mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 11:09:28

(كارىزى) تۇرپاندىكى شامانىزم مەدەنىيىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 11:21  

تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم مەدەنىيىتى ھەققىدە ئانتىروپولوگيىلىك تەكشۈرۈش

ئادىل غاپپار كارىزى
(بۇ ماقالە 2003-يىلى 7-ئايدىن 2004-يىلى 11-ئايغىچە تۇرپان رايۇنىدىكى يېزا-بازارلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە پىشىقلاپ ئىشلەش ئاساسىدا، 2005-يىلى 5-ئايدا يېزىپ تاماملانغان ھەم 2006-يىلى «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2-سانىدا ئېلان قىلىنغانىدى. شۇڭا، بەزى پىكىرلەر سەل كونىراىغان بولىشى مومكىن ھەم  بەزى مەسەلىلەردىكى پوزىتسىيە ھەم كۆز-قاراشلار ھازىرقى بەزى پىكىرلىرىمىز بىلەن ئوخشاش بولماسلىقىمۇ مومكىن. كۆپچىلىكنىڭ تەتقىدى پوزىتسىيىدە ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  ئەسكەرتىش: ئەسەردە شامان ئاتالغۇسى باخشى-پېرىخونلارنى كۆرسىتىدۇ.)

1. باشلانما
2003-يىلى 7-ئايدا، مەلۇم بىر ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىغا بېرىپ مۇنداق بىر ئىشنى ئۇچرىتىپ قالدىم. يار يېزىسى ××مەھەللىلەر كومىتېتى×× كەنتتىكى مەلۇم بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، تۆت دانە ئېشەك ھارۋىسى، ئىككى دانە ئۈچ چاقىلىق كىرا توشۇيدىغان موتسىكلىت، بىر مىنىبوس، بىر تراكتور ۋە نومۇر تاختىسى A  新Oبىلەن باشلانغان بىر قارا رەڭلىك بىك ( Buick ) ماركىلىق ئاپتوموبىلنى ۋە بىر قانچە ئەر كىشىنىڭ تاماكا چېكىشكەش ئۆز ئارا پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بەلكىم بۇ ئۆيدە نەزىر چىراق بولغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم ۋە يېنىمدىكى ھەمراھىمدىن: «بۇ كىمنىڭ ئۆيى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بىلمەمسىز؟ بۇ ئاپتونوم رايونغا داڭقى بار ×× موللىنىڭ ئۆيى» دىدى. «نېمە؟ ئاپتونوم رايونغا داڭقى بار مولا؟! » مەن ھەيران بۇلۇپ سورىدىم. چۈنكى تۇرپاندا بۇنداق داڭلىق موللىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغاندىم. ئۇ ماڭا بۇ كىشىنىڭ كىشى كۆرىدىغان موللا ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى داۋالىيالايدىغانلىقىنى، ھەركۈنى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ قويىشنى ۋە كۆرۈپ قويۇشنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئاپتونۇم رايونىنىڭ چوڭ-چوڭ باشلىقلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسىدىغان ياكى ئوسمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت ئالىدىغانلىقى ۋە داۋاملىق ئۆسۈشكە يول ئېچىپ، سەۋەب قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل بېرىدىغانلىقىنى، ھەر داڭلىق دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلارمۇ داۋالاپ ساقايتالمىغان كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقىنى، ئاچقان پالىنىڭ ئىنتايىن توغرا چىقىدىغانلىقىنى ئېيىتپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭدە ئۇنىڭ ھۈنەرلىرىنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى ۋە ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىردۇق.
ھويلىنىڭ ئىچى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، بىر باغقا ئوخشايتتى. ئۇزۇن كەتكەن ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، نۇرغۇن ئەر-ئاياللار تۇرپاننىڭ 7-ئايدىكى پىژغىرىم ئىسقىدا تەرلىرىنى سۈرتۈشۈپ، ئۆزلىرىنى يەلپۈگىنىچە ئولتۇراتتى. بىز ئىچكىرلەپ كېرىپ، ھېلىقى «داڭلىق» موللىنىڭ دىدارىنى ۋە ھۈنىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. 36-37 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر كىشى (ئۇنىڭ نۆۋىتى كېلىپ) ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇ موللا ئالدى بىلەن بۇ كىشىنىڭ نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى، ئىسمىنى، قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمىنى سورىدى ۋە ئىچىدە بىر نىمىلەرنى ئوقۇغاچ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ۋە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. ئاندىن ئۇ بۇ كىشىگە «سىز پالانى ۋاقىتتا، پالانى يەردە يالغۇز مېڭىپ قاپتىكەنسىز، چىنتەن شامىلى دارىپ كېتىپتۇ. بىر قارا توخۇ قان قىلىپ، باشقىلارغا سەدىقە قىلىڭ. مەن ھازىر سىزگە دىمىدە قىلىپ بېرەي. كېسىلىڭىز ياخشىلىنىپ قالىدۇ» دېدى ۋە يېنىدىن يوغان بىر خەنجەرنى چىقىرىپ بىر نىمىلەرنى ئوقۇپ خەنجەرگە ھۈرۈپ، ئۇنى بۇ كىشىنىڭ مەيدىسىدىن پۇتىغىچە يەتتە قېتىم، پۇتىدىن مەيدىسىگىچە يەتتە قېتىم، مۈرىسىدىن بېلىگىچە يەتتە قېتىم، بېلىدىن مۈرىسىگىچە يەتتە قېتىم سۈركىدى ۋە ھەر قېتىم سۈركەشىتىن ئىلگىرى بىر نىمىلەرنى ئوقۇپ «سۈف» دەپ پىچاققا ھۈرۈپ تۇردى. ئۇنىڭ بۇ خىل كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى، قانداقتۇر بىر تىبابەت ئۇسۇلى بولماستىن، بەلكى نەق شامان دىنىدىكى شامان باخشىنىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى ئىدى.
شامان دىنى- بىر قەدەر ساددا، يازما دەستۇرلىرى بولمىغان، ھەرقايسى يىراق-يىراق خەلقلەر ئارىسىدا كۆرىنەرلىك پەرقلىرى بولغان قەدىمكى دىنىي ئېتىقاد شەكلىدۇر. شامانىزىم ئۆز ئەقىدىلىرىنى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئۈچ قەۋەتلىك «دۇنيا» دىن ئىبارەت ئاساسىي سېخىما ئۈستىگە ئورناتقان. ئۇ ئىنسان مەنپەئەتىنى مەركەز، مەقسەت، ئۆلچەم قىلىپ، ئالەمنى ئۈچكە بۆلگەن.يەنى ئاسمان (جەننەت)-پەرىشتلەر ماكانى، يەر ئۈستى ( پانىي دۇنيا)-بەندىلەر (ئادەملەر )ماكانى، يەر ئاستى (جەھەننەم)-جىن- ئالۋاستىلار ماكانى. شامان-شامان دىنىدىكى ھەممىگە قابىل، يامان رۇھلارنى قوغلاپ بىمارلارنى داۋالايدىغان، پال ئېچىپ، سېھرىگەرلىك قىلىش ئارقىلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدىغان كىشىدۇر.
«شامان» دېگەن بۇ سۆز تۇڭغۇس تىلى بولۇپ، ئالتاي تىلى سېتىمىسى مانجۇ-تۇڭغۇس تىل سېتىمىسىدىكى مانجۇ، ئېۋىنكى، ئېلىنچۇن، جېجى، يىبۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ سېھرىگەرلىرىنى شامان دەپ ئاتايدۇ. بۇ «ھاياجانلانغان، بىسەرەمجان ۋە تەلۋە ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تۈرك تىلىدىكى مىللەتلەر تارىختا شاماننى «قام» دەپ ئاتىغان. 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر سىرلىق كۈچكە ئىگە سېھرىگەرلەرنى ‹قام› دەپ ئاتايتتى.» دەپ خاتىرىلىگەن. ئۇيغۇرلار يەنە شاماننى «باخشى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە «باخشى» دېگەن بۇ سۆز قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى  博士 دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «كۆرگەن بىلگىنى كۆپ، ئىلىملىك، كېسەل داۋالاشنى بىلىدىغان ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شاماننى ئىپادىلەيدىغان، كەڭ ئومۇملاشقان يەنە بىر سۆز «پىرىخۇن» بولۇپ، پارىسچە ۋە ئۇيغۇرچە بىرىكمە سۆز. «پىر» دېگەن سۆز پارىسچە سۆز بولۇپ، «ئىلاھ، روھ، ئۇستاز» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. «خۇن» ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، «جان، تەن، قان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «پىرىخۇن» سۆزىنىڭ پۈتۈن مەنىسى «ئىلاھى تەن ياكى تەنلەرنىڭ ئىلاھى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار شاماننى «پىرىخۇن»،  «باخشى» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما، تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا  شامانلارنى «موللا» دەپ ئاتايدۇ.
شامان دىنى-قەدىمكى ئانىمىزم، تەبىئەت ئىلاھچىلىقى، ئەجداد ئېتىقادچىلىقى، قەھرىمانلىق قاراشلار ئاساىسدا، ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەندە پەيدا بولغان. شامان دىنى بىر خىل ئىپتىدائىي فورمىدىكى دىن بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ دۇنياۋى دىنلارغا ئوخشاش مۇكەممەل تەلىماتى، شەرىئىتى ۋە مۇراسىملىرى بولمىسىمۇ، ئەمما پىرە ئويناش، خەتمە ئوقۇش قاتارلىقلارنى ئۇنى مۇراسىملىرى، قوشاق، مۇناجەت ۋە ئەپسانە رىۋايەتلىرى ئۇنىڭ تەلىماتلىرى، پەرھىزلىرىنى ئۇنىڭ شەرىئەتلىرى، «شامان» نى ئۇنىڭ دىنىي ئۆلىماسى، بارلىق ئۇرۇق-قەۋم ۋە مەھەللە خەلقنى ئۇنىڭ ئىشەنگۈچىلىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
مەن تۇرپاندا كۆرگەن موللا ۋە ئۇنىڭ مۇراسىمى-شامان دىنىنىڭ ئەقىدە-ئەھكاملىرىنى تارقىتىدىغان، شەرتىنى ئىجرا قىلىدىغان شامان ۋە ئۇنىڭ دىنىي مۇراسىمى ئىدى. ئاڭلىشىمچە، بۇنداق كىشىلەر تۇرپاننىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك بار ئىكەن. شامان- شامان دىنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ ئاساسى. شامانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى شامان دىنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلەيدۇ. دېمەك، تۇرپان رايونىدا «موللا» دەپ ئاتىلىدىغان شامانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، شامان دىنىنىڭ يەنىلا تۇرپان رايونىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدىغان مۇھىم پاكىتتۇر. يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ۋە ئۇچۇر دەۋرلىرى ئۆز ئارا  گىرەلەشمە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئومۈميۈزلۈك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، تۇرپان رايونىدا شامان دىنىغا ئوخشاش ئىپتىدائىي دىننى ئېتىقاد  ھادىسىلىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى مېنى تولىمۇ ئەجەبلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەندە، شامان دىنىنىڭ تۇرپان رايونىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالەتلىرىنى بىلىش ئىستىكى قوزغىلىپ، تۇرپان رايونىدىكى-تۇرپان شەھىرى، يار يېزىسى، چاتقال يېزىسى، ئايدىڭكۆل يېزىسى، سىڭگىم يېزىسى قاتارلىق بىر شەھەر تۆت يېزىدا ئانتروپولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. تەكشۈرۈش 2003-يىل 7-ئايدىن 2004-يىل11-ئايغىچە داۋاملاشقان بۇلۇپ، ئاساسەن سۆھبەتلىشىش، قاتنىشىپ كۆزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى.

2. شامانلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
تۇرپان ناھايىتى ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە رايۇن بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئانا بۆشۈكلىرىدىن بىرى. تارىختىن بۇيان، تۇرپان خەلقى مانامۇشۇ مەدەنىيەت ئانا بۆشۈكىدە، ئەڭ قەدىمقى ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ بىرى بولغان شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سېستىمىلىق دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانىدى. بۇخىل دۇنياقاراش ۋە قىممەت قاراشلارنىڭ سۈزۈك ساقىندىلىرى ھېلىھەم تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاڭ-ئىدولوگىيىسىدە ناھايىتى ئاۋايلىنىپ ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇنداق بۇلىشىنىڭ ئەڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، شامان دىنى ھازىرمۇ تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا شامان دىنى ھادىسىلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقانلىقىدۇر.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى شامان باخشىلىرىنى «موللا» دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ، ئۇلار دەۋاتقان«موللا» ئىسلام دىنىنىڭ دىننىي ئۇنۋانى بولغان«موللا» بىلەن ئوخشاش ئەمەس. ئىسلام دىنىنىڭ دىننىي ئۇنۋانىنى كۆرسىتىدىغان «موللا» - سېستىمىلىق ئىسلام دىنى تەربىيىسى ئالغان، «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئۇنى بىمالال تەفسىر قىلىپ (مەناسىنى يىشىپ، چۇشەندۈرۈپ) بېرەلەيدىغان، ئەمما«قۇرئان كەرىم»نى تۇلۇق يادلاپ بېرەلمەيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئاتاپ كېلىۋاتقان«موللا» بولسا پال ئېچىپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدىغان، يامان روھلارنى قوغلاپ، كېسەل داۋالايدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى دىنىىي ياكى پەن تەربىيىسى ئالغان ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر، يەنە بەزىلىرى بولسا مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ساۋاتسىز كىشىلەردۇر. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئەگەر ئۇ ئەر بولسا «موللا»، ئايال بولسا «بۈۋىي» دەپ ۋە ياكى ھەرئىككىلىسىنى ئوخشاشلا «موللا» دەپ ئاتايدۇ. دىمەك شامان باخشىلىرى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا «موللا» ۋە «بۈۋىي» دىگەن نام بىلەن تۇرپان رايۇنىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە ئوموميۈزلۈك مەۋجۇت.
تۇرپان رايۇنىنىڭ تۇرپان شەھەر ئىچى، يار يېزىسى، ئايدىڭكۆل يېزىسى، چاتقال يېزىسى ۋە سىڭگىم يېزىسى قاتارلىق بىر شەھەر، تۆت يېزىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بۇلىشىچە، موللىلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىكىدەك بۇلۇپ، شەھەر-بازارلاردا ئاز، يېزا-قىشلاقلاردا كۆپ بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگەئىدى. يۇقىرىدا تىلغائېلىپ ئۆتكەن تۆت يېزىنىڭ ھەربىر مەھەلىلەر كومىتىتىدا ئاز بولغاندا 3 ، كۆپ بولغاندا 8ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق موللا بار ئىدى.

1.تۇرپان رايۇنىدىكى موللىلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىش جەدۋىلى

تۇرپان رايۇنىدىكى موللىلارنى جىنىس پەرقى جەھەتتىن سىلىشتۇرغاندا، ئايال موللىلار كۆپ، ئەر موللىلار ئاز بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ، تۇرپان رايۇنىدا ئېلىپ بارغان سىتاتېستىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئايال موللىلار ئومومىي موللىلارنىڭ% 70.7 نع، ئەر موللىلار بولسا% 29.3 نى ئىگەللىگەن.
تۇرپان رايۇنىدىكى موللىلارنى تەكشۈرۈش سىتاتېستىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايۇنىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك موللا 13ياش، يېشى ئەڭ چوڭ موللا 73ياش ئىدى. ئەمما ياش پەرقى جەھەتتىكى سىېلىشتۇرما ئانالىزىغا قارىغاندا، تۇرپان رايۇنىدا ياش ۋە ياشانغان موللىلار ئاز، ئوتتۇرا ياش موللىلار كۆپ بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ياش ئاياللار بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ، تۇرپان رايۇنىدىكى ئومومىي موللىلارنىڭ %40.3 ئىگەللەيدۇ.

2.تۇرپان رايۇنىدىكى موللىلارنىڭ ياش پەرقى ئەھۋالىنى كۆرسىتىش جەدۋىلى

تۇرپان رايۇنىدىكى موللىلارنى تەكشۈرۈش سىتاتېستىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايۇنىدىكى موللىلار مەدەنىيەت سەۋىيە جەھەتتە، ساۋاتسىز باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىدىكىلەر ۋە دىننىي تەربىيە ئالغانلار بىرقەدەر كۆپ. تۇلۇقسىز ، تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىدىكىلەر بىر ئاز، مەخسۇس كورس ۋە تۇلۇق كورس مەدەنىيەت سەۋىيىدىكىلەر يوق بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىدى. تۆۋەندىكى جەدۋەلگەئاساسلانغاندا ئايال موللىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئەر موللىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگەقارىغاندا بىرقەدەر يۇقىرى دىيىشكە بولىدۇ.

3. تۇرپان رايۇنىدىكى موللىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيە ئەھۋالىنى كۆرسىتىش جەدۋىلى

تۇرپان رايۇنىدا كۈزىتىش، سۆھبەتلىشىش ۋە سۇئال قەغىزى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاربىلەن ئېلىپ بېرىلغان خەلقنىڭ ئىشىنىش سەۋىيىسىنى ئۆلچەش ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئوموميۈزلۈك موللا (شامان دىنى) غا ئىشىنىش ھادىسىسى مەۋجۇت. يەنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەن 281ئادەم ئىچىدە، موللىغا ئىشىنىدىغانلار % 83.6نى ئىگەللىگەن. ئىشىنىش سەۋىيىسىنىڭ جىنىس پەرقىدىن قارىغاندا، ئاياللارنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلۇپ، % 93.2نى ئىگەللەيدۇ. ئىشىنىش سەۋىيىسىنىڭ ياش پەرقىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ياشلارنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى بىر قەدەر تۇۋەن بولغان. ئىشىنىش سەۋىيىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيە پەرقىدىن قارىغاندا، ساۋاتسىز، باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تۇلۇق كورس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى،  مەدەنىيەت سەۋىيىدىكىلەر كۆپ، تۇلۇق ئوتتۇرا، تېخنىكوم ۋە مەخسۇس كورس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى بىر قەدەر تۇۋەن بولغان. ئىشىنىش سەۋىيىسىنىڭ رايۇنلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، شەھەر ئاھلىلىرى %78.6نى ئىگەللىگەن، يېزا ئاھلىلىرى% 83.4نى ئىگەللىگەن. ئىشىنىش سەۋىيىسىنىڭ كەسىپ قۇرلما ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، دېھقانلارنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى %87.8، سەنئەتچىلەرنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى %91.3، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى%68.4، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى%67.5، مەمۇرى ئورگان خادىملىرىنىڭ ئىشىنىش نىسبىتى % 76.4 بولغان. ئەمما سېستىمىلىق ئىسلام دىنى تەربىيىسى ئالغان دىننى ئۆلىمالارقەتئىي ئىشەنمەيدىكەن.
يۇقارقى تەكشۈرۈش ئانالىزىدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بۇلىدۇكى، تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئۆتمۈشتە ئېتىقاد قىلغان شامان دىنىنىڭ قالدۇق تەسىرى خېلى چوڭقۇر ساقلانغان بۇلۇپ، ھازىرمۇ شامان دىنى ھادىسىلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا، شۇنداقلا خەلق ئارىسىدىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئىشىنىش ھادىسىلىرى مەۋجۇت. ئەلۋەتتە بۇ يەردە، تارىختىكى ئەڭ ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ بىرى بولغان شامان دىنى تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قانداق قىلىپ تاھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلەلىدى ؟ دىگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ. بۇ سۇئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن، شامان دىنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى بولغان شامان(موللا) لارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشقا تۇغرا كېىلدۇ.

3. شامانلارنىڭ شامان بولۇش يوللىرى
شامان دىنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شامان باخشىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولىشىغا تايىنىدۇ. چۈنكى شامان دىنىنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىسى-ھەممە نەرسىدە روھ بارلىقىغا، ئىلاھ ۋە جىنلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىش بولۇپ، ئادەم ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىلاھ ۋە جىنلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. شامان دىنى رېئال دۇنياغا ئىشىنىش بىلەن بىرگە تەبىئەتتىن، ئادەمدىن تاشقىرى بىر سىرلىق دۇنيانىڭ ۋە كۈچنىڭ بارلىقىغا ھەم ئۇنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنى كونترول قىلىدىغانلىقىغا ئىشنىدۇ. شامان دىنى ئالەمنى ئۈچكە بۆلگەن بولۇپ، ئۈستۈنكى دۇنيا جەننەت-پەرىشتىلەر ماكانى؛ ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيا ئادەملەر دۇنياسى بولۇپ، ئىنسانلار ھەم ھايۋان ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ماكانى؛ ئاستىنقى دۇنيا جەھەننەم بولۇپ، جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ماكانى ئىدى. شامان باخشىسى خاسىيەتلىك ھەم ئىلاھ ۋە جىنلار بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرگە ئىلاھ ۋە جىنلارنىڭ ئىرادىسىنى يەتكۈزىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ياردىمىدە كىشىلەرگە ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئالدىن بىشارەت بېرىپ، ئادەم بىلەن ئىلاھتىن ئىبارەت ئىككى دۇنيانى باغلاپ تۇرىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق شامان باخشىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئەۋلاتتتىن ئەۋلاتقا بولمايدۇ. بەلكى ئىلاھنىڭ تاللىشى بىلەن بولىدۇ. ئىلاھ تەرىپىدىن تاللانغان ئادەملا شامان باخشىسى بولالايدۇ. ئۇنىڭ باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ شامان باخشىلىرى ئىلاھ تەرىپىدىن قانداق تاللىنىدۇ؟ تۆۋەندە ئەملىي تەكشۈرۈش پاكىتلىرىغا ئاساسىدا بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز.
تۇرپان رايونىدىكى بىر شەھەر، تۆت يېزىدىكى شامان دىنى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، شامان باخشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ موللا بوپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى بايانلىرىغا ئاساسەن، شامان باخشىلىرىنىڭ شامان بوپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا يېغىنچاقلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.

1) شامان(موللا) بۇلۇش– ئېرسىيەتلىك بولىدۇ.
تۇرپان رايونىدىكى موللىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت سىتاتسىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، %32.3  موللا ئۆزىنىڭ موللا بوپ قېلىش سەۋەبى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، ئۆز جەمەتى (ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى) ئىچىدە، مۇشۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ.
1-ھېكايە: تۇرپان شەھەر ×× يېزا ×× كەنتتىكى ×× موللا بىلەن سۆھبەت. مەن بۇ يىل 39 ياش . بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى  7 يىل بولدى. بۇرۇن مېنىڭ ئاپاممۇ مەھەللىدە داڭقى بار موللا ئىدى. بىز 2 ئوغۇل، 3 قىز، بەش بالا ئىدۇق. ئاپام ئەسلى بۇ ئىشنى كىچىك سىڭلىمغا قالدۇرماقچى بولغانىدى. چۈنكى كىچىك سىڭلىم ئاجىز ئىدى. ئاپام ئۇنىڭغا دۇئا قىلسا، پىرلىرى ئۇنىماپتۇ. ئاكام بىلەن ئىنىم دائىم ھاراق ئىچىپ يۈرگەچكە ئۇلارمۇ بولمايدىكەن. شۇڭا، بۇ ئىش ماڭا قىپ قالدى. بولمىسا ئاپام ماڭا دۇئامۇ قىلماپتىكەن. ھەر ئاخشىمى چۈش كۆرىمەن، چۈشلىرىم شۇنداق ئوڭ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپامغا دېدىم. ئاپام ئاڭلاپ، بۇ ئىش ساڭا قالىدىغان ئوخشايدۇ، دېدى. ئاپام تۈگەپ كېتىپ، بىر يىلدىن كېيىن، مەنمۇ كۆرىدىغان بولدۇم.
2-ھېكايە: تۇرپان شەھەر ×× يېزا ×× كەنتتىكى ×× موللا بىلەن سۆھبەت. مەن بۇ يىل 47 ياش. توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن چوڭ ئوغلۇم تۇغۇلدى. بالامنىڭ بۆشۈك تويىنى قىلغان ئاخشامدىن باشلاپ، ئاخشىمى قار بېسىپ ياتالمايدىغان بوپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ×× مەھەللىدىكى ×× موللامنىڭ يېنىغا باردۇق. موللام:«بوۋىلىرىنىڭ پىرلىرى ياتقۇزمايۋېتىپتۇ. ئۆزلىرىنى ئىزدەيدىغان ئىشى بارئىكەن. ئۇلارغا قوپاللىق قىلمىسىلا، ×× غوجام بىلەن ×× غوجامنى يوقلاپ، بىر قارا قوينى قان قىلىپ، ئۆيدە خەتمە ئۆتكۈزسىلا» دېدى. ‹قايسى بوۋامدۇ؟ بذ› دەپ چوڭلاردىن سورىسام، دادامنىڭ ئاتسى ئەينى زامانلاردا شۇنداق داڭقى بار موللا كەنتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەردە بۇنداق ئىش قىلغانلار يوقكەن. بوۋىمىزنىڭ روھى يۆلىگەن ئوخشايدۇ. بۇ ئىش ماڭا قاپتۇ. بۇ يىل ساق 18 يىل بولدى.
يۇقارقى بايانلاردىن قارىغاندا، موللا بوپ قىلىش مەلۇم قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ، داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئەجداد قېنىدىكى بۇ خىل ئېرسىي ئامىل كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەزىلىرىدە يوشۇرۇن، بەزىلىرىدە ئاشكارا ئىپادىلىنىپ چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ يەكۈنىمىزنى توغرا دەپ قارىساق، موللىلاردىكى پال ئېچىپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدىغان، كېسەل داۋالالىيالايدىغان بۇ خىل سىرلىق قابىلىيەتنى ئالاھىدە بىر خىل تۇغما قابىلىيەت دېگەن خۇلاسىنى چىقىرالايمىز. ئۇنداقتا بۇنداق تۇغما قابىلىيەت قەيەردىن كەلگەن؟ مەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خەلق ئاغزىدىن بۇ توغرىلىق تۆۋەندىكىدەك بىر مەنبەگە ئېرىشتىم.
3-ھېكايە: تۇرپان شەھەر ×× يېزا ×× كەنتتىكى ×× موللا بىلەن سۆھبەت. خۇدايىتائاللا ئادەم ئادەم بىلەن ھاۋا ئانىنى يارىتىپ ئۇلارنى بۇ دۇنياغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشقا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەنىكەن. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى مەلۇم سىرلىق قۇدرەتكە ئىگە بولغانىكەن. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن كېيىن، ئىنسانلار ئارىسىغا پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىگەنىكەن. ئەمما ئاللاتائاللا دۇنيادىكى ھەربىر مىللەت ۋە ھەربىر قەۋمگە ئۈزلۈكسىز ھالدا، شۇ قەۋمنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن ئالدىدىن بىشارەت بېرەلەيدىغان سىرلىق كۈچكە ئىگە كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرغىزىدىكەن. بۇ كىشلەرنىڭ بەزىلىرى بۇ ئىشنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئۆز قەۋمىلىرىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان. ئەمما يەنە بەزىلىرى مەنپەئەت كويىدا بۇ خاسىيەتلىك قابىلەيتنى ئۆز نەپسى ئۈچۈن ئىشلەتكەن. بۇنداق كشىلەر ئاخرىدا جىن-ئالۋاستىلار بىلەن دوست بولۇپ، ئاللانىڭ ئەمرىنى تۇتماي، جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئەمرىنى تۇتقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرىشىدىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا بۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى جىن چاپلاشقاندەك ساراڭدەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ.
بۇ بايانغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ دەسلەپكى سىرلىق قابىلىيەتكە ئىگە كىشلەر، ئاللا تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەنىدى. كىيىنكىلىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، مەلۇم قانداشلىق مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەجداتتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ ماڭغانىدى. دېمەك، بۇ خىل سىرلىق قابىلىيەت كېيىنكىلەر ئۈچۈن بىر خىل ئاھىدە تۇغما قابىلىيەت بولۇپ قالغانىدى. بىزگە مەلۇمكى، ئىنساندىكى ھەربىر خىل قابىلىيەت مەلۇم خىل گېن تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، ئىرسىي يول بىلەن كيىنى ئەۋلادلارغا ئۆتىدۇ. بۇ خىل گېنلار بەزى ئەۋلادلاردا يوشۇرۇن ساقلانسا، بەزى ئەۋلادلاردا  ئاشكارا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغائاساسلانغاندا، ھازىرقى شامانلاردىكى ئالاھىدە ئىقتىدارلارمۇ مانا مۇشۇ يول ئارقىلىق ئەجدادلىرىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇ قارىشىمىزنى توغرا دەپ قارىساق، ھازىرقى شامانلار ئىلاھ تەرىپىدىن تاللىندىغان بولماستىن، بەلكى بىئولوگىيىلىك تاللاشنىڭ كونتروللىقىدا بولىدۇ. شۇڭا ھازىرقى شامانلارنىڭ شامان بوپ قىلىشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى ئىرسىي ۋارسلىق قىلىش دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما تەتقىقاتچىلار ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجداتلىرى يەنىلا ئىلاھ تەرىپىدىن تاللانغان بولىدۇ.

2) شامان(موللا) بۇلۇش– خىزىرغا يولۇقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تۇرپان رايونىدىكى موللىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت سىتاتسىكا ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايونىدىكى %43.7 موللا ئۆزىنىڭ موللا بوپ قىلىش سەۋەبىنى خىزىرغا يولۇققانلىقىدەك ئەپسانىۋى ۋەقەلەر بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ.
4-ھېكايە: تۇرپان شەھەر ×× يېزا ×× كەنتتىكى ×× موللا بىلەن سۆھبەت. ئاپامنىڭ دېيىشىچە، ئاتامدىن 3 يېشىمدا قاپتىكەنمەن. بىر ئاكام يەنە بىر سىڭلىم بار . بۇرۇن تۇرمۇشىمىز تولىمۇ غورىگۈل ئىدى. ئاپام بىزنى قاتار قوشقىچە تارتمىغان جاپاسى قالمىدى. مەن دائىم ئاپامغا ياردەملىشىپ ئوي ئىشلىرىنى ۋە ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرىنى قىىشىپ بېرەتتىم. بەزىدە ئاپام بىزنىڭ بەختىمىزنى تىلەپ يىغلىسا، مەنمۇ قوشۇلۇپ يىغلاپ كېتەتتىم. ئاپام دائىم مېنى كۆيۈمچان، دىلى يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل بالا دەپ ماختايتتى. شۇنداق قىلىپ، چوڭ بولدۇق. توي قىلىپ بالىلىقمۇ بولدۇق. بىر كۈنى چۈشتە ئېتىزغا سۇ كەپتۇ. تاماقمۇ يىمەيلا يەر سۇغارغىلى بارغانىدىم. 6 -ئاينىڭ 18-كۈنى چارشەنبە كۈنى ئىدى. ئىسسىق تازا قايناپ، تەر دېگەن بەدىنىمدىن قۇيۇلۇپ كەتتى. مېنىڭ يېرىم ئېتىزلىقنىڭ ئەڭ ئايىقىدا ئىدى. يەرنىڭ يېرىمىغا سۇ كىرىپ بولغاندا، قاراپ باقاي دەپ يەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئۆتسسەم، ئالدىمغا ئاق يەكتەك، ئاق سەللە، ئاق كالاچ كىيگەن، ئاق ساقاللىق بىر ئادەم ئۇچرىدى ۋە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ماڭا ئاۋۋال سالام قىلدى. مەن قولۇمنى كۆكسۈمگە قويۇپ جاۋاب قايتۇردۇم. چۈنكى قولۇمدا گۈرجەك بار ئىدى. ئۇ ماڭا ئىللىق قاراپ:«جاپانى كۆپ تارتتىڭ، ئاقكۆڭۈل ئادەم بولدۇڭ. بۇ پىچاقنى ساڭا ھەدىيە قىلاي، ئۆزۈڭگە ھەمرا قىل» دېدى ۋە ماۋۇ خەنجەرنى بەردى. مەن خەنجەرنى قولۇمغا ئېلىپ قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن. ئۇ كىشى يېنىمدىن ئۆتكەندەك قىلدى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام يوق. سۇبىھائاللا! مەن شۇ ھامان خىزىرغا يولۇقۇپتىمن دەپ يەرنى سۇغارماي ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ھېچكىمگە تىنماي، ئۈچ بولغاندا، چۈشۈمدە بىر نىمىلەرنى كۆرىدىغغان بوپ قالدىم. چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىم ئوڭۇمدا يۈز بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئۆتەپ،نامىزىمدا تىلىدىم. دۇئا قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق كۆرىدىغان بوپ قالدىم.
ئۇلارنىڭ بۇ خىل بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار يولۇققان سىرلىق ئادەم، ئاق يەكتەك كىيگەن، ئاق سەللە يۆگىگەن، ئاق كالاچ كىيگەن، ئاق ساقاللىق ئەر كىشى بولۇپ، ئايال كىشى ئۇچرىغانلىقى توغىرىسىدىكى بايانلار ئۇچرىمايتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ سىرلىق ئادەم ئىسلام ئەھكاملىرىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھىسالام ئىكەن. «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دىكى ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھىسالام توغرىسىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، «خىزىر يىشىللىق  دېگەنلىك بولۇپ، ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھىسالام قەدىمى قەيەرگە يەتسە، ئۇ يەر كۆكىرىپ، يىشىللىق بەرپا بولاتتى. ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھىسالام كۆپ  تائەت-ئىبادەت قىلغانلىقتىن خۇدايىتائاللا ئۇنى بارلىق خەزىنىلەرگە مۇئەككەل قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزىر ئەلەيھىسالام قىيامەتكىچە ھاياتتۇر.»  شۇڭا ئۇ ئۆمرىدە كۆپ جاپا-مۇشەققەت تارتقان، ئەلەم چەككەن بولسىمۇ، سەۋىر قىلىپ، ئاللاغا ئىبادەت قىلغان، ئاقكۆڭۈل توغرا نىيەتلىك كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش نىيىتىدە، ئۇلارغا خىلمۇخىل نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلىدۇ. گەرچە ئۇ ھەدىيە قىلغان نەرسىلەر كىچىك، ئاددىي بولسىمۇ، ئۇنىڭ خاسىيىتى ۋە بەركىتى ئالەمچە بولىدىكەن. شۇڭا خىزىرغا يولۇققان كىشىلەر مۇشۇنداق سىرلىق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
بۇ خىل چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،  ئۇلار دەۋاتقان ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھىسالام بىر ئىلاھى روھ بولۇپ، ئۇ ھەممىلا ئادەمگە، خالىغان جايدا ئۇچراۋەرمەيدۇ. بەلكى يولىقىدىغان ئادەمنى تاللاپ خالىي جايلاردا يولىقىدۇ. بېرىدىغان خاسىيەتلىك خەزىنىنىمۇ يولۇققانلا ئادەمگە ئوخشاش بەرمەيدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ پانىي ئالەمدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدىكى ئارخىپلىرىغا ئاساسەن بەزىلىرىگە كۆپ، بەزىلىرىگە ئاز، بەزىلىرىگە كۈچلۈك، بەزىلىرىگە ئاجىز بېرىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن قارىغاندا موللىلار موللا بوپ قىلىشتىن ئىلگىرى مەلۇم روھى كۈچىنىڭ تاللىشىغا ئۇچرايدۇ دەپ قاراش مۇمكىن.

3) شامان(موللا) بۇلۇش - خاسىيەتلىك چۈش كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ
تۇرپان رايونىدىكى موللىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت سىتاتسىكا ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايونىدىكى %23.4 موللا ئۆزىنىڭ موللا بوپ قىلىش سەۋەبىنى خاسىيەتلىك چۈش كۆرگەنلىكىدەك بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۇنداق چۈشنى ھەممىلا ئادەم كۆرەلمەيدۇ، پەقەت ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپ قىلغان،دىلى ئاق، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىمەيدىغان، نەسەبى ساپ كىشىلەرلا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك چۈشلەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بۇلالايدۇ. ئەمما بۇنداق خاسىيەتلىك چۈشنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا شامان(موللا) بولالىشى ناتايىن ئىدى. چۈنكى بۇنداق خاسىيەتلىك چۈشنى كۆرگەنلەر قىلىشى قىلماسلىقى زۆرۆر بولغان مەلۇم مەجبورىيەت ۋە پەرھىزلىرى بولىدۇ. بۇلارنى ۋاقتىدا ۋە لايىقىدا ئورۇنلىيالىغانلار شامان(موللا) بۇلالايدۇ، لايىقىدا ئورۇنلىيالمىغانلار بولسا بۇنىڭ ئازابىغا قالىدۇ ياكى شامان(موللا) بولالمايدۇ.
5-ھېكايە: تۇرپان شەھەر ×× يېزا ×× كەنتتىكى ×× موللا بىلەن سۆھبەت. 1994-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتەبىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۈننى كۆردۈم. كۈن شۇنداق ئۇچۇق ھەم نۇرلۇق ئىدى، سۇبىھانىئاللا! تۇيۇقسىز ئارقا تەرىپىمدىن بىر ئاۋاز كېلىپ: « بۇ نۇر ئاللانىڭ نۇرى! » دەپلا توختاپ قالدى. مەن شۇھامان ئارقىمغا ئۆرۈلۈپ قارىدىم، ھېچكىم يوق، تۆت ئەتراپىمنىڭ ھەممىسىگە قاراپ چىقتىم، ھىچكىم يوق. شۇنىڭ بىلەن، قورقىپ كېتىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم. مەن بۇرۇن باشقىلاردىن، «چۈشىدە كۈن كۆرگەن كىشى، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، تاراھەت ئېلىپ، ئىككى راكەت ناماز ئوقۇپ، تىلىكىنى تىلىسە ھەم ئۈچ كۈنگىچە كۆرگەن چۈشىنى ھېچكىمگە دىمىسە، تىلىكى ئىجابەت بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن، مەن شۇ بويىچەناماز ئوقۇپ، دۇئايىمدا، خۇدادىن ماڭا ئىلىم بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. نىمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى مەن كىچىكىمدە مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، ئېلىپنىڭ سۇنىقىنىمۇ بىلمەيمەن. شۇڭا بىزنىڭ ئۆيدىكى دائىم مىنى «قارتۈرۈك!» دەپ تىللايتتى. خۇدايىم تىلىكىمنى ئىجابەت قىلىپ، ھازىر «قۇرئان»نىمۇ ئوقۇيالايدىغان بولدۇم. كىشىلەرنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، ھەتتا كەلگسىدىكى ئىشلارنىمۇ بىلەلەيدىغان بولدۇم.
6-ھېكايە: بىر كۈنى ئاخشىمى چۈشۈمدە بىلىنىڭ ئاستى يوق، سەللە يۆگىگەن، ئاق ساقاللىق بىر ئادەم ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ساڭگىلاپ : «مەن خىزىر قولۇڭنى بەر!» دەيدۇ. مەن قورقۇپ كېتىپ: «ياق، مېنىڭ ئېرىم بار» دەپتىمەن. ئۇ :«مەن سېنى خىسلەتلىك يولغا ئاپىرىمەن قولۇڭنى بەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمنى سۇندۇم. ئۇ بىر سۈرىنى ئوقۇپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات نامازنى ئوقۇپ بولۇپ تىلەك تىلىدىم. بىر ئاي مۇشۇنداق خاسىيەتلىك چۈشلەرنى كۆرۈپ تۇردىم. ھېچكىمگە دېمەي، بىر ئاي بولغاندا مەھەللىدىكى ×× موللىنىڭ يېنىغا كىرىپ بولغان ئىشنى دېدىم. ×× موللام ماڭا بىر قانچە ئايەتنى ھەر قېتىمدا 101 دىن، ھەر كۈنى ئوقۇپ، غوجاملارنى يوقلاشنى ئېيتتى. مەن شۇ بويىچە قىلىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم.
بۇ خىل بايانلارغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايونىدىكى شامان (موللا) لار، شامان (موللا) بوپ قېلىشتىن ئىلگىرى يۇقارقىدەك خاسىيەتلىك چۈشلەرنى كۆرگەنىدى. بۇ خىل چۈشلەردە (كۈن، ئاي، يۇلتۇز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرلۇق يورۇقلۇق ھەم خىزىر ئەلەيھىسالام قاتارلىقلار ئاساسلىق چۈش ئوبىكتلىرى بولۇپ، شامان (موللا) لار ئۆزلىرىدىكى خاسىيەتلىك قابىلىيەتلەرنى چۈشتىكى مۇشۇ ئوبىكىتلارغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چۈشتە كۆرگەن نۇر ۋە يورۇقلۇق خۇدانىڭ نۇرى ھېكمىتى ئىكەن. خىزىر ئەلەيھىسالام بولسا شۇ خىل خىسلەتلەرنىڭ ئىگىسى ۋە پىرى ئىدى.
بۇنداق خاسىيەتلىك چۈشنى كۆرگۈچىلەر ئۆزىنى پاك، پاكىز تۇتىشى، ئۈچ كۈندىن ئۈچ ئايغىچە ھېچكىمگە دېمەسلىكى، ھەر كۈنى ناماز ئوقۇپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشى يەنى دىلىنى پاك تۇتۇپ، ئىخلاس بىلەن ئىستىقامەت قىلىشى كېرەك. ئاندىن شۇندىلا شامان (موللا) بولالايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، شامان (موللا) بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، تۇرپان رايونىدىكى شامان (موللا)لار شامان (موللا) بوپ قېلىشتىن ئىلگىرى مەلۇم خىل خاسىيەتلىك چۈش كۆرىدۇ. بۇ خىل خاسىيەتلىك چۈشنى ھەممىلا ئادەم كۆرىۋەرمەيدۇ. بەلكى دىلى پاك، ئاق كۆڭۈل، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيدىغان كىشىلەر كۆرىدۇ. بۇ خىل چۈشنى كۆرگۈچىلەر ئۇنىڭ پەرھىزلىرىنى ۋە  مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق  ئادا قىلىشى كېرەك. مۇشۇ تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، شامان (موللا) لارنىڭ شامان (موللا) بولىشى مەلۇم بىر روھى كۈچنىڭ تاللىشىغا ئۇچرايدىغاندەك تۇرىدۇ.

4) موللا بولۇش-تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىش ۋە بىر قانچە كۈن قاتتىق ئۇخلاپ قېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تۇرپان رايونىدىكى موللىلارنىڭ سۆھبەت سىتاتسىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، % 6. 12 موللا ئۆزىنىڭ موللا بوپ قېلىش سەۋەبى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، كىچىك چېغىدا تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ كېيىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بىرنەچچە كۈن سىرتتا ئۇخلاپ قالغانلىقىدەك غەلىتە ۋەقەلەر بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ.
7-ھېكايە: تۇرپان شەھەر ×× مەھەللە ×× كەنتتىكى ××موللام بىلەن سۆھبەت.سۈننەت قىلىپ تېخى تولۇق ساقىيىپ بولالمىغانىدىم. بىر كۈنى مەھەللىدىكى بالىلار ئوينايلى دەپ كىرىپتىكەن. مەھەللىنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئۆرۈكلۈك باغقا ئوينىغىلى چىقتۇق. بىز مۈكۈشمەك ئوينىغانىدۇق. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن كىچىكرەك ئىدىم. ئارىدىن بىرى تاپىدىغان بولدى. بىز مۆكتۇق مەن چەترەك بىر جايدىكى دۆۋلەپ قويغان ئوتۇن دۆۋىسىنىڭ ئاستىغا كىرىپ مۆكىۋالدىم، خېلى بىر چاغلارغىچە ھىچكىمنى تاپالمىدى.  مەن خوش بوپ كېتىپ يېتىۋېرىپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. مەن شۇ ئۇخلىغانچە ئۈچ كۈن ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئۆيدىكىلەر مېنى ئىزدەپ بىر كېپتۇ.  ئۈچىنچى كۈنى كەچقۇرۇن مەن ئويغىنىپ ئۆيگە كىردىم. ئاتام مېنى ئىزدەپ بارمىغان يېرى قالماپتۇ. ئاپام يىغلاپ ساراڭ بولايلا دەپ قاپتۇ. پۈتۈن مەھەللىنىڭ ئىچى، پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىسەرامجان بوپ كېتىپتۇ. مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئەتىسىدىن باشلاپلا ئىشلارنى ئالدىن بىلىۋالىدىغان، باشقىلارنىڭ ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدىن ئالدىن بىشارەت بولالايدىغان بوپ قالدىم. ئاتام-ئاپاملار مەندىن ھەيران قېلىپ، بىزنىڭ داڭقى بار بىر موللا تۇغقىنىمىزغا كۆرسەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە: «پىرلار مېنىڭ روھىمنى ئېلىپ كېتىپ، ئۈچ كۈن ئالەمدىكى بارلىق ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئىلىملارنى ئۆگىتىپتۇ. ئاندىن قايتۇرۇپ ئەپكېلىپ قويۇپتۇ». شۇڭا مەن مۇشۇنداق كۆرىدىغان بوپ قاپتىمەن.
ئۇلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇخلاپ قالغۇچىلار دائىم يىراق چەت ياقىلاردىكى ئادەم بارمايدىغان، كۆرمەيدىغان جايلاردا ئۇخلاپ قالغانىدى. ئۇخلاش ۋاقتى ئۇخلىغۇچىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى قىسقا تۇيۇلغان. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بولسا ئاز بولغانلىرى يېرىم كۈن ( 4-5 سائەت) كۆپ بولغانلىرى ئۈچ كۈن ئۇخلاپ قالغانىدى. بۇنداق سىرتتا ئۇزاق ئۇخلىغۇچىلارنىڭ ئۇخلىغان چاغدا چۈش كۆرگەنلىكى ۋە ياكى قورقۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىغا تەبىر بەرگۈچى موللارنىڭ بايانلرىغا ئاساسلانغاندا «پىرلار، خىزىر ياكى چىنتەنلەر ئۇلارنىڭ روھىنى ئېلىپ كېتىپ ئىلىم ئۆگىتىدۇ». ئۇلارنىڭ قارىشىچە: «بۇنداق سىرتتا ئۇزۇن ئۇخلاپ قېلىش تاساددىبىلىق بولماستىن، بەلكى پىر، خىزىر ياكى چىنتەنلەر تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىش ياكى ئۇنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ئىش ئىدى». دېمەك، ئۇلارنىڭ موللا بولىشى ئاللىبۇرۇن بەلگىلىنىپ بولغانىدى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، تۇرپان رايونىدىكى بىر قسىم شامان (موللا) لار شامان (موللا) بوپ قېلىشى، چەت-ياقا جايلاردا ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلاپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنداق سىرتتا ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلاپ قېلىپ، كېيىن موللا بوپ قالىدىغان ھادىسىنى كىشىلەر «پىر، خىزىر ۋە چىنتەنلەر قاتارلىق روھى كۈچلەرنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى» دەپ قارايدۇ. بۇ خىل چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، شامان (موللا) لارنىڭ شامان بولىشى مەلۇم روھى كۈچلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

5) موللا بولۇش-ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش ۋە مەشىق قىلىشتىن كېلىدۇ.
تۇرپان رايونىدىكى موللىلارنىڭ سۆھبەت سىتاتسىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا،% 7. 16  موللا ئۆزىنىڭ موللا بوپ قېلىشىنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىپ مەشىق قىلغانلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىدىغىنىنى ئىسلام دىنىنىڭ مەلۇم سۈرە-ئايەتلىرى ۋە دۇئا-تىلاۋەتلىرى بولۇپ، ئۆزى قول بەرگەن (ئۇستاز تۇتقان) موللىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەلۇم ئۇسۇل ۋە قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ھەربىر سۈرە-ئايەت ۋە دۇئا-تىلاۋەتلىرىنىڭمۇ رەت تەرتىپى ۋە ئەدىتى بولىدۇ. ھەربىر باسقۇچنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىسى بولىدۇ. پەقەت ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، سۈرە-ئايەت، دۇئا-تىلاۋەتلەرنى ئەدىتىگە (ۋايىغا) يەتكۈزۈپ، ھەربىر باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەندە قول بەرگەن كىشىنىڭ دۇئاسى بىلەن موللا بولغىلى بولىدۇ.
8-ھېكايە: مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ئانامنىڭ سۈرە-ئايەتلەرنى ھەپتىيەكلەرنى ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغانىدىم. كېيىن، دادام ماڭا قۇرئان كېرەمنى ئوقۇشنى ئۆگەتتى. مەن توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆيدە بىكار بولساملا قۇرئان كېرەمنى ئوقۇيتتىم. شۇڭا مەھەللىدىكى خەتمە ئۆتكۈزىدىغان چوڭ ئاياللار مېنىمۇ خەتمە ئوقۇشقا قوشۇۋالدى. مەھەللىمىزدە بىر ×× دەيدىغان ئايال موللا بار ئىدى. بىر قېتىم خەتمىدە ئۇ ماڭا:« مەن ئۆزلەنى تەربىيلەپ قوياي» دېدى.  مەنمۇ ماقۇل بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا ئۈچ كۈن ئىچىدە «بىسمىللا» دىن 1101 نع، «ئاللا» دىن 1101 نى ئوقۇپ بولۇشنى تاپشۇردى. مەن شۇ بويىچە ئۈچ كۈن تەسۋىنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ بولدۇم. ئوقۇپ بولۇپ بارسام، ئۇ موللا ماڭا: «ئەمدى‹سۈرە فاتىھە› نى 9461 نع، سۈرە ‹ئىخلاس›نى1002 نى ئوقۇپ بىر ئاق كەپتەرنى قان قىلىۋەتسىلە» دېدى.  مەن شۇ بويىچە قىلدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ بىرىنچى باسقۇچكەن. شۇنداق قىلىپ ئۈچ باسقۇچ تۈگىگەندە ئاخشىمى چۈشىمدە بىر ئىشنى كۆرسەم كۈندۈزى نەق ئۆزىلا يۈز بېرىدىغان بوپ قالدى. بەشىنچى باسقۇچنى تۈگەتكەندە، ئاخشىمى ئۇخلىسام قۇلاق تۈۋىمدە بىرسى گەپ قىلىپ ياتقۇزمايدىغان بوپ قالدى. 7 -باسقۇچ تۈگىگەندە كۆڭلۈمگە بىر ئىشلار ئايان بولىدىغان بوپ قالدى. 9 - باسقۇچ تۈگىگەندە ئاخشىمى ئۇخلىيالمايدىغان، كۈندىزى ئىچىم تىتىلداپ ئولتۇرالمايدىغان بوپ قالدى. ھېلىقى ئايال موللام دۇئا قىلىپ قويىۋىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ كۆرىدىغان بوپ قالدىم.
بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ يولغا قول بېرىش بەك خەتەرلىك ئىكەن. چۈنكى ھەربىر سۈرە، ئايەت ۋە دۇئا-تىلاۋەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مۇئەككىلىرى بار ئىكەن. ئەگەر چۈشكەن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنلىمىسا، مۇئەكىلاتلار بۇ كىشىلەرنى تاسقاپ قويارمىش. ھەتتا بەزىلىرى شەرتلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىسا ئۆلۈپ كېتەرمىش. چۈنكى بۇ يولدا سەدىقە ۋە قان قىلىش ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىكەن. ھەربىر باسقۇچ تۈگەپ، مەلۇم دەرىجىگە چىققاندا، شۇنىڭغا يارىشا سەدىقە بېرىش ياكى قان قىلىش كېرەككەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، مۇئەكلاتلارنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، كېسەل تارتىپ قالارمىش ياكى مەلۇم بالايى ئاپەتكە دۇچار بولارمىش. شۇڭا بۇ يولغا كىرىش بەك خەتەرلىك ئىكەن. ئۇستىخىنى ئاق، ئىخلاسمەن كىشىلەرنىڭ دۇئا ۋە تىلاۋەتلىرى ئاسانلا ئىجابەت بولارمىش. بۇ يولدا كىشلەرگە بېرىلىدىغان ۋەزىپىمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىكەن. بەزىلەرنىڭ كۆپ بەزىلەرنىڭ ئاز بولىدىكەن.
يۇقارقى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىدىغىنى ئىسلام دىنىنىڭ سۈرە-ئايەتلىرى، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشنى ھەم سەدىقە بېرىش ۋە قۇربانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدىكەن. چۈنكى ھەربىر سۈرە-ئايەت ۋە دۇئا-تىلاۋەتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇئاكىلاتلىرى بولۇپ، ئۇلار قۇربانلىق قىلىپ تۇرغاندىلا ئۇلار قىلغان دۇئالارنىڭ ئەجرى ئۈچۈن، مەلۇم باسقۇچ ۋە دەرىجىگە يەتكەندە ئۆزلىرىنىڭ ھىممىتىنى ئىلتىپات قىلىپ، دۇئا قىلغۇچىسىغا ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بېرىدىكەن. ئەگەر شەرتلەرنى تولۇق ئادا قىلمىسا، مۇئاكىلاتلارنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. تېگى پاك، ئىخلاسمەن كىشىلىرىنىڭ دۇئا-تىلاۋەتلىرى تېز ئىجابەت بولۇپ، ۋەزىپىلىرى ئاسانراق بولارمىش. يامان نىيەت بىلەن بۇ يولغا كىرگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، دۇئالىرى ئاسان ئىجابەت بولمايدىكەن. موللىمۇ بولالمايدىكەن.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم موللىلارنىڭ موللا بولىشى ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش ۋە مەشىق قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پاك نىيەتلىك، ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىپ، مەشىق قىلىش ئارقىلىق مەلۇم جەريان ۋە باسقۇچلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، شەرتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغاندىن كېيىن ئاندىن موللا بولالايدۇ. بۇنداق ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىپ مەشىق قىلىش كشىلەرنىڭ قارىشىچە مەلۇم روھى كۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «مۇئاكىلات» تىن ئىبارەت روھى كۈچ ياردەم بەرگەن دائىرە ئىچىدە، كىشىلەر بۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولالايدۇ. بۇخىل چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، موللىلارنىڭ موللا بولىشى مەلۇم روھى كۈچىنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

6) موللا بولۇش-موللىلارنى دۇئاسىنى ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تۇرپان رايونىدىكى موللىلارنىڭ سۆھبەت سىتاتسىتىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا %6. 8  موللا ئۆزلىرىنىڭ موللا بولۇپ قېلىشىنى باشقا (چوڭ) موللىلارنىڭ دۇئا قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. بۇ يەردىكى دۇئا-قىلىش بولسا بىر قىسىم ياشانغان، كېسەلچان ۋەياكى بۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمايدىغان موللىلار ئۆزلىرىدىكى سىرلىق قابىلىيەتنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر كىشىگە دۇئا قىلىپ يۆتكەپ قويىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق دۇئاغا ئېرىشكەن كىشى شۇ موللىلارغا ئوخشاش ياكى ئۇلاردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان سىرلىق قابىلىيەتكە ئىگە بولالايدۇ.
9-ھېكايە: بىزنى قېيىنئانا بۇرۇن مۇشۇ ئىشنى قىلىدىكەنتۇق. تۈگەن كېتىشتىن 5 يىل ئىلگىرى قاتتىقلا كېسەل بولۇپ، يېتىپ قالدى. بۇ ئىشنى قىلالمىدى. بۇ يولغا كىرىپ قېلىپ، ۋاقتىدا ئېلىپ ماڭمىسىمۇ ئادەم تاسقىلىپ قالىدىغان گەپكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئايالغا مېنى، ئەر كىشى بولغاندىكىن بەرداشلىق ھەم بەش ۋاقىت ناماز ئۆتەيدىغان بولغاندىكىن مۇشۇ ئىشنى قولىغا ئالسا ،دەپتۇ.  مەن ماقۇل بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى دۇئاسىنى ئېلىشقا باردۇق. قېيىنئانام يىغلاپ تۇرۇپ، دۇئا قىلدى. شۇ كېچىسىدىن باشلاپ قار بېسىپ ياتالمايدىغان بوپ قالدىم. ئۈچ كۈن بولغاندىن كېيىن قارمۇ باسمايدىغان بولدى. مەنمۇ كۆرىدىغان بوپ قالدىم. ئاپاممۇ ساقىيىپ قالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە پىرلىرىنىڭ ھەممىسى ماڭا ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
بۇ خىل بايانلارغا ئاساسلانغاندا، موللىلار ئۆزلىرى رازىلىق بېرىپ، مۇشۇنداق دۇئا قىلسا، دۇئا ئالغۇچىمۇ رازىلىق بىلەن شەرتلەرنى ئادا قىلسا، موللىلارنىڭ پىر-مۇئەكىلاتلىرى دۇئا ئالغۇچىغا ئۆتۈپ، مەلۇم سىرلىق قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن موللا بوپ قالىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ موللا بوپ قېلىشىدا، موللىلارنىڭ پىر-مۇئەكىلاتلىرى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن. بەزى موللىلار دۇئا قىلغان بىلەن كۆڭلىدە ئۇنىمىسا ئۇلارنىڭ پىرلىرى يەنىلا يۆتكەلمەيدىكەن. ئەگەر پىلار-مۇئەكىلاتلار يۆتكەلمىسە، دۇئا ئالغۇچى موللا بولالمايدىكەن. شۇڭا دۇئا ئالغاندا پىر-مۇئەكىلاتلارنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن، دۇئا قىلغۇچى موللىنى رازى قىلىش ھەم رازىلىقنى ئېلىش كېرەككەن.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم موللىلارنىڭ موللا بولۇپ قېلىشى، موللىلارنىڭ ئۆزلىرىگە دۇئا قىلىپ قويىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار دۇئاغا ئېرىشىپ، موللىلارنىڭ پىرلىرى ئۇلارغا يۆتكەلگەندە ئاندىن موللا بولالايدىكەن. ئەگەر پىرلار يۆتكەلمىسە موللا بولالمايدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ موللىلارنىڭ موللا(شامان) بولىشى مەلۇم روھى كۈچنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

7) موللا بولۇش- مەلۇم مەزگىل روھى كېسەل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تۇرپان رايونىدىكى موللىلارنىڭ سۆھبەت سىتاتسىتىكا ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا،  %7 . 83  موللا ئۆزىنىڭ موللا بولۇپ قېلىش سەۋەبى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، مەلۇم مەزگىل روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىغىدەك ئالاھىدە بىر ۋەقەنى تىلغا ئالىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايونىدىكى رھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئاندىن يول تېپىپ موللا بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئاز دېگەندە بىر ئاي، كۆپ دېگەندە ئون يىل روھىي كېسەل بولغانىدى. روھىي كېسەلگە گىرىپتار بوپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىزىرغا يولۇققاندىن كېيىن، بۇ سىرلىق ئىشنى مۆھلەتتىن بۇرۇن باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويغانلار ئىدى. يەنە بەزىلىرى خاسىيەتلىك چۈش كۆرگەندىن كېيىن، بۇ خاسىيەتلىك چۈشنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويغانلار ۋە شەرتلىرىنى ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلالمىغانلار ئىدى. يەنە بەزىلىرى سىرتلاردا ئۇخلاپ قالغان ۋە يوقاپ كېتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا روھىي كېسەل بولۇپ قالغانىدى. بەزىلەر موللا بولۇش ئۈچۈن باشقىلارغا قول بېرىپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىپ مەشىق قىلىپ، كېيىن توختاپ قالغانلار ۋە شەرتنى تولۇق ئادا قىلالمىغانلار ئىدى.
10-ھېكايە: بىز ئۇيغۇرلاردا «دەرد كەلمىسە بېشىغا، بەندە خۇدا دەپ  يىغلىماس» دەيدىغان گەپ بار. 16 يېشىمدا ياتلىق بولۇپ، 17 يېشىمدا  چوڭ ئوغلۇمنى تۇغدۇم. ئوغلۇم 6 ئايلىق بولغاندا، ئېرىمدىن ئاجراشتىم. مەن ئاتا-ئانامنىڭ بىرلا قىزى ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بالا ئۈچەيلەن ئاللادىن كېچە-كۈندۈز يىغلاپ بەختىمىزنى تىلەپ، جاينامازنى تۇتۇۋالغان خەقلەر بىز. بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇۋەرسىڭىزمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالىدىكەنسىز. شۇنىڭ بىلەن كېچىسى ئۆيدە ياتسام ئۆينىڭ تۇرۇسىدا بىرسى كۆرىنىدۇ. ئۇ ماڭا  گەپ قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ گېپىنى بىلىمەن. لېكىن مەن ئۇنىڭغا گېپىمنى ئۇقتۇرالمايمەن. شۇنىڭ بىلەن كېچىسى ئاغىل-تاغىل ۋارقىراپ ياتمايدىكەنىسز. كېيىن توي قىلغان ئېرىم «بىزنى ئۇخلىغىلى قويامسەن-يوق؟» دەپ  تازا ئۇرۇپ كەتكەن. يە بۇ تاياق ئۆتمىگەن، شۇنداق قىلىپ 10 يىل ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇق-تۇققان ، خۇلۇم-قوشنىلارنى دىمىگىنى قالمىدى. ئۇ ساراڭ بوپ قاپتۇ دەۋاتقان، يەنە بەزىلەر باشقا بىر نېمە دەۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكى ئىلىملىق موللىلارنى يېنىغا بارغاندىن كېيىن، يول كۆرسىتىپ، دۇئا قىلىپ قويدى. بۇ يىل 37 ياشقا كىردىم. كىشى كۆرىۋاتقىلى توپتوغرا 11 يىل بولدى .
بۇ خىل بايانلارغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم موللىلار مەلۇم مەزگىل روھى كېسەل بولۇش جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇنداق كېسەلنىڭ سەۋەبى خىلمۇخىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا،  ۋەزىپە ۋە شەرتلەرنى تولۇق ئادا قىلالمىغانلىقتىن ياكى كىشى ئاجىز كېلىپ قالغانلىقتىن پىرلا تاسقاپ قويىدىكەن. قاچان يولىنى تېپىپ شەرتلەرنى تولۇق ئادا قىلغاندا ئاندىن كېسەلدىن خالاس بولۇپ پىرلارنىڭ ياردىمىگە، يۆلىشىگە نائىل بولغىلى بولىدىكەن.
يۇقارقىدەك چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، موللىلارنى روھى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ھادىسىس بىر خىل يول تېپىش جەريان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىلاھى كۈچلەر بىلەن ئالاقە باغلاش يولىنى تېپىش ئۈچۈن نوقۇل زۆرۈر بولغان يولدۇر. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش نوقۇل ھالدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئىنسانلارنىڭ بىر خىل روھى كېسىلى دەيدىغان قارىشى بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ۋە شامان دىنىغا بولغان ئۆزگىچە چۈشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى بىر قىسىم موللىلارنىڭ موللا(شامان) بولىشى، مەلۇم روھى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغاندەك تۇرىدۇ.
يۇقىرىدا تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى موللىلارنى موللا بولىشىنى 7 خىل ئاساسى سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۇق. بىز بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرالايمىزكى، ھازىرقى تۇرپان ئۇيغۇرموللىلارنى موللا بولىشى مەلۇم خىل ئىلاھى (روھى) كۈچنىڭ تاللىشىغا ئۇچرايدىغاندەك تۇرىدۇ. تۇرپاندىكى ئۇيغۇر شامانلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل روھى كۈچ خۇدا ۋە  پىرلا ئىكەن. ئىسلام دىننىي ئۆلىمالىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، جىن-شاياتۇن ۋە چىنتەنلەر ئىكەن. ئەمما ئىلىم-پەن تا ھازىرغىچە بۇ خىل روھى كۈچنىڭ زادى قانداق كۈچى ئىكەنلىكىنى كىشى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى. دۇنيادىكى شامان دىنى تەتقىقاتچىلىرى مۇشۇنداق بىر ئىلاھى كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتراپ قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىشكە ئاجىزلىق قىلماقتا. مەيلى ئۇ قايسى خىل ئىلاھى كۈچ بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، شامان ئەقىدىلىرىنى يارىتىشقا ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس شامان مەدەنىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولغان.

4.  شامانىزم مۇراسىملىرى
شامان دىنى دۇنيا دۇنياۋىي خاراكتېرگە ئىگە بولغان ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ بىر بولسىمۇ، ئەمما شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، شامان دىنىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەردە ئۆزگىچە مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان. جۇغراپىيىلىك شارائىت مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغانلىقتىن، ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيىلىك رايونلاردىكى شامان مەدەنىيىتىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شامان دىنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى باشقا رايوندىكى ئۇيغۇر شامانلىرىنىڭكىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئوخشىماسلىققا ئىگە. بۇ خىل ئوخشىماسلىق دىننىي مۇراسىملارد اناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
دىننىي مۇراسىمى-مەلۇم بىر دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ دىننىي مۇخلىسلارنىڭ دىننىي ئەقىدىسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش رولىنى ئوينايدۇ. شامان دىنى ئىپتىدائىي دىن بولغانلىقتىن ئۇنىڭ قېلىپلاشقان، بىرلىككە كەلگەن دىننىي مۇراسىمى يوق، ئەمما ھەرقايسى مىللەت ۋە ھەرقايسى رايونلاردا شۇمىللەتنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرىگەماسلاشقان،ئۆزگىچە دىننىي مۇراسىملار مەۋجۇت. تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل شامان دىنى مۇراسىمى ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان.

1) خەتمە ئۆتكۈزۈش
خەتمە ئۆتكۈزۈش-ئەسلىدە ئىسلام دىننىڭ تىلەك تىلەش مۇراسىمى بولۇپ، تاق ساندىكى ئەرلەر ياكى ئايالار گۇرۇپپىسىنىڭ مەلۇم بىر جايدا خەتمە-قۇرئان قىلىپ، تىلەك تىلەيدىغان دىننىي مۇراسىمدۇر. ئىسلام دىنى بىر خۇدالىق دىن بولغانلىقتىن، كشىلەرنى بىر ئاللادىن باشقىغا ئىشەنمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دىنلارغا ئىشىنىشى قاتتىق چەكلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن شامان دىنىنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى ۋە دىننىي مۇراسىملىرىنى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى ۋە دىننىي مۇراسىملىرىغا يۇغۇرۇپ، ئىسلام دىنى بىلەن بىللە شامان دىنىنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ خىل داۋاملىشىش نەتىجىسىدە، ئىسلام دىنىنىڭ خەتمە ئۆتكۈزۈش مۇراسىمى شامان دىننىڭمۇ ئاساسلىق بىر دىننىي مۇراسىمىغا ئايلىنىپ قالدى.
تۇرپاندىكى ئۇيغۇر شامانلار خەتمە ئۆتكۈزۈشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق دىننىي مۇراسىمى قىلغان بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كەچتە چوڭ خەتمە، 11 خەتمە .... قاتارلىقلارنى  ئۆتكۈزىدۇ. خەتمە ئۆتكۈزۈش ئايال شامانلار ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئاز بولغاندا 3 كىشى، كۆپ بولغاندا 7 كىشى، ئايال شاماننىڭ باشچىلىقىدا خەتمە ئۆتكۈزىدۇ. ئالدى بىلەن خەتمە ئۆتكۈزگۈچى ئائىلىدىكى كىشىى خەتمە ئۆتكۈزۈش گۇرۇپىسىدىكىلەرگە تائام-داستىخان تەييارلايدۇ. تاماقتىن كېيىن ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا پاكىزە ياكى يېپيىڭى بىر داستىخان سېلىنىپ، ئاياللار چۆرىدەپ ئولتۇرىدۇ. ئايال شامان ئۇزۇندىن بۇيان يىغىپ توپلاپ قويغان، چوڭلۇقى بارماق قولدەك كېلىدىغان، ھەرخىل رەڭدىكى سۈزۈك تاشلارنى داستىخانغا تۆكىدۇ. بۇ تاشلار تاق ساندا بولۇپ، ئادەتتە  111 تال بولىدۇ. ئايال شاماننىڭ خەتمە باشلىشى بىلەن ئەتراپتىكى ئاياللار تاشلارنى ئالدىغا تارتىپ، قۇرئان كەرىمدىكى ئايەت ۋە سۈرىلەرنى سانى ۋە تەرتىپى بىلەن ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئايال شامان خەتمە باشلىغاندىكى دۇئادا ياكى خەتمە ئەۋجىگە چىققاندا ۋەياكى خەتمە ئاخىردىكى دۇئادا بۇ خەتمىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ۋە خەتمە ئۆتكۈزگۈچىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرىدۇ ۋە دەرھال ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ. بۇنى شامانغا پىرلىرى يەتكۈزىدىكەن.
خەتمە-ئۇنىڭ مەنبەسىدىن قارىغاندا، ئىسلام دىننىڭ دىننىي مۇراسىمى. ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسىدىن قارىغاندا، يەنىلا بىر تىلەك تىلەش مۇراسىمى. ئەمما ئۆتكۈزۈلۈش خاراكتېرىدىن قارىغاندا، خەتمە مەلۇم بىر شاماننىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ تىلەكنىڭ نەتىجىسى ۋە سەۋەب قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇ خىل خەتمىنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ بىر خىل پال ئېچىش مۇراسىمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ئۇنى تېپىك شامان دىننىڭ مۇراسىمى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
كىشىلەر بۇ خىل خەتمە ئۆتكۈزۈش مۇراسىمى ئارقىىق ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىدىن ئالدىن بىشارەت ئېلىپ، يامانلىقلارغا  مۇۋاپىق سەۋەب قىلىپ، ئۇنى ياخشىلققا ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ.  بۇ خىل پال سېلىش مۇراسىمى ۋە شەكىل ۋە مەزمون(ئوقۇلىدىغان دۇرۇتلىرى) جەھەتتىن، ئىسلام دىننىڭ دىننىي مۇراسىمى  بىلەن ئوخشاش بولغانلىقتىن ئىسلام دىننىڭ چەتكە قېقىشقا ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىمۇ بۇنى يات دىننىڭ دىنننى مۇراسىمى دەپ قارىمايدۇ. خەتمە مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن شامان دىننىڭ مۇھىم دىننىڭ مۇراسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. تۇرپان رايونىدىكى شامانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدە-ئەھكاملىرى ۋە پائالىيىتى مانا مۇشۇنداق خەتمە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېلىپ بارماقتا.

2) پال ئېچىش، سېھىر جادۇ قىلىش ۋە كېسەل داۋالاش
شامان دىنىدا شاماننىڭ ئاساسلىق رولى سېھىرىگەرلىك قىلىپ پال ئېچىپ، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىپ، كېسەل داۋالاش بولىدۇ. تۇرپان رايونىدىكى موللىلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كشىلەرنىڭ ياخشىلىق يامانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىپ، يامانلىقلارغا  مۇۋاپىق سەۋەب قىلىپ، ئۇنى ياخشىلىققا جورۇپ، كېسەل داۋالايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشنىڭ ماھيىتى ۋە مەقسىتى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئېلىپ بارىدىغان مۇراسىم-پائالىيەتلىرى بىر-بىرىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۆزگىچە ئۇسۇلدا پال ئېچىپ، سېھر-جادۇ قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇلارنىڭ پىرلىرى ئۇلارغا بەرگەن قوراللار ۋە ئۇلارنىڭ خاسىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىكەن. تۆۋەندە ئوخشاش بولمىغان بىرقانچە خىل قورال ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان مۇراسىملار ئۈستىدە توختىلىمىز.

بىرىنچى، تەسۋىي تارتىپ پال ئېچىش
بۇ تۇرپان رايونىدىكى موللىلارنىڭ مۇھىم دىنىي مۇراسىملىرىنىڭ بىرى. تەسۋىي بۇ مۇراسىمدىكى ئەڭ ئاساسلىق قورال بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئۇرۇقنىڭ ئاز-كۆپلىكى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە خاسىيىتىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، بەزىلەرگە بۇ تەسۋىينى خىزىر بەرگەنىكەن. يەنە بەزىلەر پىرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئۆزلىرى ياسىۋالغانىكەن. يەنە بەزىلەر بولسا ئۆگىنىش ۋە مەشىق قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، قولايلىق قىلىپ ئۆزى لاھىيلەپ ياسىغانىكەن. شۇڭا، بۇ تەسۋىيلەرنىڭ بەزىلىرى ياغاچتىن، بەزىلىرى ئۇرۇقچىدىن، بەزىلىرى ئەينەك بويۇمدىن،يەنە بەزىلىرى مەرۋايىتتىن ياسالغان بولۇپ، سانى ئاز بولغاندا 33  ، كۆپ بولغاندا 101 دانە بولىدۇ.
شامان قولىدىكى تەسۋىيدىن پايدىلىنىپ ئالدىغا كەلگەن ھاجەتمەن كىشىگە پال ئېچىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن كىشىنىڭ ئىسمىنى، قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ۋە ئانىسىنىڭ ئىسمىنى سوراپ، ئاندىن تەسۋىينى تارتىپ ئۈنلۈك ياكى ئىچىدە دۇرۇت ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ. ئاندىن ھاجەتمەنگە ئۇنىڭ ياخشىلىقى ۋە يامانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بېرىپ، ئامەتنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ۋە يامانلىقتىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەب تەدبىرلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
تەسۋىي تارتىپ پال ئېچىش-قىسقا ھەم ئاددىي بولغان بىر جەريان بولۇپ، تەسۋىيدىن ئىبارەت بۇ قورالدىن قارىغاندا، ئۇ بۇددا دىنى ۋە ئىسلام دىننىڭ ئورتاق دىنننىي مۇراسىم قوراللىرىنىڭ بىرى. مۇراسىمنىڭ ئاساىي دۇرۇت ئايەتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت-ئايەتلىرىدۇر. ئەمما مۇراسىمنىڭ شەكلى ۋە ماھىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر سېھرىگەرلىك قىلىپ پال ئېچىش جەريانى بولۇپ، شامان دىنىنىڭ ئاساسى دىنىيى مۇراسىملىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا تەسۋىي تارتىپ پال ئېچىش- تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى تىپىك بىر شامان دىنى مۇراسىمى دېيىشكە بولىدۇ.

ئىككىنچى، سېھىر-جادۇ قىلىش
بۇ شامان دىننىڭ ئەڭ ئاساسلىق دىننىي مۇراسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سېھىر-جادۇ قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئارزۇ- مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر خىل ۋاستە. ئۇنىڭ تۈرلىرى خىلمۇخىل بولۇپ،  دۇئايى-بەنت قىلىش ئەڭ ئوموملاشقان بىر تۈرى ھىسابلىنىدۇ
دۇئايى-بەنت قىلىش– شامانلار ھاجەتمەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەلۇم ئادەمنىڭ كەلگۈسى ياخشىلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا-ئىبادەت مۇراسىمى. بۇنىڭدا شامان ھاجەتمەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەلۇم تەرەپتىكى بەخت-ئامەت يولىنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن، شۇنىڭغا خاس بولغان ئىسلام دىنى ئايەت ۋە دۇرۇتلىرىنى رەت تەرتىپى ۋە سانى بويىچە ئوقۇپ شەرتلىرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ. (1) قۇلۇپقا ئوقۇپ، قۇلۇپنى ئېتىپ، ئاچقۇچنى ئۆزى ساقلاش ، كىمكى بۇ قۇلۇپنى ئاچمىغۇچە يولى ئېچىلماس. (2) قونچاققا ئوقۇپ، پۇت قولىنى بوغۇپ، يىڭنە سانجىپ يوشۇرۇپ قويۇش، كىم بۇ قونچاقنى تېپىپ يىڭنىلەرنى ئېلىۋېتىپ، پۇت قولىنى بوشاتمىغۇچە كېسەل ۋە ئاغرىقتىن بېرى كېللەلمەس. (3) بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ماڭغان ئىزىدىن بىرچىمدىم توپا ئېلىپ ئوقۇپ، قەغەز ياكى لاتىغا ئوراپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى دەرەخكە ئېسىپ قويۇش. ئەگەر بۇ توپا ئېلىۋېتىلمىگىچە، شامالدا ھەربىر قېتىم لىڭشىسا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا جىدەل-ماجرا بولۇپ، ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتكۈسى.
يۇقارقى سېھىر-جادۇ قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر سېھىرىگەرلىك جەريانى. سېھىر ئەپسۇنلىرى بولسا ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت-ئايەتلىرىدۇر. ئۇنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ئۇ تېپىك بولغان بىر خىل شامان دىنى ھادىسىسى. شۇڭا بىز سېھىر-جادۇ قىلىشمۇ تۇرپان ئۇيغۇر شامانلىرىنىڭ مۇھىم بىر دىنىي مۇراسىمى دەپ ئېيتالايمىز.

ئۈچىنچى، خەنجەر ئوينىتىش
بۇ تۇرپان رايونىدىكى بىر قسىم موللىلار كىشى كۆرۈپ، كېسەل داۋالىغاندا، چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى، كېلىش مەنبەسى ۋە خاسىيىتى ئوخشاش بولمىغان خەنجەرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھاجەت ۋە كېسەللىرىگە نىسبەتەن ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، بەزىلەرگە بۇ خەنجەرنى خىزىرغا يولۇققاندا بەرگەنىكەن. يەنە بەزىلەر بولسا پىرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياساتقانىكەن.
خەنجەر ئوينىتىش–ئاساسلىق كېسەل داۋالاپ قەستىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، شامانلار خەنجىرىگە پىرلىرى ئۆگەتكەن سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇپ ھۈرىگەندىن كېيىن، خەنجەر سىرلىق كۈچ قۇدرەتكەئىگە بولىدۇ. بۇ خەنجەرنى كېسەل كىشىنىڭ ياكى سېھىر جادۇ قىلىنغان كىشىنىڭ بەدىنىگە تەرتىپ ۋە ماس ھالدىكى تاق سان بويىچە سۈرگەندە، كېسەل كىشىنىڭ روھىغا دارىغان پىرلارنىڭ شامالىنى ياندۇرۇپ، كېسەلنى ساقايتىدۇ ياكى قىلغان قەستىنى ياندۇرالايدۇ.
خەنجەر ئوينىتىش گەرچە شامان دىننىڭ دىننىي مۇراسىمى بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئوقۇلىدىغان دۇرۇت ۋە ئايەتلەر ئوخشاشلا ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت-ئايەتلىرىدۇر. شۇڭا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بۇ مۇراسىمنىمۇ ئوخشاشلا قوبۇل قىلىپ، چەتكە قاقمايدۇ. يەنە كېلىپ كىشىلەرنىڭ كېسەل داۋالاش ئېھتىياجىغا  ماس كەلگەنلىكتىن، بۇ خەلق تەرىپىدىن يەنىلا قوبۇل قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. دېمەك، خەنجەر ئوينىتىش مۇراسىمىمۇ تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنى بىر ئاساسىي دىننىي مۇراسىمى ھىسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى، ھايۋانلارنىڭ پەي ۋە سۆڭىكى بىلەن كېسەل داۋالاش
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتىمىزم ئەقىدىلىرىنىڭ بەزى قاراشلىرىمۇ ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، لاچىن ، توز... قاتارلىق قۇشلارنى ۋە بۆرە ، ئېيىق قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارنىڭ پەي ۋە سۆڭەكلىرىنى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ، ياخشىلىق ۋە  يامانلىققا باغلاپ چۈشىنىلىپ كېلىنمەكتە. تۇرپان رايونىدىكى بىرقىسىم شامانلار ئۆزلىرىنىڭ  دىننىي مۇراسىملىرىنىمۇ مانا مۇشۇ خىل پەي ۋە سۆڭەكلەردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارىدۇ. ئېيىق قۇلى بىلەن كېسەل داۋالاش-بۇنىڭ بىر تېپىك مىسالى بولۇپ، ئەڭ ئىپتىدائىي شامان دىنى مۇراسىمى ھېسابلىنىدۇ.
ئېيىق قولى بىلەن كېسەل داۋالاش مۇراسىمى: بۇ خىل مۇراسىمدا، شامان ئالدى بىلەن ھاجەتمەننىڭ ئىسمى، ئانىسىنىڭ ئىسمى ۋە يېشىنى سورايدۇ. ئاندىن ئېيىق قولىنى ئالدىغا قويۇپ، ئۈنلۈك ھالدا ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت-ئايەتلىرىنى رەت تەرتىپى ۋە سانى بويىچە ئوقۇپ، ئېيىق قولىغا ھۈرۈپ تۇرىدۇ. (بۇ ئېيىقنىڭ سول قولى بولۇپ، ئۇنى پالگان (پالۋان) بوۋىسى تاغدا ئاتقان ئېيىقنىڭ قولى ئىكەن) ئاندىن ھاجەتمەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا خاس بولغان ئىشلىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئېيىق قولىنى ئاياللارنىڭ كۆكسى ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنىڭ بىلەن دومىلىسا ساقىيىپ قالىدۇ. كىچىك بالىلارنى قوقاق تۇتىۋالغاندا، ئۇنى بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئايلاندۇرۇپ دومىلىسا، قوقاقنى قاچۇرىدۇ. تۇغماس ئاياللارنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن داۋالىسا، پەرزەنتلىك بولالايدۇ. چۈنكى، بۇ ئانا ئېيىقنىڭ سول قولى ئىكەن.
ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ پەيلىرى بىلەن كېسەل داۋالاش مۇراسىمى ئەڭ ئىپتىدائىي شامان دىنى مۇراسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا، تۇتىمىزم ئەقىدىلىرى  ئاساسىدا بارلىققا كەلگەننىدى. ئەمما ئۇنىڭ مۇراسىم سۆزىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت ئايەتلىرىنى ئاساس قىلغانىدى. ماھىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇ شامان دىننىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ پەي ۋە سۆڭەكلىرىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش-تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى ناھايىتى تېپىك ھەم ئىپتىدائىي شەكلىدىكى شامان دىنى مۇراسىملىرىدۇر.

3) سەدىقە قىلىش
سەدىقە قىلىش-شامان دىنىڭ مۇھىم دىننىي مۇراسىملىرىدىن بىرى سەدىقە  قىلىش بولۇپ، ھاجەتمەننىڭ شاماننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پۇل-ماللارنى سەدىقە قىلىشى ياكى جانىۋارلارنى قۇربانلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. سەدىقە قىلىش ، تەڭرى ۋە روھلارغا سەدىقە قىلىش، تەبئەتكە سەدىقە قىلىش ۋە ئادەملەرگە سەدىقە قىلىش دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھازىرمۇ تەڭرى ۋە روھلارغا سەدىقە قىلىش بىلەن ئادەملەرگە سەدىقە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سەدىقە قىلىش مۇراسىمى ساقلىنىپ كەلمەكتە.

بىرىنچى، تەڭرى ۋە روھلارغا سەدىقە قىلىش مۇراسىمى
بۇ تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان دىنى مۇراسىم بولۇپ، شامان مەلۇم بىر كىشىگە پال ئېچىپ ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن بىشارەت بەرگەندىن كېيىن، ياخشىلىققا ئېرىشىپ، يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەلۇم خىل رەڭدىكى قوي، كالا، ئۆچكە، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى خۇدا ياكى مەلۇم بىر پىرغا ئاتاپ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرىدۇ. بۇ خىل سەدىقە قىلىش مۇراسىمى شاماننىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ رەڭگى ۋە قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى ھەم قۇربانلىق قىلىدىغان يۆنىلىشنى ماس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. شامان قۇربانلىق قىلىشتىن ئىلگىرى سېھىرلىك قورالى بىلەن قۇربانلىققا قاراپ، ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت-ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ. ئاندىن شاماننىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بىر ۋاستىچىسى بوغۇزلاپ بېرىدۇ. بوغۇزلىغاندا چىققان ئىسسىق قاننى ھاجەتمەن كىشىنىڭ بەدىنىگە ياكى كېسەل كىشىنىڭ ئاغرىغان جايىغا ئېقىتىدۇ. بۇ قان شامان رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسىق سۇدا يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئاندىن شامانغا مەلۇم ھەق بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق قىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. قۇربانلىق قىلىنىدىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ رەڭگى ئادەتتە ئاق، قارا، كۆك، قىزىل قاتارلىق تۆت خىل رەڭدە بولىدۇ.

ئىككىنچى، ئاەملەرگە سەدىقە قىلىش
بۇمۇ بىر خىل شامان دىنىنىڭ دىننىي مۇراسىمى بولۇپ، شامان پال ئېچىپ، كېسەل داۋالىغاندا ھاجەتمەننىڭ يامانلىقتىن قۇتۇلۇپ، ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردىكى پۇل-پۇچەك ياكى نان، رەختلەرنى، مەلۇم بىر ۋاقىتتا، مەلۇم ئادەملەرگە قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا ھەقسىز بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شامان ھاجەتمەننىڭ سەدىقە قىلىدىغان نەرسىلىرىگە، ئىسلام دىننىڭ مەلۇم دۇرۇت-ئايەتلىرىنى ئوقۇپ ھۈرۈپ بېرىدۇ.  ئاندىن كېيىن، ھاجەتمەن بۇ نەرسىلەرنى بۇيرۇلغان ئادەمگە سەدىقە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەدىقە مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ. سەدىقە قىلىدىغان ئوبىكتلار ھاجەتمەننىڭ ھاجىتنىڭ سەۋىيىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاجىز-مىسكىنلەر، مېيىپلار، قارىغۇ دېگەندەك كىشىلەر تاللاپ سەدىقە قىلىنىدۇ.
يۇقارقىدەك سەدىقە قىلىش مۇراسىملىرى شەكىل ۋە سەدىقە بېرىش ئوبىكتى جەھەتتىن ئىسلام دىنى ۋە بۇددا دىنىدىكى سەدىقە قىلىشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما، مەقسىتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ مەلۇم مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىسلام دىنى ۋە بۇددا دىنىدىكىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىق بولىدۇ. سەدىقە مۇراسىمنىڭ دۇرۇت-ئايەتلىرى ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت ئايەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما مەقسىدى ۋە ماھىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇ يەنىلا شامان دىننىڭ دىننىي مۇراسىمىدۇر. شۇڭا سەدىقە قىلىش-تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى بىرخىل شامان دىنى مۇراسىمى دېيىشكە بولىدۇ.

3) مازارلارنى تاۋاپ قىلىپ، تىلەك تىلەش
مازارلارغا تاۋاپ قىلىش، روھقا سېغىنىش ھادىسىسى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادقا چوقۇنۇشتەك دىننىي ئەقىدىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ شامان دىننىڭ مۇھىم دىننىي ئاساسلىرىدىن بىرى. شۇ سەۋەبتىن مازارلارنى تاۋاپ قىلىپ، تىلەك تىلەش، شامان دىننىڭ يەنە بىر ئاساسلىق دىننىي مۇراسىمى ھېسابلىنىدۇ. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بۇ خىل دىننىي مۇراسىمىمۇ ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. تۇرپان رايونىدا 100دىن ئارتۇق مازارگاھ بار بولۇپ، ھەرقايسىنىڭ ئۆز ئالدىغا خاسىيىتى بار ئىكەن. شۇڭا شامانلار پال ئېچىپ كېسەل داۋالىغاندا، مازارلىقلارنى يوقلاپ تىلەك تىلەشنىمۇ بىر ئاساسلىقدىننىي مۇراسىم سۈپىتىدە ئۆتكۈزىدۇ.
مازارلارنى تاۋاپ قىلىپ، تىلەك تىلەش– شاماننىڭ باشچىلىقىدا ياكى شاماننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ھاجەتمەنلەر كېسەللىكتىن ياكى پىشكەللىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر ياكى بىرقانچە خىل خاسىيەتكە ئىگە، بىر ياكى بىر قانچە مازارلىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، تىلەكلىرىنى تىلەيدۇ. ھەربىر مازارنىڭ ئۆزىگە خاس خاسىيىتى ۋە خاسىيىتىگە ماس بولغان تاۋاپ قىلىش ئۇسۇلى بار بولۇپ، شەرتلەرنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن تىلەك تىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن مازارگاھقا قارانچۇق شەيىخنىڭ باشچىلىقىدا مازارلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت-ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى ئالغاچ بارغان ماي ۋە پاختىلاردىن پىلىك ياساپ، چىراق يېقىپ قويىدۇ. چىراق يېقىپ بولۇپ، ئولتۇرۇپ تىلەكلىرىنى تىلەيدۇ ۋە شەيىخكە سەدىقە بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «شام قانچە كۈچلۈك، قانچە ئۇزۇن كۆيسە تىلەكلىرى شۇنچە تېز ئىجابەت بولارمىش. ئەگەر ئۆچۈپ قالسا تىلىكى ئىجابەت بولماسمىش». يەنە بەزىلەر شۇ جايدا نەزىر بېرىپ چوڭ خەتمىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا قوي قاتارلىقلارنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىدۇ. مازارلارنى تاۋاپ قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم مۇراسىم چىراق يېقىپ، تىلەك تىلەشتۇر.
بۇ خىل مۇراسىمنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇندىن قارىغاندا، ئىپتىدائىي ئېتىقاتتىكى ئەجدادقا چوقۇنۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوقۇلىدىغان دۇرۇت-ئايەتلىرىدىن قارىغاندا، ئىسلام دىننىڭ دۇرۇت-ئايەتلىرى ئوقۇلىدۇ. مەقستىدىن قارىغاندا، كېسەلگە شىپا تېپىش ۋە سېھىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. دېمەك، بۇ خىل مۇراسىمنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر خىل شامان دىننىڭ دىننىي مۇراسىمىدۇر. شۇڭا مازارلىقلارنى تاۋاپ قىلىپ تىلەك تىلەش- تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى يەنە بىر خىل شامان دىنى مۇراسىمى دېيىش مۇمكىن.

5. تۇرپان شامان دىنى مۇراسىملىرىنىڭ تۈرگە بۆلىنىشى
تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى شامان دىنى مۇراسىملىرى ئۆز ئىچىدىن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىندۇ. ئۇنىڭ بىرى ئاق يول، يەنە بىرى قارا يول دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بولۇپ، شامانلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان سېھىر-جادۇلىرىنىڭ ماھىيىتىگە قاراپ  تۈرگە ئايرىپ چىققان.
شامانلار ئۆزلىرىدىكى خاسىيەتنى يامان ئىشلارغا ئىشلەتمەي، ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتكەن بولسا، ئۆزلىرىنى ئاق يولدا دەپ قارايدۇ. ئۆزىدىكى خىسلەتنى يامان ئىشلارغا ئىشلەتكۈچىلەرنى بولسا قارا يولدا دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا تۇرپاندىكى شامانلار ئىككى چوڭ  گۇرۇھقا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىرى ئاقيولدىكىلەر، يەنە بىرى قارا يولىدىكىلەردۇر.

1) ئاق يول-ئومۇمەن ئۆزىدىكى ئىقتىدارنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان شامانلارنىڭ تۇتقان يولى، يەنى شەرئىتى ۋە پەرھىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاق يولدىكىلەر سېھىر-جادۇ قىلغاندا، ئادەمنىڭ ھاياتىي ۋە سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان، بەخىتلىك ئائىلىلەرنى بۇزىدىغان، باشقىلارنىڭ ئالدىنى(نىكاھ- بەختىنى) توسۇپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. سەدىقە ئالغاندا پىرلىرى ئۇلارغا بويرۇپ بەرگەننىسىۋىسىنىلا ئالىدۇ. قۇربانلىق بۇيرىغاندا، ھارام قېلىنغان ھايۋانلارنى بۇيرىمايدۇ. ئەكسىچە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان، نىكاھ چۈشمىگەنلەرنىڭ ئالدىنى(نىكاھ- بەختىنى) ئېچىپ، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بويرۇيدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ھەر ھەپتىنىڭ چاھارشەنبە ۋە جۈمە كۈنى كىشى كۆرۈشتىن پەرھىز تۇتىدۇ. ئاساسلىق مۇراسىمى خەتمە ئۆتكۈزۈش، مازارلىقلارنى تاۋاپ قىلىش بولىدۇ، پال سېلىش، قان قىلىش بولىدۇ.

2) قارا يول-ئومۇمەن پايدا مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىدىكى ئىقتىدارنى ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا ئىشلىتىدىغان شامانلارنىڭ تۇتقان يولى، يەنى شەرئىتى ۋە پەرھىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قارا يولدىكىلەرنى كىشىلەر جىنكەشلەرمۇ دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سېھىر-جادۇ ئەپسۇنلىرى ۋە سھىر-جادۇ قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، مۇددىئا-مەقسەتلىرىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولىدۇ. ئۇلار بەزى سېھىر-جادۇلارنى قىلغاندا، ئادەمنىڭ سۈيدۈكىدە تاراھەت ئېلىپ ، قەبرىلەرنى تەتۈر  مېنىپ، ئىسلام دىنى ئايەتلىرىنى تەتۈر ئوقۇيدۇ. بۇنداق سېھىر-جادۇ قىلىنغان ئادەم ياكى ئۆلۈپ كېتىدىكەن ياكى بىر ئۆمۈر كېسل بولۇپ ېيتىپ قالىدىكەن. ئەگەر ئۇلارغا كۆپرەك نەپ بېرىلسە، بۇنىڭدىنمۇ قەبىھ سېھىر-جادۇلارنى قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىشقا بويرىغاندىمۇ چاشقان، ئېشەك قاتارلىق ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنى كۆپرەك بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى سېھىر-جادۇ قىلىش، قان قىلىش، خەتمە ئۆتكۈزۈش، مازارلىقلارنى تاۋاپ قىلىش بولىدۇ، پال سېلىش، قاتارلىق مۇراسىملارنى ئۆتكۈزدۇ.

6. خەلق ئارىسىدىكى شامان دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ-ئادەت ۋە قاراشلار
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا شامان دىنى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. شۇنداقلا ھازىرمۇ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغاچقا، شامان دىنىنىڭ بىر قىسىم ئەقىدە-قاراشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەت شەكلىدە ھېلىھەم كەڭ تۈردە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى تۇرپان يېزىلىرىدىكى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

1) موللىغا بېرىش(باخشى-پېرىخونلرنىڭ يېنىغا بېرىپ سەۋەب قىلىش)
تۇرپان يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئائىلىدە بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالغاندا، دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنمەي، ئالدى بىلەن كېسەل داۋالايدىغان موللىلارنىڭ يېنىغا بارىدىغان ئەھۋاللار ھېلىمۇ مەۋجۇت. يەنە بەزى زىيالىي ئائىلىلەردىمۇ، بىرەر كىشى كېسەل بولۇپ، دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىپ ساقىيالمىسا، «كونىلىق قىلىپ باقايلى» دەپ موللىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە كېسەلگە سەۋەب قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

2) مازارلىقلارنى تاۋاپ قىلىش
تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىشىلەر بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا ياكى كېسەلگە گېرىپتار بولسا، مۈشكۈللەرنى ئاسان قىلىش، كېسەللەرگە شىپا تېپىش ئۈچۈن مازارلىقلارنى تاۋاپ قىلىدىغان ئادەتلەر ھازىرمۇ ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان. تۇرپان رايونىدىكى مازارلار 100 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھەربىر مازارلىقنىڭ ئۆزىگە خاس خاسىيىتى بار دەپ قارىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ خاسىيەتنى كىشىلەرگە بىلدۈرىدىغان، ئەۋلادتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزىدىغان رىۋايەتلىرى ھەم بۇ رىۋايەتلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان خاس شەيىخلىرى بار بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۆتمۈشتىن بۇيان، بۇ مازارلارنى «ھايات (غوجام) مازار»  دەپ تاۋاپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ، تىلەكلىرىن ىتىلەپ كەلگەنىىدى. بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت ھازىرمۇ تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا. بۇ مازارلارنى موللىلار بەزى كىشىلەرگە تاۋاپ قىلىشقا بۇيرىسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئۆزلىكىدىن بېرىپ تاۋاپ قىلىدۇ.

3) قان قىلىش
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا، ھازىرمۇ بىر قىسىم شامان دىنىغا ئائىت قان قىلىش ئادەتلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بىرەر كىشى كېسەل بولۇپ، كېسىلى سوزىلىپ كەتسە، بۇ كىشىنىڭ ساقىيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغاندا، قوي، ئۆچكە، توخۇ، كەپتەر قاتارلىقلارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى كېسەل كىشىنىڭ بەدىنىگە سۈرتۈپ قويىدۇ ياكى ئېقىتىدۇ. تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار «قان دېگەن جانغا ئارا تۇرىدۇ» دەپ قارايدۇ. كىشىلەر يەنە بىرەر ئىشى تازا يۈرۈشمىگەندە ياكى كېلىشمەسلىكتىن ئالدىن بىشارەت بولغاندىمۇ، قوي، توخۇ، كەپتەر قاتارلىقلارنى بوغۇزلاپ، جامائەتكە چاي بېرىدۇ ياكى يېتىم-يىسىرلارغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. ئۇلار « ھەربىر كەسىپ، ھەربىر ھۈنەرنىڭ پىرى بار بولۇپ، پىرلار رازى بولمىسا ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. ئۇلار رازى بولغاندا، ئاندىن ئىشلار يۈرىشىدۇ. ئۇلارنى رازى قىلىش ئۈچۈن قان قېلىش كېرەك » دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ خىل قان قىلىش ئادىتى ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسدا يەنە كىشىلەر يېڭى ئۆي سېلىپ، كۈچۈپ كېرىشتىن ئىلگىرى قوي، توخۇ قاتارلىقلارنى بوغۇزلاپ، ئۆينىڭ بوسۇغۇسى ۋە بۇلۇڭلىرىغا قېنىنى ئېقىتىپ قويىدىغان ئادەت ساقلانغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ئۆيمۇ پىرلىق بولىدۇ، ئۆينىڭ پىرلىرى رازى قىلىپ ئاندىن ئولتۇرۇش كېرەك بولمىسا، ئۆيىدە بالا -قازا ۋە كېلىشمەسلىك تۈگىمەيدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇڭا ھازىرمۇ مەيلى قانداق جايغا، قايسى خىل شەكلىدە ئۆي سېلىپ ئولتۇرۇشتىن قەتئىنەزەر، كۈچۈپ كېرىشتىن ئىلگىرى قان قىلىش بىر ئۇدۇم سۈپىتىدە ساقلانماقتا. ھەتتا بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەندىمۇ قان قىلىدىغان ئەھۋاللارر مەۋجۇت.

4) ئىسرىق سېلىش
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا، خىلمۇخىل ئىسرىق سېلىش ئادەتلىرى ساقلانغان. كىشىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈشتىن ئىلگىرى، گۈلىرەيھاننىڭ قۇرىغان غولىنى سۇندۇرۇپ، تاماق ئېتىدىغان مېتال چۈمۈچنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئوت يېقىپ، ئۆينىڭ بوسۇغىسدىن باشلاپ تۆت بولۇڭى ھەم تۇرۇسلىرىغىچە، ئىسرىق سېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنى قارىشىچە، «بۇنداق قىلغاندا، ئۆيدىكى قوقاقلار چېقىپ كېتىدىكەن، ئەگەر بۇ قوقاقلار چىقىپ كەتمىسە، ئاخشىمى قار بېسىپ ئۇخلىغىلى بولمايدىكەن. ئۆيدە جىدەل-ماجرا، بالا قازا تۈگىمەيدۇ».
ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يەنە ئۆيدە يېڭى بىر بالا تۇغۇلۇپ ئۇنى بۆشۈككە سېلىشتىن ئىلگىرى ئۆيدىكى ياشقا چوڭ مومايلار، گۈلىرەيھاننىڭ قۇرىغان غوللىرىنى سۇندۇرۇپ، تاماق ئېتىدىغان مېتال چۈمۈچنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئوت يېقىپ، بۆشۈكنىڭ ھەممە يېرىگە بىر قۇر ئىسرىق سېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «بۇنداق قىلغاندا، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمىگەن بۆشۈكتىكى قوقاقلار قېچىپ كېتىپ، بالا ياتقاندا ياخشى ئۇخلايدۇ، قارا باسمايدۇ».
تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يەنە كىشىلەر ئۆزىنى مال ياكى باشقا نەرسىلەرنى بازارغا ئېلىپ كېرىپ سېتىشتىن ئىلگىرى، ئۆيدىكى ياشقا چوڭ ئايال كىشى، ھەسەل  ھەرىسىنىڭ تاۋىقى قاتارلىقلارنى، ئۇۋېتىپ، تاماق ئېتىدىغان چۈمۈچنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئوت يېقىپ، ساتماقچى بولغان مال ياكى نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى ئايلاندۇرۇپ ئىسرىق سالىدىغان ئادەتلەر ساقلانغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ھەسەل ھەرىسىنى تاۋىقى بىلەن ماللارغا ئىسرىق سالغاندا، بازاردىكى خېرىدارلار ساتماقچى بولغان مالغا، خۇددى ھەسەل ھەرىسى تاۋاققا (ياماشقاندەك) ئۇلاشقاندەك ئۇلىشىپ قالىدۇ، خېرىدارى كۆپ بولىدۇ، قىممەت ھەم ئاسان ساتقىلى بولىدۇ». ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا كىرا ئاپتوموبىللىرىغىمۇ مۇشۇنداق ئىسرىق سالىدىغان ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «بۇنداق ئىسرىق سالغاندا، يۇلۇچىلار كىرا ئاپتوموبىلىغىمۇ ھەسەل ھەرىسى تاۋاققا ئۇلاشقاندەك ئۇلىشىۋالىدۇ، كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ».

5) ئاچلاش
تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، كشىلەر بىر قىسىم كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، ئاشلايدىغان ئادەتلەر ساقلانغان. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئائىلىلەردە بىرەرسىنى ئاشقازىنى كۆپۈپ قالسا ياكى يەل تۇتۇپ تولغاق بولۇپ قالغاندا، «ئاچ كىرىپ قاپتۇ» دەپ ئاچلايدىغان ئادەتلەر بار. ئائىلىدىكى ياشقا چوڭ ئايال كىشى يەتتە ئۆينىڭ تونۇرىدىن كۈل ئەكەلدۇرۇپ، ئۇنى بىر قاچىغا ئازراقتىن ئېلىپ لىق توشقۇزۇپ ، ئۈستىنى بىر ياغلىق ياكى رەخت بىلەن ئوراپ، چىننىڭ ئاستى تەرىپىدىن تۇتۇپ، كېسەل كىشىنى دۈم ياتقۇزۇپ، بېشىدىن پۇتىغىچە «ئاچ چىق!» دېگىنىچە ئۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا ، بۇ ئايال «ئاش چىق! ئاش چىق! ئاش چىق! ئەسكى تۈگمەنلەرگە بار، يوغان جۈجەملەرگە بار، ئۇزۇن چاچلىقلار بار، قاراقاشلىقلارغا بار، تەمبەللىكلەرگە بار. ئاش چىق! ئاش چىق! ئاش چىق!»  دېگەن قوشاقنى ئوقۇيدۇ. بۇ چاغدا ئايال كىشى توختىماي ئەسنەيدۇ.چىنىدىكى كۈلمۇ يېرىم چۈشىدۇ. ئۇلار بۇنى ئاچ چىقىپ كەتتى دەپ قارايدۇ. ئاندىن ئاشلىغان كىشىنى دەرھال ياتقان يېرىدىن تۇرۇپ كېتىشنى بۇيرۇيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئاچلار ئۇ ياتقان جايدا چىقىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كىچىك بالىلار كۆپ يىغلايدىغان بولۇپ قالسا ياكى ياش چوكانلار ئۆزىنى بىر خىل روھسىز ھېس قىلغان چاغلاردىمۇ «ئاچ كىرىپ قاپتۇ» دەپ ئاشلايدىغان ئادەتلەر بار. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئاشلىغاندا، كۈلىنى ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە نان پارچىلىرىنى ياكى يەتتە خىل زىرائەتنىڭ دانلىرى ياكى قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلار بىلەن ئاشلايدىغان ئادەتلەرمۇ بار.

6) ئۇچۇقداش
تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئائىلىلەردە كىچىك بالىلار بىر نەرسىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەندە ياكى چوڭلار چۈشىدە قار بېسىپ، يۈزلىرىگە ياكى ئاغزىنى چۆرىسىگە  بىر نەرسىلەر ئۆرلەپ قالغاندا، «ئۇچۇق تىگىپتۇ!» دەپ، ئۇلارنى ئۇچۇقدايدىغان ئادەت ساقلانغان. ئائىلىدىكى ياشقا چوڭ ئايال كىشى ئۇچۇق تېگىپ قالغان بالىنى ياكى كىشىنى غەرب تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئېقىپ تۇرغان سۇ ياكى قارا ياغاچ شاخلىرى قاتارلىقلار بىلەن «ئۇچۇق! ئۇچۇق! » دەپ ئۇچۇقدايدۇ. ئۇچۇقداپ بولغاندىن كېيىن، ئۇچۇقدالغان كىشى دەرھال ئولتۇرغان جايدىن تۇرۇپ كېتىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، « ئۇچۇق پىرلارنىڭ شامىلى دارىپ قالغاندا تېگىدىكەن، كۈچلۈك كىشىلەر ھېچنىمە بولمايدىكەن، ئاجىز كىشىلەرنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە ياكى ئاغزىنىڭ چۆرىسىگە شۇنداق نەرسىلەر ئۆرلەپ قالىدىكەن. ئۇچۇقداش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شامىلىنى ياندۇرغىلى بولىدىكەن.

7) روھ  چاقىرىش
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا، كىچىك بالىلار يىقىلىپ كېتىپ ياكى بىرەر نەرسىدىن قورقۇپ كېتىپ مىجەزى يوق، جىمغۇر بولۇپ قالسا، بۇ بالىنىڭ «روھى چىقىپ كېتىپتۇ» دەپ روھنى چاقىرىدىغان ئادەتلەرساقلانغان. ئائىلىدىكى ياشقا چوڭ ئايال بالىنى كۈن يېڭى ئولتۇرغان مەزگىلدە، قىبلىگە قارىتىپ، ئىسمىنى ئۈچ قېتىم ياكى يەتتە قېتىم چاقىرىدۇ. بالا «ھەئە» دەپ جاۋاب قايتۇرغاندا بالىنىڭ روھى قايتىپ كەلدى دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ئادەمدە 7 خىل روھ بولىدۇ، ئۇلاردىن بىرى كىم بولسا ئادەم جىمغۇر، كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇنداق چاغدا روھنى چاقىرىپ ئەكىلىۋېلىش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇنىڭ روھىنى جىنلار ئېلىىپ كېتىپ، تاقاپ قويارمىش».

8) تۇغ (چوكەن) باغلاش
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا، ئائىلىدە بىرەر كىشى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ چوكان باغلايدىغان ئادەت مەۋجۇت. ئائىلىدىكى ياشقا چوڭ ئايال كىشى يەتتە ئۆيدىن يەتتە خىل رەڭلىك رەخت پۇرۇچى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى كېسەل كىشىنىڭ بەدىنىگە دوملاپ، بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ، ئۆيدىكى كىچىك بالىلارغا، مەھەللىنىڭ چېتىدىكى قۇرۇپ قالغان قارا ياغاچ دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ياكى مازارلىقلاردىكى يالغۇز دەرەخلەرگە ئاپىرىپ چىگىپ قويۇشنى تاپىلايدۇ. بۇنداق رەخت پۇرۇچلىرى چىگىلگەن دەرەخلەرنى تۇرپان يېزىلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە،«ئادەمنىڭ بەدىنىگە چاپلاشقان كېسەل، مەلۇم بىر خىل رەھنىڭ چاپلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ رەڭگى خىلمۇخىل بولىدۇ. شۇڭا يەتتە خىل رەڭلىك پۇرۇچنى كېسەلنىڭ بەدىنىگە دوملىغاندا، رەڭگى ئوخشاش روھلار پۇرۇچلارغا ئىلىشىپ چىقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەل ساقىيىدۇ».

9) تۇمار پۈكۈش
تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، كىچىك بالىلارغا كۆز تىگىپ قىلىشتىن، قورقاق ئۆتۈپ قىلىشتىن، ئاچ كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۇمار پۈكۈپ ئېسىپ قويىدىغان ئادەت ساقلانغان. بۇنداق تۇمارنى بالىنىڭ ئاپىسى ياكى ئانىسى بالىنى كۆتۈرۈپ مەھەللىدىكى موللىلارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇچۇقدايدۇ. ئاندىن بىر قەغەزگە بالىنىڭ ئىسمى بىلەن بىر قاتاردا ئەرەپچە ئايەتلەر ياكى بىر قىسىم شەكىللەرنى يېزىپ، ئۇنى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە قاتلاپ، قارا دۇخاۋا رەختكەر ئوراپ تىكىپ، ئاندىن يىپقا ئۆتكۈزۈپ بالىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق قىلغاندا، « بالىنىڭ كۆز تېگىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، قورقاق ئۆتۈپ قالمايدۇ، ئاچ كىرىپ قالمايدۇ، بالا ساغلام چوڭ بولىدۇ».
يۇقارقىلاردىن باشقا تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا، ئائىلىلەردە يېڭى تۇغۇلغان بالا بولسا ئۇنى قورقاق تېگىشتىن ساقلاش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ پىيىنى بالا بىلەن بىللە ساقلايدىغان ئادەت بار. ئادەتتە، توز ياكى لاچىننىڭ پىيىنى تېپىپ كېلىپ، بالا ياتىدىغان بۈشۈكنىڭ بېشىغا قىستۇرۇپ قويىدۇ ياكى بالىنىڭ دوپپىسىغا قاداپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇنى «بالىغا قورقاق تېگىپ قىلىشتىن ساقلايدۇ» دەپ قارايدۇ.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا يەنە، بۆرە ئوشۇقى ۋە يىلان مۇڭگۈزى قاتارلىقلارنى مۇقەددەس بىلىپ ساقلايدىغان ئادەتلەر ساقلانغان. بۆرە ئوشۇقى ياكى پىلان مۇڭگۈزىنى كىشىلەر ئاۋۋال موللىلارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ ئوقۇشقا سېلىپ، ئاندىن ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ، بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ئەگەر شەرتنى ئورۇندىمىسا ئۇنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ بېشىغا بالا قازا كېلىدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرسە بەخت-ئامەتلىك بولۇپ، ئىشلىرى ئىلگىرى باسىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئېلىپ يۈرسە نىكاھ بەختى چىقىپ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.

7. شامان دىنىنىڭ زامانىۋىيلىشىشى
دىن بىر خىل ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ  ماڭىدۇ. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىدۇ. زامانىۋىلىشىش-ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدىكى بىر تارىخى جەريان، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى. دىنمۇ ئۆز فۇنكىسىيىسىنى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ خىل ئۆتكۈنچى دەۋرىنى ھامان بىسىپ ئۆتىدۇ. مانا بۇ دىننىڭ زامانىۋىلىشىشىدۇر.
تۇرپان رايونىدىكى شامان دىنىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى شامان دىنىدا زامانىۋىلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ مەۋقۇتلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. تۇرپان رايونىدىكى شامان دىنىنىڭ زامانىۋىلىشىش ھادىسىسىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلاردىن چۈشىنىش مۇمكىن.

1) شامانلارنىڭ زامانىۋىلىشىشى
جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي مەنىدىكى زامانىۋىلىشىش ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشى دىگىنىمىز-ئادەمدىكى ئەنئەنىۋىي ئىنسانىي خىسلەتنىڭ زامانىۋىي ئىنسانىي خىسلەتكە ئۆتۈش جەريانىدىن ئىبارەت. زامانىۋىي ئىنسانى خىسلەت دىگىنىمىز زامانىۋىي جەمىيەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە لايىقلاشقان ئىنسانى خىسلەتنى يەنى ئىندىۋىدۇئال پىسخىك خاراكتىرنى كۆرسىتىدۇ. زامانىۋىي ئىنسانى خىسلەتكە ئىگە ئادەم زامانىۋىي ئادەم ھىساپلىنىدۇ.  تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم شامانلار بىلەن بولغان سۆھبەت ۋە كۈزىتىش جەرياندا، ئۇلاردا ھازىرقى زامانغا خاس بولغان قىممەت قاراش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بارلىقى بايقالدى.

(1) يىمەك ئىچمەكتىكى ئۆزگىرىش
تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم شامانلارنى ئۇزۇن مۇددەت كۈزىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئادەت-قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ھازىرقى زامانغا لايىقلىشىپ بولغانلىقى بايقالدى.  ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ياخشى بولغاچقا، ئۆيىدە گاز ئوچاق، دوخوپكا، توڭلاتقۇ، چۆپ چىقىرىش ماشىنىسى... دېگەندەك يىمەك-ئىچمەككە ئائىت زامانىۋىي ئۆي سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تاماقلىرى ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شامانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قارىشى بويىچە، «توك بىلەن قىلغان تاماق سوغۇق بولىدۇ، يىسە ئادەمگە زىيانلىق، ئوتۇن قالىماي  (كۆيدۈرمەي) ئەتكەن تاماقنىڭ بەركىتى بولمايدۇ. قولدا قىلمىغان تاماقنىڭ تەمى بولمايدۇ» دەپ قارىلاتتى. ئەمما ھازىرقى تۇرپان رايونىدىكى شامانلار زامانىۋىي ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ تاماق يەيدىغان بولدى.
شامانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىدا، «ئۆيىنىڭ سىرتىدىن ياكى ئاشخانىلاردىن تاماق يىسە دىلى قارىيىپ قالىدۇ ياكى كىشى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ» دەپ قارىلاتتى. ئەمما تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم شامانلار رىستۇران ۋە بازاردىكى ئىشخانىلاردا غىزالىنىشقىمۇ ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى.
تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىدا يەنە« زاۋۇتتا چىقىرىلغان نەرسىلەر ھارام ياكى يىگىلى بولمايدۇ» دەپ قارىلاتتى. ئەمما ھازىرقى بىر قىسىم شامانلار ئائىلىدە پەمىدۇر قىيامى، گۈلقەنت، ھەسەل، مېغىز تالقانلىرى قاتارلىق زاۋۇتلاردا ئىشلىنىپ چىققان بۇيۇملارنى ئىستىمال قىلىدىغان بولدى. يەنە بەزى شامانلار بىر قىسىم چەتئەلنىڭ يىمەكلىرىنىمۇ ئىستىمال قىلىدىكەن.
11-ھېكايە: بىر قېتىم مەن بىر ئايال شاماننىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۆھبەتلىشىۋاتقاندا، بۇ ئايال شاماننى ئىزدەپ سىرتتىن 25 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز كىرىپ كەلدى. ئۇ بۇ ئايال شامانغا مەخسۇس Amway (安利 ) شىركىتىنىڭ ماللىرىنى يەتكۈزۈپ بىرىشكە كەلگەنىكەن. بۇ ئايال شامان بەك سېمىز بولۇپ، يۈرۈش، تۇرۇشتا قىينىلىپ قالغاچقا، بۇ قىزنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئامرىكىدا ئىشلەنگەن، بىر قۇتىسى 350 يۈەنلىك ئورۇقلىتىش كاپسۇلىنى يەۋەتقانىكەن. ئايال شاماننىڭ دىيىشىچە، بۇ ئۈچىنچى قۇتىسى ئىكەن. بۇ دورا ئادەم ئادەتتىكىدەك تاماق يەپ، ئۇخلاۋەرسىمۇ يەنىلا ئورۇقلىتالايدىكەن. ئۇ بۇنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەش كىلو ئورۇقلاپتۇ.
يۇقارقىلارغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يىمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى ۋە ئادەت -قاراشلىرى ھەقىقەتەن زامانىۋىلىققا قاراپ يۈزلەندى دېيىشكە بولىدۇ.

(2) كىيىم-كىچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى ئۆزگىرىش
تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ زامانىۋىلىشىنىڭ بەلگىلىرىنى ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىنمۇ بايقىغىلى بولىدۇ. تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىدا،« شامان چوقۇم بىشىغا بۆك كىيىشى ياكى ياغلىق ئارتىشى كېرەك، بولمىسا ئوقۇشى ئاجىزلاپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراشلار بار ئىدى. ھازىرقى بىر قىسىم ئايال شامانلار ئالدىغا  كەلگەن ھاجەتمەنلەرنى كۆرگەندە ياغلىقمۇ چەگمەي، ئادەتتىكى كىيىملىرى بىلەنلا  ئوقۇيدىغان  بولدى. ھەتتا بىر قىسىم ياش ئايال شامانلار چاچلىرىنى بۈدرە قىلدۇرۇپ، رەڭگىنى بوياپ يۈرىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئەر شامانلار ئارىسىدا ئۇچسىىغا كاستىيوم بۇرۇلكا، پۇتىغا خۇرۇم ئاياق، بىشىغا شىلەپە كىيىپ يۈرىدىغانلارمۇ بار. دېمەك، ھازىرقى شامانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىم-كىچەكلىرى ۋە ياسىنىش ئادەتلىرىمۇ زامانىۋىلىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىر  قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش ئادىتىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولدى. تۇرپان رايونىدىكى شامانلار بۇرۇن كۇچانىڭ توقاچ سوپۇنىنى ئىشلەتكەن بولسا، ھازىر ئەڭ ياخشى ئەتىر سوپونلارنى، چاچ سوپۇنلارنى ئىشلىتىدىغان بولدى. ئىلگىرى ئەنبەر ئىشلەتكەن بولسا، ھازىر ئەتىر ئىشلىتىدىغان بولدى. ئىلگىرى  رادىئو-تىلىۋىزورلارنى «شەيتاننىڭ نەرسلىرى» دەپ كۆرمىگەن بولسا، ھازىر تىلىۋىزور، رادىئو،VCD قاتارلىقلارنى ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر شامانلارنىڭ كۆپىچىسىدە يانفون ئومۇملىشىپ كەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇچۇر مەنبەسىنى ۋە ھاجەتمەنلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپەيتىشكە پايدىلىق بولدى. دېمەك، تۇرپان رايونىدىكى شامانلار ھازىر زامانىۋىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشقا باشلىدى.

(3) قاتناش قۇراللىرىدىكى ئۆزگىرىش
تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ قاتناش قوراللىرىدىكى ئۆزگىرىش ھىساپلىنىدۇ. ئىلگىرى تۇرپان رايونىدىكى شامانلار ئېشەك ۋە ئېشەك ھارۋىسى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى قىلغان بولسا، ھازىرقى شامانلار 1980-يىللاردا ۋېلىسىپتنى، 1990-يىللاردا موتوسىكىلېتنى، 2000-يىللاردا كىچىك ماشىنىنى ئۆزىنىڭ قاتناش قورالى قىلدى. ھازىر شامانلار بىر جايدىن بىر جايغا بېرىشى بارغىچەا تاكسىدا ئولتۇرۇپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى شامانلار خۇسۇسىي ماشىنا سېتىۋېلىپ، ئۆزى ھەيدەپ ماڭىدىغان بولدى. دېمەك، قاتناش قوراللىرىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرمۇ، شامانلارنى زامانىۋىي ئاڭغا ئىگە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
شامانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى يۇقارقى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر، تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ قىممەت قاراش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھازىرقى زامانىۋىي ئاڭ ۋە تۇرمۇش ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان دىيىشكە بولىدۇ. تۇرپان رايونىدىكى ھازىرقى بىرقىسىم شامانلارنى بىر خىل زامانىۋىيي تۇرمۇش ئۇسلۇبىدىكى شامانلار دىيىشكە بولىدۇ.

2) شامان دىنى مۇراسىملىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى
تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ زامانىۋىلىششىغا ئەگىشىپ، شامان دىنى مۇراسىملىرىمۇ  زامانىۋىلىشىقا  قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي شامان دىنى مۇراسىم-پائالىيەتلىرى، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتىلىرىگە ماسلىشىپ، ئۆزگىچە بىر خىل دىنىي  مۇراسىم پائالىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن كۆرۈش مۇمكىن.
(1) خەتمە ئۆتكۈزۈش مۇراسىمىدىكى يېڭى يۈزلىنىش
ھازىر تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم شامانلار ئۆزلىرى باش بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان خەتمە مۇراسىمىنىڭ كۆلىمىنى بىر قەدەر كېڭەيتكەن بولۇپ، ئادەم ياللاپ خەتمە ئۆتكۈزىدىغان ھادىسىلەر بارلىققا كەلگەن. يەنى ئايال شامان خەتمە ئۆتكۈززۈشكە ئۆزى باشچىلىق قىلماي، مەھەللىدىكى خەتمە ئۆتكۈزۈشنى بىلىدىغان ئاياللاردىن ئىككى ياكى ئۈچنى مەخسۇس خەتمە باشلىيالايدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىققان. ئاندىن مەھەللىدىكى ياكى قوشنا مەھەللىدىكى خەتمە ئۆتكۈزۈشنى قىلىدىغان ئاياللارنى تەشكىللەپ، ھەر 7 ئايال كىشىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، تەربىيلەپ چىققان خەتمە باشلىغۇچىلارنى مۇشۇ گۇرۇپپىغا باش قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. ھەربىر قېتىم خەتمە ئۆتكۈزۈلسە، ئادەتتىكى خەتمە قاتناشقۇچىلىرىغا 30 يۈەندىن، خەتمە باشلىغۇچىلارغا 50 يۈەندىن ھەق بەرگەن. شامان بولسا ئۆز ئۆيىدە ھاجەتمەنلەرنى كۈتىۋىلىپ، ھەربىر ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئۇلارنى خەتمە ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا، شامان ئايال ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە مۇۋاپىق ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاندىن بۇ خەتمىنى ئۆتكۈزۈشنى خەتمە گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە تاپشۇرىدۇ.
تۇرپان رايونىدىكى شامانلار بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ خىل (خەتمە ئۆتكۈزۈش) شامان دىنى مۇراسىمى، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي (خەتمە ئۆتكۈزۈش) شامان دىنى مۇراسىمىىغا قارىغاندا مۇئەييەن دەرىجىدە كۆلەملەشكەن بۇلۇپ، كۈچلۈك مۇلازىمەت خاراكتېرىگە ئىگەئىدى. بۇ خىل مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى دىنىي مۇراسىم نوقۇل ھالدا، شامانلارنىڭلا ئىقتىسادىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ قالماي، بەلكى يەنە مەھەللىدىكى باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئىقتىسادىي سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە مۇئەييەن تۈرتكە بۇلۇش رولىغا ئىگە ئىدى. بۇ خىل شامان دىنى مۇراسىمىدا،  ئايال شامان بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى ئورۇنلاش مەقسىتىگە يېتىپ، ۋاقىت ۋە كۈچىنى تىجە قېلىش مەقسىتىگە يەتكەنىدى. دېمەك، تۇرپان رايونىدا (خەتمە ئۆتكۈزۈش) شامان دىنى مۇراسىمى يېڭى بىر يۈزلىشنىكە قاراپ ئىلگىرلىمەكتە.

(2) سەييارە پال ئېچىش
2000-يىلدىن بۇيان، تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ياخشى شامانلار ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان ھاجەتمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈرۈمچى رايونىدىن ئولتۇراق ئۆي سېتىۋىلىپ، ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدا سەييارە كىشى كۆرىشكە باشلىدى.
شامانلار تۇرپان رايونىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ھاجەتمەنلەرنىڭ قەدىمى ئازلىغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ياكى خۇلۇم-قوشنىلىرىغا، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە كەلگەن ھاجەتمەنلەرگە شۇ مەزگىل ئىچىدە كېلىشنى تاپىلاپ قويىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچى رايونىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەنى چوڭ-چوڭ ھاجەتمەندىن بىر ئىككىنى يولغا سالغاندىن كېيىن يەنە تۇرپانغا قايتىدۇ. دېمەك ئۇلار بىر خىل سەييارە كىشى كۆرۈش ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى.
تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىدا، «شامان بىر ھەپتە ئۆيدە تۇرمىسا پىرلىرى كېتىپ قالىدۇ ياكى ئاجىزلاپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمما ھازىرقى شامانلار ئايلاپ-ئايلاپ ئۆيدە تۇرمايمۇ، ئوخشاشلا كىشى كۆرىۋېرىدۇ. سەييارە كىشى كۆرۈش ھادىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، شامانلارنىڭ ئىقتىساددىي كىرىمىنىڭ كۆپىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بۇ خىل سەييارە كىشى كۆرۈش ھادىسى، ھازىر تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ مۇھىم بىر ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى.

(3) پال ئىچىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى
ئالاقە ئۇچۇر ئەسۋابلىرىنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرپان رايونىدىكى شامانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قولىدا ياكى ئۆيىدە تېلىفون بار بولغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. تۇرپان رايونىدىكى بىرقىسىم شامانلار  ھازىر تېلىفون ئارقىلىقمۇ، ھاجەتمەنلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىپ، يامانلىقلارنى ياخشىلىققا جۆرۈيدىغان پال ئىچىشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈردى.
شامانلار ئادەتتە، ھاجەتمەن بىلەن يۈز تۈرانە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى، يىشى، ئانىسىنىڭ ئىسمىنى سوراپ ئاندىن ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بېرەتتى. ھازىر بولسا، بىر قىسىم ئارلىقى يىراق ياكى كۆرۈشۈش بىئەپ بولغان ھاجەتمەنلەر بىلەن تېلىفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئىسمى، يېشى،ئانىسىنىڭ ئىسمىنى ۋە نېمە ھاجىتىنىڭ بارلىقىنى سوراپلا، تېلىفوندىلا ئۇنىڭ كەلگۈسى ياخشىلىق ۋە يامانلىقىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىپ، قىلىدىغان سەۋەپلىرىنى دەپ بېرىدىغان بولدى. بۇ خىل شامان دىنى مۇراسىمى بىر تەرەپتىنن، ھاجەتمەنلەرگە ھەر تەرەپتىن قولايلىق تۇغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن شامانلارنىڭ تېخىمۇ زور ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

3) خەلق ئارىسىدىكى شامان دىنى مۇراسىملىرىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى
تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قان قىلىش، بىر خىل شامان دىنى مۇراسىمى بولۇپ، بۇ خىل مۇراسىملارنى كىشىلەر« يېڭى سالغان ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەندە، ئۆيدىكى قوقاقلارنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئۆي پىرىنىڭ رازىلىقىنى ئىلىش» ئۈچۈن ئېلىپ باراتتى. ھازىر تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارىسىدا، بىنا ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەندىمۇ بۇ خىل قان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان ئادەتلەرنىڭ بارلىقى بايقالدى. تۇرمۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شامان دىنى مۇراسىملىرىغىمۇ يېڭى-يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان ئۇيغۇرلىرى بازارغا مال سېتىش ئۈچۈن كىرگىچە، ساتماقچى بولغان مالغا ھەسەل ھەرىسىنىڭ تاۋىقى بىلەن ئىسرىق سالىدىغان ئادەتلەرمۇ بار بۇلۇپ، ئەگەر «ساتماقچى بولغان مالغا ھەسەل ھەرىسىنىڭ تاۋىقى بىلەن ئىسرىق سالسا، خېرىدارلار مالغا خۇددى ھەسەل ھەرىسىدەك ئۇلىشىۋالىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ھازىر كىشىلەر ئۆزى سېتىۋالغان كىرا ئاپتوموبىللىرىغىمۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە كىرا توشۇشقا مېڭىشتىن ئىلگىرى ھەسەل ھەرىسىنىڭ تاۋىقى بىلەن ئىسرىق سالىدىغان ئادەتلەر پەيدا بولغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئەگەر «ماشىنىغا ھەسەل ھەرىسىنىڭ تاۋىقى بىلەن ئىسرىق سالسا، يولۇچىلار ماشىنىغا خۇددى ھەسەل ھەرىسىدەك ئۇلىشىۋالاتتى» . شۇنىڭ بىلەن كۆپ پۇل تاپقىلى بولاتتى.
بۇ خىل يېڭى ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى شامان دىنىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى يىلتىزىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئادەتلەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنى مۇئەييەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىش ئىستىكىنى قوزغاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن، شامانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئادەت-قاراشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە شامان دىنى مۇراسىملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن، تۇرپان رايونىدىكى شامان دىنىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ، خەلقنىڭ زامانىۋىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شامان دىنىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى نوقۇل ھالدىكى تاشقى شارائىتىنىڭ تەسىرى بولماستىن، بەلكى شامان دىنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى ئىلاستىكىلىق ئالاھىدىلىكنى ۋە خەلقنىڭ ئىجادچانلىقىنمۇ نەزەرگە ئالماي بولمايدۇ.

8. خۇلاسە
ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىنىڭ مەلۇم جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ مەلۇم خىل ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش فۇنكىسىيىنىڭ بولغانلىقىدا دەپ چۈشىنىش مۇمكىن. شامان دىنىنىڭ تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا سۈزۈك ئېتىقاد ساقىندىلىرى سۈپتىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، دەل ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەلۇم خىل ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش فۇنكىسىنىڭ بار بولغانلىقىدىندۇر. شامان دىنىڭ بۇ خىل فۇنكىسىيىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن چۈشىنىش مۇمكىن.

1) شامان دىنى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش فۇنكسىيىسىگە ئىگە.
شامان دىنى پال ئېچىپ، سىھىر جادۇ قىلىپ كېسەل داۋالاشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولغاچقا، تارىختىن بۇيان كىشىلەرنىڭ خىلمۇخىل جىسمانىي ۋە پىسخىك كىسەللىكلىرىنىڭ شىپا تېپىشىدا ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەنىدى. تۇرپان رايونىدىكى بىر قىسىم شامانلار كېسەل داۋالاش بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيى ۋە ھويلىسى كېسەللەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. ساقىيىپ چىققان كېسەللەر بۇ شامانلارغا تەشەككۇر بىلدۇرۇش يۈزىسىدىن رەھمەت لەۋھەلىرىنى تەقدىم قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چوڭ دوختۇرخانىلاردا ئۇزۇن داۋالىنىپ ساقايمىغان كىسەللەرنىڭ مۇشۇ شاماننىڭ داۋالىشى بىلەن ساقايغانلىقى يېزىلغان. يەنە بىر قىسىم ياش قىز-جۇۋانلار شامانلارنىڭ يېنىغا ئۆزىنىڭ نىكاھ بەختىنى تېپىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىپ بېرىشنى، كۆڭلىدىكى ئەندىشە ۋە خەۋپلىرىنى تۈگىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ كېلىدۇ. شامانلار ئۇلارغا پال ئېچىپ بېرىپ، كەلگۈسىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ ۋە مەلۇم خىل ۋاستە ۋە مۇراسىملار ئارقىلىق يامانلىقلارنى ياخشىلىققا جورۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلى يورۇپ، ئومىدلىنىپ قايتىشىدۇ.
دېمەك، بۇ شامانلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كەسىپى دوختۇرلار بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىسخىك مەسلىھەتچىسى. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تۆرىدىن ئورۇن بېرىپ كەلگەن. شامان دىنى ۋە ئۇنىڭ دىنى ئەقىدە مۇراسىملىرىمۇ شامانلار بىلەن بىللە كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان.

2) شامان دىنى ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى تەڭشەش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە.
شامان دىنى بىر خىل دىننىي ئېتىقاد سېتىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئەخلاقىي قاراشلار ۋە پەرھىزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ خىل ئەخلاقىي قاراشلار ۋە پەرھىزلەر كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن باھالاش ۋە كۈچلۈك چەكلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنى تەڭشەشتە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلگەنىدى. شامان دىننىڭ بۇ خىل فۇنكىسيىسى ئەنئەنىۋىي جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش، جەمئىيەت مۇقۇملىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم قۇرالىغا ئايلىنىپ قالغان.
ھازىرقى جەمىيەتتىمۇ، شامان دىننىڭ بۇ خىل فۇنكىسيىسى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا، شامان دىنى ئەقىدىلىرىدىكى ئەخلاقى قاراشلار ۋە پەرھىزلەر ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ، زامانىۋىي جەمئىيەتتىكى كشىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن ئەخلاقى ھۆكۈم چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق كەيپىياتىنى ساقلاشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. مەھەلىلەردىكى خاتىرجەم، تۇراقلىق تۇرمۇش كەيپىياتىنىڭ رەڭدار ۋە خىلمۇخىللىقىمۇ ئەنە شۇ شامان دىنىنىڭ بىر مۇھىم فۇنكىسىيىدىن ئىبارەت.

3) شامان دىنى كۈچلۈك ئىلاستىكىلىققا ئىگە.
شامان دىنى پەيدا بۇلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ دىننىي مۇراسىم شەكىللىرى رەڭدار، ئەقىدە-قاراشلىرى كۈچلۇك ئىلاستىكىلىققا ئىگەئىدى. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئىدىيىۋىي كۆزقاراشلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزگىچە ئەقىدە-قاراشلارنى ۋە دىننىي مۇراسىم شەكىللىرىنى بارلققا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىز بېسىپ كەلدى. شامان دىنىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە ئەقىدە-قاراشلىرى ۋە دىننىي مۇراسىم شەكىللىرى، ئۇنى نىپىز بىر قەۋەت رەڭدار پەردە ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. شۇڭا شامان دىنى تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلەلىگەن.
ھازىرقى تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا، شامان دىنى ئۆزىنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى ۋە دىننىي مۇراسىم شەكىللىرىنى، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى ۋە دىننىي مۇراسىم شەكىللىرىگە ماسلاشتۇرۇغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسلۇبى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا  ماسلىشىپ، يېڭى شەكىل ۋە يېڭى مەزمۇنلار بىلەن ئوتتۇرىغاچىققانىدى. شامان دىنىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى خەلقنىڭ زامانىۋىي جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش ئادەت-قاراشلىرىغا ماسلىشىپ، بىر خىل زامانىۋىي سۈپەت بىلەن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. شامان دىنى مىڭ يىللار مابەينىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئەڭ يېقىن ھالەتكە كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە مەيلى قانچىلىك تەرەققىي قىلسۇن، شامانىزم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا شۇنچە ماسلىشىپ، يىقىنلىشىپ بارماقتا. شامانىزم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ  مۇھىم بىر قىسمى ھىساپلىنىدۇ.

پايدىلانغان ماتىرىياللار
1.ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل
2.زارېف دولات:« شىنجاڭدىكې ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ پەلىسەپە-ئىدىيە تارىخىدىن ئوچېرىكلار»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2000 -يىل
3.دىلمۇرات ئۆمەر :« ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شاماندىنى تەتقىقاتى »(خەنزۇچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1995-يىل
4. سىتاتېستىكا ماتېرىياللىرى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى سۆھبەت ۋە كۈزىتىشتىن كەلگەن.

2005-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 14:02:32

رەھمەت، پايدىلىق يازما بوپتۇ {:112:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 16:37:49

ئاق بىر ساھەتى بۇ. تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ باراسىز.

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 17:01:22

بىر قېتىم تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە قونغاندا يەنە باشقا بىر قىزمۇ باركەن، ئۇ قىزمۇ پىرخونكەنتۇق. يۇقىردا ئېيتىلغاندەك گەپلەرنى دەپ، مېنىڭ جىنلىرىم بار، مەن نېمە دېسەم ئاڭلايدۇ، سەۋەبى مەن بەزى ئايەتلەرنى نەچچە مىڭ قېتىم ئوقۇۋەرگەن شۇنىڭ بىلەن شۇ ئايەتكە مەسئۇل مۇئەككەللەر ماڭا ئەل بوپ گېىمنى ئاڭلايدىغان بولغان.
يىراقتىكى ئادەمنىمۇ رەسىمىگە قاراپ ئوقۇسام بىر نەچچە كۈن ئېچىدە  ھەرسەۋەب بىلەن ئالدىمغا پەيدا بولۇپ بولىدۇ.
دېگەنىدى ھەيران قاپتىكەنمەن، قوينىغا سېلىۋالغان جىىىق قەغەزلەر باركەن قارىسام،دۇرۇتلار يېزىلغانكەن، كۈندە مۇشۇنداق قوينۇمغا سولاپ ياتىمەن دەپ كېچىچە مۇشۇ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى، كېچىچە قارا بېسىپ ئەتىسى ئاغزى بۇرنۇم لىق قورقاق بىلەن تۇرۇپتىكەنمەن.
بىرخىل قورقۇنچلۇق بىلىنىدىكەن ئادەمگە.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 17:23:23

:lol:lol:lol
ئۇقۇتقانمۇيا

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 19:28:03

مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، شامان دىنىنىڭ بەزى قالدۇقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىدا ھارام، شېرىك قارىلىدىغان بىر قىسىم ئادەتلەرنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىسلامنى قوبۇل قىلغان مىڭ يىل مابەينىدە يوقالماي، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىشى بولدى.  بەزىلىرىنىڭ ئىسلامچە تۈس ئېلىپ قېلىشىچۇ تېخى.
  

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 20:17:12

ئالدى بىلەن تەپسىلى ئوقۇپ ئىنكاس يازاي .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 22:12:31

ياخشى تەتقىقاتكەن .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 22:23:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 22:59  

بەزى باخشىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئادەمنىڭ زادىلا ئەقلى يەتمەيدۇ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۆتمۈش زامانلاردا ئادەمنىڭ كاللىسىنى كېسىپ بىر يانغا ئېپ قويۇپ ئوقۇيدىغان باخشىلار ئۆتۈپتىكەن،ئەلۋەتتە بۇ بىر رىۋايەت،ئادىلى غاپپار ئەپەندى، تەتقىقاتىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەر،خوتەن تەرەپلەرگە ئۆتسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن،(بەلكىم شۇنداقمۇ قىلغانسىز)،بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ساھەگە تۇتۇش قىپسىز،تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەيسىز.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 20:49:21

ماۋۇ ئەھۋاللار تۇرپان تەۋەسىدە بەك كۆپ ئۇچرايدۇ راست. بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر ئىككى پالچى رەمچى خوتۇنلار پەيدا بولۇپ قالدى. مىنىڭ ئاپاممۇ خەتمە ئوقۇيدۇ. مۇناجەتكىمۇ ئۇستا. ئوقۇغاندا سانغا توشقۇزۇپ ئوقۇيدىغان گەپكەن. مەسلەن ئاللا دىگەن سۆزنى 7777، سۇبھاناللانى 7777 دىگەندەك. بەش-ئالتە ئايال نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ نەچچە سائەتتە ئوقۇپ بولىدۇ. ئاپام مەھەللىمىزنىڭ خەلىپىسى تېخى.ھېلىمۇ ئاتام بىر مەزگىل سىستىمىلىق دىنى تەربىيە ئالغان شۇڭا ئاپامنى چەكتىن ئاشقان بەزى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرمايدۇ..ئاشلايدىغان، خەتمە قىلىدىغان ئىشلار بولسا ئاپامنى ئىزدەيدىغان بۇرۇندىن. بىز تولا قاقشاپ ھازىر بارمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاپامنىڭ دىيىشىچە ئۇمۇ بىر چاغلاردا شۇنداق خاسىيەتلىك چۈشتىن بىرنى كۆرۈپتىكەنمىش كېيىن باشقىلارغا دەپ قويغانلىق سەۋەبى بىلەن ئىلىم بېرىلمەپتىكەنمىش. مەكتەپتىمۇ ئوقۇمىغان ئاپام قۇرئاننى  ھىجىلەپ تارتىپ ئوقۇپ چىقىدۇ...

mux يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 21:00:34

قانداق ئىشكىن بالام كىچىسى دائىم يىغلاپ ياتمايدۇ.. بىراق موللىنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ ئاشلىتىپ كەلسەم ئوڭشىلىپ قالىدۇ:shutup:

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 12:39:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 13:00  

ئۇ مۇللىلار ئەمىليەتتە ئىششى ئاقمايدىغان ھورۇنلار بۇلۇپ، تاپقان تەرگىنىنى مۇللىغا يۈگىرەپ تۈگىتىپ بۇلىدۇ، شۇ جەرياندا مۇللىلار دائىم دەيدىغان يالغانلارنى ئانچە-مۇنچە يادلىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىشقەدەم ئالدامچىلار شۇ رايوندىن كەلگەنلەرنى سىنى كۆرىدىغان ئادەم يۇرتۇڭدىكەن، شۇ يەرگە بارغىن دەپ خىرىدار تىپىپ بەرسە يالغاننى تۇقۇپ يۈرۈپ مۇللا ئاتىلىپ قالىدۇ. بەزى كىسەللەرنىڭ شىپا تىپىپ قىلىشى بولسا شۇ كىسەللەر دۇختۇرخانىدا يارىماس نانقىپى دۇختۇرلار دىئاگنوز قۇيالمىغان بىر قىسىم تەسەللىگە مۇھتاج يىنىك كىسەللەردۇر. بۇ تەرپى تۇرپان رايونىمىزدا جان بىقىش ھەلەكچىلىكىدە ئىگىز-پەس يوللار بىلەن خالات كىيىۋالغانلار كۆپلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپاتى...
  ئۇ مۇللىلاردىن داڭقى بار بىرى بار ئىدى، بىر قىتىم مەن ئىشلەۋاتقان يەردە پەيدا بۇپ قىلىپ گەپ-سۆزلېرىدىن قارىسام ناھايتىمۇ بەت-بەشرە، سورۇندا چوڭ-كىچىككە قارىماي ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان قارا-قۇساقكەن، چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار مەنسەپتىن چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ قورقۇنچىدا قىلمايدىغان ‹‹سەۋەپ ›› قالمايدۇ، يۇقىرىغا بىر دوپنى سۇڭگىتىۋىتىپ يەنە ‹‹مۇللا›› ئالدىغا بېرىپ قويسا شۇنىڭ بىلەن كىيىن يۇقىرىدىكى بىر دوپنى ئالغاننىڭ كارامىتىدىن ئەمىلى ساقلىنىپ قالسا ‹‹مۇللا››نىڭ كارامىتى بۇپ تەشۋىق بۇلۇپ شۇنىڭ بىلەن يامراپ كەتكەن گەپ، يۇقىرىغا سۈڭگۈتكىنىنى ئاشكارلىغىلى بومايدۇ-دە؟...
  ھازىر ھۈكىمەتنىڭ مۇشۇنداق يەرلەرگە بېرىشتىن چەكلىشى بىر ھىساپتا ياخشى، يامان تەرپى شۇ دىننى كەيپىيات سەل تۈۋەنلەپ باشقا ئەخلاقى جەھەتتىكى يامان ئىشلار كۈپىيىپ كىتىدۇ...
  ئاۋۇ مۇللىلار دىگەن خىزىر ئانىسىنىڭ يېنىدىن كىلەمتى؟ نېرۋا ئاجىزلاشسا تۇختىماي چۈش كۆرىدىغان گەپ... پۇل ئۈچۈن نۇمۇسنى يانغا قايرىپ قۇيۇپ قىلىدىغان يالغانچىلىقلېرى ئىكەنلىكىنى تاشنىڭ سۇدا لەيلىمەيدىغىنىغا ئىشەنگۈدەك ئەقلى بار ئادەم بىلەلەيدۇ...
  ناۋادا بۇنداق ئىشلارنى مەن قىلسام بىر كىچىدىلا يىراق-يىقىنغا نامىم چىقىپ كىتىدۇ، ياڭاققا قۇڭغۇزنى سىلىپ ئوتقا سالسا مىدىرلايدىغىنى يىيىلىپ كەتكىنى بىلەن ئىلىكتىر ساھەسىدە بۇنداق ئۇيۇن ئوينايدىغان تېخنىكىلار ساماندەك...
ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمقى مۇسۇلمان ئەللەر تەتقىق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگەن يۇليۇز تۈركۈمى ۋە ئالقان سىزىقلېرىدىن ھۈكۈم قىلىشنى ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى چىرايغا قاراپ دىئاگنوز قۇيۇشقا بىرلەشتۈرسە، سەل بىمار بولسا دورا بىلەن سېغىز تۇپىنى ئارلاشتۇرۇپ بۇ 49 كىچە-كۈندۈز دىمىدە قىلغان ھەرەمدىن ئەكەلگەن زەم-زەم سۇ سىڭگەن تۇپا دەپ قەرەللىك ئىچىشكە بەرسە ئالدىغا كىرگەن خېلى يۇقىرى سەۋىيلىك ئولىمالارمۇ دىگەن گىپىگە ھاڭۋىقىپ، قول قويماي تۇرالمايدۇ. ھەم بۇ نەرسىلەرنى يادلاپ ئەمىليەتكە بىرلەشتۈرۈشكە قۇرئاننى يادلىغانچىلىك كۆپ ئەجىر كەتمەيدۇ...
  يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئائىت نەرسىلەر خەنزوچە تور بەتلەردە بار، چۈش تەبىرلېرى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىمۇ بار، 指纹  بارماق ئىزىغا قاراپ كىشىنىڭ مىجەز-خاراكتىرىگە قاراش دىگەندەكلەرمۇ تورلاردا بار، سىز قوللېرىغا ھۇر قىلغاچ كۈزىتىپ ھەممە تەرەپتىن بىرلەشتۈرۈپ تەپەككۈر قىلىپ بىر قىسىم ئىچكى ھىس-تۇيغۇلېرىنى دەپ بەرسىڭىز ئالدىڭىزغا كەلگەن ئادەم ‹‹ ئاللاھ بۇ كىشىگە ھەممىنى ئۇدۇللا كۆرسىتىدىكەن، ئۇلۇغ زاتكەن›› دەپ قىلىشىدا گەپ يوق...
  
بەت: [1]
: (كارىزى) تۇرپاندىكى شامانىزم مەدەنىيىتى