hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 07:35:19

يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ دورىسى يەكەندە تەييارلاندى.

يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي دورىسى يەكەن ناھىيىسىدىكى ئەلدەۋا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە تۈجۈپىلەپ تەييارلىنىپ ئىشلىتىشكە ئەپلىك قىلىپ قاچىلاندى.
ئېھتىياجلىق تورداشلار بولسا ئالاقىلاشقاي!
مەنزىل: يەكەن ناھىيىسى- يەكەن بازىرى ھەيدەرباغ يولى، ئۇدۇم غىزالىق چايخانىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا. ئالتۇن دەرۋازىسىدىكى تۆت كوچا دوقمۇشىدىن جەنۇپقا يەنى باغچا تەرەپكە قاراپ 200 مېتىر ماڭسىڭىز يولنىڭ سول تەرىپىدىلا كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومېرى:
18997646400، 0998-8517711
ئالاقىلاشقۇچى مۇھەممەد ئېمىنخان(مەمەتئېمىنخان).

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 10:28:03

  مانا ماۋۇ ئېلاندەكلا ئېلانكەن!
  بۇ قانداق دورا، نىمە تەركىپلىك، قانداق دورىلىق خۇسۇسىيىتى ۋە قانداق ئۈنۈمى بار؟ دورا دىگەن مۇنداق تونۇشتۇرۇلمامدۇ؟ ئىسمى مەخپى، تەركىۋى مەخپى، دورىلىق ئۈنۈمى مەخپى خاسىيەتلىك دورىمۇ يە بۇ؟!
  

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 11:10:50

72 خىل كىسەلگە شىپاھ قىلىدىغان ، ئەرنى ئەردەك ، ئايالنىمۇ ئەردەك قىلىدىغان ئەجايىپ خىسلەتلىك دورا ئوخشايدۇ .

TIWEP164 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 12:00:46

تىما ئىگىسى سىزنىڭ ئىلمى ئەخپا سەۋىيەرىڭىز خىلى ئوي ئوخشىمامدۇ ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 12:27:42

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 15:06:05

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 12:27 static/image/common/back.gif
ئاپىرىن ، داۋاملىق ئىزدەنسەڭلا ، كىلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىت ...

ۋاي رۇسلان... {:88:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 16:01:21

مۇنۇ ئېكسىر ناياپنىڭ ئېلانىنى بەرگۈچى ئىزدىنىشقا يېڭى كەلداخۇن ئوخشايدۇ،ئىزدىنىش ئەزالىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدىغان چىراي
پاھ ،ئەجايىپ ياخشى يېزىپسىز،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،رەھمەت،داۋاملىق يوللاپ ئىزا ئاڭلاپ تۇراسىز

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 17:24:20

بۇ ھېلىقى تورغا يوللانغان رېستىپقا ئاساسەن ئىشلەنگەن دورا  ئوخشايدۇ.  بەزىلەر ئۆزلىرى ياساپ يەپتۇ، بەزىسى قارامايدىن كەلتۈرۈپتۇ،  قۇمۇلدىمۇ بىر شىپاخانا ياساپتۇ. ئۆنۈمىنى كۆرگەنلەر سۆزلەپ باقسا بوپتىكەن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 17:57:08

« سۈف »  كە ياسىغان دورىلارنىڭ ئېلانى دائىم مۇشۇنداق دەبدەلىك بولىدۇ.  دورىگەرلىك تەتقىقاتىغا جىق مەبلەغ سالمىغاندىن ئېلانغا نىمە يېزىشنى بىلمىگەن گەپ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 18:02:46

مەن بازارنى بۇزامدىم نېمە:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 18:48:30

ئەرۋايىم ئۇشتى

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 21:16:40

يائاللا رۇسلانبەي، نەدىن تاپىدىغانسىلە مۇشتا گەپلەنى...:lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 21:24:15

مەنمۇ مۇشۇنداق ئېلاندىن بىرنى بېرەي دىگەنما بىرزات ئەمچى،
لېكىن يۈز ئاۋايلاپ تىللىيالماي قالارمىز بىكار

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 21:57:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-1 21:59  

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم يۇقىرى ساپالىق ئىزدىنىش ئەھلى!
يۇقىرىدا ئوغىدەك ئاچچىق ئىنكاس يازغان بۇ تورداشلارغا پېقىرنىڭ ماي تەپچىپ قىزىرىپ تۇرغان ئويغاق قەلىمىدىن دولقۇنلۇق سالام!

ھەر قايسىلىرىنىڭ سەمىلىرىگە ئايان بولغايكى، پەقىر ئېلان سودىگىرىمۇ ئەمەس.
ئالماس ماتانى زورلاپ ساتار جاكارچىمۇ ئەمەس. پۇلنى دېسە ئانىسىنى ئۇسسۇلغا سېلىشتىنمۇ يالتايمايدىغان قىزىلكۆز دورا پۇرۇشمۇ ئەمەس.
ئىزدىنىشقا يېڭىدىن ئاياق باسقان ئىشتىنىنىڭ ئېغىنى پۇرۇتۇپ يۈرىدىغان ئەسكى پۇرۇشلاردىنمۇ ئەمەس.

پەقىر ئىزدىنىش تورىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ھەمدە بىر قانچە سەھىپىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى.
ئىزدىنىشتا ئاز بولمىغان ئىزدىنىشلىرىمىز ئارقىلىق ياخشى ئىزلىرىمىز قالغان.
ئەھۋالدىن قارىغاندا چىشى ئىتتىپ قالغان تورداشلارنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشىغا سەۋىر قىلىپ تۇرساممۇ بولغىدەك. ھاي-ھاي! دېيىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك.

ئەسلىدە مەن يوللىغان بۇ تېما ئىزدىنىشتا يېڭىلىقمۇ ئەمەستى. باشقا تورداشلار يوللاپ سەككىزىنچى قەدىمىنىمۇ ئىلان قىلىپ بولغان ھەممە بىلىدىغان تېما ئىدى.

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58496&highlight=8
http://bbs.izdinix.com/thread-57753-1-2.html

يېقىندا بىر تېۋىپ بۇرادىرىمنىڭ تەييارلىغان بۇ دورىسىنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالدىمدە، دىيارىمىز بىلەن قومۇلنىڭ ئارىلىقى يېراق بولغاچقا، دىيارىمىز كىشىلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا قۇلايلىق بولارمىكىن- دېگەن مەقسەتتە بۇ  تېمىنى قىسقىلا قىلىپ يوللىغان ئىدىم. . .

ئەپسۇس! ئادىمىيلىكىمىز شۈنچىلىكمىدى؟
ئەپسۇس! بىراۋنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ئىشى ئۈچۈن شۈنچىلىك ئازار بېرىش كېرەكمىدى؟
ئەپسۇس! مەن كۆڭلۈمدە بولسىمۇ ئۇزۇندىن بىرى چوڭ بىلىپ ھۆرمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم غورۇرى دەز، ئەقلى پۇلپەز يازارمەنلەرنىڭ ئىنكاسىنى نېمە دېگۈلۈك؟

ئەپسۇس! مېنىڭ بۇ ياخشى نىيەت بىلەن بېشىنى كۆتۈرگەن ئەيبكار قەلىمىم غاجىغۇچىلارنىڭ چىشىسىغا تېگىپ قويۇپتۇ!
بۇ قىلمىشىمدىن ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن. كەچۈرگەيسىزلەر.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 22:02:39

TIWEP164 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 12:00 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسى سىزنىڭ ئىلمى ئەخپا سەۋىيەرىڭىز خىلى ئوي ئو ...

ئانچە-مۇنچە دېسىلە!
كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپراق ئۇخلىغايلا! (چاقچاق)

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 22:04:28

يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي دورىسى يەكەن ناھىيىسىدىكى ئەلدەۋا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە تۈجۈپىلەپ تەييارلىنىپ ئىشلىتىشكە ئەپلىك قىلىپ قاچىلاندى.
ئېھتىياجلىق تورداشلار بولسا ئالاقىلاشقاي!
مەنزىل: يەكەن ناھىيىسى- يەكەن بازىرى ھەيدەرباغ يولى، ئۇدۇم غىزالىق چايخانىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا. ئالتۇن دەرۋازىسىدىكى تۆت كوچا دوقمۇشىدىن جەنۇپقا يەنى باغچا تەرەپكە قاراپ 200 مېتىر ماڭسىڭىز يولنىڭ سول تەرىپىدىلا كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومېرى:
18997646400، 0998-8517711
ئالاقىلاشقۇچى مۇھەممەد ئېمىنخان(مەمەتئېمىنخان).
ما يازغىنىڭىزنى ياخشى ئوقۇپ بېقىڭ. ئاۋۇ ئىككى ئۇلىنىشنى ئەمدى بەرگۈچە ئەڭ بېشىدا بېرىدىغان گەپتى ئەمەسمۇ؟
ئىزدىنىشنى مۇنداقلا بىر ئېچىپ قالغان بىرسى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى دەماللىققا چۈشىنەلمەي قالىدىكەن.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 22:07:18

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 18:48 static/image/common/back.gif
ئەرۋايىم ئۇشتى

ئەرۋاھلىرى ئۇچقىلى نېمانداق ئالدىرايدىغاندۇ سىلىنىڭ؟
سەۋىر قىلىلى! چاي قۇيۇپ تاماكا سالايمۇيا؟
ئەرۋاھ دېگەن ئۇچسا قايتىپ كېلىدىغان نەرسە ئەمەس!
ئىننا لىللاھى....

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 22:11:39

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 18:02 static/image/common/back.gif
مەن بازارنى بۇزامدىم نېمە

ھاي-ھاي! بىر زات بۇرادەر!
بۇزۇشقا ئالدىرىمىسىلا. ھەكىم دېگەن بۇزغۇنچى ئەمەس بەلكى تۈزىگۈچى.
سالاھىيەتلىرى ئۆزگىرىپ كەتمىگەندۇ- ئۆزلىرىنىڭ؟
«بۇزۇش» دېگەن ئالدىراڭغۇلارنىڭ ئىشى. تەنتەكلىك قىلمىغايلا!
سىلى دېگەن ئەقىللىق زات، ئۆزلىرىنى بېسىۋالغايلا.... بولامدۇ-يا؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 22:12:22

سىلىمۇ يىپ تارتىپ تومۇر تۇتقاندەك ئىش قىلغۇچە، تەپسىلىراق يازساڭلا بوممامدۇ تېمىنى.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 22:14:05

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-6-1 17:57 static/image/common/back.gif
« سۈف »  كە ياسىغان دورىلارنىڭ ئېلانى دائىم مۇشۇنداق دە ...

«سۇف» لىرىدىن تەلىم بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن. بىر كېيىملىك رەخت بىلەن توققۇز نان تەييار ئۆزلىرىگە. ....
بەت: [1] 2
: يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ دورىسى يەكەندە تەييارلاندى.