OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 11:56:00

ئاققاش:كۈلۈمسىرەش

كۈلۈمسىرەش
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
*كۈلۈمسىرەش-ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىدىكى يامغۇر سۈرتكۈچكە ئوخشايدۇ،گەرچە يامغۇر،بۇراننى توختىتالمىسىمۇ،ئەمما بىزنىڭ ئالغاقاراپ مېڭىشىمىزغا يارىدەم بېرەلەيدۇ.                           
* بىز مۇھەببەت دۇنياسىدا توزاققا چۈشۈپ قېلىشنى  خالىمىساقمۇ يەنىلا تۇزاققا چۈشۈشتىن خالىي بولالمايمىز.مۇھەببەتتىن گۇمانلىنىشنىڭ ئۆزى بىر تۇزاق،يەنىلا ئۆزىڭىزنى سۆيگۈ دەرياسىغا غەرىق قىلىڭ.                                   
* بەخىت غايەت زور ئالماس ئەمەس،بەلكى،ئاددى شېغىل تاشلارنىڭ ئىناق بېرىكمىسى.                                          
*بەخىتكە ئېرىشىشتىكى ئەڭ زور توسالغۇ تېخىمۇ چوڭ بەخىتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشتۇر.                                                                                «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى سانى
خاتىرجەملىككە ئېرىشىشنىڭ بەش تۈرلۈك چارىسى
*مۇرەككەپ،مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئەتىگەندە ئورۇنلاڭ.
*قۇربىڭىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالماڭ.
*بىراۋنىڭ سۆز ـ چۆچىكىگە پىسەنت قىلماڭ.
* قىلماقچى بولغان ئارزۇيىڭىزدىكى ئۈچ ئىشنى يېزىپ چىقىڭ.
*دەرىزىنىڭ ئالدىغا كىلىپ،سىرىتقا قاراپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ.
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 12-ئايدىكى سانى
بەت: [1]
: ئاققاش:كۈلۈمسىرەش