسەن.كەچتە بولسا چىرايىڭنى كۆرىمەن ئاۋازىڭنى ئاڭلىمايمەن.چۈنكى سەن ئىشلەپ گەپ قىلغۇدەك مادارىڭ قالمىغاندا ئۆيگە قايتىپ كېلىسەن.نېمىشقىكىن ساڭا بىۋاستە دېيەلمەيمەن،ئانامغا شۇنداق دەيمەن "دادامغا دېسىڭىز ئانا،بېرەر كۈن بولسىمۇ ئىشلىمەي دەم ئېلىۋالسا."ئانام ھەر قېتىم مىيىققىدا كۈلۈپ قۇيۇپ،-دادىڭىز مۇشۇنداق ئادەم بالام،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ھەر كۈنى نەچچە قېتىم دەپ كېلىۋاتىمەن. "ماقۇل"دەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ.مېنىڭ داداممۇ دادىڭىزنى ئۆزى نامرات بولسىمۇ تېرىشچان ئادەمكەن دەپ مېنى ئۇنىڭغا زورىغا بېرىۋەتكەن.ھازىر ھال ئەھۋالىمىزمۇ كۆپ كىشىلەردىن ياخشى.لېكىن ئۇ يەنىلا شۇنداق جان تىكىپ ئىشلەۋېرىدۇ.جاپا تارتىپ ئادەتلىنىپ قالدىمىكىن." دەپ گەپنى تۈگىتىدۇ.مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ " داداڭ ناھايتى تېرىشچان ئادەم "دېگىنىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن.مەن مۇشۇنداق مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلدىم.ئاستا-ئاستا سېنىڭ تېرىشچانلىق روھىڭ ماڭا يۇقتى.مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىللىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم مېنى "تېرىشچان ئوقۇغۇچى"دەيدىغان بولدى.شۇنى ھىس قىلدىمكى سەن ماڭا تۇلىمۇ قىممەتلىك بىر گۆھەرنى ئاتا قىپسەن.پەقەت ئۇ بولغاندىلا ئاندىن يوق نەرسە بار بۇلىدىكەن،غايە رېئاللىققا ئايلىنىدىكەن.
         سەن ماڭا بەرگەن ئىككىنچى قىممەتلىك نەرسە شۇكى مەسھۇليەت.بۇنىڭ تۇلىمۇ ئاددى بىر مىسالى مۇنداق.قىش كۈنلىرى يۇرتىمىزنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ سۇغۇق.لېكىن بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز سەل كىچىكرەك بولغاچقا بىرلا ئۆيگە مەش قۇيۇپ،ھەممىمىز بىر ئۆيدە ئۇخلايمىز دېسەك قىستىلىشىپ پېتىشمايمىز.ئاخىرى سېنىڭ قارارىڭ بۇيىچە،مەشنى بەكرەك ئىسسىيدىغان لايلەنپە ئۆيگە قۇيۇپ،باشقىللىرىمىز شۇ ئۆيدە،سەن باشقا ئۆيدە ئۇخلايدىغان بولدۇق.ئەجىبا شۇنچە قەھرىتان سۇغۇقتا سەن توڭلىمامسەن؟ياق،ناۋادا توڭلىمايدىغان بولساڭ بۇ چۇقۇم ئائىلەڭدىكىلەرگە بولغان مەسھۇليەتنى يېپىنچا قىلىۋالغىنىڭ ئۈچۈن.ئەلۋەتتە سېنىڭ مەسئۇل بۇلىدىغىنىڭ پەقەت ئائىلەڭدىكىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.ھەر قېتىم روزى ھېيت،قۇربان ھېيت دېگەندەك خاسىيەتلىك بايراملىرىمىز يىتىپ كەلگەندە،بىز ساڭا ئەگىشىپ بىز بىلەن ھېچقانداق تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى يوقلايمىز.ئۇلار ئاساسلىقى يېقىن ئەتراپتىكى ياشىنىپ قالغان،يۈلەنچۈكسىز كىشىلەر.سەن ئۇلارغا ئۆيىمىزدىن ئېلىپ كەلگەن پۇل-پىچەك،كىيىم-كىچەك،چاي-دۇرا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ ئىسسىق ياشلىرىغا ئالماشتۇرۇپ قايتىپ چىقىسەن.بۇنى بەلكىم ئاق كۈڭۈللۈك دەپ ئېيتىش مۇمكىن،لېكىن مېنىڭچە ئاق كۆڭۈللۈك مەسھۇليەتچانلىقنىڭ قۇلىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ساماندەك تۇرۇپتۇ،ئۆز مەسھۇليىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغانلار قانچىلىك بولماقچىدى؟
         تۇلىمۇ خۇشالمەن دادا،ئانام ماڭا ئاپئاق سۈتىنى ۋە مەززىلىك تائاملىرىنى بەرگەن بولسا،سەن ماڭا مول روھى ئۇزۇق بەردىڭ،ياق روھى ئۇزۇقلا ئەمەس،سەن ماڭا تېرىشچانلىق ۋە مەسھۇليەتتىن ئىبارەت ئىككى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرنى بەردىڭ.شۇ تاپتا 20 ياشتىن ھالقىپتىمەن.مەكتەپتە ئۇقۇدۇم،كىتاپ،ئوقۇتقۇچى ۋە جەمىئەتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆگۈتۈشى بىلەن ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەكلىكى ۋە نېمىگە مەسئۇل بولۇشۇم كېرەكلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتتىم.ئەمدىكى مەسىلە قانداق قىلىپ بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنى ئىشقا سېلىپ،مېنىڭ تۇنۇپ يەتكەن ھەقىقىتىمنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش.
         دادا،سەن مېنىڭ ماددى تۈۋرۈكۈم.چۈنكى سەن ئىشلەپ پۇل تېپىپ،ئائىلىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەك تۇرمۇشىنى قامدايسەن.لېكىن مەن سېنى مېنىڭ مەنىۋى يۈلەنچۈكۈم دەپ قارىيالمايمەن.چۈنكى تەڭرىدىن ئۆزگە ھېچكىم بىزگە مەڭگۈلۈك مەنىۋى يۇلەنچۈك بۇلۇشقا قادىر ئەمەس.خەلقىمىزنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتساق،بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن،كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىشى كېرەك.مەن سەندىنمۇ بەكرەك تېرىشىشىم، سەندىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەر ئۈچۈن تېرىشىشىم،سەندىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەر ئالدىدىكى مەسھۇليىتىمنى ئادا قىلىشىم كېرەك.
        دادا،مەن سېنى چەكسىز ھۆرمەت قىلىمەن،شۇنداقلا سېنىڭ تېرىشچانلىق روھىڭ ۋە مەسھۇليەت ئېڭىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن.


tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 11:52:25

بارىكاللا ، غەيرەت قىلىڭ . نىيەت - ئىقبالىڭىز توغرا بولسىلا ئۇلۇغ ئاللاھتائالا سىزگە ھەر ۋاقىت ياريۆلەك بولىدۇ ، يوللىرىڭىز راۋان بولسۇن ، ئاسانلىق بولسۇن
بەت: [1]
: مېنىڭ دادام (نەسىر)