خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل
خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىلدەردىم يۇتۇپ يۈرەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل،
پىشانەمدىن كۆرەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.
تەڭسىزلىككە كۆنەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل،
مەقسىتىڭنى بىلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.
ئىدارەڭگە ھېچقاچان قۇل بولغىلى كەلمىگەن،
تەشتىكىدىن چىقالماس گۈل بولغىلى كەلمىگەن.
مىنىۋالساڭ پاتاڭغا ئۇل بولغىلى كەلمىگەن،
ئالداۋەرسەڭ ئۇيالماي گول بولغىلى كەلمىگەن،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.
بىر ئاي تولۇق ئىشلەپمۇ ئالالمىسام مائاشنى،
« قىيامەتتە سورامدۇ خورلىمىساڭ ياۋاشنى » ،
خوشامەتچى ئەمەستىم ئۆگەندىمغۇ ماختاشنى،
ئەنسىرىدىم ئاڭلاشتىن « قوغلا ماۋۇ ئاداشنى » ،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.
توي – تۆكۈنگە، ئۆلۈمگە رۇخسىتىڭسىز بارالماي،
ھېيت – بايراملار كەلسىمۇ تۈزۈك ئارام ئالالماي.
ھېرىپ ھالىم قالمىدى ساڭا ياخشى بولالماي،
تىل ئاڭلىدىم نەچچە رەت دېگىنىڭدەك قىلالماي،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.
ساقچى قىلدىڭ خالىساڭ كوچا چارلاپ يۈرگىلى،
كېلەر قېتىم قاراۋۇل، بولماس لېكىن بىلگىلى.
ئۇرۇق – تۇغقان، دوستلىرىم تۇردى قاپاق تۈرگىلى،
تار كەلدىغۇ بۇ جاھان خىجالەتتە ئۆلگىلى،
ئىشلىمىسەم ئۆلەمتىم، خىزمىتىڭنى ئۆزۈڭ قىل.
ئۆز قەلىمىم
{:258:} ئوغال بالا {:112:} Pinhan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 18:53 static/image/common/back.gif
{:143:} مانى نىمىگە بەلە :loveliness: قالتىس شوجاڭ دەيدۇ؛ «ئۆسمىسىۇن ساقال،
ئۆسۈپ قالسا خىزمەتتىن يوقال!{:92:}{:92:}
...
.............
ئاخىرنى چۈشۈرۈڭلا سىياسەت شۇ ئالغىن بىر خوتۇن،
قۇشۇلمايمىز كۆپەيتسەڭ توقال، 男子汗 azharbag يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 23:07 static/image/common/back.gif
男子汗
;P مەھەللە كومىتېتتىكىلەرنىڭ كېچىچە نۆۋەتچىلىكنىڭ قېتىمى كۆپ، دەم ئېلىشى يوق قاخشاشلىرىنى دائىم ئاڭلايمەن. ئىچىدىن مۇشىندا قاينايدىغانلىدىن نەچچىسى باردۇ ؟ ئوغاۋالا ئەكەك{:112:} يانفۇندا ئۇيغۇرچە يازالمىدىم.{:112:}{:112:} {:92:} {:112:}ئالامەت يىزىپسىلەر، بۇ شىئىردىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنگىلى بولىدىكەن .............................قولۇڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن ........ ئاساسى قاتلام ئەمەس جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۆپىنچە كادىرنىڭ ئاھۇ زارىدەك قىلىدۇ ...
بىزمۇ بۇلتۇر ئېدارىدىن تارقاتقان نۇمۇرى يوق ساقچى كىيىمىنى كىيىپ يول توسۇپ ، يول چارىلاپ يۇردۇق ، بىرەرسى كېلىپ چانىۋەتسە ، ياكى سەم كىم ، كىنىشكەڭنى چىقار دېسە نېمە قىلارمىز دەپ يۇرەك پوك پوك كوچىدا يۇرەتتۇق . كىيىن بىز رەسىمي ساقچى بولمىغاندىكىدىن ماكىيىمنى كىيمەيلى ، بولمىسا بىزگىمۇ قۇرال سەپلەپ بېرىڭلار دەپ تۇرىۋىلىپ ، ئاخىرى خوڭۋىيبىڭلاردەك قىزىل يەڭلىك تاقاپ تۇرۇپ يول چىڭداشقا چىقتۇق ...
كۇندە 10 گۇمانلىق ئادەم ۋە ئون گۇمانلىق ماشىنىنىڭ نۇمۇرىنى تېپىپىپ (يالغاندىن توقۇپ ) بولالماي ھىرىپ كىتەتتۇق ،كىملىك نۇمۇرىنى خالىغانچە يازاتتۇق ، يول بويلىرىدا قالايمىقان توختىتىلىپ قويۇلغان ماشىنا ۋە ئىچكىرىنىڭ نۇمۇر تاختىسى ئېسىلغان ماشىنىلارنى تىزىملاپ بېرەتتۇق . ئاساسى قاتلام ئەمەس جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۆپىنچە كادىرنىڭ ئاھۇ زارىدەك قىلىدۇ ...
بىزمۇ بۇلتۇر ئېدارىدىن تارقاتقان نۇمۇرى يوق ساقچى كىيىمىنى كىيىپ يول توسۇپ ، يول چارىلاپ يۇردۇق ، بىرەرسى كېلىپ چانىۋەتسە ، ياكى سەم كىم ، كىنىشكەڭنى چىقار دېسە نېمە قىلارمىز دەپ يۇرەك پوك پوك كوچىدا يۇرەتتۇق . كىيىن بىز رەسىمي ساقچى بولمىغاندىكىدىن ماكىيىمنى كىيمەيلى ، بولمىسا بىزگىمۇ قۇرال سەپلەپ بېرىڭلار دەپ تۇرىۋىلىپ ، ئاخىرى خوڭۋىيبىڭلاردەك قىزىل يەڭلىك تاقاپ تۇرۇپ يول چىڭداشقا چىقتۇق ...
كۇندە 10 گۇمانلىق ئادەم ۋە ئون گۇمانلىق ماشىنىنىڭ نۇمۇرىنى تېپىپىپ (يالغاندىن توقۇپ ) بولالماي ھىرىپ كىتەتتۇق ،كىملىك نۇمۇرىنى خالىغانچە يازاتتۇق ، يول بويلىرىدا قالايمىقان توختىتىلىپ قويۇلغان ماشىنا ۋە ئىچكىرىنىڭ نۇمۇر تاختىسى ئېسىلغان ماشىنىلارنى تىزىملاپ بېرەتتۇق . ئەجەپ (لاتا) دىگەن تورداش ئىسىمگە كەپ قالدى ... azharbag يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 19:41 static/image/common/back.gif
ئەجەپ (لاتا) دىگەن تورداش ئىسىمگە كەپ قالدى ...
ئۇ بۇرادىرىمىزنى ئەسلەيدىغانلارمۇ باركەن ھە:lol شېئىرمۇ يازماي، بىراقلا مۇشۇ خىزمەت دىگەنى تاشلاپ باشقا بىر ئىش قىلسام بولىتى ، ئۇفففف، شېئىرنى ناخشا قىلىپ باشلىققا ئېيتىپ بەرگۈدەك يەرگە كەلدىغۇ ئادەم :dizzy:ۋاقىتنى ئەركىن ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان، ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئىگە بولالايدىغان، مۇۋاپىق ئىش تاپالىغان بولسام قانداق ياخشى بولار ئىدى:(:(
بەت:
[1]