Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 10:40:24

[تەرجىمە فىلىم] پولات بۆرە: Xجەڭچىنىڭ بۇرۇنقى رىۋايىتى (ھەقسىز)


ئۇيغۇرچە نامى : X جەڭچىنىڭ بۇرۇنقى رىۋايىتى: پولات بۆرە
ئىنگلىزچە نامى : X-Men Origins Wolverine
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2009 - يىلى 7-ئاي
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى 2014 - يىلى 5 - ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4- كۈنى
دۆلىتى : ئامېرىكا
ژانىرى :  فانتازىيە/ ماھارەت
نەتىجىسى: 6.8/10
ئۇلىنىشى: http://www.imdb.com/title/tt0458525/
تىلى : ئىنگلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە
ئۇزۇنلۇقى : 107 مىنۇت
رازمېرى : 1024x576 (ھەقلىق نۇسخىسى 1080P ئېنىقلىقتا ھەم ئېلانسىز)
رېژىسسور: Gavin Hood
باش رولچىلار :
Hugh Jackman ....Logan / Wolverine
Liev Schreiber ....Victor Creed / Sabretooth
Lynn Collins ....Silver Fox
Ryan Reynolds ....Wade Wilson / Deadpool
Daniel Henney ....David North / Agent Zero
Christian Clark

كەسمىسى:




قىسقىچە مەزمۇنى:
لوگىن ئەسلى بىر پۇلدار ئائىلىنىڭ بەگزادىسى ئىدى. ئەمما لوگىن ئاتىسىنىڭ ئۆز بالىسى ئەمىسەس ئىدى. ۋىكتورنىڭ ئاتىسى مۇشۇ ئائىلىدە خىزمەتكار ئىدى، لوگىن دەل مۇشۇ كىشىنىڭ بالىسى بولۇپ، كىچىك لوگىن بۇ ئىشلارنى بىلمەيتتى. بىر قېتىملىق ئۇقۇشماسلىق بىلەن ۋىكتورنىڭ ئاتىسى لوگىننىڭ ئاتىسىنى (لوگىن ئۆزىنى ئاتىسىنىڭ ۋىكتورنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى) ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنى كۆرگەن لوگىننىڭ ئەسەبىيلىكى تۇتۇپ ئۆزگىرىشچان ئادەملىك خۇسۇسىيىتىگە قايتىپ ئاتىسنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋىكتورنىڭ ئاتىسىنى يەنى ئۆز ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئۆيدىن قېچىپ كېتىدۇ. ۋىكتورمۇ لوگىننىڭ كەينىدىن قوغلايدۇ ۋە ئىككىسى بىللە قېچىپ بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ. بۇلار بىرلىكتە نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتنىشىدۇ. كېيىن ئۇلار (ئاكىسى ۋىكتور) جەڭ مەيدانىدا پۇقرالارغا زورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە باشلىقىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈمە قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزگىرىشچان ئادەم بولغاچقا ئۆلمەيدۇ. كېيىن مايور Stryker يادىمان قېتىشمىسىنى تېپىپ ئۆزگىرىشچان ئادەملەرنى تەجرىبە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ خىزمەتكە سالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇلاردىن باشقا يەنە ناھايىتى قابىل ئۆزگىرىشچان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار يادىمان قېتىشمىسنى تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، لوگىن بۇ ئىشلارغا چىداپ تۇرالماي بۇ قوشۇندىن ئايرىلىدۇ. ئاكىسى ۋىكتور بىللە كېتىشكە ئۇنىماي Stryker نىڭ قېشىدا قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ. كېيىن ۋىكتور بىللە خىزمەت قىلغان ئۆزىدەك ئۆزگىرىشچان ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ تەجرىبە قىلىشقا ئەۋرىشكە يىغىدۇ ھەمدە لوگىننىڭ قىز دوستىنىمۇ ئۆلتۈرۈپ (يالغاندىن ئۆلتۈرىدۇ) لوگىننىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ... فىلىم تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز فىلىمدە بولسۇن.

تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچىلەر
تەرجىمان: Alwun
مۇھەررىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى: Kulke
مۇقاۋا ئىشلىگۈچى: Kulke
خەتتا: Ilqin

شۈنلېيدىن چۈشۈرۈش

ئەسكەرتىش:
قۇتيار تورىدىكى ئاۋازلىق ياكى خەتلىك فىلىملەرنى ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن قالايمىقان باشقا تورلاردا تارقاتماڭ. بىزنىڭ قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ ھۆرمىتى بولسۇن.
مەزكۇر فىلىممۇ ھەقلىق ۋە ھەقسىز ئىككى خىل تارقىتىلىدۇ. بۇ نۇسخىسى ھەقسىز بىر قانچە تورلاردا تارقىتىلدى. قالايمىقان ئۆز تامغىڭىزنى بېسىپ كىنو بېكەتلىرىگە يوللىماڭ.

ئەسلى مەنبە: قۇتيار تەرجىمە فىلىم مۇنبىرى

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 15:13:11

ۋاھ قالتىس بۇرادەرلەر 2015ئېلان قىلىنىدىغان كىنونى 2014يەنى بىر يىل بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ بوپسىلەر ;P

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 15:13:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atella0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-4 15:15  

گېپىمدىن ئەكىس سادا قايتىپتۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 15:21:35

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 15:13 static/image/common/back.gif
ۋاھ قالتىس بۇرادەرلەر 2015ئېلان قىلىنىدىغان كىنونى 2014يە ...

قۇسۇر ئىزدىسڭىز ئۇنداق خاتالىقلار ساماندەك. يەنە ئىزدىڭە پايدىسى با سىزگە

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 15:57:47

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:11:33

2015 دەپ تۇردۇ راس ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:07:59

بەيدۇغا يوللاپ قۇيدىغانلار بارمۇ ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:22:29

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 15:21 static/image/common/back.gif
قۇسۇر ئىزدىسڭىز ئۇنداق خاتالىقلار ساماندەك. يەنە ئىز ...

چاخچاق بۇرادەر،قۇسۇر ئىزدىگەن ئىش يوق.چېچىلغاق بولۇپ قېلىۋاتىسىز كۈلكىجان.خاپىغانجانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىسىز.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:32:21

ئانچە مۇنچە قۇسۇرلىشىپ،چاقچاقلىشىپ ئۆتكەنگە يېتەمدۇ.قايسى كۈنى دۇكانلىرىغا بارساممۇ قاپاقلار تۈرۈك،مېنى تونۇمىدىلا ھەقىچان خاپىغانجان.يامان تېز ئادەم ئۇنتۇيدىغان بوپ كېتىپلا،خوجايىن بولۇشلىرىدىن بۇرۇن يامان ئەمەس بۇرادەرتۇق بىز خۇمۇ.تىجارەت قىلىدىغان ئادەم ئۇنداق بولسا بولمايدۇ.:lol

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:37:33

ئاۋۇ فىلىمدىكى ھەيۋەت خەتلەرنى نېمىدە يازىسىز،نىياز كېرىم شەرقى كېلىپ يېزىپ بەرمەيدىغاندۇ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:38:53

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 17:32 static/image/common/back.gif
ئانچە مۇنچە قۇسۇرلىشىپ،چاقچاقلىشىپ ئۆتكەنگە يېتەمدۇ. ...

ئۇ كۈندىكى سىز بولسىڭىز مەن سىز بلەن كۆرۈشمىگىلى نەچچە يىل بولدى؟ سىز مېنى تونۇغان ئادەم تونۇشلۇق بەرسىڭىز توغرا بولىدىغۇ دەيمەن. دۇكانغا كىرگەن ھەر بىر ئادەمنى بىرەر يەردە كۆرگەندەك قىلساملا سىز كىمۇ دەپلا سوراپ كەتسەممۇ بولماس. ھەم كېلىپ ئۇ كۈنى سىز بىلەن تۈزۈكرەكمۇ پاراڭلىشىپ باقمىدۇق. سىم دېدىڭىز ئېپ بەردىم. سىزنى خاپا قىلغۇدەك بىرەر ئېغىز گەپ سۆز بولۇنمىغاندەك قىلغانتا. ناۋادا رەنجىپ قالغان بولسىڭىز ئۆزۈر.
دۇكانغا كىرىپ تونۇمىدىڭىز دەپ ئىنكاس يېزىشىڭىزنىڭمۇ ھېچ بىر زۆرۈريىتى يوقتىغۇ دەيمەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:39:43

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 17:37 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ فىلىمدىكى ھەيۋەت خەتلەرنى نېمىدە يازىسىز،نىياز ك ...

مەخسۇس ئادەم بارغۇ يازىدىغان.

oyghunush يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:55:06

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل نادىر، خەتلىك فىلىملەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىڭلارغا تەشەككۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ يىڭى تەرجىمە قىلغان ياكى قىلىۋاتقان خەتلىك تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىڭىلارمۇ بارمۇ؟ ئەگەر بولسا بىز بازارلاردىن سىتىۋالالامدۇق؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 17:56:29

oyghunush يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 17:55 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل نادىر، خە ...

نىكىتانىڭ 2-بۆلۈمى. ئاتلانتىسنىڭ 1-بۆلۈمى ۋە كۆپ قىسملىق كارتون نارۇتو با.
بازاردا يوق، بىزنىڭ بېكەتتىن سېتىۋالالايسىز.
يەنە تىرىك مۇردىلار دېگەن فىلىممۇ بار ئىدى. 2-بۆلۈمنىڭ داۋامىنى قىلىمىز دەپ تۇرىمىز

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 18:59:29

ھەي.....ھېلىقى بىر موتۇغا بەشى مىنىۋاپتىكەن،قاتناش ساقچىسى تۇتىۋاپتىكەن............دېگەن يۇمۇر يادىمغا يىتىپ قالدى;P

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 19:16:32

ئاتلانتىس ھەقىقەتەن پەيزى كىنوكەن،ئىت ئۈچىيىدەك كىنولارنى زادى ياقتۇرمايتتىم،ئەمما ئاتلانتىسنىڭ ئىككى قىسمىنى كۆرۈپلا ئاتلانتىسنىڭ جىنى چاپلاشتى
مالاچلىتىپ قانلارنى چۇۋۇپ،ئۈچەي لەرنى سۆرەپ ئادەم گۆشى يەيدىغان پاسكىنا كىنولاردىن بىزارمەن

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 19:42:51

مېنىڭ فىلىمغا مۇناسىۋەتلىك تېمامنى كىم تەستىقلايدۇ؟ باشقۇرغۇچىلار بىر قاراپ قويساڭلارچۇ مېنىڭ تېمامغىمۇ ،ئارقا ھويلىدا بەك بېسىلىپ تۇرۇپ كەتتى دەيمە

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 20:11:05

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 16:11 static/image/common/back.gif
2015 دەپ تۇردۇ راس ؟

چاپ پاسونىڭلا پىچەتكەن نەدە ياساتتىڭلا شۇيەگە بىرىپ ياسىتاي:lol

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 20:34:50

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 17:37 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ فىلىمدىكى ھەيۋەت خەتلەرنى نېمىدە يازىسىز،نىياز ك ...

ئىسكەندەر ئىسمايىل ئىلچىننىڭ خېتى

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 20:54:16

Kulke:
مۇشۇنداق خەتلىك تەرجىمە فىلىمدىن سىلەرئىقتىسادىي كىرىم قىلالامدىكەنسىلەر؟
خەتلىك فىلىمنى نەچچىلىك ۋاقىتتا بىرنى پۈتتۈرۈپ بولغىلى بۇلىدۇ؟ قانداق ھالقىلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ؟
دىيارىمىزدا سىز بىلىدىغان خەتلىك فىلىم تورىدىن قايسىلار بار؟
بەت: [1] 2
: [تەرجىمە فىلىم] پولات بۆرە: Xجەڭچىنىڭ بۇرۇنقى رىۋايىتى (ھەقسىز)