lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:44:27

بۇ كىتابلارمۇ سېتىلىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lopnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-5 14:45  

بۇ كىتابلارنى بىر ھاجەتمەن ئاغىينىمىز ساتماقچى، ئالماقچى بولغانلار بىۋاستە ئاستىدىكى تېلېفۇن نۇمۇرىغا تېلېفۇن قىلىڭلار.باھاسىنى قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاستە سۆزلەشسەڭلار بولىدۇ.

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر تارىخى(4 قىسىم)
ئاپتۇرى: ليۇ جىژشاۋ
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1987-يىلى 10-ئاي بىرىنچى نەشرى، 2003-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: ئىككى قىسمى قاتتىق، ئىككى قىسمى يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى
ئاپتۇرى: كوللىكتىپ
نەشر قىلىنغان ۋاقتى: 1989-يىلى 10-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: 3-ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى
ئاپتۇرى:ۋېليام شېرىر
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى:1989-يىل2-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئاپتۇرى: كوللىكتىپ
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1990-يىل 5-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تىزىسلىرى
ئاپتۇرى: گاۋىن ھامبىلى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2008-يىلى9-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى :قاتتىق

بۇ كىتابلار ھۆكۈمەت قارمىدىقى نەشرىياتلار تەرپىدىن بېسىلغان قانۇنلۇق كىتابلار.

ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:13565071450

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 17:15:37

كىتاب ئالىمەن دەيدىغان تىمىلار قاچان يوللىنار ھە؟!:(

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 17:29:33

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 19:45:55

ھازىر كىتاب بايلىقىمىز خېلى موللىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ تىل سەۋىيىسى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ، ئانا تىلدىن باشقا تىلدا نەشىر قىلىنغان كىتابلاردىنمۇ بىلىم، مەلۇماتقا ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ كىتابلارنى ساقلاش ئويى بار يولداشلار ئېلىپ ساقلاپ قويسا ياكى پايدىلىنىش ماتېريالى قىلسا بولىدىكەن. بولۇپمۇ تارىيخقا قىزىقىدىغان كىشىلەر...

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 20:14:48

ئۆزىدىكى ئارتۇق كىتابلارنى سېتىۋېتىشنى لايىق تاپقان خېلى كۆپ تورداشلار ئىزدىنىشنى پاكىز مۇنبەر، ئەزالىرىنى ئوقۇمۇشلۇق... دەپ بۇ يەرگە يوللايدۇ. چۈنكى بۇ يەردە كىتاب ئوقۇيدىغان ۋە سېتىۋالىدىغان تورداشلار كۆپ. ئۆمۈر بويى بىرەر پارچە كىتابنى تۈگىتىپ ئوقۇمايدىغان، لېكىن سۆزلەڭ دېسە شەھەر ئالغان نوچىدەك ئۇلۇغۋار قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ ھارمايدىغان تورداشلار بۇ يەردە ئاساسەن يوق.
لېكىن بېغىر باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قېرىنداشلار، بىرەرسى كىتاب ساتىمەن دېسىلا ھەر قىسما گەپلەرنى قىلىدىكەنسىلەر. كىتاب ئالمىساڭلار ئىشىڭلارنى قىلساڭلار بولمامدۇ؟ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە كىلىدىغان گەپلەرنى قىلىپ نېمە پايدا تاپارسىلەر-ھە؟
يۇقىرىدا يوللانغان كىتابلار ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار كىتابلار. شەخسەن «ئۇيغۇر تارىخى»، «قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تىزىسلىرى» دېگەن ئۈچ كىتابتىن مەندە ئىككى يۈرۈشتىن بار. لېكىن ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ساتمايمەن!
«ئۈچىنچى ئىمپىرىيەنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى» دېگەن كىتابنى مۇشۇ مۇنبەردىكى جەڭچى بۇرادەر ئىزدەۋاتقىلى ئۇزاق بولدى، بۇ ئۇچۇرنى كۆرسە ئۇ چوقۇم سېتىۋالىدۇ!

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 22:12:31

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 17:29 static/image/common/back.gif
بەلكىم بەك قىممەت ، شۇڭا خىجىل بولۇپ قېلىپ ئاغىنىڭىزغى ...

ئاغىينەمگە ئىتتىرگىنىم يوق، ئۆزۈم ساتىدىغان كىتابلارغا 1428817175 دېگەن چ چ نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ساتتىم. چۈنكى، بىۋاستە تېلېفۇن نۇمۇرۇمنى قالدۇرسام ، مەكتەپتە دەرس ئۆتىدىغان ۋاقىتلاردا تېلېفۇن سايراپ كېتىپ چاتاق چىقىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ئاستىدىكى تېلېفۇنغا تېلېفۇن ئۇرۇپ كۆرۈڭ، ئۇ مېنىڭ بىر كىتابخۇمار ئاكا ئاغىينەم، ئاز كەم 50 ياشلاردا بار دېھقان ئادەم. ئۇ ئادەم تورغا چىقىشنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ياردەم قىلىپ قوياي دېدىم.باشقىلار ساتىدىغان كىتابقا ئەلۋەتتە مەن باھا قويالمايمەن، شۇڭا، تېلېفۇن نۇمۇرىنىلا قالدۇردۇم. ئۆتكەندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەنسىز، مېنىڭ سىزگە ئوخشاش ھەقسىز كىتاب ئالىدىغان كۈتۈپخانام يوق. مەن ساتسام كىتاب ساتتىم، زەھەر ساتمىدىم، بۇنچىۋىلا ئىچى تارلىق قىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈريىتى نېمە؟ سىزگە لازىمى بولمىسا، باشقىلارغا باردۇر!گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا، ئەپۇ قىلارسىز!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 22:12:52


كىتاپ سېتىشقۇ ياخشى ئىش، بىراق قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ كىتاب چوقۇم قىممەتلىك بولۇپ قالامدۇ.

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 08:15:47

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 17:29 static/image/common/back.gif
بەلكىم بەك قىممەت ، شۇڭا خىجىل بولۇپ قېلىپ ئاغىنىڭىزغى ...

قارىغاندا سىز ئۈچۈن ۋۇلىياڭيې، ئىلى داچۈ، يەنە بىرنېمە بىرنېمە دېگەنلەرنىڭ بەكرەك قىممىتى بولسا كېرەك،
ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ بىرەر يۈز كويغا كىتاب ئېلىپ سالسىڭىزغۇ ئات يىلىدىن ئىت يىلىغىچە ئىچىڭىزگە ئۆتۈپ كېتىپ ئۆلەپ كەتكۈدەكسىز

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 08:17:09

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 22:12 static/image/common/back.gif
كىتاپ سېتىشقۇ ياخشى ئىش، بىراق قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغا ...

ھېچ بولمسىا ھەپتىدە بىرەر قېتىم كىتابخانىنى ئارلاپ بېقىڭ، تېخى يېقىندىلا چىققان 6شەھەر مەكتۇپلىرىنىڭ باھاسى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ سېتىلىۋاتىدۇ، كىتابنىڭ قىممىتىنى كىتاب ئەھلى چۈشىنىدۇ.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 10:41:27




بۇ كىتابلارغا ئېھتىياجى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ.ئاستىدىكى چ چ نۇمۇرى ئارقىلىق.

كىتاب ئىسمى :تارىخى ھەمىدى
ئاپتۇرى: موللا موسا سايرامى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1986-يىل 1-نەشرى 1988-يىل 2- بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: قاتتىق

كىتاب ئىسمى: تارىخى ئەمىنىيە
ئاپتۇرى: موللا موسا سايرامى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى:1989 -يىل 1-نەشرى
مۇقاۋىسى : قاتتىق

كىتاب ئىسمى: شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى (ئۈچ قىسىم)
ئاپتۇرى: كوللىكتىپ(بىرىنچى قىسمىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئىبراھىم مۇتئىيلار تەرجىمە قىلغان)
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1982-يىل 1-نەشرى
مۇقاۋىسى:يۇمشاق

بۇ ئالتە پارچە كىتابنىڭ باھاسى : 1000 يۇەن

كىتاب ئىسمى : شىجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئاپتۇرى: ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1999-يىلى1-نەشرى 2-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى:ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائى-ئىقتىسادى تۈزۈمى
ئاپتۇرى: د. تېخىنوف
نەشر قىلىنغان ۋاقتى: 2000-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: ئەمىر تۆمۈر كوراگان ھەققىدە قىسسە
ئاپتۇرى: يەزدى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1984-يىلى 1-نەشرى 1997-يىلى 3-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

بۇ ئۈچ كىتابنىڭ باھاسى : 700 يۇەن

كىتاب ئىسمى: قاينام ئۆركىشى
ئاپتۇرى : ئابدۇللا تالىپ
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1982-يىلى 1-نەشرى 1996-يىلى 3-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: قاتتىق

كىتاب ئىسمى: سوتۇق بۇغراخان
ئاپتۇرى: سەيپىدىن ئەزىزى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1987-يىلى 1-نەشرى 1999-يىلى 3-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: چالا تەككەن ئوق
ئاپتۇرى : ئابدۇللا تالىپ
نەشىر قىلنغان ۋاقتى : 1988-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: قاتتىق

بۇ ئۈچ كىتابنىڭ باھاسى : 600 يۇەن

كىتاب ئىسمى : قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئاپتۇرى : ھاجى نۇر ھاجى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى: 1983-يىلى 1-نەشرى 1984-يىلى 2-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: قەشقەرىيە
ئاپتۇرى: كروپاتىكىن
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1983-يىل 1-نەشرى 1996-يىلى 3-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت
ئاپتۇرى: ئابدۇقېيۇم خوجا
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى:  1995-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: مەركىزىي ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ قورال ياراغ ۋە ئۇرۇش سەنئىتى
ئاپتۇرى: يۇ.س. خۇدياكۇۋ
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2003-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

بۇ تۆت كىتابنىڭ باھاسى: 500 يۇەن

كىتاب ئىسمى: 5- كورپۇسنىڭ ئىنقىلابى مۇساپىسى
ئاپتۇرى: ساۋدانوف زايىر
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1989-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى يۇمشاق

كىتاب ئىسمى : تەڭرىتاغ بۈركۈتى
ئاپتۇرى: سەيپىدىن ئەزىزى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1988-يىلى 1-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: ئۇنتۇلماس مۇساپە
ئاپتۇرى: ساۋدانوف زايىر
نەشر قىلىنغان ۋاقتى: 2000-يىلى 1-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى
ئاپتۇرى: توختى ئىبرايىم
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2003-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: مەن كەچكەن كېچىكلەر
ئاپتۇرى: سوپاخۇن سوۋورۇف
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2010-يىلى 1-نەشرى 2011-يىلى 3-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى : قاتتىق

بۇ بەش پارچە كىتابنىڭ باھاسى: 600 يۇەن


كىتاب ئىسمى: گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
ئاپتۇرى: خۇاڭ جيەنخۇا
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2005-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: شىنجاڭنىڭ مىنگو دەۋرىدىكى تارىخى
ئاپتۇرى: چىن خۇيشىڭ
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2004-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: قەدىمكى ئۇيغۇرلار
ئاپتۇرى: ياڭ شىڭمىن
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 1998-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئاپتۇرى : ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2006-يىلى 2-نەشرى 1-بېسىلىشى
مۇقاۋىسى: قاتتىق

كىتاب ئىسمى: قاراخانىلار تارىخىدىن بايان
ئاپتۇرى: ۋېي لياڭتاۋ
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2000-يىلى 1نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى
ئاپتۇرى: لىن گەن
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2000-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

كىتاب ئىسمى: ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئاپتۇرى: لىن گەن
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2004-يىلى 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق

بۇ يەتتە پارچە كىتابنىڭ باھاسى: 500 يۇەن

ئەسكەرتىش: يۇقارقى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى نەشرىياتلار تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان قانۇنلۇق كىتابلار. بىر نەچچە كىتاب بىر گۇرۇپپا قىلىپ سېتىلىدۇ، ئايرىپ ئالماقچى بولغانلار ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچنى تاللىشى كېرەك. كېتىدىغان كىرا ھەققىنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن. سېتىۋىلىشنى خالايدىغانلار بۇ چ چ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ. 1428817175

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 11:03:18

نوچى  كىتاپلار باركەن  سىزدە

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 11:05:45

jilwe يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 08:17 static/image/common/back.gif
ھېچ بولمسىا ھەپتىدە بىرەر قېتىم كىتابخانىنى ئارلاپ ب ...

ئۇكام مەن ماۋۇ تېمىنىڭ ئۇستىدە بېرىلگەن تارىخ كىتابلىرىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمەن. سىز ئاۋال ئاشۇ كىتابلارنى بىر ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بىر نېمە دېسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىزغۇ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 12:31:03

تاكسى باھاسى بىر كېچىدىلا 6 كويدىن 10 كويغا چىقىپ قالسا گېپىمىز يوق.
بىر ۋاراق قەغەزنى نۇسخىلاش 3 مودىن 1 كويغا چىقىپ قالسا گېپىمىز يوق.
بىر قاچا لەغمەن 12 كويدىن 18 كويغا چىقىپ قالسا قورساق دەپ يەۋېرىمىز.
بىر تۇڭ مېنىرال سۇ 5 كويدىن 15كويغا چىقسا بوپتۇلا دەپ ئىچىمىز.
كۈدە كەرەپشلەر بىر كېچىدە ئىككى ئۈچ كوي ئۆرلەپ كەتسە يەنە مەيلى.

ئەمدى تېپىش تەس بولغان كىتابلارغا 50-60 كوي قېتىلىپ قالسا قىممەت دەپ ۋايسايمىز،ئۆزىمىز ئالمىساقمۇ ئالالايدىغانلار ۋە قىممەت بىلىنمەيدىغانلار ئالار ياكى ئەرزىيدۇ دېگەننى ئويلىماي قاخشايمىز،بىزنىڭ كۈچىمىز
زادى مۇشۇ كىتابقىلا يېتىدۇ ھە.كونا كىتابلارنىڭ باھاسى توختىماي ئۆسۈۋاتىدۇ،ھېلىمۇ بەزى سودىگەرلەر ئوخشاش بىر كىتابنى نەچچە يۈز كويغا سېتىۋاتقاندا،يەنە بەزى ئېسىل كىتابچىلار 100كوينىڭ تۆۋىنىگە سېتىۋاتىدۇ.ھېلىمۇ مۇقىم باھاسى بوپقالماپتىكەن نەچچە يۈز كوي دەپ. ئىدارىدا كەچكىچە سان سىفىر بىر تەرەپ قىلىپ ياكى يولداشلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ ئايدا ئالىدىغان نەچچە مىڭ كوينى يۇقىرىقى ماددى مەئىشەتلەر ۋە ئۆينىڭ قەرزىگە تۆلىگەندىن باشقا كىتابقا خەجلىمەي نەگە خەجلىمەكچىتىڭىز زادى.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 13:09:17

ئىسىل كىتابلارنى سېتىپسىلەر. مەن تېلىفۇن قىلسام ئىلىنمىدى.
.

كىتاب ئىسمى: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى
ئاپتۇرى: كوللىكتىپ
نەشر قىلىنغان ۋاقتى: 1989-يىلى 10-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق



كىتاب ئىسمى: ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تىزىسلىرى
ئاپتۇرى: گاۋىن ھامبىلى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2008-يىلى9-ئاي 1-نەشرى
مۇقاۋىسى :قاتتىق

بۇ ئىككى كىتاپنى سېتىۋالاي  دېگەن باھا قويۇڭلار.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 13:50:44

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 14:20:06

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 11:05 static/image/common/back.gif
ئۇكام مەن ماۋۇ تېمىنىڭ ئۇستىدە بېرىلگەن تارىخ كىتابل ...

ئۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغان، قانداقلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، بولۇپمۇ ئاۋۇ ئۇيغۇر تارىخى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى ھازىر خەقلەر كۆزىگە سۈرتكىدەك بولۇپ ئىزدەۋاتقان ئېسىل كىتابلارنىڭ بىرى.

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 14:26:26

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 12:31 static/image/common/back.gif
تاكسى باھاسى بىر كېچىدىلا 6 كويدىن 10 كويغا چىقىپ قالسا  ...

شۇنى دەڭە، ئالدىنقى كۈنى تېخى مىسرانىمدا بىرى ‹كىتابچىلار ئىنساپ قىلىڭلار› دەپ تېما يوللاپ، كىتابخانا ئاچىدىغانلارنى بىرمۇنچە ھاقارەتلىدى، ئۇ تېمىغا ئاۋۇ ئۈستىنكى قەۋەتتىكى تورداشقا ئوخشاش سورۇنغا پۇل خەجلىسە ئىچى ئاغرىمايدىغان، كىتابقا 10كوي خەجلەپ قالسا گىمىروي بولۇپ قالغاندەك ئولتۇرالماي قالىدىغاندىن بىرقانچىسى كىرىپ تۈكۈرۈكلىرىنى ئېقىتىشىپمۇ ئۈلگۈرۈشتى. بىردەمگىچە باشقۇرغۇچىلار ئۇ تېمىنى ئۆچۈرۈپ يوقاتتى. ھازىرقى بىرقىسىم كىشىلەرگە راستلا گەپ توغرا كەلمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.
كىتابنىڭ قىممىتىنى چۈشەنسىڭىز نەچچە مىليونغا سېتىۋالسىڭىزمۇ ئۇ ئەرزان تۇيۇلىدۇ، قىممىتىنى بىلمىسىڭىز، 5سومغىمۇ قارنىڭىز كۆپۈپ ئېتىلىپ كېتىسىز.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 16:11:28

ئابدۇقېيۇم خوجىنىڭ «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» ناملىق كىتابى سېتىلىپ كەتتى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 16:36:29

كىتاپنىڭ ئىلانىنى مۇشۇ يەرگىلا بىرەيمىكى .
يىقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم كىتاپلار  ياخشى چىقىپتۇ .
بىر يۇرۇش 14 دانە كىتاپ « خارلانغانلار » «دونكىخوت » «دونداق » قارتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق چەتئەل كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار نۇسقىسى نەشىردىن چىققان بولۇپ ، ھەقىقەتەن بىر قىتىم ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ .
مەن مۇشۇ توغۇرلۇق مەخسۇس بىر تىما ئاچاي دىگەن ، تىخى تولۇق ئوقۇپ بولالمىغاچقا كەينىگە سۇرۇپ كەلگەن ئىدىم .
ئەسلى پىلانىم بويىچە ئاشۇ ئون توت كىتاپنىڭ ئىچىدىن تاللانغان جۇملىلىرىنى يىزىپ مۇنبەرگە يوللاپ ، كىتاپخانىغا بىرىشقا ۋاختى يەتمەيدىغان ،ئەمما قىزىققانلارغا پوچتىدىن ئاشۇ كىتاپخانا باھاسىدا ئەۋەتىپ بىرىش، ئەگەر كۆپىرەك بولسا(بىر يۇرۇش 14 كىتاپنىڭ ھەممىسىنى ئالسا )كىتاپخانا باھاسىدا ھەقسىز پوچىتىدىن ئەۋەتىپ بىررىشنى ئويلاشقان ئىدىم . گەپنىڭ بىشىنى چىقىرىپ قويدۇم ئەمدى ھامان يازىمەن مۇشۇ تىمىنى  .

magma يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:47:21

lopnuri يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 10:41 static/image/common/back.gif
بۇ كىتابلارغا ئېھتىياجى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلەشس ...

بۇ كىتاپلار نىڭ كۆپى مەندە باركەن  
بەت: [1]
: بۇ كىتابلارمۇ سېتىلىدۇ