lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 00:54:27

مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇمايلا ئىنكاسلارغا قاراپ ئاڭلىغانلىرمنى يازدىم.
ئەدەبىياتتا تالانتىم بولمىغاچ تازا لوگىكلىق يازالمىدىم، ئەدەبىياتقا ھۆددىگەر پىرلىرىم بىر قوشۇق قېنمدىن كەچكەي.:lol

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 01:00:43

مەنمۇ بىر كۈنى يېرىم كېچىدە كوچىدا كېتىۋاتسام ، ئالدىمدا ئېگىزلىكى 2مېتىر50 ، توغرىسى 1مېتىر50 كېلىدىغان بىر ئادەم .، تەرەكتۇردىن بىرنى مۈرىسگە ئارتىپ ، يۈگۈرەپ كېتىپ بارماسمۇيائاللا پىرىم بۇ قاندق ئىنساندۇر دەپ توۋلىشمغا -تەرەكتۇرنى يول بويىدىكى ئۆگىزىگە چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.(مۇشۇنداق ئىشى ئويلىغاندىكى ئىككى مىنۇتلۇق سىن كۆرۈنۈشى). :lol:lol:lol

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 09:40:31

Sahibkiran يوللىغان ۋاقتى2014-6-7 16:50 static/image/common/back.gif
جىن ،شەيتان،دىۋە- بۇلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟‹؟

جىن،شەيتان ئىككىلىسى شۇ جىننىڭ ناملىردىن، شەيتان ئەرەپچە گەپ بولۇپ جىنلاردىن بولغان ئاسى كاپىر ئىبلىسقا بىرىلگەن نام مەنىسى بوزۇق ئىشلارغا بويرىغۇچى كاتتىباش دىگەن مەنىدە، دىۋە ئوتنىڭ تۇتىنىدىن يارتىلغان بۇلار جىنلارغا ئوخشاش ئۇچامايدۇ لىكىن ئوزگىرەلەيدۇ، گەۋدىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، كىچىكلىرى ئىككى قەۋەتلىك بىنادەك چوڭلىرنىڭ بويى پەلەككە تاقىشىدۇ بۇلار ئاساسەن ئادىمىزات قەدەم باسىمايدىغان چول -جەزىلەردە ياشايدۇ، بەزىلىرى تاساددىبى ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان جايلارغا كىلىپ قىلىپ ئادەملەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدۇ،جىنلار بولسۇن، دىۋىلەر بولسۇن ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن پاراڭلاشقىلى بولىدۇ، مەن ھەر ئىككىلىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باققان، ئۇ ئىشلارنى مىڭ بىر كىچە چوچىكىدەك سىرلىقلاشتۇرۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم ئۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇقمۇ ئەمەس.

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 10:03:34

تىما ئىگىسى نىمە ئىش قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ ما سۇئاللارغا جاۋاب بەرمەي...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 10:24:33

ئىسلام دىنىنىڭ قاراشلىرى ھەققىدىكى نۇرغۇن جايلار خاتا بوپتۇ.
مەسلەن : جىنلار سۆڭەك يىمەيدۇ، سۆڭەكنىڭ ئەسلى جىننىڭ ئوزۇقى ئەمەس. پەقەت ئىنسانلار پاكىز يىگەن گۆشتىن قالغان سۆڭەك جىنلارنىڭ قولىغا گۆشلۈك سۆڭەك بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا تاھارەت قىلغاندا سۆڭەك بىلەن ئېيتىش چەكلەنگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 11:37:58

satuk يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 09:40 static/image/common/back.gif
جىن،شەيتان ئىككىلىسى شۇ جىننىڭ ناملىردىن، شەيتان ئە ...


بەزىدە شۇنداق تاتلىق خىيال قىلىمەن .   مەنمۇ شۇنداق پاراڭلىشالىسامئۇلار مېنىڭ گىپىمگە كىرسە ،بىر بۇيرۇق قىلسام   ئەتراپىمدىكى نۇرغۇنئىتلارنىبىر بىرلەپ جايلىۋەتسە ، ......... چوشقىلارنىڭمۇ ئەدىپىنى بىرىپ يىراق يىراقلارغا قوغلاتقۇزىۋەتسەم.


تەپسىلىيراق سۆزلەپبەرمەمسىز ، قانداق پاراڭلاشتىڭىز ، ئۆزىنى كۆرەلىدىڭىزمۇ ، ھازىرمۇ ئالاقە قىلىۋاتامسىز . سىزمۇ مەندەك ئويغا كەپباقتىڭىزمۇ .

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 12:25:34

مەن بالىلىق ۋاقتىمدا بەك كۆپ ئويلايدىغان جىنلارنىڭ چېچىنى تۇتۇۋېلىپ، نۇرغۇن ئىشلارغا سالسام دەپ ئويلايىتتىم.

Kumandan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 12:29:40

جىنغا يۇلۇقۇپ قالىدىغان ئىشلار جىق ئىكەنغۇ ،مېنىڭ ئاكاممۇ مەلۇم ئىش تۈپەتلى ، بەك يىراقتىكى بىر چاڭگاللىقتا يالغۇز يېتىپ قالغان ، يېرىم كىچىدە بىر نەچچە تونۇش ئادەمنىڭ ئاۋازىدا جىن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىغانلىقىنى ئاتامغا سۆزلەپ بەرگەن ، بۇۋاق بالا كارۋىتىمنىڭ ئاستىدا بەك قاتتىق يىغلىدى ، دېگەن ئىدى ، ئاتام چاقىرىغان بولسا ھە ئە دەپباقساڭمامدۇ ، دېۋىدى ، ئاكام ھە ئە دېدىم ، ئەمما يەنە توختىماي چاقىردى ، ياڭخونى سۈرۈپ ئوتنى ئىگىز كۆتۈرۈۋىدىم ئاخىرى يۇقىدى ، دېگەن ئىدى . يەنە بەزەن تەقۋادار يالغان ئېيتمايدىغان ئادەملەرنىڭ جىنغا يۇلۇققانۋەقەلەرنى كۆپ ئاڭلىغان .

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 13:07:07

satuk يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 09:40 static/image/common/back.gif
جىن،شەيتان ئىككىلىسى شۇ جىننىڭ ناملىردىن، شەيتان ئە ...

ساتۇق ئەپەندى ، سىزنىڭ بۇرۇنقى ئىنكاسلىرڭىزدىنمۇ بىلگەندىم ، مۇشۇ توغۇرلۇق تەپسىلىرەك بىر يازما يازمامسىز

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 15:47:02

satuk يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 09:40 static/image/common/back.gif
جىن،شەيتان ئىككىلىسى شۇ جىننىڭ ناملىردىن، شەيتان ئە ...

رەھمەت .سۆزلىشىپ باققانما ؟؟ تەپسىلىرەك دەپ بەرمەمسىز ئەمدى .جىندىن خوتۇنى بارمىش بەزىلەرنىڭ ،شۇنداق گەپلەرنىڭ ئاساسى بارمۇ ؟جىنلار قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغاندۇ ؟

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 17:52:14

بىر ھۆرمەتلىك ئاكىمىز بار ئىدى ، داخانغا داۋالانغىنى كەلگەنلەرنى ئەيىپلەپ تىللايدىغان ، غورورلۇق ياخشى ئادەم ئىدى .تەقدىر قىسمەت بىلەن قىزى ئاجىز تۇغۇلۇپ قالدى ، سۆزلىيەلمەيدۇ ، ئاڭلىيالمايدۇ ، تەرىتىنى كونتىرول قىلالمايدۇ . خوتەن مىللى تىبابەتتىن ئۈرۈمچى تىببى ئۈنۋېرستىت دوختۇرخانىسىغىچە ھەممىگە ئاپپاردى ، ئىقتىساتتىن ئايرىلدى ، يەرلىرىنى سېتىپ تۈگەتتى ، داۋالاشنىڭ ھىچقانداق ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى . ھازىر تاساددىبى ساقىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئاڭلىغانلىكى داخانغا بېرىۋاتىدۇ ، بالا دەردى يامانكەن .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 22:08:18

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 10:24 static/image/common/back.gif
ئىسلام دىنىنىڭ قاراشلىرى ھەققىدىكى نۇرغۇن جايلار خاتا ...

_ سۆڭەكتە گۆش قالدۇقى قالسا جىنلار ئولىشىدۇ- دەيدىغانتى كونىلار.

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 23:48:17

tirkax يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 11:37 static/image/common/back.gif
بەزىدە شۇنداق تاتلىق خىيال قىلىمەن .   مەنمۇ شۇنداق پ ...

مەنمۇ سىزدەك ئويغا كىلىپ باققان،سوزلۇشۇشۇش ئادەتتە جىن كىرۋالغان ئادەملەرنىڭ ئىغزى بىلەن بولىدۇ يەنى جىنلار كىرۋالغان ئادەمنىڭ تىلى بىلەن سوزلەيدۇ،بىراق بۇنى بىمار ئەسلا سەزمەيدۇ،كوپىنچە ئەرلەردىن ئايال جىن،ئاياللاردىن ئەر جىن چىقىدۇ، كوپىنچە مەقسەت ئاشقلىق ياكى جىنكەشنىڭ باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سىھىر قىلىشىدىن كىرگەن بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىستش، سويتۇش مەقستىدىكى ۋە ياكى ئوچ ئىلىش مەقسىتىدىكى سىھىرنىڭ تەسىرىدىن كىرگەن بولىدۇ.

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 00:08:26

tamqa1 يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 13:07 static/image/common/back.gif
ساتۇق ئەپەندى ، سىزنىڭ بۇرۇنقى ئىنكاسلىرڭىزدىنمۇ بىل ...

مەنمۇ مۇشۇ ئىش توغرىسىدا بىر تىما يازماقچى ئىدىم، تىمىنى كارىز ئەپەندىمدەك مۇكەممەل، چۇشۇنۇشلۇك يازالماي قىلىپ پىتنىگە سەۋەپچى بولۇپ قالماي دەپ يىزىشتىن ۋاز كەچتىم ئۇنىڭ ئۇستىگە، ئىلگىركى بىر نەچچە دىن توغرىسىدىكى تىمامغا ياخشى بولمىغان ئىنكاسلار ۋە كەمسىتىشلەر ھەتتا شەخسىيتىمگە ھاقارەت قىلغۇچىلار بولدى، بۇ ئىنكاسلار مىنىڭ تىما يىزىش قىزغىنلىقىمغا قاتتىق زەربە بولدى، شۇڭا تىما يازماي تىما كوروش ۋە ئىنكاس يىزىش بىلەن كۇپايلىنىشنى توغرا تاپتىم.

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 15:11:57

Birzat@«جىن ۋە ئارھات» دىگەن كىتابتا، سىز قىزىقىدىغان مەزمونلار باركەن. تاپالىسىڭىز ئوقۇپ بېقىڭ!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 15:53:19

مايكارىز ئەپەندۇم، مىنى ۋېيشىنغا قۇشۇۋەتسىلە گەپ بارىتى

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 16:11:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-11 16:12

جىن چاپلاشتى دىگەن گەپ ،ھازىرقى نېرۋا ۋە پىسخلوگىيە ئىلمىدىكى‹‹精神分裂》(نېرۋابۈلنۈش) دىگەن ئۇقۇم بىلەن ئورتاقلىقى بارمىكى دەيمەن ...
   مىنىڭ چۈشەنچەمدە    بۇ كىسەل ، يۇقرى دەرجىلىك نېرۋا سېستىمىسىبىر قانچىگە بۈلنۈپ كىتىپ ، بىريەككەتەننى بىرقانچەبىنورمال نېرۋا تەڭ باشقۇردۇ .... زاغراتىلمىزدا ئېيتساق تەن بىر روھ بىرقانچە ...


مەسسلەن :ئۈزىگە ئۈزى گەپ قىلىش ، كەيپىياتى ۋە ھەركىتى تۇراقسىز بۇلۇش.... دىگەندەك ، ئەممادۇئاخاننىڭ بۇ كىسەلنى ئۇقۇپ ساقايتىقنىيۇقارقى قارشىمغا زىتراق كېپ قالامدۇ قانداق .... ئەممامەن ساراڭنى ئۇقۇپ ساقايتىۋەتكەن دۇئاخان ياكى دۇئاجاننى كۈرۈپ باقماپتىمەن

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 16:14:34

lutpulla يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 01:00 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر كۈنى يېرىم كېچىدە كوچىدا كېتىۋاتسام ، ئالدى ...

ياپىرىم دىسەمئاففاق خۇجام چىقىپ قۇتقۇزۋالدى دىسىڭىز تېخمۇ قاملىشاركەن :lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 16:23:32

windows100 يوللىغان ۋاقتى2014-6-7 00:06 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ بۇ يەردە خەنسۇ موللىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىدۇ.مەن...

چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە ئاقسۇنىڭ بۇرنى نامى ئەردەۋىل ئىكەن ، ھازىرقى زامان تىلدىكى يەشمىسى دىۋىلەر ماكانى ئىكەنمىش ،،،، بۇ گەپنىڭ كىلىش تارخىغا ئائىتيەنە: بۇرۇن ئاقسۇدا ناھايتى يىرگىنشىلىك كىسەل تارقىلىپ بۇلار باشقا يۇرتلارغا قېچىپ باغان ئۇلارنىڭ چىرايى بەدبەشىرە بۇلۇپ باشقىلار ئۇلار كەلگەن يۇرىت ئاقسۇنى ئەردەۋىل دەپ ئاتىغانمىش ....


ئۆز قۇلاقتا ئاڭلىغان راسچۆچەك ( ئۆزەمنىڭ قۇلقى )

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 16:33:02

lutpulla يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 00:50 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ مەھەللىدە بىر ئادەم بار ئېغىزى قىڭغىر، لەقىمى م ...

سىزنىڭ دىگەن بۇ ھىكايەپۈتۈن ئۇيغۇرغا ئورتاق بولغان ھىكايە. مەن 20 نەچچەناھىيەنىڭ ئوخشىمىغاجايلىردىن كەلگەن كىشلەردىن مۇشۇ ھىكاينى ئاڭلىغان ، ھەممىسنىڭ مەزمۇنى بىرقېلىپقاسالغاندەكلا   ئوپمۇ ئوخشاش.


مەن بۇ ھىكايىگە ‹‹ ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى››نىڭئايىرلماس بىرقىسمى دەپ يەكۈن چىقاردىم
بەت: 1 2 [3] 4
: (كارىزى) ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرى