tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 17:09:28

بۆرەك ھەققىدە


بۆرەك  ئىككى دانە يېرىم ئايلانما، سوقىچاق شەكىلدە بولىدۇ. ئازراق قىزىل،سېزىمچانلىقى يوق،ياغ،سەكرەيدىغان ،سەكرىمەيدىغان نۇرغۇن تۇمۇرلاردىن شەكىللەنگەن بىر ئەزا بولۇپ،دۈمبىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە قۇۋۋەتلىك چېتىلمىلار بىلەن مەھكەم باغلىنىپ تۇرىدۇ. بىر دانىسى ئوڭ تەرەپتە، بىر دانىسى سول تەرەپتە بولۇپ، سېزىش كۈچى بولغان  پەردە ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ.
بۆرەك بىلەن جىگەر ئوتتۇرىسىدا بۆرەك بوينى دەپ ئاتىلىدىغان بىر تال تۇمۇر ۋاستىلىك ھالدا جىگەرگە ئۇلىنىپ تۇرىدۇ.
بۆرەكنىڭ رولى-جىگەردىكى  زەھەرلىك قىسىمنى سۈمۈرۈپ سۈزۈپ، دوۋساق تەرەپكە ئەۋەتىپ،سۈيدۈكنى سىرتقا چىقىرىدۇ.
بۆرەكتە سېزىمچانلىق يوق دېگىنىمىز جىگەردىن كەلگەن ئاچچىق ، تۇزلۇق سۇدىن بۆرەك ئازارلانمايدۇ. بۆرەك گۆشى باشقا گۆشلەردىن قاتتىقراق، شۇڭا سۇنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆتكۈر خىلىتلار ئازارىغا  بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.  بۆرەكنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرىدىغان سېزىمچانلىقى كۈچلۈك پەردە ئىچى ۋە سىرتىدىن بۆرەككە بولغان ئازارنى توسايدۇ.
بۆرەكنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، جىگەردىن كەلگەن يول بىلەن، كېرەكسىز سۇ بىرىدىن قۇيۇلۇپ، بىرىدىن تاشقىرى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بۆرەكتىن ئۆپكە ۋە يۈرەككە پايدا  بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۆرەك كېسەللەنگەن ھالەتلەردە ئېغىزى بەتتام بولۇش، كۆكرەك قىزىش، تىل قۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
بەزىدە بۆرەكنىڭ مىزاجى بۇزۇلغانلىقتىن ئۆپكە بۆرەك،ئاشقازان كېسەللىكلىرى يۈز  بېرىدۇ.مەسىلەن: كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇش قاتارلىقلار...
دېمەك ئىستىمال قىلغان ئۇزۇقلۇق ئاشقازاندىن جىگەرگە ئۆتۈپ ،جىگەردە ساپ جەۋھەرگە ئايلىنىپ، يۈرەك، ئۆپكىلەرگە بارىدۇ. ئەگەر بۆرەك ھەزىم بولغان جەۋھەر تەركىبىدىكى كېرەكسىز سۇنى سۈمۈرۈپ ئالالمىسا ، ئۇ قان بىلەن يۈرەك ، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارغا زەرەر يەتكۈزىدۇ.
جىگەردىن بۆرەككە كەلگەن سۇ قىسمى ساپ بولمايدۇ، بەلكى قانغا ئارىلاش كېلىدۇ، ئۇ بۆرەككە كەلگەندە سۈزۈپ ساپلىنىدۇ. ئاشۇ ساپلاش جەريانىدا ئايرىلغان  قان  ماددىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە ئۇزۇق قىلىپ، يەنە بىر قىسمىنى يۈرەك، ئۆپكىگە ئەۋەتىدۇ. ساپلانغان سۇنى دوۋسۇن تەرەپكە ئەۋەتىدۇ. ھەر ۋاقىت بۆرەكنىڭ ئۇزۇقلۇقنى تۇتۇپ تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاشسا ، سۈيدۈك شۇ ھامان رەڭلىك كېلىدۇ. جىگەر ئاجىزلىغاندىمۇ سۈيدۈك رەڭلىك كېلىدۇ. بۆرەككە پايدىلىق نەرسىلەر دوۋساققىمۇ زىيان قىلمايدۇ.
تېببى زۇمرەت دېگەن كىتابنىڭ 17-بابتىن ئېلىندى.

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 23:00:46

ھەكىم ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىلە
مەن بۇيىل 25 ياش دائىم ئاغزىم قۇرۇپ ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئاغزىم ئاجايىپ بەتتام
ئىككى بىقىنىمنىڭ بورەك ئورنى مۇزدەك باشقا يەرلىرىم قىززىق   بەزىدە بەكلا ماغدۇرسىزلىنىپ يۇرۇكۇم ئەنسىز سوقۇپ كىتىدۇ ئۇيقۇم پەقەتلا ياخشى ئەمەس كەسپىم كومپىيۇتېر  بولسا  مەسلىھەتلىرىنى ئايىمىغان بولسىلا قانداق دورىلارنى
يىسەم بولا

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 06:17:20

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 13:34:04

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 06:17 static/image/common/back.gif
ئاتماردولى نى پۇتاۋتاڭ سۈەنگەي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەڭ

:lol ;P

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 16:54:20

مۇشۇ بۆرەكنى ئەخلەت تازىلايدىغان زاۋۇتقا ئوخشىتىدىكەن.باشقا مۇشۇنداق مۇھىم ئەزارلارنىڭ ئوخشىتىلغان
ئىپادىلىرىنى دەپ باقساڭلار؟
بىرىنى ئېلىۋەتسە ئادەم ياشىيالامدۇ؟ ئوڭ-سول تەرەپتىكىىنىڭ قايسىسىنىڭ رولى چوڭ؟
زادى مۇشۇ بۆرەك زەئىپلىشىش،ۋە باشقا بۆرەككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنى داۋلىغىلى بۇلامدۇ يوق؟
بەت: [1]
: بۆرەك ھەققىدە