akbar1017 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 13:48:24

ئورخۇن ھەققىدە سۆھبەت

ئورخۇن ھەققىدە سۆھبەت

(خاتىمە ئورنىدا)


_ مۇئەللىم ، مەن يېقىندا «ئورخۇن شەجەرىسى »ناملىق روماننى ئوقۇپ چىقتىم . ئۇيغۇر قەبىلىلىرى پان تېكىننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇمۇل بوستانلىقىغا يىتىپ كەلگەندە رومان ئاياقلاشتى . كىيىن قانداق بولغان ؟

_ ھە ، قارىغاندا ، سەن بۇ رومانغا قىزىقىپ قاپسەن - دە . تىرىشچان ئوقۇغۇچىلىقىڭ بۇ گەپلىرىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ .ئەمىسە ئاڭلاپ قوي . ئورخۇندىكى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرى بىرلىكىنى بۇزماي پان تېگىننىڭ رەھبەرلىكىدە غەرىپكە كۆچۈپ ھازىرقى قۇمۇل ، تۇرپان ، جىمسار ئەتراپلىرىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلاشتى . كىيىن ئۇلار تۇرپان ۋە جىمسارنى قوش ئاستانە قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بەرپا قىلدى . ئۇنىڭدىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ خانلىقنىڭ چىگرىلىرى جەنۇپتا ھازىرقى كۇچا ،شىمال ۋە غەرىپتە ئېمىل ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغىچە كېڭەيدى .

_ مۇئەللىم ، ئورخۇن يايلاقلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىدىقۇت خانلىقىدا ماكانلاشتىمۇ ؟

_ ياق . بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىگە تەۋە جايلارغا بېرىپ ، ئۇ يەردە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى . يەنە بىر قىسىمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا كۆچۈپ كەتتى . يەنە زور بىر تۇركۈم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تارىم ۋادىسى ،ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى جايلار ۋە يەتتە سۇ رايۇنلىرىغا(ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرىقى جەنۇبى قىسمىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ، ئالما-ئاتا ۋە تالدقورغان ئوبلاستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تارقاقلىشىپ ،شۇ جايلاردىكى تۈركى قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋە بالاساغۇن شەھەرلىرىنى قوش ئاستانە قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى .

_ مۇئەللىم ، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى نىمە ئۈچۈن باشقا يەرلەرگە بارماي ، مۇشۇ يەرلەرگە كەلگەن ؟

_ چۈنكى ، بۇ يەرلەردە ئەزەلدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياكى ئۇلارغا تۇغقان قەبىلىلەر ياشاپ كەلگەن .شۇڭا ،ئورخۇنلۇقلار بۇ يەرلەرگە كىلىپ ئاسانلا ئۆزلىشىپ كەتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى خانلىقلىرىنى قۇرۇپ چىقالىدى .

_ مۇئەللىم ، قىزغىزلارنىڭ شۇ قېتىمقى ھۇجۇمى ۋە زور غەلبىسىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى ؟ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن ئورخۇن يايلاقلىرىدا قايسى خەلىقلەر قالدى ؟

_ ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن قىرغىزلار ئورخۇن ، سېلىنگا ۋادىلىرىدىكى گۈللىنىشكە باشلىغان شەھەرلەر ۋە ئېكىنزارلىقلارنى ۋەيران قىلىپ ،بولايدىغاننى بولاپ ، ئالدىغاننى ئېلىپ ، يەنە ئۆزلىرىنىڭ يايلاقلىرىغا قايتىپ كەتتى . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ جايلار ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋرلەر داۋامىدا شەھەر مەدىنيىتى قايتىدىن باش كۆتۈرەلمىدى .

كىيىنكى ۋاقىتلاردا ، بۇ جايلاردا ھازىرقى موڭغۇل خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى ۋە يەنە بىر قىسىم تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ بەگلىك ۋە خانلىقلىرىنى قۇردى . چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىن ئۇ يەرلەر موڭغۇللارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ۋەتىنى بۇلۇپ قالدى ۋە ھازىرغىچە شۇنداق بولماقتا .

_ مۇئەللىم ئورخۇن خانلىقى نىمە ئۈچۈن يىمىرىلدى ؟ ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلار بەك ئاجىزمىدى ؟ياكى مەدىنيىتى ئارقىدا قالغانمىدى ؟

_ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئىنتايىن قۇدرەتلىك خانلىق ئىدى . ئۇنىڭ زىمىنلىرى جەنۇپتىكى سەدىچىن سېپىلىدىن شىمالدىكى يىنسەي دەرياسى ۋە بايقال كۆلى رايۇنلىرىغىچە ، شەرىقتىكى ئامۇر(خېيلۇڭجياڭ) دەرياسىدىن غەرىپتىكى ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە شۇ جايلاردىكى تۈركى تىللىق قەبىلىلەرنى بىرلىككى كەلتۈرگەنىدى . ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا بىر نەچچە قېتىم قۇشۇن چىقىرىپ ، دۇنيا تارىخىدا كۈچ-قۇدرىتى ۋە بۈيۈك مەدىنيىتى بىلەن مەشھۇر بولغان تاڭ سۇلالىسىنى ئەن لۇشەن-شى سىمىن توپلىڭىدىكى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغان . مۇشۇ پاكىتلاردىن قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىدىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئىجىتمائىي گەۋدە بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

بارلىق تۈركى خەلىقلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىرىنجى بۇلۇپ شەھەر مەدىنيىتىنى ئۆزلەشتۇرگەن ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشلىغان . دېمەك ،ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار يايلاق خەلقلىرى ئىچىدە مەدىنيەتتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان .

بۇ خانلىقنىڭ يىمىرىلىشىدە مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى سەۋەپلەر بولغان ، بۇ سەۋەپلەرنى مەخسۇس تىما سۈپىتىدە ئايرىم تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . ئاددىلاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ، مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ : خانلىق تەۋەسىدە ئۇدا بىر نەچچە يىل قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بۇلۇپ ، چارۋا ماللار قىرىلىپ كەتتى ،ئەل ئىچىدە يوقۇملۇق كىسەللىك تارقالدى ، ئاچارچىلىق بولدى ،ئاھالە باشقا جايلارغا كۆچۈپ تارقىلىپ كەتتى . ئوردىدا سىياسى مۇقۇمسىزلىق ئەۋج ئالدى . قاغان ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى . بىرمۇنچە ئۇرۇق قەبىلىلەر خانلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ، ئايرىم بۇلىۋالدى . خانلىق پارچىلىنىپ كەتتى . بۆلۈنمەي قالغان توققۇز ئوغۇز ، تۆلىس ، باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر ئىچىدىمۇ بىرلىك ،ئىتپاقلىق ئاجىزلاشتى . خانلىقنىڭ بۇرۇنقى سەلتەنىتى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى . بۇنداق ئەھۋالدا يۈز مىڭ كىشلىك قىرغىز قۇشۇنى ھۇجۇم قىلمىغان بولسىمۇ ، ئورخۇن خانلىقى ئۆز ئىچىدىن يىمىرىلىپ كېتىشى ئېنىق بۇلۇپ قالغانىدى .

دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولغان قەدىمقى مىسىر ، يۇنان ، رىم ئىمپىريىسىدەك ئۆز زامانىسىنىڭ تەڭداشسىز قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىمۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا تەدىرجىي زەئىپلىشىپ ، ئاخىر يىمىرىلىپ تۈگىگەنىدى . بۇنداق مىساللار تارىختا خېلى كۆپ . ئورخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىمۇ شۇنداق مىساللارنىڭ بىرى . ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى ، بىر قىسىم قەدىمقى خانلىقلار مەسلەن :ھون ، قىتان ، ئېفتالىت ،جۇرجان ، سىيانپى ، پەچەنەك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمقى تائىپىلەرنىڭ ھازىر پەقەت تارىختىكى نامىلا قالدى . ئۇيغۇرلار بولسا ،بىر خانلىقى يىمىرىلسە ئۇنىڭدىممۇ قۇدرەتلىكرەك ، ئۇنىڭدىنمۇ مەدىنيەتلىكرەك باشقا خانلىقلارنى قۇرۇپ ، تارىخنىڭ نى-نى دەشھەتلىك بوران-چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ ، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ جۇش تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە . بۇ نوقتىنىمۇ يەنە ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى بۇگۈنكى دۇنيادا ئاسىيا ، ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا قىتئەسىدىكى بىر قاتار ئالىملار ھەر تەرەپلەردىن تۇتۇپ تەتقىق قىلماقتا .


(كىتاپنى ئوقۇپ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان خاتىمىسى بولغاچقا تور ئەھلى بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ ،بارماقلىرىمنى ھەركەتلەندۈردۇم)

پەرھات جىلان«ئورخۇن شەجەرىسى»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى . 502-503-504-505-بېتىگە قارالسۇن .

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2000-يىلى 11-ئاي 1-نەشىرى

باسمىسى:2008-يىلى 5-ئاي 2-بېسىلىشى

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 15:53:31

3g.163.com/post/pic_xhtml.jsp?picurl=http%3A//s.cimg.163.com/i/img3.cache.netease.com/96/2014/6/4/20140604164529ec063_550.jpg.320x320.auto.jpg

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:00:08

دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئىشتان تارىم ئويمانلىقىدا بايقالدى!

世上最古老裤子现塔里木盆地http://3g.163.com/ntes/14/0604/16/9TTL8TE600963VRO.html

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:12:16

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 16:00 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئىشتان تارىم ئويمانلىقىدا بايقال ...

كەسپى تارىخچىلار تەرجىمە قىلىپ باشقا تېما يوللىساڭلار بوپتىكەن. تەتقىقات ماقالىسى《国际第四纪》 ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:13:24

بۇنڭدىن  باشقىلار مايمۇندەك يۇرگەندە  بىز نڭ ئاتا-بوۋمىز ئاللاقاچان ئىشتان كىيىپ بولغىنىنى بىلۋالغىلى بۇلدۇ{:112:}
تۇللۇق ئوتتۇردا ئۇقۇغان ۋاقىتا مۇئەللىم  مۇنداق دىگنتى
‹ئۇيغۇرلار شەھەر قۇرغاندا باشقىلار مايمۇن ھالەتتە ئىدى›

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:27:11

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 16:13 static/image/common/back.gif
بۇنڭدىن  باشقىلار مايمۇندەك يۇرگەندە  بىز نڭ ئاتا-بوۋم ...

نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسىز، ئات ئۈستىدىكى مىللەتلەر ئىشتان كىيىشنى، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇنلانغانلار كۆينەك كىيىشنى ئىجات قىلغان.:lol
ئەينى زاماندا ئاتنى كونتىرول قىلدى دىگەنلىك، بىر پارچە دۇنيانى كونتىرول قىلدى دىگەنلىك…

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:55:19

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 16:00 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئىشتان تارىم ئويمانلىقىدا بايقال ...

پاسۇنى دەھشەتكەنغۇ ؟
https://www.sciencenews.org/sites/default/files/main/articles/bb_trousers_FREE.jpg

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:03:01

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 16:55 static/image/common/back.gif
پاسۇنى دەھشەتكەنغۇ ؟

ۋاھ…سۈرەتنى سىز يوللىسىڭىز بولغىدەك جۇما، ئەسلى مەنبەدىمۇ بۇنچىىك ئېنىقلىقتا كۆرەلمىگەن، پاسۇنى راست دەھشەتكەن …{:112:}

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:04:04

ھازىر مۇشۇنداق ئىشتان كىيىپ چىقسىمۇ مودىدىن قالمۇغىدەك :


ئارخىلوگلار بۇ ئىشتاننىڭ قانداق ياسىغانلىقىنىمۇ ئانالىز قىلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ دىسە :

http://www.thehistoryblog.com/archives/30759

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 18:41:44

بۇ ئىشتانڭ تىكلىشنى يولداشلاردەك مۇلاھىزە قىلساق بۇ ئىشتانڭ ئېغىنى ئالاھدە تىكەن بۇلۇپ بۇنڭدىن شۇنى كۇرۋىلىشقا بۇلدىكىن ئاتا- بوۋلىرمىزنڭ جىنسى ئقتىدرانڭ نەقەدەر ياخشىلىغنى بىلۋالغىلى بۇلدۇ...:lol:lol

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 19:21:05

بۇ ئىشتاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.23 مىتىر بولسا كەيگۈچىنىڭ بويى ھەقىقەتەن ئىگىزكەن.
ئىنگىلىزچە خەۋەرلەردە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قەبرىسىدىن دەپ ئاپتۇ ئادەمنىڭ چىشىغا تىگىپ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 19:35:07

دېمەك بۇئ‍ ىشتاننى كەيگۈچى كامىدا ئ‍ىككى مېتىر كەلدى دېگەن گەپ، ئ‍ەجداتلىرىمىز شۇ بەھەيۋەت گەۋدىسى بىلەن دۈشمەنلرىنى تىتىرەتكەن بولغىيتى،

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 19:48:22

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 16:00 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئىشتان تارىم ئويمانلىقىدا بايقال ...

خەنچە مەنبەدىكى خاتا يزىلىپ قالغاندەك…تېپىلغان قەۋرە تۇپىنىڭ ئەسلى ئورنى تۇرپان ئويمانلىغىدا ئىكەن، ياڭ خەي قەۋرىستانلىقى(洋海古墓)دەپتۇ، بەيدۇلاپ باقسام 2003-يىلى كارىز كولىغۇچىلار بايقىغانىكەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 20:45:52

بارلىق تۈركى خەلىقلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىرىنجى بۇلۇپ شەھەر مەدىنيىتىنى ئۆزلەشتۇرگەن ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشلىغان . دېمەك ،ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار يايلاق خەلقلىرى ئىچىدە مەدىنيەتتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان………………
بۇ يەردە دىيىلگىنى تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى كورسىتەمدۇ ياكى يايلاقتىكىنىمۇ ؟  تارىم ۋادىسىدا پەقەت ئۇيغۇرلارلا بارمىدى باشقا تۈركلەر يايلاقتىما

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 20:48:03

قۇچۇ خانلىقى دەپ خەنلەر قۇرغان خانلىقمۇ بارمىدى ؟ 394~يىلى قۇرۇلغان ، خەن سۇلالىسىدىن قالغان ، گەنسۇ، چىڭخەيدىن كەلگەن  خەنلەر قۇرغان دەپ سۆزلەيدىكەن

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 21:59:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-4 22:03  

ئىشتاننىڭ كاربونلۇق يىل دەۋرىدە تەكشۈرىلىشىچە  بۇندىن 3300 يىل بۇرۇنغا توغرا كېلىدىكەن.
جوڭگونىڭ شىيا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ، لىكىن شىيا سۇلالىسىگە ئائىت بىۋاستە مەدىنيەت ماددى بۇيۇملىرى بايقالمىغاچقا خەلقئارادا ئانچە ئىتراپ قىلىنمايدىكەن.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 21:59:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-4 22:11  

بۇ ئىشتان كىمنىڭ؟{:207:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 22:31:22

ئەگەر بۇ ئىشتان 6000يىل بۇرۇنقى ئىشتان بولغان بولسا  5000يىللىق تارىخ 1000يىل ئۇزۇرارمۇ

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 22:40:10

شۇنى دەيمە :lol

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 07:57:51

تىما بىر ياقتا قېلىپ ئىشتاننىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتكىنىڭلار قىزىق
بەت: [1] 2
: ئورخۇن ھەققىدە سۆھبەت