akbar1017 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 13:41:39

ئانا تىلغا خىيانەت تۇز كورلۇق ،ھەم جىنايەت

تۇغۇلۇپ مەن ئانامدىن، ئەللەي بىلەن تۇنجى رەت،        ئۇيغۇر تىلى نازۇك تىل، بۇلاق كەبى سۈزۈك تىل،

نۇر ئېلىپ پاك ۋۇجۇدۇم، تاپتىم چەكسىز ھىدايەت.          تەشنالىققا قانىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن چاڭقاق دىل.

سۆيگۈ بەردى ئانا تىل چەككىنىمدە رىيازەت،               تەسۋىرلەيدۇسۈرەتتەك بولسىمۇ قىلياكى پىل،

ئانا تىل ئۇ ئەسلىدە، بىزگە يۈكسەك ئىجازەت،             شۇڭا دەيمەن ئەي خەلقىم ئانا تىلنىئۇلۇغ بىل،

ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.               ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇقھەم جىنايەت.


چۈچۈك تىلدا گۇڭۇرلاپ، ئانا دىدۇق ئەركىلەپ،           مەھمۇد، يۈسۈپ بوۋىمىز،ئانا تىلدا نۇرچاچقان،

ئاق سۈت بەرگەن ئانىمىز ئەللەي ئەتكەن پەپىلەپ.         بەيگىسىدە ھېكمەتنىڭ زەپەر قۇچۇپ يول ئاچقان.

‹‹دادا مىنى ھاپاش قىل ››دىدۇق يەنە ھەجىلەپ،              تەۋپىق روھى شۇ تىلدا جاھالەتكە ئوق ئاتقان،

قېنىمىزغا شۇ تىلدىن مېھىر سىڭگەن ھەسسىلەپ،           دېمەككى شۇ ئانا تىل، ئەسلىمىزگەتۇتاشقان،

ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.              ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.



بىز شۇ ئانا تىل بىلەن«نان» دىيىشنى ئۆگەنگەن،         پەرھات شىرىن كۆڭلىنى ئانا تىلدا بىلدۈرگەن،

ئاتا- ئانا مىھرىنى، ئۇزۇق قىلغان چۈشەنگەن.            پاك مۇھەببەت مەنزىلى، ۋىسالىغايەتكۈزگەن.

يېغلىغاندا ئانا تىل بۆشۈكىگە بۆلەنگەن،                  ئۇ بىزنى گاھ يىغلىتىپ،شاتلاندۇرۇپ كۈلدۈرگەن،

يىقىلغاندا «دادا» دەپ باغرىغا چىڭ يۆلەنگەن،            ھىس تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر دېڭىزىغاچۆمدۈرگەن،

ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.              ئانا تىلغا خيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.



شۇ ھەقىقەت ھەممىمىز ئېلىپبەگە يۇلۇققان،                كۆكتات دىمەي سەي دىدۇق، كەش ئورنىغا خەي دىدۇق،

ئۇنىڭ ئۆچمەس نۇرىدىن دىلىمىزنى يۇرۇتقان.           قالدى چۇكا مۇڭسىراپ، كويزا بىلەن يەيدىدۇق.

ئۇ بىر خىزىر ئەمەسمۇ ئاق قارىنى تۇنۇتقان،            گۈرجەك دىيىش تەسمىكىن، قېنى تېشاڭ ئال دىدۇق،

مۇناپىقلىق ئەمەسمۇ ئانا تىلنى ئۇنۇتقان!               ئەبجەش بولدى تىلىمىز،زەيكەشلىككە باشلىدۇق،

ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.            ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.



ئانا تىل ئۇ مىھرىبان، قاياشىمىز ئەمەسمۇ؟                     مۇڭلانمىسۇن ئانا تىل، ئۇنىتۆردە قويايلى!

دىلىمىزنى ياشناتقان سىردىشىمىز ئەمەسمۇ؟                     ئۇنىڭ بىلەن تارىخنى ئەتىمىزگە ئۇلايلى !

بىلسەڭ ئەسلى ئانا تىل يىلتىزىمىز ئەمەسمۇ؟                   تىل سېھرىدىن كۈچ ئېلىپ جاسارەتكە تولايلى!

ئەجداد روھى كۈلگەندە نۇر چاچىمىز ئەمەسمۇ؟                 ئانا تىلنىڭ ۋارىسى، ئىز باسارى بولايلى!

ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.                   ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.

ئاپتۇر:

ئاقسۇ شەھەر قۇمباش يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 19:13:17

ياخشى يىزىلىپتۇ، بۇرۇن « كۆپ تىل بىلىش شەرەپ، ئانا تىل بىلمەسلىك نۇمۇس » دەيتتۇق. مانا ھازىر جىنايەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپتۇ.

ئانا تىلغا خىيانەت، تۇزكورلۇق ھەم جىنايەت.  

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 23:05:10

adil0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 08:03:24

  بۇ مۇخەممەسنى ياخشى يېزىپسىز بۇرادەر. شېئىرنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ئۆز قىممىتىنى تاپقۇسى!!

akbar1017 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 13:21:18

بۇ مۇخەممەسنى مەن يازغان ئەمەس مىنىڭ خىزمەتدىشىم يازغان .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 15:02:13

بۇ ماڭا مۇخەممەس كۆرۈنمىدىغۇ    خۇددى مەسنەۋىدەكلا تۇرىدۇ  مەن ئۇقاممىدىممۇ يا  ، يا مەن دۆت  يا  سىلە خاتالاشتىڭلا

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 20:18:44

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 15:02 static/image/common/back.gif
بۇ ماڭا مۇخەممەس كۆرۈنمىدىغۇ    خۇددى مەسنەۋىدەكلا تۇر ...

ئۇلار خاتالاشمىدى.

شىئىرنىڭ ھەربىر كۇپلىتى ئىككى مىسرادىن تۈزۈلگەن بولسا مەسنەۋى، ئۈچ مىسرادىن بولسا مۇسەللەس، تۆت مىسرادىن بولسا مۇرەببە، بەش مىسرادىن بولسا مۇخەممەس، ئالتە مىسرادىن بولسا مۇسەددەس دىيىلىدۇ .
مانا بۇ شىئىر مۇخەممەس شەكلىدە يىزىلغاندۇر .


بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرەبچىدىن ئىلىنىپ ، تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 20:24:32

izchi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 20:18 static/image/common/back.gif
ئۇلار خاتالاشمىدى.

شىئىرنىڭ ھەربىر كۇپلىتى ئىككى مىس ...

مىنىڭكىدە مۇنداق چىققان ئىدى شۇڭا دەپتىمەن:(

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 20:45:58

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 20:24 static/image/common/back.gif
مىنىڭكىدە مۇنداق چىققان ئىدى شۇڭا دەپتىمەن

ھە ئۇنداقتا بۇ كۆرىنىشتىكى مەسىلە ئىكەن، مەن تىخى سىزنى نىمانداق قاراپ تۇرۇپ مۇخەممەسنى مەسنەۋى دەيدىغاندۇ دەپ، چۈشەندۈرۈپ كىتىپتىمەن .
مانا ماۋۇ ئەسلىسى .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 22:28:45

izchi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 20:45 static/image/common/back.gif
ھە ئۇنداقتا بۇ كۆرىنىشتىكى مەسىلە ئىكەن، مەن تىخى سىز ...

ھە ئەمدى ئايدىڭلاشتى ،مەن كومپىيوتىردا ئاچساممۇ شۇنداق چىقىۋالغانتى   ؛     ئۇقۇشماسلىق ھە;P

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 22:39:45

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 22:28 static/image/common/back.gif
ھە ئەمدى ئايدىڭلاشتى ،مەن كومپىيوتىردا ئاچساممۇ شۇند ...

ھىچقىسى يوق.
بەت: [1]
: ئانا تىلغا خىيانەت تۇز كورلۇق ،ھەم جىنايەت