ئوقۇڭ!
ئوقۇڭ!مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
ئوقۇڭ،ئەي ئەزىز ئەھلى مىللىتىم ئوقۇڭ،
بىلىم،تەپەككۇر - قۇدرەت، سىز ئوبدان ئۇقۇڭ.
نادانلىق-خارلىق،بىلىم - ئېتىقاد نۇرى،
بىلىمسىز،سۈرگەن شۇ راھەتتىن قورقۇڭ.
قەلب كورلۇقى يامان، قويمايدۇ پاك،ئامان،
بىلىم ھەرجايدا بار، پۇرسىتىگە يۇقۇڭ.
ئوقۇش ـ بۇ جاننى بېقىش ئۈچۈنلا ئەمەس،
روھنى پاكلاپ ياشاش ئۈچۈن چۇقۇم ئوقۇڭ!
ئوقۇڭ،ئوقۇتۇڭ! بىلىمدىن ئىمكان- نۇسرەت،
چۆلدىكى ئالۋۇن پۇلغا كەلگەن ھۆرمەت.
تەپەككۈردىن قىممەت ،تەپەككۇردىن قىسمەت
بىلىمنى خارلىغانلارغا بولسۇن لەنەت!
چوڭۇ-كىچىك ئوقۇڭ! «ئىقرا!»غا بۇيرۇلدۇق،
باھانە ئەمەس ھەرئىشقا ئامال توقۇڭ.
بىلىم -مىراس،بىزدىنمۇ شۇ مىراس قالسۇن،
سىر-ھېكمەتلەرنى تەپەككۇر بىلەن چوقۇڭ...
ئوقۇڭ،ئەي ئەزىز ئەھلى مىللىتىم ئوقۇڭ،
بىلىم،تەپەككۇر - قۇدرەت، سىز ئوبدان ئۇقۇڭ.
نادانلىق-زۇلۇم،بىلىم - ھەقىقەت نۇرى،
بىلىمسىز ساختا شۆھرەت، بايلىقتىن قورقۇڭ... ياخشىكەن
بەت:
[1]