Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:08:16

ئانا تىلىمىزدىكى يانفۇن ھاۋارايى مەلۇماتچىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pinhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 11:35  

بۇ ئەپنى ئۈرۈمچى زىلبىلىگ ئېلىكتىرون تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ياسىغان بولۇپ ، بۇ ئەپ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدىكى 500 دىن ئارتۇق شەھەر ناھىيە ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى 87 ناھىيە شەھەرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا خەۋەردار بولالايسىز .
ۇ ئەپنى ئۈرۈمچى زىلبىلىگ ئېلىكتىرون تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ياسىغان بولۇپ ، بۇ ئەپ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدىكى 500 دىن ئارتۇق شەھەر ناھىيە ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى 87 ناھىيە شەھەرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا خەۋەردار بولالايسىز .
مەزكۇر ئەپتە يەنە شىنجاڭدىكى ناھىيە شەھەرلەرنىڭ ھاۋارايىنى كۆرستىپ بېرىشتىن تاشقىرى يەنە شۇ جاينىڭ شۇ كۈنلۈك كۈن چىقىش ۋاقىتى ۋە كۈن پېتىش ۋاقتى كۆرسىتىلىپ بېرىلدىغان بولۇپ ، تۇرمۇشتىكى پائالىيەتلىرىڭىزنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا قولايلىق ئېلىپ كىلىدۇ . ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم بولۇپ ، ھەر خىل ھاۋارايى ۋە كېچە - كۈندۈزلۈك ۋاقىتقا ئاساسەن ئوخشىمىغان ھەرىكەتچان گۈزەل ئارقا كۆرۈنۈشلەر سەپلەنگەن بولۇپ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن سىزنى مەپتۇن قىلىۋالغۇسى .
بۇ ئەپ يەنە ئۇيغۇرچىنى نورمال تونىمايدىغان يانفۇنلاردىمۇ نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغان بولۇپ ، يانفۇنڭىزنىڭ سېستىما نەشىرى تۆۋەن بولۇپ قالسىمۇ نورمال ئۇيغۇرچە ھالەتتە ئىشلىتەلەيسىز .
بۇ دىتالنىڭ يانفۇن ئېكرانى قىستۇرمىسى ۋە ئالما نۇسخىسى ھازىر سىناق ئۈستىدە بولۇپ ئاللا خالىسا بىر كىلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرغىچە ئەپ سىتورىغا چىقىرىلىدۇ .
ئەسكەرتىش : بۇ ئەپ پۈتۈنلەي ھەقسىز
ئەگەر بۇ ئەپ يارىسا ، ئەپنىڭ ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئۈستى بۈرجىكىدىكى يېشىل رەڭدىكى ھەمبەھىرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق دوستلىرىڭىزغا بۇ ئەپنى تەۋسىيە قىلىڭ .

چۈشۈرۈش
ياكىhawa123.com دىن چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ئىككىلىك كودى


يانفۇندا تورغا چىقىۋاتقان بولسىڭىز يانفۇنىڭىزنىڭ خالىغان تور كۆرگۈچىسىگە hawa123.com نى كىرگۈزسىڭىزل چۈشۈرۈش ئادىرسىغا ئىرىشەلەيسىز .


ئەسكەرتىش : بۇ دىتال پۈتۈنلەي ھەقسىز .

يانفۇندا چۈشۈرۋالماقچى بولسىڭىز تور كۆرگۈچنىڭ ئادرىس كۆزنىكىگە hawa123.com دەپ كىرگۈزسىڭىزلا چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلىدۇ .
دىتالنىڭ كەسمە يۈزىدىن كۆرۈنۈشلەر :

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:09:28

ئەپنىڭ ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئۈستى بۈرجىكىدىكى يېشىل رەڭدىكى ھەمبەھىرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق دوستلىرىڭىزغا بۇ ئەپنى تەۋسىيە قىلىڭ .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:26:22

مۇلايىم ئەسكەرتىش: زىلبىلىگ شىركىتى بۇ ئەپنى سىمسىز تور شارائىتىدا چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ، سىمسىز تورىڭىز بولمىسا gprs بىلەنمۇ چۈشۈرگىلى بولىۋىرىدۇ

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:31:38

تېلىفۇن باش ئېكرانىغا تەڭشىگىلى بولغان بولسا پەيزى بولاركەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:38:24

dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 13:31 static/image/common/back.gif
تېلىفۇن باش ئېكرانىغا تەڭشىگىلى بولغان بولسا پەيزى بو ...

كېلەر قېتىمقى نەشىر يېڭىلاشتا بۇ ئىقتىدار قوشۇلىدۇ.

Uyghuronline يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:43:14

ئاندرويد ئوخشىمامدۇ؟
ئالمىچىلارنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭلا دەيمە....:(

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:44:18

{:112:} بەك پەچەت ئىش بولۇپتۇ. ئالمىنىڭ تىزراق چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:44:53

Uyghuronline يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 13:43 static/image/common/back.gif
ئاندرويد ئوخشىمامدۇ؟
ئالمىچىلارنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭل ...

تېمىنى تولۇق ئوقۇماپسىزدە

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:48:28

يەنە بىر تەكلىپ . مۇشۇ ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭكى ۋەكىللىك رەسىملىرى قوشۇلغان بولسا مەسىلەن ئۈرۈمچىنى تاللىساق دۆڭكۆۋرۈك. قىزىل تاغ دىگەندەكلەر چىقسا ، تۇرپاننى تاللىساق سۇلايمان مۇنارى ۋە ئۈزۈملەر چىقسا. ...(يەرلىك مەھسۇلات،ئاساسلىق بىناكار قۇرلۇشى دىگەندەك)  :) قوللايمىز.  

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:52:51

ۋىن پون نۇسخىسىمۇ باما؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:04:11

ئالما نۇسخىسى سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، ھازىرچە ۋىنفوننىڭ ئىشلەنمىدى

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:06:06

مۇبارەك بولسۇن،  ئالمىنىڭ چىقسىلا چوقۇم چۈشۈرۈپ ئىشلىتىمەن.

kunlerim يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:13:33

http://hawa.zilbilig.com/hawarayi.apk


بۇ  بەت  ئېچىلمىدى

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:14:53

مۇبارەك بولسۇن

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:34:35

بىلكانغا قاچىلاي دىسەم ئادرىس ئېچىلمىدى.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:48:17

مۇبارەك بولسۇن.  قېنى ھېلىقى قىززىق ئېلانلىرىڭلىدىن تۆكمەمسىلە پىنھانباي:lol

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:53:58

تور بەت ئېچىلمىىدى!:o

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 14:58:09

مۇلازىمىتىرخانىنىڭ تورىدىن كاشىلا چىقىپتۇ، جىددى تۈزەۋاتىدۇ{:136:}

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 15:32:46

مۇشۇنداق بىر ئەپ كەمتى،ئېسىل ئىش بولاپتۇ!
تەگ سۈرەت قانداق ئالمىشىدۇ؟  تۆۋەنچىلىك بىلەن بىر تەكلىپ بەرسەم،تەگ سۈرەتكە ئاشۇ شەھەرنىڭ ۋەكىللىك قۇرۇلۇش ياكى مەنزىرىسىنى قېتىپ چىقارغىلى بولارما؟ ھاۋا رايى سۈرەتتە مۇئەييەن ئىپادىسىنى تاپتىمۇ دەيلى،ھامىنى ئاشۇ سان - سىفىرغا قارايمىز.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 16:36:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MSM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-5 16:38  

چۈشۈرەلمىگەنلەر ماۋۇ يەردىن چۈشۈرۈۋېلىڭلار.
http://www.kuaipan.cn/file/id_286860380368535555.htm
بەت: [1] 2 3 4
: ئانا تىلىمىزدىكى يانفۇن ھاۋارايى مەلۇماتچىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ