شىرئەلىجان دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنى يىتەكلەپ چىمپىيۇن بولدى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 1-ئىيۇن خەۋىرى؛ 1-ئىيۇن كەچ، 2014-يىللىق تۆت چوڭ قىتئە خەلىقئارا ئەرلەر ۋاسكىتبول تۆت دۆلەت رىقابەت مۇسابىقىسىنىڭ جىياڭسۇنىڭ چاڭشىۇ بىكىتى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈندىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 13 قىتىم ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈرۈشتەك ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئاخىرى 95-78 نەتىجە بىلەن ئامىرىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ بىكەت مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتى. جۇڭگۇ ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 2014-يىللىق تۆت چوڭ قىتئە خەلىقئارا ئەرلەر ۋاسكىتبول تۆت دۆلەت رىقابەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ بىكەت مۇسابىقىدىكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئامىرىكا كوماندىسىنى ئۇدا مەغلۇپ قىلىش ھالىتىنى ساقلىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىدىن تۆت نەپەر ئەزا قوش خانىلىق نۇمۇر ئالدى؛ چەي يى پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 17 نۇمۇرغا ئىرىشتى ھەمدە 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاۋ تەيلۇڭ ئۈچ نۇمۇرلۇق توپتىن بەشنى چۈشۈرۈپ 17 نۇمۇر ئالدى؛ لىيۇ ياخۇي 15 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋاڭ زىرۇي 11 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ پەخىرلىك ئوغلانىمىزشىرئەلىجان تەشكىللىگۈچى بىك سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى ھەمدە 8 نۇمۇرغا ئىرىشتى؛ جاۋ شۈۋىي 8 نۇمۇر ئالدى، 4 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خې جوڭ مىيەن 8 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گوئەيلۈن 5 نۇمۇر ئالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن شىرئەلىجان، گوئەيلۈن قايتىدىن مەيدانغا چىقتى. ئامىرىكا كوماندىسىنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى ئامىرىكىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىدىن كەلگەن بۇلۇپ، پەقەت ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ NBA بىرلەشمىسىدىكى راكىتا ئاچقۇچىلار تور كوماندىلىرىدا توپ ئوينىغان. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جۇڭگۇ ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىيجىڭغا قايتىپ مەشىقلەندۈرلىدۇ. كىينكى باسقۇچلۇق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىكەن. شىرئەلىجان بىلەن گوئەيلۈن سالامەتلىگىنىڭ ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قايتىپ بىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
مۇشۇ بالا ئامېرىكغا باردىغان ئىشنى قىلسا بۇللاتتى!ئاللا ئىشلىرنى ئاسان قىلسۇن! جىق گەپ قىلمىساممۇ يەنە دېسەم يەنە شۇ، شىرئەلىجان بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز، بىز سېنى مەڭگۈ قوللايمىز ھەم سۆيىمىز.:) ( ن ب ا ) غا قاراپ ئالغا ~! http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201406/02/1005352mmp2mn8zt6nr1zn.jpg.thumb.jpg
ما رەسىمدە شىرئەلىجان يوققۇ؟ hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 12:12 static/image/common/back.gif
ما رەسىمدە شىرئەلىجان يوققۇ؟
شىرئەلنى ئانى تېپىپ رەسىمگە تارتقىلى قۇياپتۇدە ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 14:58 static/image/common/back.gif
شىرئەلنى ئانى تېپىپ رەسىمگە تارتقىلى قۇياپتۇدە
ھاھا....
شۇندامۇ قىلامۇ ئۇلار.
راس نەگە كەتكەندۇ؟ 16-نۇمۇرلۇق دارازىنىڭ كەينىدە بامۇ قانداق؟؟؟؟ شىرئەلىجان بىزنىڭ پەخرىمىز،غورۇرىمىز،ئۇنىڭ ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى ئۇيغۇرغا خاس مەردانە،جۇشقۇن ھەرىكىتى بىزگە ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلىپلا قالماي،بەلكى يەنە دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى نۇرغۇن ۋاسكىتبول مەستانلىرىنى قايىل قىلدى.مەن ئۇنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە بولۇپمۇ ئامېرىكا كەسپى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە (ن ب ئا)قاتنشىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىنى ئۈمىد قىلىمەن! مۇشۇ تەنتەربىيە ساھەسىدە بىزنىڭ بالىلار دۇنياۋى شەرەپلەرنى دائىم ئېلىۋاتىدۇ .شىرئەلىجان خوتەندە خېلىلا ئوبدان مۇسابىقىلەرنى تازابىر قىزىتقان ئىدى ،شۇ ئوغلانلىرمىزنى بىز مەڭگۈ سۆيىمىز ھەم قەدىرلەيمىز .
ياشاڭلار ئوغلانلار . hanjar01 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 15:30 static/image/common/back.gif
ھاھا....
شۇندامۇ قىلامۇ ئۇلار.
راس نەگە كەتكەندۇ؟
كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋالدى ئەمەسمۇ، نېمە قىلسا قىلغاندۇ؟ «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەندەك...
لىكىن، كۆز تەگمىگەي ئوغۇل بالا ئەركەككە!
بەت:
[1]