waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:10:45

NBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋاقىت جەدىۋىلى

   NBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋاقىت جەدۋىلى
6-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەرىقى رايون، غەربىي رايونلارنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىرلەشمە بۇ يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ.

1-مەيدان: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۈمە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-سان ئانتونىئو.
2-مەيدان: 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۈشەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 8:00، ئورنى-سان ئانتونىئو.
3-مەيدان: 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، چارشەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-مىئامى.
4-مەيدان: 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۈمە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-مىئامى.
5-مەيدان: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۈشەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 8:00، ئورنى-سان ئانتونىئو.
6-مەيدان: 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، چارشەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-مىئامى.
7-مەيدان: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، شەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-سان ئانتونىئو.

  ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى؛
  2013-2014 يىللىق پەسىللىك مۇسابىقىسىدە، ئوت كوماندىسى بىلەن تاقا كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يۈز كۆرۈشىدۇ. مۇسابىقە  6-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمى باشلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىمىز بۇ يىللىق NBA ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئالدىدىن پەرەز قىلىش تەلەي سىناش مۇكاپاتلىق پائالىيتى ئىلىپ بارىمىز.  قىرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ تەلىيىنى سىناپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

بۇ پائالىيەتكە بۇ مەنبەگە كىرىپ قاتنىشىڭ؛ http://waskitbol.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2219

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:35:59

تاقا دېگەن سۆز تازا جايىغا چۈشمەي قالدىمۇ قانداق، ئەگەر خاتالاشمىسام 马刺 دېگەن سۆز، ئۆتۈكنىڭ تاپىنىغا بېكىتىپ قويىدىغان، ئاتنىڭ بېقىنىغا سانجىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىنىڭ ئىسمىغۇ دەيمە.

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 15:26:16

خاتالاشمىسام ئۈزەڭگە دەپ تەرجىمە قىلنامدىكىن.
بىر خىل

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 15:56:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-5 15:58  

بۇ بىزدە يوقراق بىر نەرسىكەن، پەرەڭلەگە خاس بولسا كىرەك،شۇندا بولسا تەرجىمە  قىلىنمۇغىدەك

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 16:45:04

پۇتبولنىڭكىنىمۇ يېزىپ قويساڭلار بوپتىكەن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 18:17:17

Pitbash يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 15:26 static/image/common/back.gif
خاتالاشمىسام ئۈزەڭگە دەپ تەرجىمە قىلنامدىكىن.
بىر خىل  ...

ئۈزەڭگە ئىگەرگە چىقىشتا ھەم ئات ئۈستىدە مەھكەم ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ماندا تۈمۈر

ئاتنىڭ تاقىسى رولىنى دىمىسەممۇ بولار

ئات يۇلتۇزى (ئۆزەمچىلا قويۇۋالدىم جۇمۇ) ئاتنى شاشلاشتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان يۇلتۇز شەكىللىك ئۆتۈكنىڭ كەينىگە قىستۈردىغان يۇلتۇزشەكىللىك تۈمۈر

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

owchi99 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 21:58:25

بۇنى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ‹‹ شىپور›، دەپ ئالغان. ھەم شۇ بويىچە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئات يۇلتۇزىمۇ چىرايلىق ئىسىم بوپتۇ.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 08:16:26

bilgejan مۇشۇ تاقا كوماندىسى بار جايدا تۇرىدۇ،بولسا ئۇ بۇ كوماندىنىڭ مەنىسىنى ۋە باشقا ئۆزى بىلىدىغان
جايلرىنى دەپ بەرسە دەيمەن.
دۇنكان،جىنوبلى،پاركېر..مەن بەك ياقتۇرىمەن،تاقا كوماندىسى مەن ئىزچىل ياقتۇررۇپ كەلگەن كوماندىنىڭ بىرى.
قېنى دەپ بېقىڭلار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كىم چىمپيۇن بۇلار،مەن تاقا كوماندىسىغا تىكتىم.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 22:15:50

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 16:45 static/image/common/back.gif
پۇتبولنىڭكىنىمۇ يېزىپ قويساڭلار بوپتىكەن.

ئاللاھ بۇيرىسا ئۇنىمۇ ئەتىلەردىن يوللايمىز بۇرادەر.
بەت: [1]
: NBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋاقىت جەدىۋىلى