OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 12:25:33

ئاققاش :بىلىم ھەققىدە

بىلىم- ھاياتتىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەمراھ ۋە يۆلەكتۇر
جاۋچۇ
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
تەرجىماندىن ئىلاۋە: بۆگۈن 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى،شۇنداقلا بارىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بايرىمى،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن رايۇنىمىزدىكى ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى بارىلىق ئۇيغۇر بالىلىرى  ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!بايراملىق سالام سۈپتىدە بىلىم ھەققىدىكى بۇ يازمىنى ھەربىرىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن!
سۆيۈملۈك قىزىم:
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ ، كەچۈرمىشلىرىمدىن سىزگە ئىبرەتلىك نەسىھەتلەرنى قالدۇرۇشنى ئاتىلىق بۇرۇچ ھەم مەسئۇلىيەت ھىساپلاپ ، بۇنى پەقەت «بىلىم» دېگەن بىر سۆزگىلا يىغىنچاقلاپ چىقتىم.
سىزگە دېسەم، مېنىڭ بالىلىقىم ئۆلكە مەركىزىدىن 65 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى قەدىمى بىر كىچىككىنە بازاردا ئۆتكەن،مەن بوۋا- مومىڭىزنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن نامراتلىق ۋە تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرگەن، ھەممە بالىلار ھازىرقىدەك مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالمايدىغان ئاشۇ يىللاردا بازاردىكى بىردىنبىر ھۆكۈمەت ئىگىدارلىقىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم.شۇنىڭدىن باشلاپ خەت يېزىش  ۋە كىتاپ ئوقۇشنى ئۆگەندىم،بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان،مەن ئۆمۈرۋايەت قايتۇرۇپ بولالمايدىغان ئەڭ چوڭ شەپقىتى ئىدى. ئەنخۇينىڭ ئىدىرلىقلىرىدا چوڭلار ھەركۈنى تاڭ يۇرۇماستا ئۆيىدىن چىقىپ،قاراڭغۇ چۈشكىچە ئېتىزلىقتا ئىشلەيتتى.مەن بولسام مەكتەپتە ئوقۇغاندىن باشقا ئۆينىڭ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلىرىغا يارىدەملىشەتتىم.بىزنىڭ ئۇ دەۋېرىمىزدە ھازىرقىدەك ئىنتىرنىت،كومپىيۇتېر دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ھەتتا رادىئۇمۇ يوق ئىدى. كىشىلەر خۇددى يۇرتلىرىغا مىقلاپ قويغاندەك سىرىتقا چىقماي ياشايتتى،ساياھەتكە كەمدىن كەم چىقاتتى. ھەر كۈنى جاپالىق ئەمگەك قىلغاندىن سىرىت بىرەر پارچە كىتاپ ياكى ژۇرنال تېپىپ ئوقۇشمۇ ئىنتايىن تەس ئىدى.
ئۆيىمىز بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارلىقى ئىككى چاقىرىم كىلەتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە،باھار كۈنلىرىنىڭ بىر كەچقۇرۇنى يولدىن بىرسى تاشلىۋەتكەن يېرىم پارچە گېزىتنى تېپىۋالدىم.گېزىتكە بىر چەتئەللىكنىڭ ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكى ھەققىدە بىر خەۋەر يېزىلغان ئىدى. تېمىسىغا« پورتۇگالىيە» دەپ يېزىلغان ئىدى.«ھە؟يەرشارىدا مۇشۇنداقمۇ  بىر دۆلەت بارئىكەندە؟بۇ دۆلەتنىڭ نامى  نەقەدەر غەلىتە ھە؟ بۇ دۆلەتنىڭ مەنزىرىسى قانداقتۇ؟ئۇنىڭ خەلقى قانداق كېيىندىغاندۇ؟قانداق تۇرمۇش كەچۈردىغاندۇ؟ئەجەبا بۇ دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈلە مدىغاندۇ؟كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزۈم يەمدىغاندۇ؟ئۇلارنىڭ چىشى بىزنىڭكىدىن ئۇزۇنمىدۇ؟»ئەينى چاغدا مەندىكى قىزىقىش، ھەيرانلىق، خۇشاللىق ئاشۇنداق كۈچلۈك ئىدى.كېيىن بىلسەم بۇ ئەينى چاغدا مەندە يىراقتىكى شەيئىنى بىلىپ بېقىش ھەققىدىكى كۈچلۈك ئىستەكنىڭ غىدىقلىشىدىن پەيدا بولغان ھاياجان ئىكەن.شۇڭلاشقا مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئارزۇ تولدۇرىدىغان چاغدا ھېچ ئىككىلەنمەيلا خەلقئارا مۇناسىۋەتشۇناسلىق كەسپىنى تاللىغان ئىدىم.
ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەنىسى ھەققىدە ئۆزۈكسىز ئىزدەنگەن،ئويلانغان بولساممۇ،ئەمما سىزگە ئېنىق بىر يەكۈننى دەپ بېرەلمەيمەن. ئەمما، كەچۈرمىشلىرىمگە ئاساسەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ھاياتمدىكى خۇشاللىق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشتىن كەلگەن.بىلىمگە ئىنتىلىشنىڭ خۇشاللىقى ۋە تەسىراتىنىڭ تەڭدىشى يوق. تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق مەن ئىنساننىڭ ھازىر مەۋجۇت بولىۋاتقان ماكان ۋە زاماندا ياشىغاندىن سىرىت يەنە تېخىمۇ چوڭ زامان ۋە ماكاندا ياشايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم،زېمىننىڭ ئۇ چېكىدە ياشاۋاتقان ئادەملەر ۋە بولىۋاتقان ئىشلار بولسۇن ياكى تەبىئەتنىڭ قانونى بويىچە ئاللىقاچان ئۆلگەن ئادەملەر،ياكى ئاخىرلاشقان ئىشلار بولسۇن ئۇلار بىر ئادەمنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش جەرىيانى ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىدۇ.بىر ئادەم تەنھا ئارال ئەمەس،بەلكى تېخمۇ چوڭ بولغان ئىنسانلار توپى ۋە يەتكۈزۈش ۋاستىسىگە مەنسۈپ،بۇ ھەم مۇستەقىل ھەم يۇغۇرلۇپ كەتكەن چۈشەنچە بولۇپ ئادەمگە خاتىرىجەملىك ئاتا قىلىدۇ.
ئىلىم تەھسىل قىلىش يولى شاد-خۇراملىق ۋە خۇرسەنلىك بىلەن تولۇپ تاشقان.ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ تۈپكى يولى ــ ئۇستاز تۇتۇش،كۈزىتىش،كىتاپ ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.
سۈيۈملۈك قىزىم، سىزنى كىچىكىڭىزدىن باشلاپلا ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىپ،تەربيەلەۋاتىمەن.سىز مەندىنمۇ ئۇزۇن،ناتونۇش يولنى ماڭغاندا، مەن تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان  دۇنياۋى كاتتا قۇرۇلۇش تۇرمۇشىڭىزغا مەنسۈپ بولغاندا، ھاياتنىڭ سىناقلىرىغا، تۈرلۈك تۇسالغۇلارغا دۈچكەلگەندە ، يۆلەكسىز،يارىدەمسىز قالغاندا سىز ئىگىلىگەن بىلىم ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىقتىدارىلا سىزگە بىردىنبىر  يۆلەك ۋە ھەمراھ بولىدۇ.چۈنكى سىز بىلىدىغان پاراسەتنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان ئايال ئىلاھ ئافىنانامۇ ئۇرۇش ئىلاھى بولغىنىدەك،بېشىڭىزغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە ئۇ سىزنىڭ رېئاللىقتىن ھالقىيدىغان جاسارەتنى ساقلىشىڭىزغا يارىدەم قىلىدۇ ،ھەمدە سىزنى ئالغا ئىلگىرلەش يولىغا يىتەكلەيدۇ.
ئىزاھات:جاۋچۇ شاڭخەي دۆلەت مۇداپىئەسى ستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى،مۇئاۋېن باشلىقى،ئۇ بۇ خەتنى ئۆزىنىڭ 13ياشلىق قىزىغا يازغان.
«جۇڭگو قىيما گېزىتى 中国简报»نىڭ 2012 –يىلى1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىدىن :
ئىزاھات:بۇ ئەسەر تارىم غۇنچىلىرى ژۇرنلىنىڭ 2013-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قېلىندى.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 15:15:31

‏بەك ياخشى ماقالە ئىكەن.
‏توغرا، ئىنسان بىلىم ئىگەللەش بىلەن بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ، بەخىتنى ھەقىقىي ھىس قىلىدۇ، قايمۇقۇشلار يۇقايدۇ، بىلىم بىلەن قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدۇ.......
‏بىلىم ئىگەللەش يولىغا قەدەم قويغىنىمىز- بەخىت بوسۇغىسىغا قەدەم قويغىنىمىز.
بەت: [1]
: ئاققاش :بىلىم ھەققىدە