ئىلان: ئالما سىركىسىنى بەك ئىزدەپ كەتكەنلەر كىرىڭلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-1 20:35ئۆتكەندە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكىگە ئۈنۈملۈك بىر رېتسىپ دەپ تورغا يوللىنىپ بەكمۇ داڭقى چىقىپ كەتكەن شەربەتنىڭ ئاساسلىق موھىم تەركىۋى بولغان ئالما سىركىسى رايۇنىمىزدا كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى سودىگەرلىرىمىز شاڭخەيدىكى مەلۇم يېمەك-ئىچمەك شىركىتى ئامىرىكا، گىرمەنىيەلەردىن ئىمپورت قىلىپ ئەكىرگەن ئالما سىركىسىنى ئەكەلدۈرۈپتۇ. مەن تېتىپ كۆردۈم، ئېسىل ئىكەن. ئىلگىرى ئىخلاس شىركىتى تۈركىيەدىن كىرگۈزگەن ئالما سىركىسىنى ئادەتتە تاماقلارغا ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىپ كۆرگەن ئىدىم. كىيىن ئالما سىركىسى بازاردىن پەقەتلا تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئالما سىركىسى ئىچەلمىگەن ئىدىم. سەۋەبى شۇ داۋرىڭى چىقىپ كەتكەن ھىلىقى رېتسىپ سەۋەبلىك بەزىلەر تۈركىيەنىڭ ئالما سىركىسىنى بەس-بەستە سېتىۋىلىپ تۈگۈتۈپ بولغان ئىكەن.
ئەمدى گەپنى قىسقىلا قىلاي: ئالما سىركىسىگە ئىھتىياجى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
ئامىرىكىدىن كەلگەن سىركە-بىر قۇتىسى : 473 مىللىگىرام. پارچە باھاسى: 50 يۈئەن.
گىرمانىيەدىن كەلگەن سىركە - بىر قۇتىسى: 250 مىللىگىرام. پارچە باھاسى:
شىپالىق خۇسۇسىيىتىنى يېزىپ قوياي دېسەم 2-3 بەت كەلگۈدەك گەپ بار ئىكەن. قىسقىچە قىلىپ مەن بىلىدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى دېسەم سىركە بەدەندىكى نۇرمالسىز خىلىتلارنى تازىلاش، ماينى پارچىلاش، زەھەر قايتۇرۇش (چايان، ئۆمۈچۈك دېگەندەك ھاشارەتلەر چاققاندا ئىچسە زەھەر قايتۇردۇ)، ئىچ سۈرۈشنى توختۇتۇش، تاماق سېڭدۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
سوغۇقجان كىشىلەر ۋە سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەرگە زەرەر قىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلفۇنى: 13565662787 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-1 17:41
ئەمسە ئىسسقچان كىشىلەرگە پايدا قىلامدۇ؟
ئالما سىركىسىنى يەيدىغان ئالمىدىن چەككىلەپ ئالامدۇ، ياكى ئالما شېركىتى ئىشلەپچىقىرامدۇ:lol
يەنە بىرگەپ 473 مىللىگىرام 50 يۇەن مۇ ياكى مىللىلىتىرمۇ؟ ئىسسىقجان، سەپرا مىزاجلىق كىشىلەرگە ياقىدۇ.
ئالما سىركىسىنى تولۇق پىشمىغان ئالمىدىن ئالىدۇ. قەشقەر بەشكىرەم، ئاتۇش، خوتەنلەردە ئۈچۈم سىركىسى ياسايدىغانلار بار. ئۈزۈم سىركىسىنىمۇ توڭ، كۆپكۆك ئۈزۈمنى سىقىپ ياسايدۇ.
ML ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلار سىركە ھەققىدە ئىزدىنىپ باقماقچى بولساڭلار - vinegar دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسەڭلار بولىدۇ. ئۆزىمىزدە ئەزەلدىنلا بار نەرسىنى چەتئەللىكلەرنىڭ تور بېتىدىن ئىسپاتلاشنىڭ نېمە زۆرۈررىيىتى دەپ قالماڭلار، بۇ چەتئەللىكلەر ياسىغان سىركە بولغاچقا دېدىم. :lol ئاۋۇ ئالما سىركىسىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ تور بېتىنى قالدۇرۇپ قوياي، توردىن ئەكەلدۈرسەڭلارمۇ بولىشى مومكىن - ئامىرىكىدىن :shutup:
http://www.heinzvinegar.com
hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 17:29 static/image/common/back.gif
ئەمسە ئىسسقچان كىشىلەرگە پايدا قىلامدۇ؟
ئالما سىركىس ...
جوبىس ئۆلەپ كەتكەندىن كىيىن شىركەتنىڭ خاراكتىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالدىمىكى دەپ قاللىما {:89:}
n vinegar, pepper, oil, salt// // a sour-tasting liquid made from malt or wine that is used to improve the taste of food or to preserve it//
ۋايىنئەگار دەپ ئوقۇمدۇق ياكى ۋىن ئەگارمۇ؟ ئىخلاس تاللا بازىرىدا گىرمانىيەنىڭ بار ئىكەن ، 34 يۇەن ، سىزنىڭمۇ ئاشۇنداقمۇ ؟ ئالما سىركىسى ياساش شۇنچە تەسمۇ، شۇنچە يىراق ئامرىكا ، ياۋرۇپالاردىن ئەكىرگىچە غۇلجا ، ئاقسۇلارنىڭ ئالمىلىرىدىن ياسىساق بولمامدۇ ـ ھەي……ئەسلى ئالما سىركىسى ياساشتا ئوقۇسام بوپتىكەن ھى ھى ھى
ئاتۇشتا زاۋۇت قۇرۇپ ئەنجۈر ، ئۈزۈم سىركىسى، قەشقەردە ئانار سىركىسى ، يىڭىساردا چىلان سىركىسى ، يەكەندە بادام سىركىسى ، خوتەندە ياڭاق سىركىسى ، ئاقسۇ ، غۇلجىدا ئالما سىركىسى ، كورلىدا نەشپۇت سىركىسى ، تۇرپاندا ئۈزۈم سىركىسى ، قۇمۇل، پەيزىۋاتلاردا قوغۇن سىركىسى ئىشلەپ چىقىرىپ سىركە گورۇھى قۇرۇپ دۇنيا سىركە بازىرىنى مونۇپۇل قىلىۋالسام ھا ھا ھا دورا ئىلانىغىمۇ ئىنكاس تەستىقلايدىغان قىلىۋالدىڭلارمۇ ؟ ئىنكاسىم يوققۇ؟
ئالما سىركىسى ياساش تەسمۇ ئ دىيارىمىزنىڭ ئالمىلىرىدىن ياسىساق بولمامدۇ ؟ بىرزات ھەكىم ئۆزلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشىگەتەشنابولۇپ تۇرغان نەچچەيلەن بار ئېدۇق ماۋۇ تېمىداhttp://bbs.izdinix.com/thread-58609-1-1.htmlئۇنداق قىلماي بىركىرىپ قىممەتلىك گەپلىرىدىن بىر-ئىككى ئېغىزقىلىپ بەرمەملا:lolئېلاننىمۇقىلىپ بوللائەمدى بىركىرىپ قويسىلاچۇئاۋۇتېمىغا:o ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 18:51 static/image/common/back.gif
ئالما سىركىسى ياساش شۇنچە تەسمۇ، شۇنچە يىراق ئامرىكا ، ...
تامامەن بولىدۇ. يېقىندىن بىرى ھىلىقى يۈرەك قان تومۇرنى ئاچىدۇ دەپ مەشھۇر بولۇپ كەتكەن رېتسىپنىڭ گېپى چىققاندىن بۇيان مۇشۇنداق چاپ-چاپ بولۇپ ئىخلاسنىڭ تۈركيەدىن كىرگۈزۈپ ئامباردا بىسىلىپ قالغان ئالما سىركىسىمۇ تۈگەپ كەتكەن گەپ. شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكىنىڭ، گىرماننىڭ ئالما سىركىلىرى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ دىيارىمىزغا كىرىۋاپتۇ. بۇنداق چاپ-چاپ بازار ئۇزۇنغا بارمايدۇ. كۈزلەرگە دىيارىمىزنىڭمۇ ئالما سىركىلىرى بازارغا كىرىشى مومكىن، ئۇ ۋاقىتتا ئامرىكىنىڭكىنى 50 كويدىن ئىلىپ ئىچمەيمىز، دىيارىمىزدىن چىقسا قىممەت بولسا 10-15 يۈئەن بىلەن بازارغا كىرىشى مومكىن. مەنمۇ ئىلان بىرىپ قويغان بىلەن دۇكانغا ئەكىرمىدىم، لازىم بولغانلارغا، زاكاس قىلغانلارغا خەقنىڭ ئامبىرىدىن ئەكىلىپ بىرىمەن. بەك ئىزدەپ كەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئۇچۇر بولۇپ قالسۇن دەپ بۇ ئىلاننى يوللاپ قويدۇم. axpazman يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 20:17 static/image/common/back.gif
بىرزات ھەكىم ئۆزلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشىگەتەشنابولۇپ تۇ ...
قېنى مەن قاراپ باقاي، بىلىدىغان نەرسە بولسا ئىنكاس قالدۇرىمەن. ئۆتكەن يىلى دادامنى تەكشۈرتسەك يۈرەكنىڭ قان تومۇرىدا توسۇلۇش بار ئىكەن تىرەك سالىمىزدىگەن ئىدى شۇ داڭقى چىقىپ كەتكەن رېتسىپ بويىچە ئالما سىركىسىدىن باشقىلىرىنى قوشۇپ دورا ياساپ دادامغا ئىچتۈرگەن ئىدۇق، يەنە ئىمپورت قىلىنغان بېلىق مېيىنىمۇ خېلى يىدى. بۇ يىل تەكشۈرتسەك يۈرەك ياخشىكەن دەپ چىقتى. شۇ نەرسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بۇپتۇ دەپ ئويلىدۇق. بۇ رېتسىپ توردا تارالماستا بىزگە دەپ بەرگەن ئادەم ئالما سىركىسىنىمۇ قوشىدىغاننى دەپ بەرمەكتىكەن، بىزمۇ شۇ بويىچە ياسىغان ئىدۇق، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن دادامنىڭ تومۇرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ. 苹果醋 دىگەن نەرسە شۇدۇ ، قاغىلىقتىن چىقىدۇ دەپ .اڭلىغان aysultan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 21:17 static/image/common/back.gif
ئۆتكەن يىلى دادامنى تەكشۈرتسەك يۈرەكنىڭ قان تومۇرىدا ...
رىتسىپنى قالدۇرۇشقا بولارمۇ؟ hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 12:09 static/image/common/back.gif
ياۋۋۋۋۋۋۋ- باللا، ما ئىزدىنىش ماندا سەت گەپنىمۇ تەستى ...
ئالغاي ئادەمگە پۈتۈن دۇنيا قىيسىق كۆرۈنۈپتۇ دىگەندەكلا ھە:lol .خەقلەر پىتنىڭ بالىسىنىڭ گىپنى قىلىۋاتقان چىغىۋا. ئامرىكا،گىرمانىيەدىن كىرگەن ئالما سىركىسىنى مۇسۇلمانلار ئىستىمال قىلسىمۇ بولامدۇ؟
بەت:
[1]
2