مۇراجىئەتنامە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-3 17:31قىسمەتتىن سۆز: بۇ مۇراجىئەتنامە يۇرتدىشىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى. قېرىنداشلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
___________________________________________________
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار!
مەن ئالىيەقىز تۇرغۇن، ئۇچتۇرپان بازار ئىچىدىن، بۇ يىل 13 ياشقا كىردىم. مەن ئىككى يىل ئالدىدا لىمفا بېزى تۇبېركۇليۇز كېسىلى بىلەن ئاغرىپ قالغان. قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىدە بىر قېتىم داۋالانغان بولساممۇ، كېسىلىم تۈپ يىلتىزىدىن ساق ساقىيالمىدى. مېنىڭ بۇ كېسىلىمنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىزچىل دورا-ئوكۇل ئارقىلىق داۋالايدىكەن. داۋاملىق داۋالىتىشقا توغرا كەلگەن بولسىمۇ، ئائىلىمىزنىڭ ئېغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن داۋالىتىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى.
ھازىر ئۆيدە دورا-ئوكۇل ئېلىۋاتىمەن. يېتەرلىك ئىقتىساد جۇغلىيالىساق، ئاندىن ئۈرۈمچىگە قايتا بېرىپ داۋالىنىشنى ئويلاۋاتىمىز.
ئائىلىدە مەن ۋە دادام ئىككىمىزلا بار بولۇپ، دادامنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق، ئۇششاق تىجارەتچى بولغاچقا، دادامنىڭ ئىقتىسادى يەتمىدى.
ئەگەر مۇشۇ پېتى داۋالىنالماي قالسام، ھاياتىم خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن. ھازىر دادام مېنى داۋالىتىش ئۈچۈن بۆرىكىنى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن مەن دادامنىڭ مېنى داۋالىتىش ئۈچۈن بۆرىكىنى سېتىپ كېسەلچان بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن.
كېسىلىمنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئالدى بىلەن رەھمىتى كەڭ ئاللاھدىن تىلەيمەن. ئۇنىڭدىن قالسا قېرىنداشلاردىن داۋاملىق داۋالىنىشىمغا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
مۇراجىئەت قىلغۇچى: ئالىيەقىز تۇرغۇن
تېلېفون: 13899220720
ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى كارتا نومۇرى: 6210082041842254
كارتا ئىگىسى: تۇرغۇن سەمەت 吐尔洪•赛麦提
ئەگەر Alipay دىن سالىدىغانلار بولسا، xjcfan@sina.com غا سالسا بولىدۇ، مەن خالس يەتكۈزىمەن. Alipay دىن سالغانلار «ياردەم، مۇراجىئەت» دېگەندەك ئەسكەرتمە بېرىپ قويغايسىلەر.
رەھمەت. تاۋباۋدىن نەرسەسېتىۋىلىش شەكىلىدەياردەم قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ قويغان بولساياخشى بولاتتىكەن،ھەرقېتىم مۇشۇنداق مۇرجەتنامىلەرنى كۆرگەن چېغىمدايۈرۈەكلىرىم پۇچۇلىنىپ كېىتىدۇئۆزۈممۇجېنىمنى ئاران بېقىپ كېتىۋاتقان بىرسى بولساممۇاللەقاچەكسىزشۈكرىلەربولسۇن ھەرھالداتېنىم سالامەت،ياردەمگەمۇھتاج بولغان قېرىنداشلىرىمغاھىچ بولمىغاندابىرۋاقلىق تامىقىنى ھەل قىلالىغۇدەك بولسىمۇياردەم قىلغۇم كېلىدۇئۆزۈم بىرچۆللۈكتەئىشلەپ تۇرۇۋاتقان بولغاچ بانكادىگەندەك ئورۇنلارغابېرىش ئىمكانېيتىم تۆۋەنرەك.مۇمكىن بولغان تەقدىردەتاۋباۋدىن نەرسەسېتۋالىدىغان شەكىلدەياردەم قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ قويسادىگەن ئۈمۈدتىمەن............. ئاۋۋال ئاللاھدىن كېسىلىگە شىپاھلىق تىلەيمەن.
مۇمكىن بولسا ئامانەت قەرىزدىن باشقا بانكا بولسا تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى.. قىسمەت ئەپەندىم ھېلىمۇ ياخشى ئالىپېي ھېساۋاتىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ... بولسا سودا سانائەت ياكى يېزا ئىگىلىك بانكىنىڭ نومۇرى بولسا باشقا تورداشلىرىمىزغا تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى..
قېرىنداشلار بىر كوي بولسىمۇ ئون كوي بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى ئايىمايلى:(:(:(:(:(
ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ساغلام قىلغاي ھەمدە يامان كۈنلەردىن ساقلىغاي، ئېغىر سىناقلاردىن سەبىرچانلىق ئىچىدە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشكە نېسىپ ئەتكەي.. axpazman يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 19:21 static/image/common/back.gif
تاۋباۋدىن نەرسەسېتىۋىلىش شەكىلىدەياردەم قىلغىلى بولى ...
ئالىپاي نومۇرنى قالدۇرۇپتۇ، شۇنىڭغا ياخشى كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز تامامەن بولىدۇ، ئەگەر تاۋباۋدىن بىرنەرسە ئالىدىغان ھالەتتە بولمىسا بولمايدۇ دىسىڭىز ئۇ ھالدا سىزگە بىرئادرىس ئەۋەتىپ بېرىمىز، شۇ دۇكاندىن نەرسىنى ئېلىپ ھېساۋات قىلىسز، لىكىن سىزگە مال بارمايدۇ (بۇ بىر شەكىل)، ئاندىن سىز مال ئىلىشقا تۆلىگەن پۇلنى قىسمەت ئەپەندىمنىڭ ھېساباتىغا يۆتكەپ بەرسەك بولىدۇ... axpazman يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 19:21 static/image/common/back.gif
تاۋباۋدىن نەرسەسېتىۋىلىش شەكىلىدەياردەم قىلغىلى بولى ...
ئەمەتجان ئاكىمىز قالدۇرغان ئالىپاي ھېساباتىغا يۆتكەپ بەرسىڭىز بولىدۇ، تاۋباۋ بىلەن ئوخشاش، قىلالمىسىڭىز مەن سىزگە كۆرسىتىپ قوياي، ياكى كومپىيۇتېرىڭىزنى يىراقتىن كونتىروللاپ مەن سىزگە قىلىپ بېرەي. قىسمەت
پۇل كەتتى ئاپلا،ئالىپايدىن پۇل سالغاندا ياردەم مۇراجىئەتنامە دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
elbilge@xxx.comدىگىنى مەن شۇ پۇل سىلىشتا ئالىپەي ئەڭ ياخشىكەن، مەن چۆلدە تۇرۇپمۇ ئالىپەي ھىساباتى بولسىلا پۇل سالالايمەن. abdrtt يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 19:48 static/image/common/back.gif
ئالىپاي نومۇرنى قالدۇرۇپتۇ، شۇنىڭغا ياخشى كۆڭلىڭىزن ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.مەن دەل شۇنى دىمەكچى،بۇرۇنمۇبىرنەچچەقېرىندىشىمىزنىڭ شۇ شەكىلدىكى مۇراجەتنامىسىگەئازراقتىن كۆڭلۈمنى بىلدۈرگەن ئېدىم،ماتېمىدادىيىلگەن ئالىپاي توغرۇلۇق ھىچقانداق بىرساۋادىم يوق. Control يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 19:58 static/image/common/back.gif
ئەمەتجان ئاكىمىز قالدۇرغان ئالىپاي ھېساباتىغا يۆتكە ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.مېنىڭ ئۇئالىپاي دىگەن توغرۇلۇق ھىچقانداق بىرچۈشەنچەم يوق،ئۇقېرىندىشىمىزقالدۇرغان ئادرىسنى چەكسەم بىررامكائېچىلىپ بىرمۇنچەخەنچەخەت چىقىۋىلىپ تۇرىدۇ.ئۇنداق قىلىپ بېرىمەن دىسىڭىزچ چ 1329473672نى قوشۇڭ ئەمىسە. مۇشۇ ئالپاي توغرلىق بىر تەلىم بېرىڭلار، يانفوندىمۇ ئىشلەمدۇ؟ axpazman يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 20:55 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.مېنىڭ ئۇئالىپاي دىگەن توغرۇلۇق ھى ...
ئالىپاي دېگەن دەل تاۋباۋدا پۇل تۆلەيدىغان نەرسە شۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-3 22:01
zapar يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 21:47 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئالپاي توغرلىق بىر تەلىم بېرىڭلار، يانفوندىمۇ ئ ...
ئالىپاينىڭ مەخسۇس يانفون تېرمىنالى بار. مەشغۇلاتى كومپىيۇتېردىن قولايلىق. ھەم كومپىيۇتېردا پۇل يۆتكىسە مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ، يانفوندا يۆتكىسە مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدۇ.
ماۋۇ ئادېرسنى باسسىڭىز ئالىپاي ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئېرىشىسىز.
http://alip.biz/search.php?mod=forum&searchid=1522&orderby=lastpost&ascdesc=desc&searchsubmit=yes&kw=%D8%A6%D8%A7%D9%84%D9%89%D9%BE%D8%A7%D9%8A
http://alip.biz/search.php?mod=forum&searchid=1528&orderby=lastpost&ascdesc=desc&searchsubmit=yes&kw=alipay
http://alip.biz/search.php?mod=forum&searchid=1531&orderby=lastpost&ascdesc=desc&searchsubmit=yes&kw=%E6%94%AF%E4%BB%98%E5%AE%9D رەھمەت قېرىنداشلار، ھازىرغا قەدەر Alipay غا 260 يۈەن كىردى.
ئاللاھ خالىسا ئەتە نامىمدىكى سودا-سانائەت كارتىسىنى قۇرۇقداپ، ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى مۇشۇ يەرگە چىقىرىپ قوياي. iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 20:38 static/image/common/back.gif
ئاپلا،ئالىپايدىن پۇل سالغاندا ياردەم مۇراجىئەتنامە د ...
رەھمەت، تاپشۇرۇپ ئالدىم. yasinjanaks يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 19:25 static/image/common/back.gif
ئاۋۋال ئاللاھدىن كېسىلىگە شىپاھلىق تىلەيمەن.
مۇمكىن ب ...
ھازىرغا قەدەر Alipay غا 260 يۈەن كىردى.
ئاللاھ خالىسا ئەتە نامىمدىكى سودا-سانائەت كارتىسىنى قۇرۇقداپ، ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى مۇشۇ يەرگە چىقىرىپ قوياي. ئەمەتجان ئاكا ئالىپايغا پۇل كەتتى، ئاللاھ قېرىندىشىمىزغا شىپالىق بەرسۇن ئامىن! ياردەم پۇل دەپ يېزىپ قويدۇم. alip يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 21:55 static/image/common/back.gif
ئالىپاي دېگەن دەل تاۋباۋدا پۇل تۆلەيدىغان نەرسە شۇ.
ھە،نەچچەۋاقىتتىن تۆگىگەمېنىۋىلىپ تۆگەئىزدىگەندەك ئىش قىلىپتىمەن 支付宝دىگىنى شۇمۇ؟abdrttقېرىندىشمىزغۇدەيمەن بىرسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئازراق كۆڭلۈمنى بىلدۈردۈم. alip يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 21:59 static/image/common/back.gif
ئالىپاينىڭ مەخسۇس يانفون تېرمىنالى بار. مەشغۇلاتى كو ...
ھېچقايسىسى ئېچىلمىدىغۇ ؟