Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 14:46:43

مەن ۋە «مەن» (بىگان)

                                                                      مەن ۋە «مەن»
-سەن كىم ؟
-مەن سەن شۇغۇ ؟
-ياق ،سەن ئەمەس ،سەن باشقا بىرى ،ماڭا تولىمۇ بىگانە سەن
-بەلكىم،ئەمما ھەقىقەت شۇكى  مەن سەن شۇ ،سېنىڭ بىر قىسمىڭ
-ياق ياق ،سېنىڭ ئىسمىڭمۇ ئۆزگەردى ،سۆزۈڭمۇ ئۆزگەردى ،ئىشلىرىڭمۇ ئۆزگەردى ،سەن ئەمدى مەن ئەمەس
-مەن پەقەت سەندىن ئايرىلدىم ،بەلكى مەن سېنىڭ ھايات چەمبىرىكىڭدىن چىقىپ كەتمەكچى خالاس ،بىراق نىمىلا قىلاي ،ئىككىمىز بۇرۇن قېيىن كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزدۇق ،گەرچە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ نىشانى غۇۋا بولسىمۇ ...روھىمىز ئوخشىمىغان بىلەن بىر تەندە ياشىغان بىز ،ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟
-ياق !يالغان ئىيتما !مەن سېنى تونۇمايمەن !سەن بىلەن قانداقمۇ بىر تەندە بولاي ؟!
-يالغان ؟مەن سەندىن ئايرىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ يالغان سۆزلەشنى توختاتقان تۇرسام قانداقمۇ يالغان سۆزلەي ؟يالغان سۆزلەپ نىمىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولاتتى ؟ھەممە ياراتقان ئىگىمىزگە قۇياشنىڭ نۇرى يەر زىنىننى يورۇتقاندەك يورۇق ھەم ئىنىقتۇر !
-مەن خۇش پىئىل ،شوخ ،قابىلىيەتلىك ،ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ،كەلگۈسىم پارلاق ،توختاۋسىز ئۆزلىكىمدىن تېرىشىۋاتقان،ھەممىنىڭ ئىتراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۋاتقان ئىنسان ئىدىم ،ئەمما سەندە بۇلارنىڭ ھىچنىمىسى يوق،مەن سەندىن ئىزتىراپ ،غەم -ئەندىشە ،كۆڭۈلسىزلىك ،بىئاراملىق ،ئازابتىن باشقا ھىچنىمىنى كۆرمىدىم .
-...
-مېنى ئاتا ئانام ياخشى كۆرەتتى ،قوللايتتى ،ھىچقاچان تاللىشىمغا قارشى چىقمايتتى ،مەنمۇ ئۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقمايتتىم ،ئەمما سەنچۇ ؟ئاتا ئاناڭنى قاقشاتتىڭ !ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىڭ !ئۆزۈڭنىڭكىنى راست قىلدىڭ !ھەتتا نەچچە قېتىملاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچىمۇ بولدۇڭ !مەن سەندەك ۋاپاسىزنى تونۇمايمەن !
-...
-نۇرغۇن كىشلەر ماڭا ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلاتتى ،مېنى ياخشى كۆرەتتى ،مېنى ماختايتتى ،مەندىن پەخرلىنەتتى ،ئەمما سەندىنچۇ ؟ كىملەر سېنى ياخشى كۆردى ؟كىملەر ساڭا ھەۋەس نەزىرى بىلەن قاراپ باقتى ؟كىملەر سەندىن پەخرلىنىدۇ ؟ھەتتا ئاتا ئاناڭمۇ سەندىن رازى ئەمەسلىك ئۈستىدە شىكايەت قىلىشىپ بولدى.ئەتراپىڭدىكىلەر سېنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ ،ئۇلار ئىنسانچىلىقتا بەزى ئىشلارغا يۈز كەلتۈرەلمەي سەن بىلەن ئارلىشىپ يۈرمەكتە ،ئۇلار قورقۇنچاق ،ھەقىقي ھىسياتىنى ئاشكارە ئىيتالمايدۇ ،سەن بولساڭ ئۆزەڭنى بەزلەپ ئۆتمەكتىسەن.بىچارە ئىنسان قاچانغىچە ئاشۇنداق ياشىماقچىسەن ؟شۇڭا دېدىمغۇ مەن سېنى تونۇمايمەن!
-سۆزلەپ بولدۇڭمۇ ؟
-نىمە ؟
-سۆزلەپ بولدۇڭمۇ دەيمەن ؟
-نىمە دىمەكچىسەن ؟
-سۆزلەپ بولغان بولساڭ مەن سۆزلەيمۇ ؟
-قېنى سېنىڭ ئۆزۈڭنى بەزلىگىنىڭنى ئاڭلاپ باقاي،سۆزلە
-بەلكىم ئىشلارنىڭ بۇنداق بولۇپ كىتىشىنى ،ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگىرىپ ھازىرقى مەنگە ئايلىنىشنى  سەنمۇ بىلمەس بولغىيتتىڭ .توغرا ،بىلمەيسەن ،غەيىبنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ .مېنى ئەيبلەشكە ئۇرۇنما ،چۈنكى سەندە سالاھىيەت يوق !
-سەن ؟!...
-ھەقىقەتەن شۇنداق ،ئەسلى ئۆزىنى بەزلەۋاتقان ئىنسان سەندۇرسەن .
-نىمە ؟!مەن ؟!
-خۇش پىئىلىڭ ياتلاردىن ھىچكىمنى ئۆزۈڭگە تارتالمىدى ،ئەمەلىيەتتە ئۇ مەۋھۇم تەبەسسۇم ،مەۋھۇم چىراي ئىدى .شوخلىقىڭ پەقەت ئۆزۈڭنىڭ تېرىشىپ باشقىلارنى ئۆزۈڭگە قارىتىشلا ئۈچۈن ئىدى .قابىلىيەتلىرىڭ شەيتاننىڭ ھۈنىرى خالاس ،ئۇ پەقەت نۇرغۇنلىغان شەيتاننىڭ دىپىغا ئامراق كىشلەرنى ئەتراپىڭغا يىغىش ئۈچۈن ئىدى .سەن يىغىلغان كىشلەرنى ئۆزۈڭنى ئىتراپ قىلىدۇ دەپ ئويلايتتىڭ .ئەنە شۇنداق ئۆزۈڭنى ئالدايتتىڭ .ئەمەلىيەتتە ئەشۇ يىغىلىشقان كىشلەر سېنىڭ ئويۇنىڭنى كۆرۈپ بولۇپ ،ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئىلىپ بولۇپ تارقىشاتتى ،سەن بولساڭ ئۇلارنىڭ خىيال دۇنياسىدا بۇلۇتتەكلا تاراپ كىتەتتىڭ .ئەنە شۇلار سەن دىگەن ئىتراپ قىلىش ،سەن دىگەن كەلگۈسى پارلاق يولمۇ ؟!
-...بۇ ...سەن ئويلىغاندەك ئەمەس ...
-ئاتا ئانام ھەقىقەتەن سېنى ياخشى كۆرەتتى سەندىن پەخرلىنەتتى ، قوللايتتى ،ئۇلار ساڭا مىھرى مۇھەببەت بىلەن قاراپ كەلگەنىدى ،ئەمما سەن نىمە قىلدىڭ ؟قەلبىڭنىڭ كورلىقى ،دىلىڭنىڭ گاسلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ مۇھەببەت خىتابلىرىنى ئاڭلىمىدىڭ ،كۆرمىدىڭ !سەن مىھر-مۇھەببەتنى ياتلاردىن ،سىرتتىن ئىزدەشكە ئۇرۇندۇڭ ،ئائىلەڭدىن ئۈمۈد ئۈزدۈڭ ،دوست -يار دەپ يۈردۈڭ ،ئەمما دۇنيالىق دوست قانداق بولماقچىتى ؟سەن ھامان يالغۇز قالدىڭ .
-بولدى سۆزلىمە ...
-راست ،ساڭا ھەۋەس قىلغانلار بولغان ،ھەسەت قىلغانلارمۇ بولغان ،ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىمۇ سەندىكى نىمىدىن ھەسەت ۋە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىشمىسە كىرەك .ئۇلارنى ئالدىڭدا ماختايتتى ،كەينىڭدە بولسا سېنىڭ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىڭ ئۈستىدە غەيۋەت شىكايەتلەر قىلىشاتتى .سەندىن پەخرلىنىشى پەقەتلا سەن ئۇلارنىڭ مەلۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشقا ياراپ قالغىنىڭدىنلا ئىدى .ياخشى كۆرۈش دەپ قالدىڭ ،ئۆزۈڭدىن سوراپ باقاي ،كىملەر سېنى ھەقىقي ياخشى كۆرۈپ باقتى ؟كىملەر ياخشى كۆرۈپ باققان ؟ھالبۇكى ئۇلار سېنى ھەزىل ئوبىكتى قىلىۋالغان ،ئۇلار سېنىڭ ئويۇنىڭنى ياخشى كۆرىدۇ ،سېنىڭ مات بولۇشىڭنى ،سېنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قىلىشىڭنى ياخشى كۆرىدۇ ،سېنى ئەمەس !دەپ باقە ؟ئەجىبا شۇنداق ئەمەسمۇ ؟!
- بولدى ...ئاڭلىغۇم يوق !ئاڭلىمايمەن !
-ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بالىلىق دەۋرىڭدىكى سېنى تەستىقلىغان ،ساڭا يىقىنلىشىشنى ئىستىگەن ،گەرچە گۆدەك بولسىمۇ دوست دەپ قاراپ ساڭا قولىنى سۇنغان ،گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ھىس قىلالمىغان بولساڭمۇ ،ئەنە شۇ بالىلقتىكى دوستۇڭ بىلەن ئۇچراشتىڭ .بۇ ئۇچرىشىش مېنىڭ سەندىن بۈگۈنگە ئۆزگىرىشمگە سەۋەب بولدى .ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈڭ .ئۇنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ،خۇشخۇيلىقى ،ھىچقاچان باشقا بىرى ساڭا ئەزەلدىن  قىلىپ باقمىغان قېرىنداشتەك يىقىنچىلىقى سېنى تەسرلەندۈردى .ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەقۋالىقى ،گەپ سۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكى سېنى مەھلىيا قىلىۋالغانىدى ،بىر تۇرۇپ ھەۋەس قىلاتتىڭ،بىر تۇرۇپ ھەسەت قىلاتتىڭ .بىرقانچە كۈن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشلەرنىڭ ،دوستلىرىنىڭ ،قېرىنداشلارىنىڭ كۆپلىكىنى،ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سەزدىڭ .شۇ چاغدىلا ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر بىچارە ،ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان مەجرۇھ ئىنسان ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىڭ .ئەقلىڭنى بىلگەن نەچچە ئون يىلنىڭ بىھۇدە ،غۇۋا ،قاراڭغۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ،ئاتا ئانا مىھرىگىمۇ  ۋاپا قىلالماي ئۆتۈپ كەتكىنىڭنى ھىس قىلدىڭ.ئازغۇنلۇققا ياشاۋاتقىنىڭنى سەزمەكتە ئىدىڭ .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش بولغۇڭ كەلدى ،بەلكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كىتىشنى كۆڭلۈڭگە پۈكتۈڭ .ئۇنى ھەم رىقابەتچىڭ ھەم بىردىنبىر ھاياتىڭنىڭ  ئۆزگىرىش  نۇقتىسى دەپ قارىدىڭ .دەرھەقىقەت سەن ئاستا ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدىڭ .ياق ،ماڭا ئۆزگىرىشكە باشلىدىڭ .ئىلىم ئىلىشقا باشلىدىڭ ،ھەرخىل مەزمۇندىكى ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدىڭ .ئاستا ئاستا كۆزلەرگە كۆرىنىشكە باشلىدىڭ .ئەمما سېنى يىڭى ھاياتنىڭ سىنىقى ئالدى بىلەن كۈتىۋالدى .ئەشۇ ئۇزۇن يىللار ئايرىلىپ قايتىدىن پەيدا بولۇپ سېنى يىڭى ھاياتقا باشلاپ كىرىۋاتقان ئىنساننى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ . بۇ ياخشى كۆرۈش ھەتتا ئاتا ئاناڭغا بولغان مۇھەببەتنى ھەم بېسىپ كەتكەنىدى .تەڭداشسىز مۇھەببەت دىڭىزىغا ئۆزۈڭنى ئاتتىڭ ،بارلىقىڭنى شۇ ئىنسانغا بىغىشلىدىڭ .مېنىڭمۇ گۆدەك ۋاقىتلىرىم ئىدى.مەن ئۇنى قېرىنداشلىق دەپلا قارايتتىم .ئەمما مەن بۇ قېرىنداشلىقنى ئۇنىڭغىلا قارىتىپ قويۇپتىمەن .ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداش بولۇشىنى خالىمايدىغان ،ئۆزۈمدىن باشقىغا قېرىنداشلىقنى سۇنمىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلاتتىم.سەنمۇ شۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ يولىغا قاراپ ،ئۇچۇرىغا قاراپ ،ساڭا ئەشۇ ھەدىسلەردە ئىيتىلغان گۈزەل سۆزلەر بىلەن قەلىب ئىزھار قىلىشىنى كۈتەتتىڭ.تېرىشاتتىڭ ،ئۇنىڭغا ھەتتا ئۆزۈڭنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنىمۇ ئىيتتىڭ .ئەمما چۈشىنىشمەسلىكلەر ،ئۇنىڭ ئەرزىيەتلىك كۈنلىرىگە توغۇرلانغان سېنىڭ تەنە ھۇجۇملىرىڭ بىلەن ئارلىقىڭلار يىراقلاشتى .ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيتتىڭ ،ئۇمۇ سېنى چۈشەنمەيتتى ،بەلكىم چۈشىنىشنىمۇ خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن .سەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپلاندىڭ ،ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنىڭ ئىتراپ قىلىشىنى كۈتۈپ ياشىدىڭ...
-ئەزبىرايى خۇدا ،ئەمدى داۋامىنى سۆزلىمىگىن !
-مېنى تونۇۋالغىن ،ئۆزۈڭنى تونۇۋالغىن !ھەقىقي ئۆزۈڭنى تونۇۋالغىن !
-ياق !مەن سەن ئەمەس ،سەنمۇ مەن ئەمەس ،ئىككىمىز باشقا باشقا بىز !
-بەلكىم شۇنداقتۇ ،ئەمما سەن بولمىساڭ ،مەنمۇ بولمىغان بولاتتىم ،ئاللاھنىڭ ھىدايەت زىياسى ساڭا چۈشمىسە مەنمۇ بۈگۈنكى مەن بولماستىم.
-مېنى نىمە قىل دەيسەن ؟!ئەمدى ئۇلارنى ئەسلىگۈم يوق .ئۇلار ... ئۇلار ساڭا تەئەللۇق ...مەن ...ھەممىدىن قۇرۇق قالدىم ...
-ياق !ئويلىغىن!سېنىڭ تولۇقسىز ،تولۇق ھاياتىڭدا قوغلاشقان دوستلۇقۇڭ ،تاكى شۇندىن بۈگۈنكى ماڭا قالدۇرغان دوستلۇقۇڭنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟ئۇ ھەر ئىككىمىزگە مەنسۇپتۇر. سەن ئۇنى ساقلاپ قالدىڭ ،مەن ئۇنىڭغا شېرىك بولدۇمغۇ ؟!ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟ئۇ ئۇزۇن يىللىق ساۋاقدىشىڭ ھەم قول بېرىشىپ ۋەدىلەشكەن دوستۇڭ تولۇقنى پۈتتۈرۈپ ئالي مەكتەپكە سەپەر قىلماقچى  بولغان ئاخشىمى ئۇنىڭ بىلەن دىيشىكەن گەپلەرنى پاك پاكىزە ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟!ئۇ كۈننى قانداقمۇ ئۇنتۇيسەن؟ئۇ كۈن ئۇنىڭ قولىنى ماڭا تۇتقۇزغان سەن ئەمەسمۇ ؟ئەسلىگىن  ،ئۇ نىمە دىگەن ئىدى ؟ ئۇ شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ بىر گۈزەل ھەدىس كۆرگەنلىقىنى ،ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن سايە كىشلىرى ئارىسىدىكى ئىككى دوستنىڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىيتمىغانمىدى ؟!قولۇڭنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ئاللاھتىن شۇنى ئۈمد قىلمىغانمىدى ؟شۇ ئارقىلىق سېنى ھەققە چاقىرمىغانمىدى ؟!توغرا ،سەن قوبۇل قىلدىڭ !ئەشۇ قىممەتلىك ،بىباھا دۇردانىلەرنى قەلبىڭگىلا ئەمەس ،مېنىڭ ھاياتىمغىمۇ پۈتىۋەتمىگەنمىدىڭ ؟!ئەجىبا ئۇنىمۇ ئۇنتۇدۇڭمۇ؟
-....ئۇ كۈننى قانداقمۇ ئۇنتاي ؟ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئاللاھقا تاپشۇرۇپ يولغا سالغان ئۇ ئايرىلىش قىيىن تۇيۇلغان كۈننى قانداق ئۇنتاي ؟!شۇنچە يىل بىرگە ئوقۇپ ،بىرگە يۈرۈپمۇ ئارلىقىمىزدا شۇنچە ئۇزاق ئارىلىق باردەك ھىس قىلاتتىم ،ئەمما ئۇ كۈنى ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قەلبىمگە  شۇ  قەدەر يىقىنلىقىنى تۇنجى قېتىم سەزگەن ۋاقتىم ،ھەقىقي دوستلۇقنىڭ،قېرىنداشلىقنىڭ مۇقەددىمىسىنى بايقىغان ۋاقتىم ئىدى...قانداقمۇ ئۇنتۇپ كىتەي ؟...
-ئۇ دەل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سېنى ياخشى كۆرگەن ئىنساننىڭ بىرىنجىسى ئىدى .ئەمما بىز ئۇنىڭغا قانائەت قىلمىدۇق ،ئۇنى يۇرتتدىشىڭ بولغان ،بالىلىقتىكى ئاداش بولغان ئىنساندىن ئىزدەيتتۇق.
-ئەمدى ئويلىسام ئەشۇ ئۇزۇن يىللىق ساۋاقدىـشىم ھەم قەدىناس دوستۇمغا زۇلۇم قىلىپ قويۇپتىمەن ،ئۇنىڭغا مىھرىمنى بىرەلمەپتىمەن ،ئۇنى تاشلىۋىتىشكە ئۇرۇنۇپتىمەن...مەن نىمىدىگەن ئاچكۆز ؟!نىمىدىگەن قانائەتسز ؟!
-ئۇنداق دېمىگىن ،ھەق يولغا قەدەم باسقان ئادەم تۇرۇقلۇق ،مەن قېرىنداشلىق ھەققىنى ئادا قىلالمدىم.مەن ئازدىم ،نېمىنىڭ تىخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم ،قەلىبنىڭ مايىللىقىنىڭ ئىنسان قولىدا بولمايدىغانلىقىغا پەرۋاسىز قاراپ ،شۇ بىر ئىنسان ئۈچۈن ۋاقتىمنى ،زىھنىمنى ،كۈچۈمنى زايە قىلىۋەتتىم ...مەن ئۆزۈمگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ زۇلۇم قىلدىم ،مەندەك سىتەمكار بارمۇ ؟!
-بىز ھەجەب ئوخشايدىكەنمىز ھە ،قىززىق ...
-ھاھاھا...شۇڭا مەن سەن شۇ ئەمەسمۇ ؟
-ئوخشاشلىق دىگەن ھەركىمدە ئاز تولا بولىدۇ
-ھىھىھىى...
-نىمىگە كۈلىسەن ؟
-سەن ئىككى ئىنساننى ھاياتىمغا باشلاپ كىردىڭ ،ئەمدى مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلىردىن ساڭا ئەسلەتمە بېرىمەن،ئاڭلاشنى خالامسەن ؟
-قىززىقمايمەن ،بولدىلا ...
-ئاڭلىساڭ چوقۇم ھەۋەس قىلىپ كىتەرسەنمىكىن ؟چۈنكى سەن ھىچقاچان ئۇنىڭغا ئىرىشىپ باقمىغان ،سەن موھتاج بولغىنىڭدا پەيدا بولۇپ ساڭا تەبەسسۇم قىلغان ،ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرىنى ھەمبەھىر قىلغان ،يۈزۈڭدە تەبەسسۇم جىلۋە قىلدۇرغان ،ھەققە تەۋسىيە قىلىپ ،ياخشىلىققا بۇيرۇپ تۇرغان ،خاتالىقىڭنى كەچۈرگەن ،باشتىن ئاخىرى قەلبىدىكى ئورنۇڭنى ئۆزگەرتمىگەن ... ئاشۇنداق بىر ئېسىل قېرىنداشقا ئېرىشىپ باقمىغانسەن ؟ئارزۇ قىلىپلا ئۆتتۈڭ ،نامازلىرىڭدا دۇئا قىلاتتىڭ ،بالىلىقتىكى ئۇنى دۇئا ئىجابەت بولۇپ يېنىڭغا كەلگەن دەپ قارايتتىڭ .ئەمما ھىس قىلدىمكى ،دۇئا ئىجابەت بولۇپ ئېرىشكەن بولسا مەن سۈپەتلىگەن ئاشۇ ئاللاھ سۆيگۈسى بىلەن ،رەسۇلىللاھ سۈننىتى بىلەن قەلبىنى بىزىگەن باشقا بىر ئىنسان ئىدى .
-...راستمۇ ؟
-گەرچە ئىنساننىڭ ئەرزىمەس ئىنتىزارلىقى ئىچىدە قىينىلىۋاتقان بولساممۇ ،ئەمما ئىماننىڭ لەززەتلىرىنى تېتىۋاتقان گۈزەل ۋاقىتلىرىم ئىدى. ۋۇجۇدۇم ئىمان مەنبەسىنىڭ  تەسۋىرلىگۈسىز قىزغىنلىقى بىلەن مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ،بىلگىنىمدىن زەررىچە بولسىمۇ يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدى كەينىمگە قارىماي ،ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى.بىر مەسىلە ئۈستىدە سوئال سوراش بىلەن غايىبتىن بىگانە بېرى پەيدا بولۇپ ،ئۇنى ماڭا چۈشەندۈرمەك ئۈچۈن پاراڭلاشماقچى بولدى .ئۇنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن بىلىملىك ،ئىستىداتلىق ،ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى ،ئۇنى تور دۇنيارىمغا قاتتىم.پات پات پاراڭلىشىدىغان بولدۇق ،پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بولۇشتۇق .كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان گۈزەل ھەدسىنىڭ روھىنى ئەمەكىيتى بىلەن يەتكۈزدى ،ئۇ دېدى «مەن سىزنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن .» بۇ گەرچە تۇنجى بىر كىشىنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بولمىسىمۇ ،ئەمما تۇنجى قېتىم بىرسىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن سىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن دىگەن سۆزنى ئاڭلىشىم ئىدى.شۇ چاغدا كۆزلىرىمگە ياش يۇقى قونغان بولۇپ ،خۇشاللىقتىن قىن قىنىمغا پاتماي قالغانىدىم .مەن جاۋابەن دېدىمكى«مېنى سىزگە ياخشى كۆرسەتكەن ئاللاھ سىزنىمۇ ياخشى كۆرسۇن ». ئۇ مەمنۇنىيەت ئىلكىدە ئۆزىنىڭمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ئىيتقانىدى.ئەشۇ دەقىقىلەر مېنىڭ يىڭى ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس ۋاقىتلار ئىدى .بىز تەتىلدە كۆرۈشۈشكە ۋەدە بېرىشتۇق .ئاللاھنىڭ پەزلى ،خاھلىشى بىلەن بىز زىمىننى پاكلىغۇچى يامغۇر يېغىۋاتقان كۈنى كۆرۈشتۇق .ئۇ تولىمۇ مەنىلىك ۋە ھاياجانلىق ئۇچرىشىش بولغانىدى.ئۇ مېنىڭ كىلىشىمنى ساقلاپ تۇرغانىكەن ،مەن كەلدىم .ئۇ كۈنلۈك تۇتقان ھالدا ماڭا قارشى يۆلىنشكە قاراپ تۇرغانىدى .ئۇنىڭغا يىقىنلاشتىم ۋە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم »دېدىم.شۇ ھامان ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى ۋە مېنى كۆرۈپ قولىدىكى كۈنلۈكنى تاشلىغان پىتى قۇچاق ئىچىپ كۆرۈشمەك بولۇپ كەلدى .مەنمۇ ئىككىلەنمەي ئۇنىڭ قېرىنداشلىق مۇھەببەتى بىلەن تولغان باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.ئەلھەمدۇلىللاھ ،كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۇنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ  گۈزەل ئەخلاقلىق ،خۇش پىئىل ،ئىلىمگە ھېرىسمەن ،ئىغىر بىسىق ۋە يىقىملىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .بىز بىرگە تاماق ئېتىپ يىدۇق ،ئۇ كاۋاپنى بەك ئوخشىتاتتى.ئۇ پىشۇرغان كاۋاپنىڭ تەمى ھازىرمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ ،تا ھازىرغىچە ئۇنچىلىك تەملىك كاۋاپنى يەپ باقمىدىم.بەلكىم ئۇ كاۋاپقا ئوتنىڭ مېھرىلا ئەمەس ،ئۇنىڭ ئەستايىدىل ۋە سەمىمىي مېھرىمۇ قېتىلغان بولسا كىرەك.ِبىز يەنە بىرگە دەرسمۇ ئۆگەندۇق .ئۆزۈمنى تولىمۇ خۇشال ۋە بىغەم ،كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالى قارايتتىم .ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر كۈنۈم مەنىلىك شۇنداقلا گۈزەل مۇھەببەتكە تولغان كۈنلەر ئىدى.بىز تېزلا چىقىشىپ نەچچە كۈن كۆرۈشمىسەك بىر بىرىمىزنى سېغىنىپ قالىدىغان ئامراق دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق .ئوقۇش ۋەجى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ توردا بولسۇن ياكى تىلفۇندا بولسۇن ئۇزاقتىن ئۇزاق پاراڭلىشىپ كىتەتتۇق .ئىشقىلىپ ھەر ھەپتە دىگۈدەك ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق .ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم  ،ھەتتا جېنىمدىن ئەزىز قارايتتىم ،ئۇنى تەستىقلايتتىم ،ھىچكىم مېنى ئۇنىڭدەك قايىل قىلالمايتتى .ئۇمۇ ماڭا شۇنچىلىك ئامراق ئىدى .ئاستا ئاستا ئەسلى مۇشۇ دوستۇمنىڭ سەن دۇئالىرىڭدا تىلىگەن قەلبىڭنى چۈشىنىدىغان ،ساڭا ھەمدەم بولىدىغان ،ئاسرايدىغان ،كۆڭۈل بۆلىدىغان ،ساڭا ياردەم قولىنى سۇنىدىغان ،كۆڭۈلسىز بولساڭ كۆڭلۈڭنى كۆتىرىدىغان ،سېنى ھەقىقي ياخشى كۆرىدىغان دوست ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇنكى ،ئۇ دۇئالىرىڭنى ئىجابەت قىلدى ،بىزنى يورۇقلۇققا چىقاردى ،قەلىبلىرىمىزنى ھىدايەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇردى .سەن تىلىگەننىڭ ھەممىنى بەردى .ئەلۋەتتە مەن ئۈمد قىلغان ئىشلارمۇ بولدى ھەم بولماقتا .گەرچە خاتا قەدەملەر خاتا ئىشلار بىلەن ئۆزۈمنىڭ يولىنى توساقلار بىلەن كىشەنلەپ قويغان بولساممۇ ...
-ھەممىسى مېنىڭ ئازغۇنلىقىمنىڭ سەۋەبىدىن سەنمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىڭ ...مەن ئەيىبلىك ...
-ئىنسان ئازىدىغان بولغاچقا گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ ،گۇناھ بولغاچقا كەچۈرۈم ۋە جازا بولىدۇ .شۇڭا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى تەۋبە قىلىشقا بۇيرىغان .مەن مۇھەببەتكە ئەڭ ئاجىز كەلدىم ،مۇھەببەت بىلەن سىنالدىم .بۇ سىناق ئاخىرى بېرىپ ئىنسانغا زىيادە مۇھەببەت بىغىشلاشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ،ئىنسانغا بۇ دۇنيادا بېرىلگەن بارچە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقىتلىق شۇنداقلا ئىنسانغا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى ،مۇھەببەت دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەسلى تەندىن ئايرىلغان روھ بىلەن بىرىككەن قەلبىي ۋە ھىسسىي ،مەۋھۇم ئەمما مەۋجۇد بولۇپ تۇردىغان، ئىنسان ھاياتىدىكى ھەممە تەشنا بولىدىغان ئاجايىب نىئمەت ئىكەنلىكىنى ، ھەم ئۇنىڭسىز ياشاشنىڭ بىمەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن مېنىڭ ھىدايەت تىپىشىمغا سەۋەب بولغان ئىنساننى زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكىم بارچە خاتالىقمنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىمدە ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى ،ئەشۇ  قاتمۇ قات مۇسىبەتلەر ھاياتىنى چىرمىۋالغان ،بىسىم ۋە يۈكلەرنىڭ دەستىدىن قېرىنداشلىرىغا ھال مۇڭ ئىيتىشقا ھەم ۋاقىت ئاجرىتالمىغان بىچارىنى شەخسىيەتچىلىكىم  ئۈچۈن تاشلىۋىتىشنى  كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.ئۇنىڭغا ھىلىھەم مېھرىم بولغاچقا ،شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ مېنىڭ قەدرىمنى بىلىشىنى ،شۇ ئارقىلىق ئازاپلاپ ،ئۇنى جازالماقچى بولدۇم .ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم ،ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بولغان قېرىنداشلىرىم بىلەنمۇ ئارلىق ساقلىدىم .ئىنىقكى مەن ئۇنى ئۇنتۇش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇلنى تاللىغان ئىدىم.خۇشال كۈنلىرىم ئەمدى بىرلا رېتىم بىلەنلا ئۆتمەكتە ئىدى .تۇرمۇش ،تۈرلۈك سەۋەبلەر ھەممە ئاستا ئاستا يىراقلىشىشقا باشلىدى .ئالدىراشلىق باھانە بولدى ،سالام سائەتلەر ئازلاشقا باشلىدى .بېسىمگە تۈرلۈك قېيىنچىلىقلار قېتىلىپ يەلكىلەرنى تاغدەك باسماقتا.ئەنە شۇنداق ياشىماقتا ئىدىم .ئەمما ھاياتتىن زارلىنىشىم يوق ،تاللىشىمدىن ھەم يېنىپ باقمىغان ئىدىم. ئۆزۈمچە كۈنلۈرۈم تولىمۇ تېنىچ ،تولىمۇ بەختسىزلىكتىن يىراق دەپ ئويلايتتىم .شۇنداققۇ ؟ ئاتا ئاناممۇ ئاخىرى مەندىن رازى بولدى ،مېنىڭ ئىلىم ئىلىشىمغا قارشى تۇرمايدىغان بولدى ،دۇئالىرىم ئىجابەت بولۇپ يىقىن دوست -قېرىنداشلارمۇ يان بىلىمدە رەت رېتى بىلەن تۇرماقتا .ئەمدى ساڭا ئوخشاش يالغۇز ئەمەسمەن ،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇم .ئەلھەمدۇلىللاھ ،ئاللاھ ھەممىگە يەتكۈزدى ،مۇشۇلار كۇپايە ئەمەسمۇ ؟
-سەن ھەقىقەتەن  بەختلىككەنسەن ...سەن ئۈچۈن خۇش بولىۋاتىمەن ...
-رەھمەت !سەنمۇ بەختسىز ئەمەس ،چۈنكى قەلبىڭ ھىدايەتنى قوبۇل قىلدى ،ئاللاھنىڭ نەزەر قىلىشىغا ئېرىشىش نىمىدىگەن بەخت ھە ؟!
-ھىھىھى...ئاللاھقا شۈكرى
-كۈنلىرىم ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋاتاتتى ، ھەق يولىغا كىرىشىمگە سەۋەب بولغان ئىنساننى تاشلىۋىتىپ ياشىماقتا ئىدىم .ئۇنىڭ ئىسمى ،ئۇنىڭ بارچىسىنى ئەسلىتىدىغان ھەممىنى تاشلىۋەتكەن ئىدىم.ئەمما بىر قېرىنداشنى تاشلىۋىتىشىم يىنىمدىكى قېرىنداشلارنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى ،ئۇلار ئەنسىرەشكە ،مەندىن ئەنسىرەشكە باشلىدى ،مېنىڭ شۇ سەۋەبلىك قىيامەتكە بىر ئىنساننىڭ ھەققىگە ھۇجۇم قىلغانلىق ،سۈننەتكە ئاشكارە قارشى چىققانلىق گۇناھىنى سۆرەپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان ئىدى.يەنى ئىككى قېرىنداش ئازارلىشىپ قالسا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قىيدىشىپ قالماسلىق توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ روھى بويىچە مېنىڭ ئۇ قېرىندىشىمدىن ئۇنچە ئۇزاق قىيداپ ،كەچۈرۈشنى خالىماي ئۆتۈپ كىتىشىم توغرا ئەمەستى.بۇنى بىلىپ تۇراتتىميۇ ،ئەمما ئۆزۈمنى زورلاپ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلغۇم كەلمەيتتى،ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇراتتىم .بىراق ھاياتىمغا تامغىدەك بېسىلغان ئۇ ئىنساننىڭ قايتىدىن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىشىنى ئۈمۈد قىلمىساممۇ ،تەقدىرنىڭ كۆرۈشتۈرۈشى ھامان پەۋقۇلئاددە .قېرىنداشلىرىمنىڭ بىز ئىككىمىزنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ھامان ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى سىزىپ تۇراتتىم ،بىرى قىلمىسا چوقۇم بىرى قىلاتتى . ئەمما كىممۇ ئۇلارنىڭ رۇخسەتسىزلا بىر قېتىملىق ئىزتىراپلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا تولغان ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىلسۇن ؟ بىز يەنە كۆرۈشتۇق ،ئۇنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇراتتى ،قولىنى بېرىپ كۆرۈشتى ،قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇقيۇ ئەمما ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم ،كۆزلىرىمنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قاچۇردۇم ،ئۇنىڭغا يۈزمۇ يۈز بولۇشتىن خىجىل بولدۇممۇ ياكى ئاشۇ ھەرىكەتلىرىمنى ،سۆزلىرىمنى قوپال ۋە مۇئامىلەمنى سوغۇق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان شەخسىيەتچىلىكمۇ ،ئىشقىلىپ بىئاراملىق ھىس قىلماقتا ئىدىم .ئۇنىڭغا ناگان ناگاندا نەزەر تاشلاپ قوياتتىم ،چىرايى ھارغىنلىق ۋە ئەنسىرەش ،ئارامسىزلىق بىلەن ئاللىقاچان ئىلگىركى نۇرىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى .ئۇنىڭ يەنە مۇسىبەتكە  ئۇچرىغان خەۋىرى ئۈستىدە ئۇچرىشىپ قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندىم .ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئىچىشتى ،قىلغانلىرىمغا ئۆكۈندۈم ،قېرىندىشى بىلەن كۆرۈشكەندە خۇش تەبەسسۇم قىلىپ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى ھەدىسكە ئەمەل قىلمىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ كەتتىم.ئەمما چاندۇرمىدىم ،ئاتتىن چۈشسەممۇ  ئۈزەڭگىدىن چۈشكۈم كەلمەي ئۆزۈمنى داۋاملىق بىر خىل بولۇشقا مەجبۇرلىدىم .ھەتتا بىزنى ياراشتۇرماقچى بولغان قەدىناس دوستۇمغىمۇ كايىپ ،ئۇنىڭدىن بىھۇدە خاپا بولدۇم .ئۇنىڭ كۆڭلىنىمۇ يەردە قويغانىدىم ،ئۇمۇ مەندىن ئەپسۇسلاندى .سوغۇق كىچىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ قايتتىم ،قەدەملىرىم تىتىرىمەكتە ئىدى ،ياق ... يۈرەكلىرىم تىتىرىمەكتە ئىدى ...ھەممە ئۆتمۈشلەر كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدا قويۇلۇشقا باشلىدى .بىز بىرگە ئۇچراشقان مەسجىد ئالدىدىن ئۆتتۈم ،بىز ئىلگىرى ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ ،ئۇنىڭ ئاددىي بولسىمۇ سوۋغا قىلغان ئەتىرى يادىمدىن كەچتى ،توغرا ،ئۇ ئەتىرنى ساڭا بەرگەن ،سەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانىدىڭ .بىرگە بويۇنچە سېلىشىپ پاراڭ سالغاچ ماڭغان كوچىدىن ئۆتتۈم ،ئۇنىڭ قىلغان چاقچاقلىرى ،سۆزلىرى يادىمغا كەلمەكتە ئىدى ،كۆزلىرىم نەملىشىپ ،ۋۇجۇدۇم تېتىرەشكە باشلىدى .ئۇ كەلگەن كونا ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەكتە ئىدىم ،ئەينى ۋاقىتتا خوشلاشقان  كۈنى يامغۇر تامچىلاپ ياغماقتا ئىدى ،سەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇزاققىچە ئۇ چىققان ئاپتۇبۇسنىڭ سايىسى كۆرۈنمىگۈچە قاراپ تۇرغان ئىدىڭ ،ئىختىيارسىز كۆزلىرىڭگە ياش ئالغانىدىڭ ،چۈنكى ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇڭ كەلمەيتتى .ئەشۇ مەنزىرلەر خۇددى تەكرارلىنىۋاتقاندەك مەنمۇ كۆزۈمگە ياش ئالغان پېتى ،ئۆكسىگەن پىتى ئۇ يەردىن ئۆتتۈم .ئۆيگە يىقىن كىلىپ قالدىم ،كۆزلىرىمنىڭ ياشلار بىلەن قىززىرىپ كەتكىنىنى چاندرۇماسلىق ئۈچۈن ،قىشنىڭ سوغۇق ئەللىيىگە ھەمراھ بولغاچ ئۆزۈم يالغۇز تەنھا ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم .ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدىم «ئىھ ،ئاللاھ !مانا بۇ تەقدىرمۇ ؟مانا بۇ مېنىڭ تەقدىرىممۇ ؟!مەن قىينىلىپ كەتتىم ،مېنى قۇتقازسىلا !مېنى بۇ ئىزتىراپتىن ،مېنى بۇ مەھكۇملۇقتىن قۇتقازسىلا ! مېنىڭ ئەسلى ئۇنىڭغا ئۇنداق مۇئامىلە قىلغۇم يوق ئىدى ،شۇ ئارقىلىق ئۇنى جازالىسام ،ئۇنى ئازاپلىسام يىنىكلەپ قالارمەن دەپ ئويلاپتىمەن !مەن نادانلىق قىلىپتىمەن !بەندە ئۆز ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ ،مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم سالدىم ،قېرىنداشلىرىمغا زۇلۇم سالدىم !مېنى كەچۈرسىلە !گۇناھىمنى كەچۈرسىلە !ئەسلى ئاشۇ قېرىندىشىمدىن ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدى ،مېنى تاشلاپ قويدى دەپ ئاغرىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بېشىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇسىبەتلىرىگە سەبىر قىلىشى ئۈچۈن ھەمدەمدە بولۇشۇم ،سەبىر تېلىشىم ،ئۆزلىرىدىن ئاسانلىق تېلىشىم كىرەك ئىدى ،ئۇنىڭغا يار يۆلەك بولۇپ ،ھال مۇڭ ئىيتىپ ،كۆڭلىنى شاد قىلىشقا ئۇرۇنىشىم كىرەكتى .ئەمما مەن قىلالمىدىم ... مېنى ئەپۇ قىلسىلا ! ئەشۇ قېرىندىشىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇسىبەت تارتىۋاتقان بارچە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايلا ،سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىىشىگە كۈچ قۇۋۋەت ۋە سەبىر ئاتا قىلغايلا !ئۇلارنى ئۆز پاناھلىرىدا ساقلىغايلا !بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغايلا !ئامىين !ئامىين !ئامىين !ئاللاھۇ ئەكبەر !ئاللاھۇ ئەكبەر !ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللاللاھ ،ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ ...ئى راببىم مېنى دۇنيانىڭ ئازاپلرىدىن قۇتقۇزغايلا ،ئۆزلىرىدىن باشقىنىڭ مۇھەببىتىنى قەلبىمدە زىيادە قىلىپ قويمىغايلا ،سىلىنىڭ ياردەملىرى بولمىسا ،بىز ھەقىقەت ئازغۇچىلاردىن بولۇپمۇ قالىمىز ،مېنىڭ ئازغۇن بولغۇم يوق !ھىلىمۇ كۆپ ئازدىم ،ھىچقانداق پايدا كۆرمىدىم ،زىيان تارتتىم ،ئازاپلاندىم ،مېنى كەچۈرگەيلا ئىھ پاناھىم !... بىزنى كەچۈرگەيل،ا گۇناھكار بەندىلىرىنى كەچۈرگەيلا،ناشۈكرىلىكىمنى كەچۈرگەيلا !...............
-ئاللاھ ھەممىزنىڭ ئىلگىرى ۋە ھازىر ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرسۇن !ئامىين ....
-ئامىين! ....ئا...مىي...ن.........!
-.........
- ئاندىنچۇ ؟
-مەن كۆزلىرىم يىغلاپ ئىششىپ  چىققان ھالەتتە ئۆيگە يىنىپ كىرىپ خۇپتەن ئوقۇدۇم ،ئۇنىڭغا شۇ كۈنى ئۇچرىشىشتا ئىيتقان سۆزۈمنى ئەسكە ئالدىم ، ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتىماي،سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاتىغان ئىدى مەن ئۇنىڭغا سېنى ئۆلدى دېدىم .سېنى ئەمدى مەۋجۇد ئەمەس دېدىم .ئۇ مەندىن :قاچانغىچە خاپا بولىسەن ؟دەپ سورىغاندا ،خۇددى يات كىشلەردەك :ئىككىمىزنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق ،سەنمۇ مەندىن رازى بولغان ،مەنمۇ سەندىن رازى بولغان ،پەقەت شۇ دېدىم .
-توغرا دەپسەن ،مەن مەۋجۇد بولماسلىقىم كىرەك ،مېنىڭ مەۋجۇد بولۇشۇمنىڭ ئەھمىيىتى يوق ،مەن پەقەت كىرەكسىز ئەسلىمە ،جاھالىيەت ئۇچقۇنى ،ئازغۇنلۇق مەنبەسى خالاس ...
-ھايات ئەنە شۇلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىدى ساڭا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئاۋارە بولمىغان بولاتتىم ،ئەمما ئىككىمىزنىڭ تەقدىرى زەنجىرسىمان باغلانغان ،ھىكايىمىزمۇ بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ ،بىز بىر تەندىكى ئىككى روھمىز .مەن پەقەت يىڭىچە قىياپەتتە سەندىن پەرقلىنىپ تۇرساممۇ ،ئەمما سېنىڭ باغرى يۇمشاق قەلبىڭنى ،كەچۈرۈمچان خىسلىتىڭنى ،بەزى گۈزەل خۇلقىڭنى ،ئوماقلىقىڭنى ،غارايىب ئوي پىكىرىڭنى ئۇدۇم ئالغانمەن ،ئالدىراقسان ،قىيدىغاق ،ھاياجان ،دائىم سۆزدىن پۇتاق چىقىرىپ دەۋا قىلىدىغان بەد خۇيلىرىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە .بۇ ھەقىقەتلەرنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ ،شۇنداق ئەمەسمۇ ؟!
-...ئاخىرىچۇ ؟مەن ئۆلگەن بولدۇممۇ ؟
-مەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم ،قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ئىيتتىم ،ئەمدى ئۇنداق قىلماسلىققا ۋەدە بەردىم .ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالدىم،بىز ئەپلىشىپ قالدۇق،قېرىندابىز ئۈچۈن ئەنسىزلەنگەن قېرىنداشلارمۇ تەكبىر ئىيتىشىپ خۇشال بولۇشتى ،ئۇلارنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويمىغانلىقىمىز ئۈچۈن مەنمۇ خۇرسەن بولدۇم ،ئۇزۇندىن  بىرى ئۆزۈمنى بەزلەپ  سېىنىمۇ بەزلەپ ئۆتكەن كۈنلىرىمنىڭ ئەسلا تىنىچ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم ،كۆڭلۈم ئەمدى ئارامىغا چۈشكەنىدى ،بەختنىڭ پارچىسىنى تېپىۋالدىم .ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇلەر  بولسۇن !ئەڭ گۈزەل ماختاشلار پەقەت  يىگانە ئاللاھقا خاستۇر ! بىزگە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئۈلگە بولغان ،ھەقنى ئۆگەتكەن مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە،ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئاداققىچە ئېسىلغان  مۆئمىن ،مۆئمىنەلەرەە دۇر سالاملار بولسۇن !
-ئامىين !
-ئۇ سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن مېنى چاقىرىشىنى تەلەپ قىلدى ،مەن ئارتۇق بىرنىمە دېمىدىم ،مەيلى قايسى ئىسىم بىلەن چاقىرسۇن ،بىز ھامان بىرگە !
-ئىم ...
-نىمە «ئىم » بوپ كەتتۇق ؟
-ساڭا قويۇپ بەردىم ،سەن قىلغان ئىشقا رازىمەن
-بۇ گەپچە ؟
-ھە شۇ  
-ھىھىھىى...يەنىلا سەن مەن ،مەن سەندە ؟ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئىغىزى چىڭ ،ئاسانلىقچە تەن بەرگىمىز كەلمەيدۇ ...
-ھىھىھى...ئاللاھ ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن !
-كەل قېرىندىشىم ،بىر گەۋدە بولايلى ،ئەمدى ئايرىلمايلى ،ئەمدى سېنىڭ ،مېنىڭ دەپ بۆلۈنمەيلى ،بىز بىرلەشكەندىلا كۈچلۈك بولالايمىز .
-مېنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۇنۇتما ،سەۋر ۋە ھەققە تەۋسىيە قىلىشنى  ئۇنۇتما
-ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ،ئۆلسەممۇ بۇ ھەق يولدىن قايتمايمىز ،ئالدىمىزدا كۈتۈپ تۇرغان قاتمۇ قات مۇسىبەتلەرگە تەڭ تاقابىل تۇرىمىز ،يەلكىمىزدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى بىرگە ئورۇندايمىز !
-سەن مەندۇرسەن !كەل ئاللاھقا ھەمدۇ ئىيتايلى !
-مەن سەندۇرمەن !كەل بىزنى بىر تەندە قىلغان مۆجىزە ئىگىسىگە ھەمدۇ ئىيتايلى !
-ئەلھەمدۇلىللاھ، بىز مۇسۇلمان بىز !بىز بىر گەۋدىمىز !بىز بارلىق مۇسۇلمانلار بىر گەۋدىمىز !
-ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھنىڭ ھىدايتىسىز سەن مەن بولمىغان ،مەن ھەم مەۋجۇد بولمىغان ،بىزنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن !
-ئەلھەمدۇلىللاھ،ئاللاھنىڭ پەزلى بولمىسا ئىدى ،دۇئالىرىم ئىجابەت بولمايتتى ،ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بولمىسا ئىدى ،ھىدايەت تاپالمىغان بولاتتىم ،شۇنچە كۆپ ئىنسان ئىچىدىن نەزەر قىلىپ  مېنى ھەم ھىدايەت نىئمىتىگە ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن !
-تېلىسەك بەرگەن ،سەبىر قىلساق ئىشىمىزنى ئوڭ قىلغان ،تۈرلۈك نىئمەتلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغان ،مۈشكۈلىمىزنى ئاسان ،يولىمىزنى راۋان ،ھەر بىر ئىشىمىزدا ھىكمەت ئورۇنلاشتۇرغان ،ياخشىلىققا مۇكاپات ،يامانلىققا جازانىڭ بولدىغانلىقى ،جەننەتتەك مۇكاپاتتىن ۋە دەۋزەختەك جازادىن ئاگاھلاندۇرغان ،ئاتا ئانا ،ئۇرۇق تۇغقان ،دوست -بۇرادەر ،ھالال جۈپتە ئوتتۇرسىدىكى تۈرلۈك لەززەتلىك مۇھەببەتلەر بىلەن ھاياتىمىزنى بىيتقان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇلەر بولسۇن !
"ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق !مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى !"دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز !
م 2013.11.22 جۈمە
ئىنبى تۇرغۇن يەك زىيائى (بىگان )

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 17:52:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tozimas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 17:55  

نىمە دىگەن جېق مەن بىلەن سەن ئۇ.. نەپسىم دەپلا ئاتىسىڭىز مۇجمەللىك بولماسكەن

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:32:53

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 17:52 static/image/common/back.gif
نىمە دىگەن جېق مەن بىلەن سەن ئۇ.. نەپسىم دەپلا ئاتىسىڭى ...

نەپس دىگەن باشقا ،سۆزلىنىۋاتقان بايانلاردىكى باشقا...مۇشۇنداق نورمال تىكىستمۇ مۈجمەل تۇيۇلسا ،ئۇيغۇر تىلىمدا قانداق بايان قىلىشنى ھىچ ئۇقالمىدىم.ئۇيغۇرچە تەپسىر يىزىپ بىرىشىم كىرەكمۇ يا ؟
بەت: [1]
: مەن ۋە «مەن» (بىگان)