iOS 8 دىكى ئۇيغۇرچە
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 1 دە، ئالما شىركىتى ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتى Moscone مەركىزىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان WWDC نى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىندا ئالما شىركىتى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن يېڭى سېستىما iOS8 ۋە ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سېستىمىسى OS X Yosemite نى ئېلان قىلدى.بۈگۈن iOS 8 نىڭ ئەپ ئاچقۇچىلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن سىناق نۇسخىسى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەندىن كېيىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم. سېستىما تىلىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپتۇ، ئەمما نۆۋەتتە پەقەت ۋاقىتلا ئۇيغۇرچە ئىكەن، iOS 8 رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ياكى كېيىنچە تېخىمۇ كۆپ يەرلەر ئۇيغۇرچە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
ئاندىن يەنە iOS 8 دىن باشلاپ iOS سېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئۈچۈنچى تەرەپ تەمىنلىگەن كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلىغىلى بولىدىغان بولۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇنىڭدىن كېيىن يانفوننى تۈرمىدىن قاچۇرمايلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش تېخىمۇ ئوڭاي بولغۇدەك.
تۆۋەندىكى رەسىملەر iOS 8 قاچىلانغان iPad Air دىن تۇتۇلغان رەسىملەر:
https://farm4.staticflickr.com/3885/14152233807_ae96eb8eb2_o.jpg
https://farm6.staticflickr.com/5117/14152068498_c54dda727b_o.jpg
https://farm3.staticflickr.com/2914/14335389941_d0ed1ecae3_o.jpg
https://farm4.staticflickr.com/3879/14152114350_dd807008f0_o.jpg
https://farm6.staticflickr.com/5311/14152074148_d1f4fec719_o.jpg
https://farm3.staticflickr.com/2918/14338109284_64c2463ea4_o.jpg سۆيۈندۈرىدۇ! پۈتۈن دۇنيادا كىشىلەر تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىۋاتقان ئالما ئۈسكۈنىلىرىگىمۇ تېگىدىن ئۇيغۇرچە قوشۇلۇشمۇ خۇددى مىكروسوفت سېستىمىلىرىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلغاندەكلا ناھايىتى خۇشاللىق ئىش. ئانا تىلىمىزنىڭ ئابرويى بارغانسىرى يۈكسىلىۋاتىدۇ! بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە كاممۇنىستىك پارتىيەرىمىز يېتەكچىلىكىدە بەكمۇ خۇشال بولماي تۇرالمايمىز......... تىل تىزىملىكىگە ئۇيغۇرچە قوشقان بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىمۇ سىستېمىدىن بىللە تەمىنلىشى مۇمكىن. بەلكىم يەنە بىر ئىككى نەشىرىگىچە ئاساسەن تولۇق ئۇيغۇرچىلىشىپ بولۇشى مۇمكىن. قوشۇلۇشنىڭ ئاساسىنى ھازىرلاپ بوپتۇ..... ھەي........ ئولتۇرۇپ خىياللارغا پېتىپ كېتىپتىمەن........ ئۇيغۇرچە بولمايۋاتقان نىمە قالدى ئەمدى-ھە؟ زادى ..........؟ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىن نەچچە يىل بۇرۇن پىشىپ يېتىلگەن، ھەم قوشۇش ئوڭاي. ئەمدى فونتنى سەل گۈزەللەشتۈرسە(ئەلۋەتتە، ھازىرمۇ سەت ئەمەس) ئالما ھەۋەسكارلىرىغا مايدەك ياقىدىغان ئىش بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Faith تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-4 09:19
بۇ ناھايىتى كاتتا خۇش خەۋەر ئىكەن. ھازىرچە شۇ رايون فورماتى ئۇيغۇرچىلىشىپتۇ. تېخى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىكەن. بەكلىم رەسىمي نەشىردە ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ ۋە كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتسە تېىخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ سىرتتىن قوشقىلى بولىدىكەن. قارىغاندا «ios كە ئۇيغۇچە قوشۇش چاقىرقى» ئۈنۈم بەرگەندەك قىلىدۇ. نىمە دىمەيلى بۇ ئەپولنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىنى سېستىمىسىغا قوشقىنى بوپتۇ. :lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol قارلۇق شىركىتى بۇ جەھەتتە تىخىمۇ كۈچىسە بولغۇدەك ما نوكىياغا ئۇيغۇرچە قاتىدىغان ئىشمۇ كۆپۈككە ئايلانغاندەك. ئەمدى ئالما ئىشلەتسەك بولغۇدەك {:112:} iOS 8نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى قانداق؟ 4-ئەۋلاد ياكى 4sلەر نورمال سۆرىيەلەمدۇ؟ 4s tin bashlap qollaydiken Eger sestima tilgha uyghurche qoshsa bu Chong sekrep ilgirlesh boluptu.
Kirguzguch API seni echiwetiptu, uyghurche kirguzguch qachilap ishliteleydighan bolduq dep xoshal bolup ketkentim, teximu zor xoshalliq bu yerde iken emesmu خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۇيغۇر تىلىنى قاتتىيۇ.... يولداشلار:shutup: kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 11:26 static/image/common/back.gif
iOS 8نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى قانداق؟ 4-ئەۋلاد يا ...
ios8.0 نى 4s تە نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىكەن . بىراق 4-ئەۋلاتلار 7.1.1 دە توختاپ قاپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-4 14:29
ئالما مەھسۇلاتىغا بولغان ئۇيغۇرچە قوللاش بۇ تۇنجىسى ئەمەس. مەك كومپيۇتىردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ كىرگۈزۈلۈشى خېلى بۇرۇن ئەمەلگە ئاشقان.
ئالما كومپيۇتىرىدىكى ئۇيغۇرچە
ھازىر كۆچمە ئۈسكۈنىسى بولسۇن ۋە ياكى كومپيۇتىرلىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ۋاقىت كالىندارلىرى ئۇيغۇرچە بولۇپتۇ. ئەمىسە مەنiso8نى تاما قىلمىسام بولغۇدەك. kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 16:28 static/image/common/back.gif
ئەمىسە مەنiso8نى تاما قىلمىسام بولغۇدەك.
4- ئەۋلادمىتتى:lol ئەمدى ئالما مەھسۇلاتلىرىنىغۇ چەكلىۋەتمەس؟ ياخشى بوپتۇ،قوللايمەن
لېكىن مەن ئەزەلدىن ئالمىنى ياقتۇرمايمەن،چەكلىمىسى ئاجايىپ تولا
بەت:
[1]
2