hunbag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 13:40:39

ھۇنبەگ : ھېلىقى كوچا

                              ھېلىقى كوچا

                   مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ


ھېلىقى كوچا
كۆزلىرى ياش ئۆتۈپ بارماقتا .
بىنالارنىڭ چېھرىدە نۇر يوق
دەرىزىنىڭ پۇتلىرى سۇنۇق .

ئۈستى يالىڭاچ
قورسىقى ئاچ
پىغان تىرەر ئاياللار يولدا .

بىر تونۇرغا چاپلانغان بازار
قىزىرىپ ، تاتىرىپ قوقاستا پىشار
رىشاتكىلاپ قويۇلغان كىملىك
ئۆزىنى ئىزدەپ يولىدىن ئازار
شائىر ئۇنى تونىماي يازار .

قۇرۇپ كەتكەن تۇربىدا ھېسيات
سۇدا تۇرۇپ سۇسىزلىقىدىن                                                
قاراڭغۇلۇق ، تۈن لىباسى كەڭ
چىراغ يېنىپ تۇرىدۇ لېكىن .

.........

ئادەمسىزلىك ئادەملەرنى قىينىماقتا ...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 21:18:41

مەندىمۇ ئامال يوق  تازنى تاز دىسە كۈلگۈسى كىلە ، تاز ئەمەسنى تاز دىسە ئۆلگۈسى  دەپ  يازىدىكەن كونىلار ھېك--------------------مەت  خاتىرسىگە  كەچلىك بازادا توخۇ ئۆپكىسى ساتمىغاندىن كىيىن ماتاڭچىدىن سەلەركە تىلەپ  بۇ تىمىغا ئەلانى بېسىۋەتكەچ تۇردۇققۇ{:90:}

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 21:23:10

بۇ مەن ئۈندىداردا كۆرگەن قەدىمىي چىراي شېئىر شۇكەنمۇ دەيمەن،  شېئىردىن بىر خىل يېڭىچە پۇراق، غېرىپلىق، مۇڭ تۈكۈلۈپ تۇرىدىكەن، قەلىمىڭىز ھارمىغاي

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 15:11:53

مۇشۇنداق ئېسىل شئىر كۆمۈلۈپ قالمىسۇن چوققىلاپ قوياي:P

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 15:22:24

تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خېلى ياخشى شېئىر دىيىشكە بولىدۇ . لېكىن مىسرالارنى باغلاشتۇرۇشتا ئازراق قىينالغان چېغى شائىر ...
بەت: [1]
: ھۇنبەگ : ھېلىقى كوچا