Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 14:03:10

ئالمىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلغاندىن كېيىن

ئالمىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىدىغان ئەپلەر.
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق نەشىر ئالما مەھسۇلاتى OS ۋە iOS غا ئۇيغۇرچە ۋاقىت-كالىندار قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئالمىدىكى كالىندار ۋە ۋاقىت ھەپتىگە ئائىت يەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈندىغان بولدى. ھەتتا يېڭى ھاۋارايى چۈشۈرسىڭزمۇ سائەت چۈشۈرسىڭزمۇ كالىندارغا ئائىت سائەتكە ئائىت يەرلەر ئاپتوماتىك ئۇيغۇرچە بولىدۇ.(ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن سىز تەڭشەك رايونىدىن تاللاپ قويسىز)

بىز بۇ ئىقتىدارنى تېخىمۇ جانلىق ئىشلىتىش ئۈچۈن قانداق قىلشىمىز كىرەك؟
ئالدى بىلەن ئالما كومپىيۇتىرىدىن باشلايلى. ئالما كومپيۇتىرىنىڭ  بۇ قېتىملىق يېڭى OS Xنىڭ ئىسمى Yosemite بولۇشى توغرلىق خەۋەرلەر بار. Yosemite بىر يەرنىڭ نامى بولۇپ ئىندىئانچە سۆز ئىكەن مەنىسى Those Who Kill ئىكەن.

1. ئەپ  . ناماز ۋاقتى.

بۇ ئەپنى قاچىلسىڭز كومپيۇتىرنىڭ ئۈستىدە كۆرۈندىغان بولۇپ . ۋاقىت ئۇچۇرى ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.
چۈشۈر:  ئەپ سىتورىغا
2. ئەپ ئوخشاشلا ناماز ۋاقتى

ئىقتىدارى ئوخشاش.
چۈشۈر: ئەپ سىتورىغا
3. ئەپ    ھاۋارايى تەگلىك

چۈشۈر: ئەپ سىتورىغا

ئىقتىدارى: بۇ تەگلىك جانلىق تەگلىك بولۇپ سائەت ۋاقىتلار مېڭىپ تۇرىدۇ. ئارام ئالغۇزغان ۋاقىتتا ئېكراندىكى نەرسىلەر يوقاپ سائەتلا قالدىۇ. تەگلىكنى ئۆزىڭىز خالىغان شەكىلگە ئالماشتۇرۇپ شەھەرنى تاللاپ قويسىڭز شۇ يەرنىڭ ھاۋارايىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ياكى تاللىمىسىڭزمۇ ئاپتوماتىك ئۆز رايونىڭزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

4. ئەپ  ھاۋارايى ئالدىن مەلۇمات

ئۈستىدىكى ۋاقىتتا مۇنداق كۆرۈنىدۇ.

  چۈشۈر: ئەپ سىتورىغا


iOSنىڭكى ماۋۇ تېما تەستىقلىنىپ بولغانكىن يوللاي.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 14:58:34

ئەلۋەتتە مەك سېستىمىنىڭ ئۆزىدىلا ھاۋارايى بار ھەم كۆرۈش قولاي .

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 16:34:20

Iphone دىمۇ ئىشلەتكىلى بولامدۇ يا؟

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 16:44:58

مەن چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام خەنچە چىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن سېستىما خەت نۇسقىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىدىم(بۇرۇنمۇ سىناپ باققان،لېكىن ھىچ بىر يەردە ئۇيغۇرچە كۆرۈنگەن يوق)، لېكىن ھىچقانداق يەردە كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈش بولمىدى.  
ئاندىن،
ئالمىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلغاندىن كېيىن  دىگەن گەپنى مەن تازا ياخشى چۈشۈنەلمىدىم . :shutup:
سېستىما نەشرى os x 10.9.3 كەن.

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 16:52:30

f1sherman يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 16:44 static/image/common/back.gif
مەن چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام خەنچە چىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن  ...

ئەڭ يېڭى سېستىمىنىڭ نەشرى 10.10

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 16:53:17

siri نىڭ تىل تاللاش تۈرىدىكى تىللارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ئىكەن.

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 18:20:59

-ATAMAN- يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 16:52 static/image/common/back.gif
ئەڭ يېڭى سېستىمىنىڭ نەشرى 10.10

شۇنداقكەن ، ھازىر چۈشۈرۋاتىمەن ، قارىسام كۆرۈنمە يۈزىنى ئىنقىلاب خارەكتىرلىك ئەلالاشتۇرغاندەك تۇرامدۇ قانداق؟
ماڭا خېلى ياقتى، ئىنكاسلاردىن قارىسام سەپلىمىگە بولغان تەلىپىمۇ خېلى باردەك تۇرىدۇ ، باشقا نەشرىگە قارىغاندا بەك قىززىيدىكەن دىگەن پاراڭلا كۆپكەن ، لېكىن بۇ تېمىدا دىيىلگەن ئۇيغۇرچە كۆرۈندۈرۈش بىلەن جىق مۇناسىۋىتى يوقتەك تۇرىدىغۇ .

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 23:34:25

بۇ تىلفۇننىڭ مەن قوبۇل قىلاممايدىغان يىرى  بىزنىڭ ۋاخـتىمىزنى تونمايدۇ پەقەت بىيجىڭ ۋاخـتىنىلام تونۇيدۇ ،  بۇ بىر دۆتلىك

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 23:34:33

بۇ تىلفۇننىڭ مەن قوبۇل قىلاممايدىغان يىرى  بىزنىڭ ۋاخـتىمىزنى تونمايدۇ پەقەت بىيجىڭ ۋاخـتىنىلام تونۇيدۇ ،  بۇ بىر دۆتلىك

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 08:21:58

Moostabit يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 23:34 static/image/common/back.gif
بۇ تىلفۇننىڭ مەن قوبۇل قىلاممايدىغان يىرى  بىزنىڭ ۋاخـ ...

مەن ئاندىرويىد تېلېفونۇمدا ۋاقىت رايونىنى ئاپتوماتىك تاللاشنى بىكار قىلىۋېتىپ، +6 ۋاقىت رايونىنى تاللاپ قويۇپ ئىشلىتىمەن، ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالمىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن.

turbo يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 10:23:54

Moostabit يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 23:34 static/image/common/back.gif
بۇ تىلفۇننىڭ مەن قوبۇل قىلاممايدىغان يىرى  بىزنىڭ ۋاخـ ...

سىز ئىشلىتىشنى تازا بىلمەپسىز ، ۋاقىتنى ئۆزلىگىدىن تەڭشىلىدىغان قىلماي ئۆزىڭىز تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،
ئەگەر چوقۇم تور ۋاقتى بىلەن بىللە ماڭىتىم دىسىڭىز ۋاقىت رايونىنى شىنجاڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىت رايونىغا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ،
مەسلەن قازقىستان-ئاستانە،
يەر رايونىنى ئۆزبىكىستانغا تالىسىڭىز  دۇشەنبە سەيشەنبە ...كۈن ناملىرى duxenbe, seyshenbe...شەكلىدە كۆرۈنىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 15:18:01

سېستىما نەشرىنى 10.10 غا كۆتۈرسەم ھەممە ئىشلار ھەل بولدى ، رەسىمگە قاراپ پەرىقلەندۈرەلمەپتىمەن ئەمەسمۇ ، تېما ئىگىسىگە رەخمەت .  

تېما ئىگىسىگە سەمىمى مەسلىھەت : تېمىنى ئاچقاندىكىن جىممىدە يوقاپ كەتمەي ئانچە مۇنچە يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇلۇقلاپ تۇرسىڭىز بۇلاتتى .  پۇچەك تېما بۇلۇپ قالمىسۇن .

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 16:02:18

ھەي باللا نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ ۋاختىنى ئىتراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشمايمىز .
نۇرغۇن ئەپلە يەر نامىلىرىمىزنى تونۇيدۇ نىمىشقا ۋاختىمىزنى تونمايدۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا يانا بىزنىڭ ۋاىتىمىزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرشىمىز كىرەك ! ( يىغلىمسا ئەمچەك سامماس ) سەپ بويۇنچە تىرشايلى .

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 19:05:14

تېما ئىگىسى بولسا بۇ تېمىنى يەنىمۇ بېيىتىشىڭىىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنىلا رەسمى نۇسخىسى چىققاندا ئاندىن يۇقىرى كۆتىرەي.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:29:38

كەچۈرۈڭلا ما ئىككى كۈندىن بېرى كومپيۇتىر ئالدىغا كىلەلمەي قالدىم.
ئەمدى8 iOS نىڭكىگە كەلسەك :
8 iOSگىمۇ ۋاقىت ۋە كالىندارى ئۇيغۇرچە قىلىنغان بولۇپ. siriنى تاللايدىغان يەردىكى تىللار تىزىملىكىمۇ ئۇيغۇرچە ئىكەن

بۇ دىگەنلىك ئۇيغۇرچە پاراڭلاشسا (بۇيرۇق بەرسە ئىجرا بولىدۇ)بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس پەقەت تىللارنى تاللىغاندىكى كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپتۇ دىگەن مەنىدە .

ئىزاھات: ھازىر سىناق نۇسقىسى بولغاچقا مۇكەممەل ئەمەس.شۇڭا تورداشلارنىڭ يېڭلىماي تۇرۇشىنى تەۋسيە قىلىمەن. خاتالىق جىق. بەزى ئەپلەرنى قوللىشى تازا ياخشى ئەمەس. ھەم مۇقىملىقى كەمچىل.


1. ئەپ  مۇسلىم پرو Muslim Pro
ئۇلانما : چۈشۈر

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:38:36

2. ئەپ ھاۋارايى yahoo
ئۇلانما: چۈشۈر


ئالاھىدىلىكى. بەش كۈنلۈك ھاۋارايى مەلۇماتىدىن خەۋەردار بۇلالايسىز.ھاۋا.ھۆللۈكنى بىلۋالالايسىز.  شەھەرلەرنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزسىڭز مۇناسىۋەتلىك رەسىم بىلەن كۆرۈنىدۇ.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:47:36

بۇنىڭدىن باشقا ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى ھاۋارايى ۋە ۋاقىت ئەپىدە يۇقارقى ئۈنۈمنى كۆرەلەيسىز.


تامام

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 08:48:10

urumchi دەپ يىزىلىشى كىرەك ئىدى

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 15:52:45

@Typography
مەكنىڭ ۋورد دىتالىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولامدۇ؟ تىل سىتونىدا ئۇيغۇرچە يوقكەن، بىراق كومپىيوتىردا ئۇيغۇرچە نورمال، مەلۇپ بىر يازمىنى ۋورتتا تەكرىرلەيدىغان بوپقېلىپ ھىچ نورمال كىرگۈزەلمىدىم .  
بەت: [1] 2
: ئالمىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلغاندىن كېيىن