hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 07:08:57

ئاشقازان ئاستى بېزى

ئاشقازان ئاستى بېزى
بۇ ئىتنىڭ تىلىغا ئوخشاش ئۇچى تەرىپى ئىنچىكە، تۈۋى تەرىپى توم بىر خىل ئۇزۇنچاق بەز بولۇپ، كىندىكتىن ئۈچ − تۆت ئىلىك مىقدارى ئۈستىگە، ئاشقازاننىڭ ئاستى، بەلنىڭ بىرىنچى − ئىككىنچى ئومۇرتقىلىرىغا ئۇدۇل كېلىدۇ، ئىنچىكە تەرىپى تالنىڭ سول تەرىپى بىلەن تۇتىشىدۇ. توم تەرىپى ئوڭ تەرەپ ئون ئىككى بارماق ئۈچەي قېشىدا بولۇپ، سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزۈش يولى ئارقىلىق ئون ئىككى بارماق ئۈچەي بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇنىڭ سۇيۇقلۇق ئۆتكۈزۈش يولى سول تەرىپى ئىنچىكە تەرەپتىن باشلىنىپ، ئوڭ تەرىپى توم تەرەپكە كېلىپ ئۆت يولى بىلەن بىرلىشىپ ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە قۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ تۈزۈلۈشى خۇددى توپۇك بېزى )غوددە موۋەللە دەللىئاب(نىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشايدۇ.
ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ۋەزىپىسى: بۇ بەزدىن رەڭسىز پوتلىسىمان بىر خىل سۇيۇقلۇق ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۈچ خىل پاگى )فېرمېنت( بولىدۇ.
بىرىنچى، نىشاستىن، يەنى غىزانىڭ نىشاستە قىسمىنى شېكەرگە ئايلاندۇرۇپ بەرگۈچى پاگى.
ئىككىنچى، لەيلىيىن، بۇ خۇددى ئاشقازان ئىچكى قات بېزىدىن ئاجرالغان پىپسىن سۇيۇقلۇقىغا ئوخشاش غىزانىڭ گۆشىگە ئايلانغۇچى قىسمىنى پىپىتونزغا ئايلاندۇرغۇچى پاگى.
ئۈچىنچى، سىتى ئەيىبىسىن، بۇ غىزالارنىڭ ياغ قىسىملىرىنى )رەۋغەنى ئەجزا(نى ھەزىم قىلىپ، گلىتسېرىنغا ئايلاندۇرغۇچى پاگى.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 08:34:54

بەكلا يۈزەكى بوپ قالدىمۇ نىمە ؟ رەسىمى بولغان بولسا تېخىمۇ ئېنىق بولار ئىكەن .

7799 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 09:17:48

ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ب تىپلىق ھۈجەيرىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەسلىدىكىدىن %50 تۆۋەنلەپ كەتسە ئۇ ئادەمگە دىئابىت دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدەن قاندىكى شىكەرنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇدە قان شىكىرىڭىز ئۆرلەپ كېتىدۇ. دوختۇرلار تەۋسىيە قىلىۋاتقان ئىنسۇلىن دەل ئاشقازان ئاستى بېزى ئىشلەپچىقارلمىغان ئىنسولۇننى تەييار ھالدا ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ. قان شىكىرىنى تەييار ئىنسولىن ئۇرۇپ كونتىرول قىلغان بىلەن ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كونتىرول قىلىشقىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى قان شىكىرى تۇراقسىز بولۇۋاتقان مەزگىلدە قان- تومۇرلاردا مۇئەييەن دەرىجىدە چىرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۆرەك ۋە باشقا ئورگانىزىملاردىمۇ ئاجىزلاش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇڭلاشقا دىئابىت بىمارلىرى قان شىكىرىنى كونتىرول قىلىش بىلەن بىرگە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كونتىرول قىلىشنى بىلىشى كېرەك.
ئادەتتە دىئابىت بىمارلىرىنىڭ يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش ئادەتلىرىدە چەكلىمىلەر تولا بولىدۇ. بارلىق تاتلىق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇۋالىدۇ. بۇ ياخشى ئىش، ئەمما چەكتىن ئاشۇرۋەتكە بۇمۇ يامان ئىشقا ئايلىنىدۇ. چۈنكى ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمىلەر بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى، ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، پەرھىز بىلەن ئادەتنى مۇئەييەن دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇشنى بىلىش كېرەك.
ئاشقازان ئاستى بېزى دىئابىت كېسىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا قىستۇرۇلۇپ قالدىم. ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىلەر...
بۇ يەردە دىئابىت بىمارلىرى پايدىلىنىشقا بولىدىغان ياخشى مەزمۇنلار بار. پايدىلانغايسىلەر...
دىئابىت كېسەللىگى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 09:43:15

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ياخشى نىيەتتە بۇ تېمىنى يوللىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل. ئەمما ياخشى نىيەت دائىم ياخشى نەتىجە ئىلىپ كەلمەيدۇ. ئەسلى بۇنداق خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتىن ساقلانسىڭىز ياخشى ئىدى، مۇمكىن بولسا تېمىنى ئىختىيارى ئۆچۈرۋەتسىڭىز دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن، خالىمىسىڭىز تۇرسىمۇ مەيلى. ئاشقازان ئاستى بېزىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھورمۇنلار ئىنتايىن ئېنىق، جامائەتكە ئايدىڭ بىر مەسىلە. تېمىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئورنى ۋە تۈزۈلۈشىدىن باشقا فۇنكىسىيىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمۇنلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلار خاتا بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئۈچۈن مەن يازغان تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ:

http://bbs.izdinix.com/thread-58431-1-1.html

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 10:00:46

sawr55 يوللىغان ۋاقتى2014-6-2 08:34 static/image/common/back.gif
بەكلا يۈزەكى بوپ قالدىمۇ نىمە ؟ رەسىمى بولغان بولسا تې ...

بۇ يەردە رەسىمى بار:
بىلگەجان دەرسخانىسى(2)-بەزلەرنىڭ رولى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 22:14:20

بىلگەجان ئەپەندىمنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا كۆپ رەھمەت!
مەن يوللىغان بۇ ئۇچۇرلار مېنىڭ تەتقىقات نەتىجەم ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماترىياللاردىن توپلىغان مەزمۇنلار. بۇ ھەقتە ئاز بولسىمۇ تورداشلارغا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن مەقسسەتتە يوللىدىم.
بەت: [1]
: ئاشقازان ئاستى بېزى