ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 23:18:43

ئىلىكتىرىك كەپشەر ۋە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى

مىتاللارنى كەپشەرلەش ۋە كىسىشتە ھازىر كۈپىنچە ئىشلىتىلىۋاتقان كەپشەرلەر يۇقىرى چاستوتىلىق بۇلۇپ، ئادەتتە ئاكۇمۇلياتوردىن چىقىدىغان تۇراقلىق توكنى ئۆزگەرتىپ 220 ۋە ئۈچ فازىلىق 380 ۋولىتلىق تۇراقسىز توكقا ئۆزگەرتىدىغان تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ تېخنىكا ئاساسىدىن پايدىلىنىپ ئىش ئۈنىمىنى ئاشۇرغان ھەم ماسسىسى ھەجىمىنى ھەسسىلەپ يىنىكلەتكەن.

بەزىلېرىدە يەككە ئىىقتىدار بار، خاس كەپشەرلەش (يۇقىرى ئىقىملىق توك بىلەن مىتال ۋە كەپشەر چۇكىسىنى قىسقا تۇتاشتۇرۇپ ئېرىتىپ ئۇلاش) ياكى كىسىش (يۇقىرى بىسىملىق ئىلىكتىر ئۇچقۇنى ھاسىل قىلىپ شۇ ئۇچقۇن ئىچىدىن پىرىسلانغان ھاۋانى ئۈتكۈزگەندە ھاۋا تىمپىراتورىسىنى يۇقىرلىتىپ، ئاندىن مىتالغا سۇقۇلغاندا رىئاكسىيە ھاسىل بۇلۇپ يۇقىرى تىمپىراتورىلىق ھاۋا سۇقۇلغان جايدىكى مىتال ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگىندا كۈيۈپ كىسىلىدۇ) . بەزىلېرى بولسا كەپشەرلەش، كاربونلۇق كەپشەرلەش، كىسىش، بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ ئىقتىدارلىق ماشىنا. يەككە ئىقتىداردىكى كىچىك كەپشەرلىگۈچ ئىككى كىلوگىرام كىلىدىغىنىغىچە بار، ھەم ھەجىمىمۇ ئىكى توكسىكىلىت زەرەتلىگۈچىنى قاتىغانچىلىك كىلىدۇ.
كەسپى ئورۇنلار چىدامچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يەككە ئىقتىدارلىقىنى ئىشلىتىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ئۈزلۈكسىز ئىشلەتكەندە ئىسسىق يەرلەردە قۇغدىنىش ھالىتىدە تۇرىدىغان ۋاختى ئۇزۇنراق دەپ كونا تىپتىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئادەتتە شامالدۇرغۇچ تۇكىنى ئۈز-چاتنىڭ توك كىرىدىغان ئۇچىغا ئۇلاپ قويسا تىز سۇۋۇپ قىسقا ۋاقىتتا ئەسلىگە كىلىدىغان بۇلىدۇ.
مەن 2006-يىللېرى يۇرتىمىزدا 5.6كىلوۋاتلىق كىچىكىنى كۆرگەن ئىدىم، كۈپىنچە موس قۇۋۋەت لامپىسى كۈيۈپ كىتەتتى، ھازىرمۇ كۈپىنچە قۇۋۋەت لامپىسى كۈيۈپ كىتىدۇ، ئالماشتۇرۇپ قويسىلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
مەن قىسقىچە قىلىپ كۆپ ئىقتىدارلىقىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي؛ 2010-يىللېرى مەن ct-416 تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىقتىن بىرنى ئالغان ئىدىم، يىقىندا بۇزۇلۇپ قىلىپ شۇ كاشلىنى ئوڭشىغاچ ئاندىن ئۇنىڭ ئىش پىرىنسىپلېرىنى تەھلىل قىپ چىقتىم. كەپشەرلەش ھالىتىدە ئىككى يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتوردىن چىققان توك ئىقىمى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن رەتلىنىپ ئۈتۈپ يانداش ئۇلىنىپ ئاندىن كەپشەرلەش سىمىنى ئىنىرگەيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتوردا يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىپ، كەپشەر سىمى كەپشەرلىنىدىغان مىتالغا يىقىن بارغان ھامان ئۇچقۇن بىلەن كەپشەر سىمى ئۇچىنى قىزىتىپ، كەپشەر چۇكىسىنىڭ مىتالغا چاپلىشىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كەپشەرلىنىۋاتقاندا بولسا ئۇچقۇن ئورامىنىڭ قىزىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا رەڭلىك تىلۋىزوردا ماگىنىتسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماگىنىتسىزلاندۇرۇش قارشىلىقى ئارقىلىق ئالدى ئىلىنىدۇ.
   يۇقىرى بىسىملىق ئۇچقۇن بىلەن كەپشەرلەشتە بولسا يۈتكىلىشچان ئۈز-چات شۇ خىل ھالەتكە تەڭشەلگەندىن كىيىن ئىككى تىرانسىفورماتوردىن چىقىپ رەتلەنگەن توكنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلانغان ھالەتكە كىرگۈزىدۇ،شۇنىڭ بىلەن پەقەت توك ئىقىمىلا كونتۇرول قىلىنىدىغان بۇ ئەسۋاپتىن چىققان توك بىسىمى قاتلىنىپ ئۇچقۇن ھاسىل قىلىدۇ. بۇ چاغدا كەپشەرلەش ھالىتىدە ئۇچقۇن ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتورغا توك ئۈتمەيدۇ.

ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاش ، يانداش ئۇلاش ۋە ئۇچقۇن ئورامىنى ئۇلاش ھەممىسى ئىلىكتىر ماگىنىتلىق رېللىق كۆپ يوللۇق ئۈز-چات ئارقىلىپ
ق تاماملىنىدۇ. توك يۇلى بىرسى بىرسىگە ئۇخشاپ كەتمەيدۇ، بەزىلېرىدە بەك نازۇك كونتۇرول توك يۇلى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئورامنىڭ رولىمۇ بوش ئەمەس، بۇ ئورامنىڭ كەسمە يۈزى ۋە ئىندوكتىپلىقى نورمال بولمىغاندا رەتلىگۈچ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئاسان كۈيۈپلا كالماي يەنە قۇۋۋەت لامپىسىمۇ ئاسان كۈيۈپ كىتىدۇ.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 11:25:57

ئابلىمىت:
سىزنىڭتىمىڭىزنى ياقتۇرۇپ كىلىۋاتىمەن،سىز ئادەتتە توكتىن،مۇشۇنداق كەسپىي ماشنىلاردىن باشقا قانداق ئىشلارنى
دېمەكچى قانداق ھۈنەرلەرنى بىلىسىز.
بولسامۇشۇ توكچىلىقنى ،ئاددىي ئۆي ئىچىدىكى ،ئۆگزىلەردىكى ئۈزۈلگەن توك سىملىرىنى ئۇلاش بۇزۇلغان جايلارنى
رېمونت قىلىش،توك سۇقۇشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
نېمە ئۈچۈن توك سىمىغا قونغان كەپتەرنى توك سوقمايدۇ؟ ھەم يۇقۇرى بېسىملىق توك سىملىرى يالىڭاچ
بۇلىدۇ؟
ئددەتتە سىمنىڭ ئىچىدە رەڭلىك سىملار باركەن،نېمە سىملاردىن ئىبارەت؟ھەممە تو سىملىرى ھەم يۇقۇرى
توك بېسىم ۋە باشقا توك سىملىرىنىڭ قوۋۋەت،سىم سانى قاتارلىقلارىنڭ پەرقى ۋە ئوخشاشلىقىنى
سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
مۇشۇ كەپشەرلەش ھەم ماشنىغا توكى قالمىسا بىر سىمنى مەلۇم نەرسىگە ئارتىپ قۇيۇپ ئاندىن
كەپشەرلەشنى ھەم توك ئۆتۈشكە باشلايدىكەن؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ ؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 11:42:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-6 11:44

مۇشۇ ئائىلىدىكى توكچىلىك تۇغرىلىق بىر سۈزلەپ بەرسىڭىز بۇلاتتى!!
،ھاجەتخانا ئۆينىڭ توك يولىدا بىرچاتاق بار زادى،لامپۇچكىنى تۇلا كۆيدۈرىدۇ،ئۇندىن كىيىن تامدىكى چاتقۇچتا مەسىلە بار ،بىر نەرسىنى ئۇلىساملا بىخەتەرلىك ئۈز-چاتنى ئېتىۋىتىدۇ.كۆتۈرۈپ قۇيسام ھىچقانداق ئەمەس ،ئىلىكتىر ئۈسكىنىسىنى چاتساملا يەنە ئاتىدۇ. چاتقۇچنى تامدىن ئېلىپ كۆرىپ باقسامئۈچ رەڭلىك سىمباركەن.
بۇ ئۈچ رەڭلىك سىمنىڭ نىمە رۇلى بار؟ قانداق پىرىنسىپ بۇيىچە ئۇلىنىدۇ،ئائىلىدىكى توك يولىدىكى ئاددى كاشىللارنى بىر تەرەپ قىلشتا قانداق ئۈسكۈنىلەرنى تەييارلايمىز!!!!نىمىلەرگە دىققەت قىلىمىز!!! مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ئايرىم تېما قىلىپ ساۋات بەرسىڭىز بۇلاتتى!!!!{:87:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 13:45:02

talmas1 يوللىغان ۋاقتى2014-6-6 11:42 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئائىلىدىكى توكچىلىك تۇغرىلىق بىر سۈزلەپ بەرسىڭىز ...

ئۇز-چات ئادەمنى توك سۇقۇشتىن ساقلىنىشتا ئوت سىمىدىن يەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن كىچىك توك ئىقىمى ئۈتسىلا ئۈزۈلۈپ كىتىدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن، ئوت سىمدىن يەرگە توك تارايدىغان بوشلۇق شەكىللەنگەن ھامان ئاپتۇماتىك ئۈزلۈپ كىتىدۇ. بۇنى توك ئىدارسىدىكىلەرگە دىسىڭىز ئوڭشاپ بېرىدۇ...

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-7 17:19):
بۇ نەرسىنىڭ شۇ كۈپىنچە قۇۋۋەت لامپىسى كۈيىدۇ، ئونۋىرسالمىتىرنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئۆلچەش خوتىدا ئۆلچىسە بۇزۇلغان لامپا بار گۇرۇپتىكى (ھەر ئۈچ لامپا يانداش ئۇلىنىپ بىر گۇرۇپپا بۇلىدۇ، تۆت گۇرۇپپا قۇۋۋەت لامپىسى كۆۋرۈكسىمان ھالەتتە ئىشلەيدۇ) قىسقا يول بۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ، شۇ يەردىن لامپىنى قۇمۇرسىڭىز كۈپىنچە بىر تاللا لامپا تۇتىشىپ قالغان بۇپ چىقىدۇ. بۇ خىل لامپا توردىن ئەكەلدۈرسە 4يۈەندىن 10 يۈەنگىچە كىلىدۇ. ئۆلچەملىك دىگەن خەتكە دىققەت قىلىش كېرەك.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 13:55:24

tagh يوللىغان ۋاقتى2014-6-6 11:25 static/image/common/back.gif
ئابلىمىت:
سىزنىڭتىمىڭىزنى ياقتۇرۇپ كىلىۋاتىمەن،سىز ئ ...

بىر تال توكتا پەرىق بىسىم بولمايدۇ، توك چۇقۇم مەلوم بىسىم پەرقىگە ئىگە بولغاندا جانلىقنىڭ بەدىنىدىن ئۈتكەن توك 0.5مىللى ئامپىردىن ئاشقاندا ئاندىن كۆرۈنەرلىك سۇقۇش شەكىللىنىدۇ، شۇڭا يەنە ھاۋا نەم كۈنلېرى ئۇچار قاناتلار تۈۋرۈك ۋە توك سىمى ئارسىدا ئىككى نۇقتىنى دەسسەپ تۇرغان ۋاقىت ياكى ئىككى نۇقتىغا بەدىنى تەگكەن ۋاقىتتا توك سۇقىدۇ...
بۇ تۇغرىلىق مۇنبەرلەردە باشقىلار يازغىنى باردەك قىلاتتى، ئاندىن نەشىرياتلار نەشىر قىلغان بەزى كىتاپلاردىمۇ بار، شۇڭا بۇ تۇغرىلىق ئىزدەپ باقسىڭىز، باشقىلار يىزىپ بولغان مەزموننى قايتا يازسام ياخشى بولمايدۇ...

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 14:15:13

بولسا ئاشۇ تىمىنى مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويسىڭىز ياكى ئېغىر كۆرمەي بىلگىنىڭىزنى ئايىمىسىڭىز؟
ئادەتتە 36ۋولتتىن ئاشسا توك سوقىدۇ دەيدىكەن،ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا بۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ئەھۋاللاردا
توك سوقمايدىغان ئەھۋاللارمۇ باركەن،
ئائىلىنىڭ توك بېسىمى نىمىشقا 220ۋولت قىلىپ چەكلىنىدۇ؟توكچىلىق قىلغاندا بەزىلەر باش روك مەنبەسى(زادو)
نى بېسىۋەتمەي ئىش قىلىۋېرىدىكەن،يەنە توك بارسىمنىڭ بىرىنى تۇتۇپ ئۇلاپ قىلۋېرىدىغان ئىشنىڭ پىرىنسىپى
دىققەت قىلدىغان ئىشلار بولسا دەپ بەرسىڭىز؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 18:29:06

tagh يوللىغان ۋاقتى2014-6-6 14:15 static/image/common/back.gif
بولسا ئاشۇ تىمىنى مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويسىڭىز ياكى ئېغى ...

ئۇنداق مەشغۇلات قىلىش قائىدىگە خىلاپ، شۇڭا بۇنى دىيىشكە بولمايدۇ...

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 08:45:41

tagh يوللىغان ۋاقتى2014-6-6 11:25 static/image/common/back.gif
ئابلىمىت:
سىزنىڭتىمىڭىزنى ياقتۇرۇپ كىلىۋاتىمەن،سىز ئ ...

مەن تىمامنى ئېلان قىلىۋالاي ...
http://bbs.izdinix.com/thread-58341-1-1.html

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 08:52:40

tagh يوللىغان ۋاقتى2014-6-6 14:15 static/image/common/back.gif
بولسا ئاشۇ تىمىنى مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويسىڭىز ياكى ئېغى ...

36 ۋولىت بىخەتەر توك بىسىمى دەپ قارىلىدۇ سوتسىيالىتىك جوڭگودا .
42 ۋولىت بىخەتەر توك بىسىمى دەپ قارىلىدۇ كاپىتالىستىك دۇشمەنئامرىكىدا :lol.
سوتسىيالىتىك دۆلەت تۇرۇپ كاپىتالىستىك دۆلەتكە يىتىشەلمىگىنى قىزىق ئىش دە بۇ ...

توك بىسىمىنىڭ 220 ۋولىت بولۇپ بەلگىلىنىشى ئىشلەتكۇچى سايمان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئۆزگىرىشچان 220 ۋولىت توكنى ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىش قولايلىق ...
ياپۇنيىدە بىخەتەر بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ 110 ۋولىتلىق توك بىسىمى تۇزۇمى قوللىنىلىدۇ . شۇڭا بەزى بىۋاستە ياپۇندىن ئىمپورىت قىلىنغان توك سايمانلىرىغا بىسىم تەڭشىگۇچ ئارقىلىق220 ۋلىتتوك بىسىمىنى110 ۋولىتقا چۇشۇرۇپ ئىشلىتىدۇ .


توك سوقۇشنىڭ سىرى توك ئادەم بەدىنىدىن ئۆتمىسە سوقمايدۇ .

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 09:13:35

tagh يوللىغان ۋاقتى2014-6-6 14:15 static/image/common/back.gif
بولسا ئاشۇ تىمىنى مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويسىڭىز ياكى ئېغى ...

220 ۋولت توك ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، چىقىپ كەتسە ئاندىن بېسىم شەكىللىنىپ تېپىدۇ. چىقىپ كەتمىسە تەپمەيدۇ. شۇڭا كەپتەرمۇ يالىڭاچ بىر تال سىمغا قونسا توك تەپمەيدۇ، پۇتىنى كېرىپ ئىككى پۇتىدا ئىككى تال سىمغا قونسا شۇ ھامان ئۆلىدۇ. شۇنى بىلگەچكە پەقەت بىر تال سىمغىلا قونىدۇ.
ئادەممۇ ئىزولىياتسىيەسى ياخشى ئۇرۇندۇق دېگەندەك نەرسىگە چىقىپ تۇرۇپ يالىڭاچ بىر تال سىمنى تۇتسا تەپمەيدۇ. ئىككى قۇلىدا ئىككى تال سىمنى تۇتسا ياكى يۆل يەرگە دەسسەپ تۇرۇپ توك سىمنى تۇتسا بىر قۇلدىن كىرگەن توك يەنە بىر قولىدىن چىقىپ كېتىپ ياكى قۇلىدىن كىرگەن توك پۇتى ئارقىلىق يەرگە ئۆتۈپ كېتىپ ئادەمنى توك سۇقىدۇ.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:05:25

alip يوللىغان ۋاقتى2014-6-7 09:13 static/image/common/back.gif
220 ۋولت توك ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، چىقىپ كەتسە ئاندىن ب ...

كەپتەر ئىككى سىمغا تەڭ قونسا، كاۋاپ بولىدۇ;P ;P :lol :lol

magma يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:05:29

alip يوللىغان ۋاقتى2014-6-7 09:13 static/image/common/back.gif
220 ۋولت توك ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، چىقىپ كەتسە ئاندىن ب ...

قىرىندىشىم ئالىپياخشىمۇ سىز؟   يازغان ئىنكاسىڭىزدىنئىلىكتىر ئىلمىدىن خىلى ياخشى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىگىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇمەنسىزگەئۆزەمنى كۆرسەتمەكچى ئەمەس ئىنكاسىڭىزدايوشۇرنۇپ قالغان كىچىككىنە مەزمۇننى قوشۇمچە قىلماقنى توغرا تاپتىم بۇ ھەرگىزمۇسىز بىلەن ئىزەنگۇ سوقۇشتۇرغىنىم ئەمەس توغرا چۇشنەرسىز.
          ئىنكاسىڭىز دىكى مەزمۇن ئاساسەن توغرا،كىتىپ قالغان يەرمۇمكىن قەدەر توك سىمىنى قول بىلەن بىۋاستە تۇتۇشقا بولمايدۇ. تۇتۇقا توغرا كەلسە ئالدى بىلەن توك يولىغا چىتىلغان يۇكلەرنى يەنى چىراق، دەزمال ، توك ئوچاققا ئوخاش ھەرقانداق توك سەرپ قىلدىغان ئۇسكىنىلەرنى توك مەنبەسىدىن ئاجرىتىۋىتىپ شۇ بۆلەك توك يولنى ھىشقانداق نەرسە چىتىلمىغان قۇرۇق ھالەتكە كەلتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن پۇتىمىزغا ئىزولياتسىيەسى ياخشى بولغان ئورۇندۇققا ئوخشاش بىر نەرسەن قويۇپ مەشقۇلىيەت ئىلىپ بارسا ئاندىن بىر قەدەر بىخەتەر بولدۇ . ئىلىكتىر ئەسۋاپلىرى توك يولغا چىتىلىپ تۇرغان ئەخۋال ئاستىدا بىر تال سىم ساق، سىز يەنە بىر تال سىمنى رىمنىت قىلماقچى بۇ ۋاقىتتا ساق قالغان سىم ئوت سىم، ياكى نول سىم بولۇشتىن قەتئى نەزەر ئىلىكتىر ئەسۋاپلىردىن ئايىلنىپ كەلگەن توك بار بولۇپ يەنە بىر ئۇچتا‹ۇزۇك ئۇچتا› قايتىش يولى شەكىللەنگەن بولۇپ بۇ ئىككى تال سىمنى تەڭ تۇتقانغا باراۋەر بولۇپ قىلىپ ئاسانلا توك سوقۋىتىش كىلىپ چىقىدۇ. ئىنكاسىڭىزدا بۇ نۇقتا ئاسكەرتىلمەي قاپتۇ . شۇڭا مۇمكىن قەدەر ئىزولياتسىيلەنگەن ئامبۇر ئىشلەتكەن تۇزۇك . ئالدىڭىزدا خىجىلمەن.

magma يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:10:17

magma يوللىغان ۋاقتى2014-6-7 20:05 static/image/common/back.gif
قىرىندىشىم ئالىپياخشىمۇ سىز؟   يازغان ئىنكاسىڭىزدىن ...

دىمەك سىم يولدىن ئىلىكتىر ئىشلەتكۇچى ئەسۋاپلارنى ئاجرىىتىۋەتمەي تۇرۇپ سىمنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى قولىمىزدا تۇتساق ئادەم بەدىنىدىن توك ئۆتۇشتىن ئىبارەت   توك سوقىۋىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھازىرلىنىپ قالدۇ دە ئادەمنى توك سوقۋىتىشھادىسسى كىلىپ چىقىدۇ.
بەت: [1]
: ئىلىكتىرىك كەپشەر ۋە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى