mamnun يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 22:28:50

ماي بېزى ئۆسمىسىگە داۋا بارمۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:

ئىزدىنىشتىكى دوختۇر،ھەكىم ،تېۋىپ شۇنداقلا بارلىق دوستلاردىن ماي بېزى ئۆسمىسى توغرىلىق مەسلىھەت سورىماقچىمەن.
ماي بېزى ئۆسمىسى كۆپ كۆرۈلىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلى بولۇپ ئادەتتە بەدەننىڭ ماي كۆپ قىسىملىرىدا ۋە پۇت-قولدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە تېرە بىلەن گۆشنىڭ ئارىسىدا بولۇپ كۆپىنچە ياپىلاق قىرلىق ھالەتتە بولىدۇ . قول بىلەن باسقاندا ئازراق يۆتكىلىدۇ .نورمال ئەھۋالدا قىچىشمايدۇ، ئاغرىمايدۇ ھەم شۇ ئۆسمە بار تېرە يۈزىدىمۇ باشقا ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ ھەم چوڭىيىش سۈرئىتى ناھايتى ئاستا بولىدۇ .چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ . ماي بېزى ئۆسمىسىنى ئېنگىلىزچىدا Lipoma ,خەنزۇچىدا 脂肪瘤 دەپ ئاتايدىكەن .

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم مېنىڭ بەدىنىمدىمۇ مۇشۇ ماي بېزى ئۆسمىسى ئوننەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، مانا ھازىر ھەر قېتىم مۇشۇ كېسىلىم يادىمغا يېتىپ بىر بىرلەپ ساناپ باقسام، بۇ  كاساپەت ھەممىسى بولۇپ ئوتتۇزغا يېتىپتۇ . ئەڭ چوڭى تەخمىنەن ئەنجۈر چوڭلۇقىدا ، كىچىكلىرى ئۈرۈك مېغىزى چوڭلۇقىدا . ھەممىسى دېگۈدەك ئىككى بېلىكىم ،يۇتام ھەم بىلىمنىڭ ئىككى تەرىپىدە . ئاغرىمايدۇ لېكىن ھامىنى ئۆسمە بولغاندىكىن ئادەم ئەنسىرەپ قالىدىكەن . دوختۇرخانىغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرتمىگەن بولساممۇ لېكىن شۇنداق بىر پۇرسەتلەردە بىر نەچچە دوختۇر ۋە تېۋىپلاردىن مەسلىھەت سوراپ باقتىم . ئېرىشكەن جاۋابىم بۇ كېسەلنى تۈپتىن ساقايتىدىغان دورىنىڭ يوقلىغى پەقەت بولمىسا ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتسە بولىدىغانلىقى لېكىن ئوپىرايسىيەدىن كېيىن قايتا قوزغىلىش نىسپىتى يۇقىرى ئىكەنلىگى بولدى .
دوستلاردى سورايدىغىنىم مۇشۇ كېسەلنى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ياكى يەرلىك رېتسىپ بولامدۇ ياكى باشقا ئۇسۇلدا داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدىغاندۇ ؟ كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دەپ ياخشى مەسلىھەتلەر چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دوستلار  ئۆزى بىلىدىغان ياكى ئاڭلىغان رېتسىپلارپ بولسا يېزىپ قالدۇرسا دېگەن ئۈمىدتىمەن . رەھمەت!

بۇ خىل ئۆسمىنىڭ رەسىمى تۈۋەندىكىدەك :




bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 10:44:04

مېنىڭ دۈمبەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا قوناقتەك بىر تال بار.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 11:22:08

ئۇرۇق ئادەملەرگە قارغاندا سىمىز ئادەملەردە كۆپ بۇلىدىكەن. سىمىزلىكنىڭ بىر خىل ئەگەشمە كىسەللىكى ئۇخشايدۇ.
پەيدا بولىشىدا  
سىمىزلىك ۋە ئىرسىيەتتىن باشقا  ،ناچار تۇرمۇش ئادىتى، كىچىسى ئۇخلىماي خىزمەت قىلىش ،ئاندىن ئەتىسى ناشتا قىلماسلىق،غەم -ئەندىشە ،خىزمەت تۇرمۇش بىسىمى كۈچلۈك بۇلۇش،ھەركەت ئاز بۇلۇش،تەنتەربىيەنى ياقتۇرماسلىق،يىمەك-ئىچمەك تەسىرى،،،،،،،قاتارلقلار پەيدا قىلىدىغان ئۇخشايدۇ.
سول مۈرەمنىڭ چۇققىسىدا توخۇم سېرىقى چۇڭلىقىدا بىرسى بار ،دۇختۇرنىڭ دىيىشىچە ئاز دىگەندە 2-3يىل بۇلۇپتۇ ،مەن تېخى يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا بايقىدىم.
دەسلەپ نىمىدۇ بۇ دەپ چۈچۈپ كەتكەن،بىچاۋغا سالغان دۇختۇر ھەدەش ھىچنىمە بولمايدۇ،مەندىمۇ
ئۈچ-تۆتى  بار دەيدۇ.مىللى تىبابەت  دۇختۇرى تىز چۇڭلىمىسا،ئاغرىمىسا كارىڭىز بولمىسۇن ،ئەگەر 2 ئايغىچە ئاغرىش ،چوڭلاش بولسا كىلىڭ!دىگەن،.نەچچە كۈن ئۈتۈپ ئىككىنچى دۇختۇرخانىغا بارسام دۇختۇر تۇتۇپ بېقىپلا ماي بىزى ئۆسمىسىكەن، كىسىمىز دەيدۇ.ھە دەپ قۇيۇپلا قايتىپ چىقتىم،پەمىمچە كىچىكلەپ قالغاندەك،ئاغرىمايدۇ.
ھازىرچە داۋالىغىلى بولمايدىغان ئۇخشايدۇ،
ئەمما ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدرۈپ ،بالدۇر يېتىپ ،سەھەر تۇرۇپ،4-5 چاقىرىم يۈگۈرۈپ، ساپ ھاۋانى قىنىپ سۈمۈرۈپ ،ئاندىن يېڭى سۈتتىن   ئەكىرىپ، ياخشى ناشتا قىلىپ بەرسىڭىز.،بېرى يۇقاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما چۇڭلىمايدىغان،جىقلىمايدىغان ئوخشايدۇ!!!!

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 12:43:29

مېنىڭ ئانامنىڭ پۇتىنىڭ ئوشۇقى ئەتراپىغاچىقىپتىكەن تۇخۇمدىن چوڭراق بولۇپ قاپتۇھازىر،دوختۇرغاكۆرسەتسەك قوققىدەك ئىش يوق،يېرىپ ئېلىۋەتسەكلابولىدۇدىگەن ئەتەئوپراتسىيەقىلماقچىدى قايتاقوزغىلىش نېسبېتى يۇقىرى دىگەن خەتنى كۆرۈپلابىرقىسمابولۇپ قالدىم دىسە:'( ھېلىغىچەتادۇبەگ،بىرزات ھەكىم قاتارلىق ئۇستاز لاركىرىپ مۇشۇھەقتەبىرتوختىلىپ ئۆتسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمەن

jalinus يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 13:22:16

بۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرشىدىن پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاغرىش، تېز يوغىناش ئەھۋاللىرى بولسا تېز بىر تەرەپ قىلىش كىرەك، بولمىسا كارى بولمىسىمۇ بولىدۇ. مەجۈنى ئەفئى كىچىك، ئەفئىي چوڭ، مەجۈنى سەرتانلارنىڭ تەسىرى ياخشى. مەن بىر قانچىسىنى داۋالاپ باققان. بەزىلىرى ئاسانلا كىچىكلەپ كىتىدۇ. ئەمما، داۋالىغان بىمارلىرىم ئازراق ياخشى بولسىلا دورىنى يىيىشتىن توختىۋالغان. مەن بۇ كېسەلنى مەخسۇس داۋالىمىغاچقا تەجرىبەم كۆپ ئەمەس. ھىس قىلغىنىم، داۋالاش ئۈنىمى تېز كۆرلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى. دۇرا توغرا بىرىلسىلا تۇلۇق ساقىيىپ كىتەلمىسمۇ كىچىكلەيدۇ، ئازابى يەڭگىللەيدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 15:38:11

مەندىمۇ چوڭ كىچىك بولۇپ 15چە بار،ئوڭ جەينەك يېنىدا بىرسى بارتى،باسسا ئاغرىيتتى،چوڭلاپ بارغان شۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىل ئالدىدا كتۈرۈۋەتكەن،رەسىمدىكىگە ئوخشاش،ھازىر يېنىغا ئۆرۈك مېغىزى چوڭلۇقتا يەنە بىرسى پەيدا بوپتۇ،قالغانلىرى بار،تەگمىدىم
كاساپەتلەر بەدىنىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ،ھازىرچە بىللە تىنچلىقتا ئۆتۈۋاتىمىز

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 20:39:05

ئىنىمغىمۇ چىقىپ قالغان مۇشۇ ئوخشايدۇ، بەلنىڭ سەل ئۈستىگە، تۇتۇپ باق دېگەنتى، قاتتىقلا تۇرىدۇ تۇتسام...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 21:07:36

نىمانداق قورقۇنچلۇق گەپ قىلىسىلەر باللار ، بىر ئىككىسى كۈرۈلگەندىلا داۋاسىنى قىلىشنى باشلاڭلار ، ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىسىنى يىمەكلىك ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ ئەكس تەسىرى جىق بولمىسا .....

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 07:57:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kulke تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 07:58  

ۋوي مانداق ئىش بادەڭلا. مېنىڭ بەدىنىمدىمۇ 3-4 تال تۇرىدۇ. بەزىدە يوقاپ كېتىدۇ بەزىدە باشقا يەرگە پەيدا بولىدۇ. ئۈرۈك مېغىزىچىلىك بار ھازىر. باسسام ئاغرىيدۇ بولمىسا باشقا غەيرى ئەھۋال يوق. بىر چاغدا بىر دوختۇر قاسساپ ئاغىنەمگە  (ھېلىقى پىچاق تۇرۇپ ھەممە يەنى يارىدىغان دوختۇرتى ئۇ:lol) دېسەم، يامان نەسە ئەمەستەك قىلىدۇ شۇنداقتىمۇ  تەكشۈرۈپ باقايلى دەپتى ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا كىرسەك دوختۇر كۆرۈپ بېقىپ ھېچ ئىش بولمايدۇ. سىزدە غەيرى ئەھۋال بولمىسىلا دەيدۇ. مۇشتا تۇرىدۇ بۇ باسسام سەل ئاغيرىيدۇ بولمىسا جىم دېسەم بەك تەكشۈرۈتۈپ نېمىلىكىنى بىلىمەن دېسىڭىز ئازراق يېرىپ ئىچىدىن بىر نېمە ئېلپ تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ دەپتى ۋوي بولدى دەپ يېنىپ چىققان.
شۇ ئىشتىن كېيىن ھازىرغىچە بىر ئىككىسى يوقاپ كەتتى. 3-4 تېلى تېخىچە بار. بۇمۇ ئاشتا نەسىمىدۇ ئەمدى. ئادەمنى ئەنسرتىپ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 09:32:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 09:37  

دوختۇرخانىغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرتمىگەن بولساممۇ لېكىن شۇنداق بىر پۇرسەتلەردە بىر نەچچە دوختۇر ۋە تېۋىپلاردىن مەسلىھەت سوراپ باقتىم . ئېرىشكەن جاۋابىم بۇ كېسەلنى تۈپتىن ساقايتىدىغان دورىنىڭ يوقلىغى پەقەت بولمىسا ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتسە بولىدىغانلىقى لېكىن ئوپىرايسىيەدىن كېيىن قايتا قوزغىلىش نىسپىتى يۇقىرى ئىكەنلىگى بولدى .
===================================
يۇقىردىكى سۆزىڭىز مېنىڭ بىر قىسىم تېۋىپلارغا بولغان گۇمانىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى. بىلگىنىمىزدەك ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزغا ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىدا مۇھىم رول ئويناپ بۈگۈنىمىزگىچە يېتىپ كىلىپ ئەل ئىچىدە مەخسۇس تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر ئېقىمدىكى دوختۇرلارنى شەكىللەندۈردى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ھېلىھەم خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر. بىر قىسىم كېسەللەرنى داۋالاشتا تېۋىپلارنىڭ رولى ھەقىقەتەن چوڭ بولسىمۇ، ئەمما خېلى جىق تېۋپىلاردا ئىلمىيلىك تۆۋەن بولۇش، دېگەن سۆزلىرىنىڭ چۈشىنىشلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش ۋە ئەڭ يامىنى يۇقىرىقىدەك خاتا ياكى يالغان گەپلەرنى قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەستەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تېۋىپلارمۇ ئۆزلىرى ياسىغان دورىلارغا پەقەت قەدىمقىدەك ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتلاردىن ئېلىنغان تەركىبلەرنى ئەمەس، بەلكى خېمىيىلىك تەركىبلەرنى، ھەتتا ئەكىس تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى ھورمۇنلارنى قوشىدىغانلارمۇ باركەن. ئېنىقكى، يەنىلا ناھايىتى  بىلىملىك تېۋىپلەر ھازىرمۇ بار، ئەمما كىم زادى قانچىلىك بىلمەكمۇ تەس بىر ئىش بولغاچقا نۇرغۇنلىغان چالا تېۋىپلار كىشىلەرگە خاتا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ قايمۇقتۇرۇپ ياكى ئۆزى داۋالاشنى بىلمەيدىغان كېسەللەرنى داۋالايمەن دەپ ھۆددە بېرىدىغان ئىشلارمۇ ئەۋج ئىلىپ قاپتۇ. يۇقىرىدا دېگەنلىرىمگە ھەر خىل ۋاستىلەردە ئېقىپ يۈرگەن يېڭىسارلىق ئەيدىز كېسىلىنى «جىنسىي ھورمۇن ئىشىپ كېتىشتىن كىلىپ چىقىدۇ» دەپ قارايدىغان ئاتالمىش تېۋىپنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى سەللىمازا قىلغۇچى دورىسى، ئېغىر راك كېسەللىرىنى ساقايتىمەن دەپ چوڭ سۆزلىگۈچى تېۋىپلار، جىنسىي قوزغاتقۇچى دورىلارنى ساتقۇچى تېۋىپلار ۋە توختىماي يۇقىرىقىدەك خاتا ئۇچۇرلار بىلەن بىمارلارنى قايماقتۇرغۇچى تېۋىپلار.... دېگەندەكلەر مىسال بولالايدۇ. تېۋىپلارغىمۇ مۇنتىزىم ئوقۇغانلىق، كەسپىي سالاھىيەت ۋە ئۆزىدە بار بولغان ئىنساپتىن بۆلەك ئۇلارنىڭ دېگەن-ئەتكەنلىرىگە كۆز قۇلاق بولىدىغان سىستىما يوقمۇ؟

تېما ئىگىسىنىڭ سوئالىغا كەلسەك، ماي بېزى ئۆسمىسى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، بۇ خىل ئۆسمىنى داۋالاشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيتى يوق. شۇغىنىسى، سىز بۇ ئۆسمىنىڭ ماي بېزى ئۆسمىسى ياكى ماي راكى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىڭىز كېرەك. ماي راكى تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ، ئادەتتە ھەر بىر مىليون ئادەمدە 2-3 مۇشۇ خىل راك كۆرۈلىدۇ ھەمدە ئېلىۋەتسە قايتا كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، 10% تىن ئاز ئەھۋاللاردا قايتا كۆرۈلىدۇ. ئېلىۋەتكەندىن كىيىنكى 5 يىلدا ھايات قىلىش نىسبىتى 100% بولۇپ، پەقەت بىر قىسىم ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان جاھىل خاراكتىرلىكلىرى ھاياتقا تەھدىت ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن ھەم بۇ خىلدىكىلىرى قول-پۇتلاردا ئەمەس بۆرەك ياكى سۈيدۈك يولى نەيچىسى دېگەندەك ئورۇنلاردا بولىدۇ.
بۇ خىل ئۆسمىنىڭ ئاساسەن ھېچقانداق زېيىنى يوق بولۇپ، كۆپىنچە گۈزەللىك ئويلىشىلىپ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. مۇمكىن بولسا، بۇ توغرىدا تېۋىپلاردىن سورىماي، ئوپراتسىيە قىلىدىغان دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئاۋۋال تەكشۈرتۈپ خاراكتېرىنى ئېنىقلىتىپ زادى ماي بېزى ئۆسمىسىمۇ ياكى ماي راكىمۇ ئېنىقلىتىش كېرەك ۋە زۆرۈر بولسا ئالدۇرۋەتسىلا بولىدۇ.

http://www.mayoclinic.org/diseases-conditions/lipoma/basics/symptoms/con-20024646
http://www.webmd.com/skin-problems-and-treatments/tc/lipoma-topic-overview

Pidakarmen يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 12:14:47

داۋاسى پىچاق

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 12:29:15

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-2 09:32 static/image/common/back.gif
دوختۇرخانىغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرتمىگەن بولساممۇ لېكى ...

ھە ئۇنداق بولسا مەن ئەنسىرەپ كەتمىسەممۇ بولغۇدەك.
ئۇ مۇنەك نەرسە مېنىڭ ئوڭ بېلىمنىڭ سەل ئۈستىدە 2 تال، سول بېلىمنىڭ ئۈستىدىرەك بىرسى با. دېمەك بۇ ئۇنداق مەزى بېزى ئۆسمىسى دېگەنلەر ئەمەسكەندە. خاتىرجەم بولدۇم

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 12:30:06

بىلىمدە دەل بۆرەكنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە ئىككىسى بار ، ھەربىر بۆرەكنىڭ ئۈستىدە بىردىن ، مەن بۇرۇن بۆرەك ئۈستى بىزى ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈپتىكەنمەن  ھى ھى ھى  تۇتسا بىلىنىدۇ ، سىرىتتىن قاراپ بىلگىلى بولمايدۇ ، كىچىك ۋاقتىمدە ۋاڭ  شۇجىگە ئوخشاش قىشىمدا بەز بار ئىدى ، كىيىن كىچىكلەپ كەتتى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 12:30:12

بىلىمدە دەل بۆرەكنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە ئىككىسى بار ، ھەربىر بۆرەكنىڭ ئۈستىدە بىردىن ، مەن بۇرۇن بۆرەك ئۈستى بىزى ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈپتىكەنمەن  ھى ھى ھى  تۇتسا بىلىنىدۇ ، سىرىتتىن قاراپ بىلگىلى بولمايدۇ ، كىچىك ۋاقتىمدە ۋاڭ  شۇجىگە ئوخشاش قىشىمدا بەز بار ئىدى ، كىيىن كىچىكلەپ كەتتى

adilkanun يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 20:31:34

ئاپامنىڭ بېقىنىغا بىرسى پەيدا بۇلۇپ قاپتىكەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىكىلەر كۆرۇپ ياغ ئۆسمىسىكەن دىگەن. مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ دورا-ئۇكۇللىرى بىلەن يۇقاپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا دوختۇرلار بەرگەن دورا-ئۇكۇللارنىڭ ئىسمىغا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 20:44:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 21:11  

يۇقىرىدا دېگەنلىرىمگە ھەر خىل ۋاستىلەردە ئېقىپ يۈرگەن يېڭىسارلىق ئەيدىز كېسىلىنى «جىنسىي ھورمۇن ئىشىپ كېتىشتىن كىلىپ چىقىدۇ» دەپ قارايدىغان ئاتالمىش تېۋىپنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى سەللىمازا قىلغۇچى دورىسى


:lol:lol:lol:lol جىق ئادەملەرنى كاشال قىپتۇدە بۇ كېسەلۋاش،بىرەر يەردە تىبابەت ئۈگىنىش تۈگۈل چىشىغا چىش چىقىپ بىرەر تىۋىپىنىڭ يېنىدا بىر ھەپتە تۇرۇپ بىرنەرسە ئۈگەنگەن بولسا يەنە نىمىلەرنى داۋالايمەن دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرەر بولغىيدى بۇ ماڭقا.
بۇدا دادىسىنى كۆرگەندە بالاڭنىڭ كەشپىياتى ئامرىكىغىچە يېتىپ بېرىپتۇ،ئېشىكەڭنى ئېدەم قىل بوممىسا خەق ئەرز قىلىپ سولىتىۋېتىدىغان يەرگە ئاز قاپتۇ دەپ قويمىسام بومماپتۇ.
بەت: [1]
: ماي بېزى ئۆسمىسىگە داۋا بارمۇ ؟