hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 07:33:36

پىياز

پىياز


پىياز پىياز باش پىياز، سۇڭپىياز (غولپىياز)، يازلىق سۇڭپىيازلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئېلىمىزنىڭ شىمالدىكى رايونلىرىدىكى كىشىلەر سۇڭپىياز ئىستېمال قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، جەنۇب رايونلىرىدىكى كىشىلەر يازلىق سۇڭپىياز ئىستېمال قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق بەزى مىللەتلەر باش پىياز ئىستېمال قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. پىياز ئاشخانىدىكى زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئاچچىق تەمگە ۋە خۇش پۇراققا ئىگە بولۇپ، ھەم تەم تەڭشەش ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشكە، ھەم كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئېسىل دورا ھېسابلىنىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:
پىياز تەركىبىدە ۋىتامىن B6، ۋىتامىن E، پانتوتېنىك كىسلاتا ۋە سېلېن، كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. پىياز مايلىق قورۇمىلارنىڭ ماي پۇرىقىنى يوقىتىپ، بىر خىل مەززىلىك پۇراق ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. پىيازنىڭ ئۇششاق قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ياخشىلايدۇ، قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىپ، چوڭ مېڭىنى جانلىق ھالەتتە ساقلايدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇئەييەن رولى بار. پىياز بىر قەدەر كۈچلۈك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئالاقىدار بەزلەرنىڭ ئاجراتما ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلاپ، تەرلىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ ئارقىلىق بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىياز ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى نىترىتلارنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئاشقازان راكى ۋە باشقا كۆپ خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار. ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارپىياز ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ، زەئىپلىكتىن كۆپ تەرلەش، قولتۇق پۇراش، كۆز كېسىلى، ئاشقازان ئۈچەي كېسىلى، بولۇپمۇ يارا كېسىلى بارلار پىياز ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. پىيازنىڭ تەر بېزىنى غىدىقلاش رولى بىر قەدەر كۈچلۈك، شۇڭا قولتۇقى پۇرايدىغانلار ياز پەسلىدە پىيازنى ئىېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى، كۆپ تەرلەيدىغانلار پىياز ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. پىيازنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم، بولمىسا باش قېيىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. پىيازنى ھەسەل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ئادەم پىياز ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئېغىزدا پۇرىقى قېپقالىدۇ، بۇنداق چاغدا قېنىق دەملەنگەن چاي بىلەن ئېغىزنى چايقىسا ياكى بىرنەچچە تال چاي يوپۇرمىقىنى چايناپ بەرسە، بۇ خىل پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. سۇڭپىيازنى كىچىك باغلام قىلىپ باغلاپ، يىلتىزىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ قىسقا مۇددەت ساقلاشقا بولىدۇ، سۇڭپىيازنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، توڭلاپ قېلىشتىن قورقمايدۇ.

Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 08:54:11

ما تىمىنى ئوقۇپ پىيازغا ئۆچلۈكۈمگە ئۆچلۈكۈم كېلۋاتىدۇ

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 09:13:58

تىبابەتكە ئائىت كۆپ نەرسىلەرنى يوللاۋاتىسىز، بولسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز. تىبابەت مەسئۇليەتچانلىغى بەك كۈچلۈك پەن. ئەسكەرتىش مۈمكىن بولمىسا ئەڭ ياخشسى يوللىماي قويۇڭ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 12:01:26

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 17:31:21

مىنىڭ ھۆل سوغۇقۇم ئىشىپ كىتىپ ھىچ ئامال قىلالمايۋاتىمەن، قانداق قىلسا داۋالىغىلى بولىدۇ؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 17:31:24

مىنىڭ ھۆل سوغۇقۇم ئىشىپ كىتىپ ھىچ ئامال قىلالمايۋاتىمەن، قانداق قىلسا داۋالىغىلى بولىدۇ؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 13:47:20

بۇسۇغائۇۋىلىنىشجەۋھىرىدەئۇۋىلانسىڭىز   بۇلىدۇ

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 14:30:54

ساي-ئېدىرلاردا ئۆسىدىغان كىچىك غول پىيازلارنى توشقان پىيىزى دەپ ئاتاپ قويىمىز بىز{:87:}{:87:}{:87:}
بەت: [1]
: پىياز