كاناي قىچىشىشنىڭ داۋاسى نېمە؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Muzepper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-6 01:13ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بىر ئاي بولاي دېدىغۇ دەيمەن(ئىسىمدە قىلىشىچە)، كاناي بىلەن قۇلاق ئىچىنىڭ تۇتىشىدىغان قىسمىدەك بىر يەرلەر قىچىشىدۇ(ئورۇننى مۇشۇنچىلىك ئىپادىلىيەلىدىم{:109:} )، تىلىمنى زورلاپ ئىچىگە تىقىپ سۈركىسەم ياكى قولۇمنى قۇلاق تۆشىكىگە تىقىپ سىلكىشلىسەم، ئىڭكەمنى چۈشۈرۈپ ئىككى تەرەپكە مىدىرلاتسام قىچىشقان يەرنى قاشلىغاندەك سەللىمازا خوش ياققاندەك بولىدۇ (مۈمكىن بولغان بولسا كارتون فىلىملىرىدەك ياغلىقنىڭ بىر ئۈچىنى بىر قۇلىقىمدىن كىرگۈزۈپ يەنە بىر قۇلاقتىن چىقىرىپ تازا بىر قاشلىغىم كىلىدۇ شۇنداق چاغدا{:116:} ). ئاندىن قىچىشىش بۇرنۇمغا كۆچۈپ، بۇرنۇمدىن بىرخىل ئاچچىق سۇيۇق(ماڭقا)يانىدۇ. يېقىندىن بىرى ئەتتىگەندە ئۇخلاپ قوپسام قىچىشىپ، بۇرنۇمدىن ئاچچىق ماڭقا كىلىپ قوپۇمەن، چۈشكىچە ئالامەت پەسىيىپ، كەچكىچە بەك خاپا قىلمايدۇ. لېكىن ئالامەت تەلتۈكۈس يوقالمايدۇ، ھەم بۇرۇن قىچىشىش ۋە ماڭقا تۇرۇپ قايتا كۆرىلىدۇ، كاناي ئىچى تەرەپ بولسا ئۆزۈم يادىمغا ئېلىپ، تېمىنىڭ بېشىدا دېگەندەك قاشلىمىسام قىچىشقىنىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ياكى ئارلىقتا بىر ئۇخلاپ قوپمىغىچە بىلمەيمەن.
ئالامەتنى چۈشەندۈرەلىگىنىمچە دېدىم، دوختۇرخانىغا باراي دېسەم ئۇ خەق كىشىنى ئاسما بىلەن ھوكۇلغا زورلاشنىلا بىلىدىكەن، شۇڭا ئاۋۋال ئىزدىنىشتىكى ئۇستاملاردىن مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشنى توغرا كۆردۈم. نىمىشقا ئۇكۇلنى ھوكۇلغا دەپ
كىۋەزنى كىپەز دەپ تەلەپپۇز قىلىدىكەن دەپ سەۋەبىنى بىلگىم كىپ قالدى. مەنمۇ ئايرىم تىما قىلىپ يۇرمەي مۇشۇ باھنىدا بىر مەسلىھەت سورۋالسام ، تىما ئىگىسى ئەيبكە بۇيرۇمىسڭىز :
ئانام 70تىن ئاشتى ، ئىككى -ئۈچ يىلدەك بولۇپ قالدى بۇرۇن ياغلىقىراق تاماق ياكى ئۆپكە- زاسۈي يىسە يۈركى ئېغىپ نەپسى يىتشمىگەندەك بولاتتى . كىيىن ئۇلاردىن پەرىز تۇتسىمۇ تۇرۇپ بەزى كۈنلىرى كەچقۇرۇن ، ئاز ۋاقىتتا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن نەپسى قىسلغاندەك بولۇپ تومۇرى ئىگىز- پەس سېلىپ يۈركى ئېغىپ بوينىنى بىر نەرسە سىقىۋالغاندەك بىئارام بولىدۇ . بۇرۇن بىر ئىككى ئايدا بىر بولاتتى ، ھازىر ھەپتىدە دىگۈدەك بولىدىغان بولدى . تېببى ئىنىستۇت قارمىقدىكى 1-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن ئىككى ئاي بۇرۇن . دوختۇر يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يىتشمەسلىك ۋە قان تومۇر تايىش دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ دورا بەرگەن . ئاسسسەن ئۈنۈمى بولمىدى . شۇنداقتىمۇ ئۈزمەي ئىچىپ كىلىۋاتىدۇ . ئانامنىڭ قان بېسىم ۋە قەنت كېسىلى بار ، لىكىن تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرىنى تولۇق سېتىۋىلپ نورمال كونتۇرۇل قىلىنۋاتىدۇ .
سورماقچى بولغىنىم تورداشلارنىڭ ئائىلىسىدە مۇشنداق كېسەللىك بولغانلار بارمۇ ؟ قانداق داۋالىنىۋاتىدۇ ؟ ئانامغا ھەتتا يۈرەككە كۆۋرۈك قويغۇزمايدىغان ئالما ئاچچىقسۇيى ئارلاشتۇردىغان ھېلىقى دورىنىمۇ ئىچكۈزۋاتىمەن ، رولى بولغاندەك ئەمەس ، كېسەلگە دەل چۈشمىدىمۇ دەپمۇ ئويلىدۇم ، ياكى ئۇزۇنىراق ئىچسە ئۈنۈمى بولامدىكىن . مۇشۇ كېسەلگە يۇلۇققانلار تەجىربەڭلارنى دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن ، ئالدىن رەھمەت ئېيتقاچ تۇراي ئەمسە . begir يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 09:44 static/image/common/back.gif
پەمىمچە بۇ يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ ئالامىتىغۇ دەيمەن .
西瓜 ...
رەھمەت{:261:}
بەت:
[1]