Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:25:43

جىن بىلەن ئالۋاستى بىر گەپ ئەمەس. لېكىن ھازىر جىن بىلەن ئالۋاستىنى قارا قويۇق ھالدا تەڭلەشتۈرىۋالىدىغان بولدۇق. بۇرۇن «ئۇيغۇرلاردا يالماۋۇز قارىشى» دېگەن بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ ماقالىنىمۇ شۇنداق ئىلمىي، پاكىتلىق يېزىپتىكەن. لېكىن ئاپتورى ۋە نەدە ئوقۇغىنىم يادىمدا قالماپتۇ.
يەنە بىر ئىش. ھازىر نېمە ئۈچۈن جىن بىلەن ئالۋاستى كۆپرەك ئاياللارغا تەدبىقلىنىدۇ (كۆچمە مەنىدە). يالماۋۇزمۇ كۆپىنچە ئايال جىنىسلىق بولىدىكەن. قىزلارنىمۇ كۆپىنچە شەيتان دەپ قويىمىز. :shutup: ئادىل مۇئەللىم، مۇشۇ خىل قاراشقىمۇ باھا بېرىپ باققان بولسىڭىز.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:44:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 12:58  

تېمىلارغا چەك قويۇش ھەسىرى بار ئىنسانلارنىڭ دەردىدىن ھېچئىش قىلغىلى بولمايدۇ.
مۇشۇ دەۋردىمۇ خۇراپاتلىق دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتەمدىكەن؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:45:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 12:57  

ياخشى ئىزدىنىۋېتىپسىز. تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:54:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 12:56  

جىن دېگەن سۆز نۇرغۇن تىللارغا ئورتاق بولسا كېرەك. ئېنگىلىز تىلىدىكى گىن، خەنسۇ تىلىدىكى جىڭ...
بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپتىن ئىنتايىن كىچىك دېگەن مەنادا كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۆزگە كۆرۈنمەس جانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئالۋاستى دېگەن سۆزنى سەل خاتا ئىزاھلاپ قويۇپسىزمۇ نىمە؟ بولسا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىپ باقارسىز.
مېنىڭچە ئادەم چۈشىدە قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەرنى كۆرسە قارا باسقان بولىدۇ. ئوڭىدا قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەرنى كۆرسە، چۈشكىمۇ ئوڭغىمۇ ياكى ئاققىمۇ قارىغىمۇ تەۋە ئەمەس ئالاباسقان بولىدۇ. شۇڭا بۇ سۆز «ئالا» دېگەن سۆز بىلەن «باستى» دېگەن سۆزنىڭ بېرىكىشىدىن ياسالغان بولسا كېرەك.

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:53:06

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 09:54 static/image/common/back.gif
جىن دېگەن سۆز نۇرغۇن تىللارغا ئورتاق بولسا كېرەك. ئېنگ ...

مەنمۇ مۇشۇ قاراشقا قوشۇلىمەن.

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:58:17

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 00:06 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ بۇ يەردە خەنسۇ موللىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىدۇ.مەن  ...

گىتلىرنىڭ ئەسلى بىر جىنكەش ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن، لىكىن بۇ ئىنكاستىكى گەپلەرنى ئويلىنىپ باقسا بولغۇدەك.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 13:04:50

ئادىل مەلىم بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقساق بولغۇدەك:lol

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 13:05:58

باشقا مىللەتلەردىمۇ بارمىدۇ مۇشۇنداق جىن ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر؟ مەنغۇ خەنسۇ جىنى دەپ ئاڭلىغان، چوڭ ئانام ئوت تۇتىۋالغان ئادەمگە ئوت كۆچۈرۈپ قويۇپ ساقايتىپ قوياتتى، ئوت كۆچۈرگەن ۋاقىتتا ئوقۇيدىغان تىكىستلەر ئىچىدە «خەنسۇلۇق ئوتتىن بولساڭمۇ كۆچ» دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم، شۇنىڭغا قاراپ خەنسۇلاردىمۇ جىن بولىدىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمدى مۇشۇ ئىنگىلىزلاردا، رۇسلاردا ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشىغان مىللەتلەردىمۇ جىن ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر، شۇنداقلا جىن چاپلىشىۋىلىش، موللىلىرى ئوقۇپ ساقايتىش دىگەندەك ئىشلار بارمىدۇ دەيمەن؟ بولسا قانداق شەكىلدە ئىلىپ بىرىلىدىغاندۇ؟ بەكلا بىلگۈم بار؟

arkyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 14:27:46

ئىزدىنىشلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم...بەرىكەتلىك بولۇڭ

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 14:29:33

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 13:04 static/image/common/back.gif
ئادىل مەلىم بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقساق بولغۇدەك ...

تور بېتىڭىز ئېچىلمايدىغۇ :@

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:00:46

ئېچىلىدۇ بىر كۈنى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:41:25

جىنلار بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەر پاراڭلىشالامدۇ ؟ قۇرئان ، ھەدىسلەردىكى ئادەملەر بىلەن جىنلار ئارىسىدىكى دىئالوگلارغا بايانلارنى سۆزلەپ بىقىڭلار

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:41:59

جىنلار بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەر پاراڭلىشالامدۇ ؟ قۇرئان ، ھەدىسلەردىكى ئادەملەر بىلەن جىنلار ئارىسىدىكى دىئالوگلارغا بايانلارنى سۆزلەپ بىقىڭلار

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:50:42

satuk يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 22:44 static/image/common/back.gif
يەنە بىر ياخشى تىما،  قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن مەن بۇ جىن ...

جىن ،شەيتان،دىۋە- بۇلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟‹؟  

superstar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 17:07:59

جىنلار خەنسۇچە بىلەن ئۇيغۇرچىنى ئارىلاشتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ. ئارىلاشتۇرۇپ بەت توشقۇزۇپ ماقالە يازىدىغان سەرخۇش داھىدەك

superstar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 17:08:06

جىنلار خەنسۇچە بىلەن ئۇيغۇرچىنى ئارىلاشتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ. ئارىلاشتۇرۇپ بەت توشقۇزۇپ ماقالە يازىدىغان سەرخۇش داھىدەك

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 17:34:06

ئالۋاستى دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن
لېكىن جىننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىمەن، جىن  نىڭ ماددىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى نامەلۇم، بىراق جىن  ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىغا كىرىپ ئادەمنىڭ سەزگۈلىرىنى،  ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلالايدۇ
ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى، بەدىنى ئاجىىزلاپ كېتىش، ئىمونىت كۈچى تۆۋەنلەش جىننىڭ ئادەم بەدىنىنى كونتىرول قىلىشىغا  پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 17:34:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-7 17:39  

ئادىل مۇئەللىمنىڭ ئىزدىنىش رۇھىغا تەشەككۈر،خۇسۇسەن كەمىنە پېقىر ئادىل مۇئەللىم بىلەن بۇ ھەقتە يۈز تۇرانە پىكىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رۇھ، دىن ،سىياسىي،رېئال تۇرمۇش  ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان  بارىلىق قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن.

hanjar330 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 23:17:19

qutyar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 03:04 static/image/common/back.gif
بىر ئادەم ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئىسم ...

مەندىمۇ  مۇشۇۇنداق قېتىپ قالدىغان ئىش  بەك تولا يۈز بېرىدۇ ،لىكىن مەندىكىسى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدىلا يۇز بىرىدۇ . قانداق ئىشتۇ بۇ زادى.  بەزىدە شۇقېتىپ قاغانچە ئوغۇنالماي قالارمەنمۇ  دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.:(

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 00:50:20

بىزنىڭ مەھەللىدە بىر ئادەم بار ئېغىزى قىڭغىر، لەقىمى مەخمۇت كالچۇڭ.(ئۆزگەرتلىگەن ئىسمى)
باشقىلارنىڭ دەپ بېرىشچە بىر كېچىسى مەخمۇت كالچۇڭ يولدا كېتىپ بارسا ،ئاپئاق بىر تېكىمۇ، ئۆچكىمۇ ھېلىقى يوغان پودىقى بار ھايۋان تۇرغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن مەخمۇت كالچۇڭ ئادە كۆرمىگەندىكىن ئۆيگە ئەكىتەي دەپ مۈرسىگە ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئۆيىگە بارغۇچە ئۆچكىنىڭ پوردىقى مۈرسىگە پېتىپ كېتىپتۇ، ئاچچىقىدا ھەجەپ پودىقى يوغان ئۆچىكەن بۇ دىيشىگە ئۆچكە قوپۇپ، داداڭنىڭكىدەك بارمىكەن دىگەن گەپ.:lol:lol:lol مەخمۇت كالچۇڭ ئاھ خۇدا بۇ نېمە ئىش دەپ بولغىچە ،ئۆچكە ئېغىزىغا بىرنى تېپىپ يوقاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ ياقى بۇ ئادەمنىڭ ئېغىزى خېلى ئوبدانلا قىڭغىر. خېلى-باخشى-پېرخونلارغا ئوقۇتۇپ باقسىمۇ پايدىسى بولماپتۇ.

مېنىڭ دادام(ئاتامنىڭ ئاتىسىنىڭ ئاتسى) بىر كېچىسى تۇم قاراڭغۇدا كېتىپ بارسا ،يولدىن داقا-دۇمباق،ناغرا -سۇناي، دىجى-پىجى:lol ئوينىغاچ نۇرغۇن ئاتلىق ۋە پىيادە ئادەملەر كېلىۋاتقۇدەك، دادام قورقۇپ كېتىپ بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا كىرىپ يېتىۋاپتۇ، دادامنى بۇلارنىڭ ئاتامانى كۆرۈپ قېلىپ ،شۇنچە قورققان ئادەم ئۆيۈڭدە ياتساڭ بولمامدۇ دەپ كەتكۈدەك. بۇنى ئاتام دەپ بەرگەن ئۇنداقلارنى بۇرۇن ئۆتكەن-ئۆتكەن دەپ ئاتايدىكەن.

بىزنىڭ مەھەللىدە بىر ئادەم قۇغۇن تېرىپتۇ، قوغۇنلىرى راس ئوخشىغاندا قوغۇنلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا كارۋاتتىن بىرىنى قويۇپ قوغۇنلىرىنى باقماڭچى بوپتۇ، بىر كۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا 20 مېتىر نېرىدىكى سۇ قويغان ئېتىزلىقتا تۇرغۇدەك ، ئىككىنچى كۈنمۇ شۇ يەردە تۇرغۇدەك ، ئۈچنچى كۈنى پىچاقتىن بىرنى ئېلىپ ئۇخلىماي ياتسا 4 ئادەم كېلىپ كارۋاتنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. ئاچچىقىدا بىرسىنىڭ پاتىڭىدىن تۇتۇپ چېچىنى كېسۋاپتۇ. 4 قېچىپ كېتىپتۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ ھېلىقى چېچىدىن ئايرىلغان جىن چېچىمنى قايتۇرۇپ بەر دەپ نەچچە كۈن يالۋۇرۇپتۇ. ھەمدە بۇ ئادەمنڭ جەتتە-جەمەتىگە قەتئىي چېقىلمايدىغان بولۇپ ۋەدىنامەدىن بىرنى يېزىپ بېرىپتۇ.:funk: شۇنىڭ بىلەن چېچىنى بېرىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا جىن-ئالۋاستىلار چېچىدىن ئايرىلىپ قالسا زادىلا بولماسمىش.
بەت: 1 [2] 3 4
: (كارىزى) ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى