تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي ھايات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا quwuldarbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-30 13:32تىنىچلىق ۋە تەرەققىيات ئاساسىي ئېقىم بولغان،دۆلەتلەر ،مىللەتلەر ئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق تەكىتلىنىۋاتقان، تۇرمۇشىمىز كۆپ خىل مەزمۇن ۋە رەڭدارلىققا تولغان بۈگۈنكى كۈندە بىز قەھرىمانلارنى قانداق بايقايمىز؟ ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
ھەممىمىزگە ئايانكى،مەلۇم شەكىل ۋە ۋاستىلەرئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىنى ئىسپاتلىغۇچىلار قەھرىمانلاردۇر.
شەخىس سۈپىتىدىكى ئىنساننىڭ ھاياتى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنى مۇكە ممەللەشتۈرگەن ۋە تاكاممۇللۇق ئىزدىگەن جەريان بولۇپ كەلدى.ئەگەر پىداكارلىقنى، مەردانىلىكنى، جەڭگىۋارلىقنى ،مۇنەۋۋەرلىكنى ۋە تاكاممۇللىشىشنى قەھرىمانلىق روھى ۋە ھەركىتى دەپ قارىساق،ئۇنداقتا شەخسنىڭ ھاياتى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىنىڭمۇ قەھرىمانلىق روھىنى ئىزدىگەن جەريان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى دەۋر ياكى تارىخىي باسقۇچلار قەھرىمانلار،داھىيلارغا تەشنا بولۇپ كەلدى.شۇنداقلا ھەرقايسى ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىنسانلار ،دۇنياۋى تارىخىي شەخسلەر مەيدانغا كەلدى.ئەلۋەتتە،ماكان ۋە زاماننىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ،قەھرىمانلىقنىڭ ئۆلچىمىمۇ پەرقلىق بولدى.قەدىمكى دەۋرلەردە ئومۇمەن جەڭگاھتىكى باتۇرلار قەھرىمان ئاتالدى.يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگەندە «قەھرىمان« نىڭ مانا دائىرىسى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى . بۇنىڭغا سىياسىئونلار، دىپلوماتلار، ئېكىسپېدىيىچىلەر ،ئىزدەنگۈچىلەر، يول ئاچقۇچىلار، تەۋەككۈلچىلەر ۋە تەنتەربىيەچولپانلىرىنى كۆرسىتەلەيمىز. بۇلاردىن ئاخىرقىسى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر.نۆۋەتتە ئۇنىڭ تەسىرى بارغانچە ئېشىپ بارماقتا.چۈنكى،بۇنىڭ ئىپادىسى ماددىي مەئىشەتكە تويۇنغان.ئەمما،ۋۇجۇدىنى ئىچ پۇشىقى ۋە مەنىسىزلىك قاپلاپ كەتكەن زامانىۋى غېرىپلىق زاكىسىغا ئورالغان،مەنىۋى ھۇزۇرغا تەشنا بولغان ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە خۇشاللىق ئاتا قىلغان بولسا؛يەنە بىر جەھەتتىن «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»دېگەندەك كۆرۈشچانلىقى (نەق مەيدان،تېلىۋىزور،فوتو سۈرەت...)نىڭ زوربولغانلىقىدا.
مەن بۇ ساھەدە مۇنتىزىم،سېستىمىلىق تەربىيلەنمىگەن بولساممۇ،خەلقىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشتەك رېئاللىقنى چىقىش قىلىپ بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشنى راۋا كۆرمىدىم.شۇنداق قىلىپ تىنىچ دەۋردىكى قەھرىمان لىقنىڭ ئۈلگىسى بولغان تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ كەسپىي ساھەسىنى-تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ پەيدا بولۇشى، راۋاجلىنىشى،ئۇنىڭ ھەرقايسى ئەل،ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئاساسىي ئەھۋالى بىلەن .ئىپادىلىنىش شەكلى (خاراكتېرى)نى تەكشۈرۈپ كۆردۈم.ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زاماندىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى قايتا جانلاندۇرۇپ دەۋرىمىزگەئېلىپ كىرگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدۈم.ھازىرقى زامان دۇنيا تەنتەربىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن يۈزلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالدىم. يەنە مىللىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى ئىجتىمائىي،تارىخىي،دىنىي،مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە پىسخىك تەرەپلىرىدىكى سەۋەبلەرنى تەكشۈرۈپ كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزۈمنىڭ باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇنداق قىلىپ ئىجتىمائىي ھايات،مائارىپ ۋەتەنتەربىيىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان باغلىنىشىنى، تەسىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆردۈم.تەنتەربىيە دېگەن بۇ سۆز«XIX»ئەسىردە ئېلىمىزگە ئېنگىلىزچە
تەنتەربىيە ھەركىتى بىر خىل ئالاھىدە ھادىسەبولۇپ،ئىجتىمائىي ئومۇمەن مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى جەريانىدا مۇستەقىل بىر سېستىما بولۇپ شەكىللىنىپ،خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى.بۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا،تەنتەربىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن،بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئاساسىي ۋاستە قىلىش ئارقىلىق بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش، ھەرىكەت تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي،مەدەنىي تۇرمۇشنى بېيىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل ئاڭلىق ئىجتىمائىي پائالىيەت سۈپىتىدە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى.» ①
تارىخي تەكشۈرۈشلەردىن بىزگە مەلۇم بولدىكى،قەدىمكى دۇنيانىڭ گرېتسىيىدىن باشقا جايلىرىدا ماھارەت كۆرسىتىپ مۇسابىقىلىشىش خاراكتېرىدىكى سېستىمىلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى كۆرۈلمىدى.بەلكى چېلىشىش،ئات بەيگىسى،ئوقيا ئېتىش، كوللىكتىپ ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق بىر قىسىم پائالىيەتلەر بەزى ئەللەردە دائىملىق مەشىق، مۇقىم مەيدان ئەسلىھەسىزھالدا ئاندا-مۇندا ئېلىپ بېرىلدى.يەنە كېلىپ تا يېقىنقى زامانلارغىچە نوقۇل چېلىشىش ۋە ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجى خاراكتېرىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالمىدى، مەدەنىي تۇرمۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلمىدى.
ئەنئەنىۋى قاراش ۋە ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا،تىروپىك بەلباغ چۆل ئىقلىمى،تىروپىك بەلباغ يايلاق ئىقلىمى، مۆتىدىل بەلباغ چۆل ئىقلىمى،مۆتىدىل بەلباغ يايلاق ئىقلىمى، سۇپتىروپىك بەلباغ ئىقلىمى،ئوتتۇرا دېڭىزچە ئىقلىم رايونى قاتارلىق ئىسسىق رايونلار ئىنسانلارئاپىرىدە بولغان،كۆپەيگەن،پائالىيىتى جانلانغان،نوپوسى باشقا رايونلارغا نىسبەتەن مەركەزلىك ۋە زىچراق جايلاشقان رايونلار ئىدى.تەخمىنەن شىمالىي پاراللېل 45گىرادوسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ،مىسىر،شام،مىسپۇتامىيە ۋادىسىدىكى ئىراق،ئىران ئېگىزلىكىدىكى پېرسىيە،جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھىندىستان، يىراق شەرىقتىكى جۇڭگو ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ،ياۋروپادىكى گىرېتسىيە ۋە ئىتالىيە رايونلارنىڭ يېرىنىڭ مۇنبەتلىكى ،تېمپىراتورىسىنىڭ يېتەرلىكلىكى ۋە باشقا ئەۋزەل شارائىتلار سەۋەبى ئاشۇ يىراق قەدىمكى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىنسان توپى ياشاۋاتقان جايلار ئىدى.شۇڭا،قەدىمكى مەدەنىيەتمۇ تەبىئىيلا مۇشۇ جايلار بىلەن مەزمۇن تاپتى.ھىندىستان بىلەن جۇڭگودىن باشقا قالغان مەدەنىي ئەللەرنىڭ ئارىلىقى نىسبەتەن يېقىنراق بولغاچقا،ھەرقايسىسى بىر-بىرىگە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشكەن، ئۆزئارا سىڭىشكەن،پائالىيەت ۋە ئالاقە جەھەتتە نىسبىي ھالدىكى بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلىغان مەدەنىي رايونلارئىدى.گەرچە ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزگىچە يەرلىك مەدەنىيەت تىپى ھالىتىدە قالغان بولسىمۇ،بۇنىڭغا كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھالدا پەقەت ھىندىستان بىلەن جۇڭگولا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى قەدىمدىن بۇيان مۇستەقىل راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەنىدى. ئوتتۇرا، يۇقىرى كەڭلىكتىكى رايونلار(شىمالىي پاراللېلنىڭ 45گرادۇس شىمالىدىكى رايونلار)دا ئىقلىمى سوغۇق ۋە باشقا ناچار سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوخشاش تارىخىي باسقۇچ ۋە كېيىنكى خېلى ئۇزاق زامانلارغىچە ئىنسان پائالىيىتى نىسبەتەن ئاز بولدى.نوپوس ۋە شەھەرلەشكەن مەدەنىي ھايات دېگەندەك كۆلەم شەكىللەندۈرەلمىدى .ئەمەلىيەتتە، سىسىتېمىلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مەدەنىي تۇرمۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى مۇقەررەر ھالدا مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ۋۇجۇدقا كېلەتتى.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى،قەدىمكى ئاشۇ مەدەنىيەتلىك ئەللەردە شەھەر قۇرۇلۇشى كۆلەملەشكەن،سودا-سېتىق گۈللەنگەن، تېبابەت،بىناكارلىق، گېئومېتىرىيە، ئاسترو نومىيە،ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا ساھەلەردە زور نەتىجىلەر قازىنىلغان،ھەرقايسىسى مۇستەھكەم ھاكىمىيەت ئاپپىراتلىرىغا ئىگە بولغان،جەمئىيەت تەرتىپىمۇ قانۇنىي ئاساستا يۈرگۈزۈلىۋاتقان،ئىجتىمائىي ھايات كۆپ خىل مەزمۇن ۋە رەڭدارلىققا ئېرىشكەن مەدەنىي ئەللەر ھېسابلانسىمۇ، لېكىن گرېتسىيىدىن باشقىلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئىجتىمائىي،تارىخىي ئەھۋالى،سىياسىي تۈزۈمى،دۆلەت،مىللەت پىسخىكى سىدىكى يا ئۇنداق،يا مۇنداق چەكلىمىلەر تۈپەيلى ئۇلاردا سېستىمىلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى كۆرۈلمىدى. پەقەت گرېتسىيىدىلا بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تۈرلۈك شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولغاچقا،بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالمىدى.ئەمدى ھەرقايسى رايونلارنىڭ ھازىرلىغان شارائىتى ۋەئىمكانىيىتى ئۈستىدە توختىلىمىز.
شىمالىي ئافرىقاۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ،چەكسىزقۇملۇقلار،چۆل جەزىرىلەر،كۈچلۈك قۇياش نۇرى،سۈكۈناتقا چۆمگەن ئايدالا،جىمجىت ئۇزاق كېچىلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان قۇم-بوران ئاپىتى،بۇ يەرنىڭ ئاساسىي ئىقلىم شارائىتى ئىدى.سۇنىڭ قىسلىقى،يەرنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىدىن بولۇۋاتقان ماددىي ئېھتىياج،موھتاجلىق سام تىللىق مىللەتلەرنى يېرىم ئارال ۋە سەھرايى كەبىر چۆللىكىدە،چوڭ دائىرىدە تارقاق، كىچىك كۆلەمدە توپلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلاتتى. ئەرلەرمال بېقىش،ئوۋ ئوۋلاشتىن بوشىنالمايتتى.سۇ،ئوت-چۆپ قوغلىشىپ تىنماي كۆچۈپ يۈرۈش نەتىجىسىدە،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەلىپىمۇ مۇرەككەپ،يىراق،مەۋھۇم نەرسىلاردىن كۆرە ھازىرنى-ھازىر كۆرىدىغان ئەمەلىيەتچىل روھىنى ئىپادىلىدى.ھايات تولىمۇ جاپالىق بولۇپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇلاڭچىلىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى.قەبىلىلەر ئارا بولۇۋاتقان ئايىغى چىقماس ئۇرۇشلارمۇ، ئۇلارنىڭ زېھنىنى باشقا ئىشلارغا بۇراشقا ئىمكان بەرمەيتتى.قىساسخورلۇق ئومۇمىي ئادەت ئىدى.يەنە كېلىپ ئەرەبلەر،بولۇپمۇ بەدەۋىلەر ناھايىتى«سەپرا»كېلەتتى.شۇڭا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ جېدەل چىقىرىشقا ئارانلا تۇراتتى.ئۇرۇق ۋە جەمەتىنىڭ شان-شەرىپىگە، غۇرۇرىغا تاقىلىدىغان ئىشلاردا ھېچ ئىككىلەنمەي قىلىچ كۆتۈرۈپ چىقاتتى.ئۇلار تەبىئىتىدىن ئەركىن خەلىق بولۇپ،چۆل-جەزىرىلەرگە تارقىلىپ ھېچكىمگە بېقىنماي ئەركىن ياشايتتى.ئۇلار سېپى ئۆزىدىن شەخسىيەتچىلەر بولۇپ،ھېچقانداق ئىنتىزام قوبۇل قىلمايتتى.بۇ يەردە پەقەت قەبىلە قانۇنىنىڭلا نوپوزى بولاتتى.بۇ ھەقتە سەئىد فەيياز مەخمۇد ئەپەندى مۇنداقدەيدۇ:«ئەرەبىستاننىڭ كەڭ زېمىنىدا، مەككە ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش شەھەر بولغان يەسرىب بىلەن يىراق جەنۇبتىكى سانادىن باشقا شەھەر يوق ئىدى.ئەرەب خەلقى ئاندا-ساندا ئۇچرايدىغان بوستانلىقلاردا ياكى ئاسانلىقچە كۆزگە چېلىقمايدىغان تاغ جىلغىلىرىدا ياشايتتى. ئۇلار ئەزەلدىن بىر جايدا ماكان تۇتقان ئەمەس،چۈنكى سۇ ۋە يايلاق قوي پادىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايتتى. ئۇلار چىڭ بىرلىشىپ كېتەلمىگەن ئىجتىمائىي گۇروھلار ئىچىدە ياشايتتى.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى پېقىرچىلىق ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قامداش بىلەن ئۆتەتتى.ئۇلار ئۆزىنىڭ چاققانلىقى، ئۆزىنى قوغداشقا ماھىرلىقى،قەيسەرلىكى ۋە چىداملىقلىقىغا تايىنىپ ھايات كەچۈرەتتى، جەمەت ئۈچۈن ياشايتتى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جەمەتىگە ۋە مۇشۇ ئاساستا شەكىللەنگەن ئۇرۇقلىرىغا تامامەن سادىق ئىدى ۋەئۆزلىرىنى شۇلارغا بېغىشلايتتى.مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھايات يادروسى ئىدى...باتۇرلۇقتا بەستلىشىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، شۇنداقلا،ئۇلار تۇرمۇشتا كۆپىنچە ئۇرۇشۇش ماھارىتىگە تايىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشۇش پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان ئەرمەككە ئايلىنىپ قالغانىدى.ئەرەبلەر ھەمىشە ئەرزىمەيدىغان ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۇرۇشۇشقا ئىنتىلەتتى.نەتىجىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالىدىغان ئىناقسىزلىق كېلىپ چىقاتتى.ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئانچە ئەتىۋارلاپ كەتمەيتتى.نۇرغۇن كىشىلەر يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن ئۆلۈپ كېتەتتى.ئەرەبلەرنىڭ قەبىلەتۈزۈمى ئۇلارنىڭ سادىقلىقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتكەنىدى.شۇڭا، ئىختىلاپ تۇغۇلسىلا ھەل قىلىش قىيىنغا توختايتتى. نەتىجىدە قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدا ئۇزاققىچە ئۇرۇش بولاتتى.ئەمما بۇ تۈزۈم شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپمۇ قوياتتى.بولۇپمۇ مەككە ۋە يەسرىب شۇنداق بولاتتى.چۆل-جەزىرە ياكى يايلاقلاردا ياشايدىغان ئۇرۇق ئەزالىرى ياكى قەبىلىلەر ئىچىدىكى ئۇرۇقلار،ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زىچ بىرلىشىشكە توغراكېلەتتى.لېكىن شەھەر-بازارلاردا سودىنىڭ راۋاجلىنىشى كىشىلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتەمۇستەقىل قىلىپ قويغانلىقتىن،ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن چوت سوقاتتى.ئۇلارنىڭ ئۆزئالدىغا بىر يۈرۈش قىممەت ۋە ساداقەت ئۆلچىمى بار ئىدى.ئەرەبلەر مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن ،قەبىلە ئېڭى بىلەن شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ بىر-بىرىگە سىغىشالمايدىغان خاھىش ھامان ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قېلىۋېرەتتى.» ②
شۇنداق بولۇشىغا باقماي بۇ رايوندا__ جەنۇبتىكى يەمەن،شىمالدىكى«مۇنبەت ھىلالىيە»③رايونىدائىنسانىيەتنىڭ ئەڭ شانلىق مەدەنىيىتى يارىتىلغانىدى.دۇنياۋى دىنلار،ئىمپېرىيىلەر،ئىستىلاچىلار بۇ جايدا ئۆتكەنىدى.دېڭىز قاتنىشى تەرەققىي قىلغان،سودا-سېتىق گۈللەنگەن،نۇرغۇن ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى يارىتىلغان، شۇنداقلا يۇنان،رىم مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش باشلانغانىدى.لېكىن ھەرقايسى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ كىچىك بولۇشى،بىر-بىرىدىن چوڭ قۇملۇقلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرۇش سەۋەبلىك ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدى ۋە يەرلىك مەدەنىيەت تىپى سەۋىيىسىدە توختاپ قالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە رىم ئىمپىرىيىسى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى بارلىق ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ ، سىياسي جەھەتتىكى بىر پۈتۈنلۈكنى ئىشقا ئاشۇرغىچە بولغان ئۇزاق تارىختا مىسىر ،سۈرىيە ، مىدىيە ،ئاسسۇرىيە، بابىل،پرسىيە ئىمپىرىيىسى ۋەئالېكساندىر ماكىدونىسكى ئىمپىرىيىسى قاتارلىق دۆلەت ۋە خانلىقلارنىڭ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرىنىڭ ئىز بېسىپ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى سەۋەبلىك،بۇ رايوندا قەدىمكى يۇناندا كۆرۈلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تىنىچلىق ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىماسلىقتەك ئىچكى-تاشقى جەھەتتىكى مۇقىملىق ۋە بىر خىل تەرتىپلىك مەدەنىيەت ئەندىزىسنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىمكان بەرمىدى.يەنە كېلىپ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى چەكسىز دىنىي خىياللارغا،ئىنسان بىلەن تەڭرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە،پەلسەپىۋى قاراشلارغا بەكرەك مەركەزلەشتى.ئارىلقتىكى بەدەۋىلەرنىڭ غايىسى،تۇرمۇش ئۇسۇلى،ئېتىقاد تەلىپى،جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى يۇقىرىقى مەدەنىي رايونلاردىن كەسكىن پەرىقلىنەتتى.يەرلىك شىۋىلەر كۆپ، شەخسىيەتچىلىك، ئۆز ئۇرۇق قەبىلىسىنى داڭلاش ئېغىر ئىدى. يۇقىرىدا دېگەندەك ئۇلار چىڭ بىرلىشىپ كېتەلمىگەن ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ئىچىدە ياشايتتى.تاكى ئىسلام نۇرى ئۇلارنى يېشىل تۇغ ئاستىدا بىرلەشتۈرگىچە بولغان ئۇزاق زاماندا،ئۇلار ئەزەلدىن بىرەر قېتىممۇ كۈچلۈك بىرھاكىمىيەت ئەتراپىغا،مەلۇم بىر ئورتاق ئېتىقاد ئاساسىغا ئورۇنلاشقان ئەمەس. شۇڭا،ئەينى زاماندا بۇ رايوندا تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ كۆپ خىل مەزمۇنغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. مۇسۇلمانلاردىكى جىھاد قىزغىنلىقى،مەزھەپلەر كۈرىشى ۋە ئەھلى سەلب يۈرۈشى، ھەششاشۇنلار (نەشە چەككۈچىلەر) نىڭ تېرورلىقى ،موڭغۇللارنىڭ ۋەيرانچىلىقى، سوپىزىملىق تەركى دۇنياچىلىق قاتارلىق زور ۋەقەلەر مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى نىسبىي مۇقىمسىز ۋە داۋالغۇشلۇق كەيپىياتقا ئىگە قىلدى.شۇنداق قىلىپ بۇ دەۋردە تەنتەربىيە قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلمىدى.بۇ يەردە بىز ئايدىڭلاشتۇرىۋالىدىغان نۇقتا شۇكى، تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە نىسبەتەن قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى غايەت زور شەھەرلەردە،ئېگىز بىنالاردىكى تار-قىستاڭ ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقان، جىسمانىي كۈچى ئاجىزلىغان،تەن ساپاسى چېكىنىۋاتقان،مەنىۋى مەھكۇملۇق ۋە روھىي بۇرۇقتۇملۇققا تولغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئېھتىياجى چۈشمىسە كېرەك.شۇڭا بۇ ھەرىكەت قەدىمكى يۇناندىن باشقا جايلاردا ئېتىبارغا ئېلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن.لېكىن ئوتتۇرا ئەسىر دىكى خىرىستىئان ياۋروپاسى قەدىمكى يۇناننىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تونۇغان.دېمەك،مۇسۇلمانلار گرېك مەدەنىيىتىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىۋېتىپ،بۇ ساھەدىكى تەپسىلاتلارغا نەزىرىنى ئاغدۇرمىدىمۇ قانداق؟نېمە ئۈچۈن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاشۇ شانلىق دەۋرلىرىدىمۇ ،يەنە نېمە ئۈچۈن توم-توم مەسنەۋى،غەزەل-مۇۋەششەھ توپلاملىرى،گۇرۇھ-گۇرۇھ ئىشىق قەلەندەرلىرى ۋە ساراي شائىرلىرى دۇنياغا كەلگەن ئاشۇ تىنىچ ئاسايىچ كۈنلەردىمۇ شۇ دەۋر كىشىلىرى نېمە ئۈچۈن قەدىمكى يۇناننىڭ«ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى»تۈرلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ سىناپ كۆرمەيدۇ؟بۇ نۇقتا ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ.
ھىندىستاندىكى قەبىلە تۈزۈمى كىشىلەرنى بىر-بىرىگە ئاكتىپ ئارلىشىش ئىمكانىيىتدىن مەھرۇم قىلدى.ھىندى تۇپرىقىدا يارىتىلغان ھىندى دىنى،بۇددا دىنى،شېنا دىنى ۋە باشقا ئۇششاق دىنلارنىڭ ھەممىسىدە جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى چەكلەش، ھاياتىي دۇنيانىڭ ماددىي مەئىشىتىدىن كېچىپ،شەخسىيەتچىلىك ۋەنەپسانىيەتچىلىكنى يوقىتىش،روھىنى پاكلاپ«نېرۋانا»غا يېتىش، كىشىلەرگەئادىل،مېھرىبان بولۇش،جۈملىدىن يۇقىرىقى دىنلارغا ئورتاق بولغان«سانسارا»(ھاياتتىن ئۆلۈمگە،ئۆلۈمدىن يەنە ھاياتقا ئېرىشىش)ئەقىدىلىرى،ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا نىسبەتەن ياۋاش-يۇمشاق خاراكتېرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ باردى.رىقابەت ۋە پائالىيەتچانلىق گېنلىرىنى بوغۇپ،بۇدساتۋا ئالدىدا جىم ئولتۇرۇپ،بۇ ئالەمنىڭ سىرلىق ماھىيىتىنى،ئىنسانلارنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتى ۋە بەختى بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىزدەشكە كۆندۈردى.ئۇلارنىڭ قىزىقىشىمۇ باشقىلارغا ئازار بەرمەيدىغان ساھە __ناخشا-ئۇسسۇل،مۇزىكىدىن ئىستېتىك زوق ئېلىشقا يۈزلەندى.شۇڭا،ھىندىستان كىنو-تېلىۋىزىيىسىنىڭ ناخشا ئۇسسۇل، مۇزىكا ،ئاشىق-مەشۇق،ھىجران ئازابى،ۋىسال شادلىقى قاتارلىق ھېسسىي تۇرمۇشنى مەزمۇن قىلىشى،ئاشۇ خىل غايە ،ئېتىقاد،قىممەت ئۆلچىمىنىڭ مەھسۇلىدۇر.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان تارىخىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن تارقاق، بۆلۈنمە ،رايون خاراكتېرلىك ھاكىمىيەتلەر،خەلىق پىسخىكىسىدىكى چېچىلاڭغۇلۇق،ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىقلار ھوقوق مەركەزلەشكەن ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىي تۈزۈمنىڭ ياكى قەدىمكى يۇنانچە دېمكوراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا،سىياسىي پۈتۈلۈكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىمكان بەرمەيتتى.
جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خەلىقلەرنىڭ پىسخىكىسى، مەدەنىيىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە داۋۇد ئوبۇلقاسىم ئەپەندى «قانداق قىلغاندا سىرتقى تەسىرنى توسۇپ مۇۋازىنەتنى ساقلىغىلى بولىدۇ،دېگەن ئىزتىراپتا ھىندى ئىدىئو لوگىيىسىنى بىخلاندى.» ④دەپ كۆرسىتىدۇ.تارىخىي ئەمەلىيەتمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق. ھىندىستان تارىخىدا سىرتقا قارىتىلغان چوڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈشلەر، ئىستىلالار بولغان ئەمەس.بۇ يەردە ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە سىرتتىن كىرىپ ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ جەلىپكار قوينىغا سىڭىپ كەتكەن.نۇرغۇن قوۋملارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزىغا قارىتا چوڭ كۆلەملىك،ئۇزاق مۇددەتلىك قارشىلىق بولمىغان،بەلكى مۇرەسسە قىلىش،يارىشىش،سىڭدۈرۈش ئومۇمىي كەيپىيات ۋە يۈزلىنىشكە ئايلانغان. ئوخشاشلا 250مىليون نوپۇسقا ئىگە ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ياخشى پەيتى بولغان 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ(بۇچاغدا ئەنگىلىيە ياۋروپا جەڭ مەيدانلىرىدا يېتىشەلمەي بۇ تەرەپلەرگە كۆڭۇل بۆلۈشكە چولىسى تەگمەيتتى)مەسىلىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشتىن كۆرە«زورلۇق كۈچتىن خالىي ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى»نى تاللىۋېلىشمۇ ھىندى ئىدىئېلوگويىسىنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن داۋامى ئىدى.دېمەك مۇشۇنداق ماھىيەتلىك مىللىىي خاسلىقلاربولغاچقا،بۇ زېمىندا بەستلىشىش،تىركىشىش،غالىب كېلىش،زورلۇق كۈچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىندىغان تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ كۆپ خىل مەزمۇنغا ئىگە بولۇشى ئىجتىمائىي،مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىش ئىمكانىيىتى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى.
جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك،بۇ جەمئىيەت بۇمەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى بىلەن خاراكتېرى ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە خاسلىقى كۈچلۈك بولۇپ،باشقا ئەللەر مەدەنىيەتلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋەجەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ ۋە سۇپتىروپىك بەلباغ ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ،ھۆل-يېغىنى كۆپ،قۇياش نۇرى يېتەرلىك،دەريا-تاراملار گىرەلىشىپ كەتكەن ،تاغلار،تۈزلەڭلىكلەر يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ مۇنبەت زېمىنلارنىڭ بىرى،شۇنداقلا ئەڭ چوڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىك رايونى ھېسابلىنىدۇ.مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتلار بولغاچقا،خۇاشىيا ئەجدادلىرى يەندى،خۇاڭدى زامانىسىدىن باشلاپلا بۇ زېمىندا مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقىXXIئەسىردەجوڭگو جەمئىيىتى قۇللۇق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.شىيا سۇلالىسى (م.ب XXI ئەسىردە)،شىياڭ سۇلالىسى (م.بXVIئەسىردە)دەۋرلىردە جۇڭگو جەمئىيىتى ئىزچىل تەرەققىي قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمىنىيە دەۋرى ۋە يېغىلىق دەۋرلىرىدە قۇللۇق تۈزۈم تەدرىجىي يىمىرلىپ فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئاساسى شەكىللەندى. كۇڭزى،لىياۋزى،مېڭزى ئىدىيىۋى ئېقىملىرى پەيدا بولدى.ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ ئۆزئارا تىركىشىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە قانۇن ،تۈزۈم،ئۆلچەم سېستىمىسى، يېزىق ۋە پۇل بىرلىكى ئەمەلگە ئاشمىدى.ئاخىرى چىن شىخۇاڭ قورال كۈچى بىلەن قالغان ئالتە بەگلىكنى يوقىتىپ قانۇن،ئەمىر-پەرمان، ئۆلچەم سېستىمىسى،پۇل ۋەيېزىقنى بىرلىككە كەلتۈردى.بۇ تەدبىرلەر ئاخىرى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالدى.چىن سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ھوقوق مەركەزگە يىغىلغان،ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىي تۈزۈم ۋە فېئوداللىق جەمئىيەت بولۇپ،بۇ خىل سىياسىي فورما كېيىنكى ھەرقايسى سۇلالىلەر ئىزچىل ساۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سىياسىي ئەنئەنە بولۇپ قالدى. چىن شىخۇاڭنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 213-يىلى دېھقانچىلىق،تىبابەتچىلىك ،ھۈنەرۋ ە ن چىلىك،چىن سۇلالىسى تارىخى ۋە قانۇن-پەرمانلىرىدىن باشقا ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى ۋەباشقا ئىدىيىۋى ئېقىملارنىڭ كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈپ،كۇڭزىچە ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈشى كېيىنكى ئەركىن پىكىر تەرەققىياتىغا قاقشاتقۇچ زەربە بولدى.خەن سۇلالىسىنىڭ ئاساسىي زېھنىي كۈچىمۇ ھونلارغا تاقابىل تۇرۇش،غەربىي يۇرت بىلەن ئالاقە ئورنىتىش يولىغا سەرپ قىلىندى.ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىلادى589-يىلى سۈي ۋېندى جۇڭگونى قايتا بىرلىككە كەلتۈرگىچە جۇڭگو ئاساسەن بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگەجۇڭگو تارىخىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىي تۈزۈم ئاستىدىكى ھاكىمىيەت ئاپپىراتلىرىنىڭ كۆپ ۋە كېلەڭسىزلىكى،ئۇنىڭ ئاۋام تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى كونتىرول قىلىپ جانلىقلىقنى بوغۇشى ،شىمالدىكى چارۋىچى قوۋملارنىڭ XVI ئەسرگىچە داۋاملاشقان پاراكەندىچىلىگى،سەددىچىن سېپىلىنى ياساش،رېمونت قىلىش چىقىمى،تۈرلۈك ئالۋاڭ،باج-سېلىقلار ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان دائىم كۆرۈلىدىغان دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە ھاكىمىيەت ئالمىشىشلار سەۋەبىدىن جەمئىيەت تىنىچ بولمىدى.ئاددىي خەلىق ئوخشاش بىر دەۋردىكى قەدىمكى يۇناندا ئاۋام خەلىق ئېرىشكەن تەربىيلىنىش،ئەركىن پىكىر قىلىش،شەخسىي مەنپەئەت،قەدر-قىممەت ۋە باشقا تېگىشلىك ھوقوقلارغا ئېرىشەلمىدى.شۇڭا،قەدىمكى جۇڭگو مەۋجۇت تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ،ئۇنى مۇقىم مەيدان-ئەسلىھەلىرى بولغان دائىملىق مەشىق،قەرەللىك مۇسابىقىسى بولغان تەرتىپلىك پائالىيەت شەكلىگە ئايلاندۇرالمىدى.
II
ئەمدى گرېتسىيىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك،مەيلى قانداق سەۋەبلەرنىڭ رول ئوينىشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىرقى نەتىجە سۈپىتىدە قارىغاندا،قەدىمكى يۇنانلىقلار بۇ ھەرىكەتنى نوقۇل چېنىقىش ۋاستىسى ۋە ھەربىي ئېھتىياج خاراكتېرىدىن ھالقىتىپ ئىجتىمائىي، مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمىغا ئايلاندۇرالىدى.بۇ ھەرىكەتنىڭ قانداق قىلىپ گرېكلار ھاياتىنىڭ جەلپكار نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە«ئولىمپىك ھەققىدى ساۋات»دېگەن كىتابتا تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن بولغاچقا، مەن ئالدى بىلەن ئاشۇ تارىخىي پاكىت ۋەمەلۇماتلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ،ئاندىن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى سۆزلىمەكچىمەن.
قەدىمىي مەدەنىيەتلىك ئەل گرېتسىيە ياۋروپانىڭ بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن شەرقىي تەرىپى ئىگەي دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ.دېڭىز قىرغاق بويلىرىنىڭ يەر تۈزۈلىشى ئويكەش بولغاچقا،بۇ يەرلەردىن ئېقىپ كىرگەن دېڭىز سۈيى يۇلتۇزدەك چېچىلىپ ياتقان«گرېتسىيە تاقىم ئاراللىرى»نى بويلاپ ئايلىنىپ ئېقىپ تۇرىدۇ.ئاراللار ئىچىدە ئاتتىكا يېرىم ئارىلى،پېلو پونىسى يېرىم ئارىلى ئەڭ چوڭ.قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نىڭ قاچان باشلانغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق.بار بولغان تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسەن،ئۇنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقىVIII-XIIئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.ھومىر داستانلىرى «ئىليادا» بىلەن «ئودىسسا»شۇ دەۋرگە ئىسپات بولالايدىغان بىردىنبىر تارىخىي ماتىرىياللار ھېسابلىنىدۇ.
«ئىليادا»داستانىنىڭ بىر قانچە جايلىرىداماھارەت مۇسابىقىسى تەسۋىرلەنگەن. بولۇپمۇ،«پاتروكلىسنىڭ كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىنىشى»دېگەن بابىدا ئىنتايىن جانلىق تەسۋرلەنگەن.«ئودىسسا»داستانىدىمۇ شەكلىجەھەتتىن ئوخشاش بولمىغان ماھارەت مۇسابىقىلىرى بايان قىلىنغان.قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى جايلىرىدا يېزا-ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغانىدى.يەرلىك ئاھالىلەر ئىنتايىن مېھماندوست بولۇپ داۋاملىق زىياپەت ئۆتكۈزۈپ،ئۇرۇق-تۇققان يارو-بۇرادەرلىرىنى كۈتۈۋالاتتى.زىياپەتتە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسول ئويناپ،مەدھىيە شېئىرلىرىنى ئوقۇشاتتى.زىياپەتتىن كېيىن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەتتى.ھومىر داستانلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە شۇ مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ماھارەت مۇسابىقىلىرىدىن جەڭ ھارۋىسى ھەيدەش، چېلىشىش، مۇشتلىشىش،يۈگۈرۈش،يورغىلاپ مېڭىش،دېسكا ئېتىش،نەيزە ئېتىش،ئوقيائېتىش، ئېلىشىش قاتارلىقلار بار ئىدى.تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلىشىچە،بىرىنچى قېتىملىق قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 776-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىن قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈرلەر بارغانچە كۆپەيگەن.مەسىلەن:ئوتتۇرائارىلىققا يۈگۈرۈش(ب.ب724-يىلى14-نۆۋەتلىك) .يىراققا سەكرەش دېسكا ئېتىش،نەيزە ئېتىش (ب.ب708-يىلىدىكى18-نۆۋەتلىكىدە)،بوكس(م.ب688-يىلىدىكى23-نۆۋەتلىكىدە)...
قەدىمكى يۇنانلىقلار كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلاتتى.ئىلاھلارغا ئاتاپ قىلىنغان نەزىر-چىراغلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.لېكىن پۈتۈن دۆلەت ۋە مىللەتكە ئورتاق بولغان دىنىي بايراملار تۆت بولۇپ،ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت چوڭ تەنتەربىيە ماھارەت كۆرسىتىش مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلاتتى.بۇلار بور ئېسىدىكى دودونا زىۋىس ئىبادەتخانىسى، فېشېسىدىكى دېلفى ئاپوللو ئىبادەتخانىسى،ئېلىستىكى ئولىمپىيە زىۋىس ئىبادەتخانىسىدىن ئىبارەت.بۇ تۆت چوڭ دىنىي مەركەزدە مەلۇم مۇددەتتە كاتتا نەزىر-چىراغ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى.كېيىن تەرەققىي قىلىپ ۋە ئۆزگىرىپ، ئولىمپىيە دىنىي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن نەزىر-چىراغ ۋە تەبرىكلەش بايرىمى قالغان ئۈچ دىنىي مەركەزدىن ئېشىپ كېتىدۇ ۋە زورئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.
شۇ مەزگىلدىكى ئولىمپىيە تەبرىكلەش بايرىمىدا ئاساسلىقى باش تەڭرى زىۋىسقا نەزىر-چىراغ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ،بۇ پائالىيەت تاۋاب قىلىش،تەڭرى،مالائىكىلەرگە مال-چارۋا قۇربانلىق قىلىپ،نەزىر-چىراغ بېرىش، شائىرلار شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىش، مەدداھلار تەبرىك سۆزى سۆزلەش،سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ،تەنتەربىيە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدىكى بىر خىل پائالىيەت تۈرى ئىدى.تەنھەرىكەتچىلەر قىپيالىڭاچ بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشاتتى.قەدىمكى گرېكلار قىپيالىڭاچ ھەرىكەت قىلىشنى بىر خىل ئالاھىدە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە مەدەنىيەت-سەنئەت دەپ تونۇپ،ئۇنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئىپتىخارى دەپ قارايتتى.ئۇلار روھ بىلەن تەننىڭ ساغلام ۋە گۈزەل بولۇشىنىڭ بىرلىكىنى تەكىتلەيتتى.قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللارنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمىغان ۋە مۇسابىقە كۆرۈشىنى چەكلىگەن. قۇللار، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ،تەڭرىلەرگە ساداقەتسىز ۋە بىھۆرمەتلىك قىلغانلارنى،چەت ئەللىكلەرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇر مىغان .كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈنمۇ مۇسابىقە تەسىس قىلىنغان.مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان بارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان،ھەمدە تىياتىرخانا،كاتتا يېغىن سورۇنلىرىدا ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس شەرەپ سەھنىسى تەسىس قىلغان.بەزى شەھەر دۆلەتلىرى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن،ئۆمۈرلۈك تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەرگەن.ئەڭ داڭلىق ماھىرلارغا ئاتاپ ھەيكەللەر تۇرغۇزۇلغان.يىغىن ھارپىسىدا پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر يۇناننىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىگە بېرىپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى،تەسىس قىلىنغان تۈرلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۇقتۇراتتى .يەنە«مۇقەددەس ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى»نى ئېلان قىلىپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە ھەرقانداق شەھەر دۆلەتلىرى،رايون ۋە قەبىلىلەرنىڭ بارلىق ھەربىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى،ئەگەر كىم خىلاپلىق قىلسا نۇرغۇن ئالتۇن جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرەتتى.ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرگۈچىلەرنى ھاقارەتلىگەن ۋە ئۇلارنى تەڭقىسلىقتا قويغانلارغا ئالتۇن جەرىمانە قويۇلاتتى.
ئولىمپىك تەبرىكلەش بايرىمىنىڭ تەنتەربىيەماھارەت مۇسابىقىسى بەكمۇ كەسكىن ۋە كۈچلۈك مۇسابىقە خاراكتېرىنى ئالغاچقا،تاماشىبىنلارنى ئەڭ كۆپ جەلپ قىلىپ، كىشىلەرنى ئەڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن .شۇڭا كىشىلەرئۇنى ئولىمپىيە مۇسابىقىسى دەپ ئاتاشقان...
كېيىنچە پادىشاھ،ئاق سۆڭەك،قۇلدارلار ئۆزشەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىش،شۆھرەت قازىنىپ ھوقۇقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى باھادا تەنھەرىكەتچىلەرنى سېتىۋېلىپ مۇسابىقىگە سالغان.تەنھەرىكەتچىلىك بىر خىل مەخسۇس كەسىپكە ئايلانغان.سېتىۋېلىنغان تەنھەرىكەتچىلەر يىل بويى مەخسۇس تۈر بويىچە مەشىق قىلغان.«كەسپىي تەنھەرىكەتچى»لەر دېگەن سۆز ئاشۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەن.يۇقىرى باھادا تەنھەرىكەتچىلەرنى سېتىۋېلىش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلىشىشقا ئەگىشىپ،مۇسابىقىدە ساختىپەزلىك قىلىش، باشقىلار نىڭ زىيىنى ھېسابىغا ئۆزى پايدا ئېلىشتەك بولمىغۇر ئەھۋاللار كۆپىيىشكە باشلىغان. داڭلىق بىر تەنھەرىكەتچى بۇ قېتىم مەلۇم بىر شەھەردۆلىتىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشسا، كېلەر قېتىم يەنە بىر شەھەر دۆلىتىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشاتتى.بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگەبولغان ھەۋىسى ۋە ئېتىبارىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى ھەمدە بۇرۇنقىدەك ئۆزشەھىرى ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرۈشتەك شەرەپ تۇيغۇسى ۋە ئىلاھ زىۋىسقا چەكسىز سېغىنىپ ئېتىقاد قىلىشتەك سەمىمىي، ساداقەتلىك ھېسسىياتلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغانىدى.ئولىمپېيە تەنھەرىكەت يىغىنىمۇ شۇ دەۋرگە كەلگەندە ئەسلىدىكى مۇقەددەس نەزىر-چىراغ بېرىش مۇراسىمى سۈپىتىدە پۈتۈن مىللەتكە ئورتاق بولغان بايرام ھېسابلانمايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ خەلىق قەلبىدىكى ئورنىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە باشلىدى.بۇ دەۋرلەردە قۇلدارلار ئارا ئۇرۇش ۋە ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى ئارىسىدا جەڭگى-جېدەل كۆپەيدى.ئاخىرىدا ئافىنا بىلەن سىپارتا شەھىرى يۇناننىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى تالىشىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان«پېلوپوننىس ئۇرۇشى»نى ئېلىپ باردى.بۇ ئۇرۇشقا ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى سۆرەپ كىرىلدى.ئۇرۇشتا ئوموميۈزلۈك ئاجىزلىغان يۇناننى ئاخىرى ماكىدونىيە بېسىۋالدى.شۇنىڭدىن باشلاپ قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلى زاۋاللىققا يۈزلەندى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 146-يىلى رىم ئىمپىرىيىسى ماكىدونىيىنى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن،يۇنان رىمنىڭ بېقىندىسىغائايلىنىپ قالدى .بۇ ۋاقىتتا «ئولىمپىيە مۇسابىقىسى» غا پەقەت يۇنانلىقلار قاتنىشىدۇ،دېگەن ئەنئەنە بۇزۇپ تاشلىنىپ،مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەتچىسى بولسۇن ئوخشاشلا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولدى. رىملىقلار يەنە مۇسابىقە تۈرىگە ھايۋانلار (كالا،شىر،يولۋاس)بىلەن ئېلىشىشنى كىرگۈزۈش بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرەپ كەتتى.رىملىقلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 80-يىلىدىن175-نۆۋەتلىك ئولىمپېك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە مەجبۇرىي ئۆتكۈزدى.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ھەرىكەتنىڭ مەززىسى قالمىدى. مىلادى395-يىلى ئالفىي ئەتراپىدىكى جەڭدە ۋىزانتىيىلىكلەر بىلەن گودلىقلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن جەڭدە،ئولىمپېيە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئورنى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. مىلادى426-يىلى دېئودوسII خىرىستىئان دىنىنىڭ نامىدا،ئولىمپېيە ئىبادەتخانىسىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. مىلادى 522-يىلىۋە 551-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشتە ئولىمپېيە يېزىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ھەتتا بىر بۆلەك قۇرۇلۇشلار يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالدى. شۇنداق قىلىپ293نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن،مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، قەدىمكى زامان ئولىمپېك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كىشىلەر قەلبىدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى.
III
ئەمدى بۇھەرىكەتنىڭ بۇ جايدا پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلارنى ئىزدەپ كۆرەيلى:ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى تۆۋەن،ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئاددىي بولغاچقا،ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرى ،ئەتراپىدىكى چەكلىك دائىرىدىلا بولاتتى.يەنە كېلىپ ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئۆزئارا قارشىلىشىش،قۇل قىلىش ۋە ئۇرۇش ھالىتىگە كەلمىگەن ،بەلكى كۆپىنچە ھالدا ئادەملەر بىلەن ھايۋانات توپى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلغان بولۇپ،بۇ ئوۋ قىلىش بىلەن ئوۋ قىلىنىش،يەم قىلىش بىلەن يەم بولۇش مۇناسىۋىتى ئىدى.ئىنسانلارنىڭ ياشاش يولىدىكى ھاياتىنى مەلۇم مەزمۇنغا ئىگە قىلىش يولىدىكى بارلىق ئۇرۇنۇش لىرىنىڭ،تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىنسانلار ئاخىرى سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرىپ كەلدى.قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ ماددىي ئاساسى شۇكى،ئىنسانلار ئەمدى ئىلگىركىدەك نوقۇل مېۋە-چېۋە يىغىش، ئوۋچىلىق بىلەنلا تۇرمىشىنى قامدىماي،بەلكى ئۆي-جاي،شەھەر،قەلئە سېلىپ ئولتۇراقلاشتى.يەر ئېچىپ زىرائەت تېرىدى. بۇ سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق بىر جەريان كەتتى،ئەلۋەتتە.ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ بىز ئىنسانلارغا قالدۇرغان مەڭگۈلۈك يالدامىسى بولغان«ئاچلىق ۋەھىمىسى»پەيدا قىلغان ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك ،ۋەمال-دۇنيا ھېرىسمەنلىكنىڭ كۈچىيىشى بىلەن،ھەرقايس ئىنسان توپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدىنلا بار بولغان تۈرلۈك ئۇقۇشماسلىق ۋە چۈشىنىش مەسلىك كەيپىياتى،ئاخىرى ئۆچمەنلىك ،ئۇرۇش،بۇلاڭ-تالاڭ ۋە قۇل قىلىش بىلەن نەتىجىلەندى.
دېمەك،سىنىپىي جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ئۆچمەنلىك، قارشىلىشىش، قۇل قىلىش،قۇل قىلىنىش مۇناسىۋىتى بولدى . يەنە كېلىپ ئەقلىي كۈچ ۋە تەپەككۇر كۆپرەك تەكىتلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا، ئاشۇ يىراق قەدىمكى زاماندىكى جۇشقۇن ،رومانتىك دەۋرلەردە جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن جەڭگىۋارلىق قاتتىق تەكىتلىنەتتى،چۈنكى ئۇ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى ئىدى.ئۇنىڭغا ماس ھالداجەڭگى-جېدەللەرمۇ تۈگىمەيتتى. قىزىقارلىقى شۇ يەردىكى،قەدىمكى ئاشۇ تۈگىمەس جەڭگى-جېدەللەرگەتولغان دۇنياغا روشەن سېلىشتۇرما ھالدا،قەدىمكى يۇناندا نىسبەتەن مۇقىم بولغان تىنىچ دەۋر بولغانىدى .يەنى گرېتسىيىنىڭ تەبىئىي شارائىتىدىن ئالغاندا بۇ جايدىكى ھايۋانلارنىڭ تۈر خىلىغا قارىغاندا بەك ئاز بولغاچقا، ئۇلار ناھايىتى بالدۇرلا قاينام-تاشقىنلىق سودا جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى.ئۇلاردا ئىجتىمائىي پەرىق چوڭ،ئېزىش بىلەن ئېزىلىش ئېغىر ئىدى.قىسقىسى،زور تۈركۈمدىكى ئەركىن خەلىق بىلەن قۇللار توپى تەڭ مەۋجۇد ئىدى. مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى سۈپىتىدە قەدىمكى گرېكلار كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە قارىغاندا،شەخسنىڭ قەدر-قىممىتى،رولى، مەنپەئىتى ۋەئىجادچانلىقىنى مۇھىم بىلەتتى. قۇللاردىن باشقىلار ئەركىن خەلق بولۇپ،تولۇق گراژدانلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. سپارتاچە ھەربىي تۈزۈم بىلەن دېڭىز سودىسىنى ئاساس قىلىدىغان دېمكوراتىك ئافىنا شەھىرى يۇنان جەمئىيىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى.بۇھەقتە ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:«قەدىمكى يۇناندا قانداشلىق ۋەئۇرۇق،جەمەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئاساس قىلغان جەمئىيەت تۈزۈلمىسى بالدۇرلا يىمىرىلگەنىدى.ئۇلارنىڭ شەھەر-دۆلەتلىرىنى مەركەز قىلغان فېدىراتسىيە ئەندىزىسى بىر خىل بېكىك ھالەتتىكى نوقۇل تېرىم جەمئىيىتى ئەمەس،بەلكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن جانلىق سودا جەمئىيىتى ئىدى.تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى،دېڭىز قاتنىشىنىڭ راۋانلىقى،زور تىپتىكى كۆچمەن ئاھالىلەرنىڭ تىنماي ئولتۇراقلىشىشى بۇ يەردە قانداشلىق شەكلىدىكى ئۇرۇق-قەبىلە تۈزۈمىگە ئورۇن بەرمىگەنىدى.بۇنىڭ نەتىجىسىدەئۇلار قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا قانۇنىي شەكىل ۋە ئىجتىمائىي ئەھدىنامە ئارقىلىق مۇئەييەن سىياسىي ئەندىزىگە ئۇيۇشقان،ئەمما شەخس،سۇيبېكت،ئىجتىمائىي بىرلىكلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان دېمكوراتىك تۈزۈلمىنىڭ ئۈندۈرمىلىرى شەكىللەنگەنىدى»⑤
قىسقىسى،قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەردۆلەتلىرى بىر-بىرىنى يوقىتىۋېتىشنىڭ ئىمكانىيىتىنى تاپالمىدىمۇ ياكى ئورتاق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇپ يەتتىمۇ،ۋە ياكى يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي ئەھدىنامە،ئىتتىپاق شەرتنامىلىرى رول ئوينىدىمۇ،ئىشقىلىپ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن قەدىمكى گرېك دۇنياسى مىلادىدىن بۇرۇنقىVII-XIIئەسىرلەردە شەكىللىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقىVIئەسىردەگۈللىنىپ«ئالتۇن دەۋر»گە كىرگەن قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىللىرىدە بولسۇن،ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى دېمكۇرىت، ھېبپۇگىرات،ئېۋكىلىت،ئارخىمىد،سوقرات،پىلاتون ۋە ئارىستوتىلنى بەلگە قىلغان پارلاق گرىك مەدەنىيىتىنى يارىتىلغان شانلىق دەۋرلەردە بولسۇن،ئۇزاق مۇددەتلىك ئىچكى مۇقىملىق ۋە سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىماسلىقتەك مۇقىم،تىنىچ دەۋر بولغانىدى . يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا،قەدىمكى دۇنيادا جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن جەڭگىۋارلىق مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاساسى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ سىياسىي مۇقىملىق بىلەن تەندىكى ئۇرغۇپ تۇرغان قان، بىلەكلەردىكى كۈچ،روھتىكى قۇدرەت ۋە پارقىراپ تۇرغان قىلىچ-نەيزىلەرنىڭ فۇنكىتىسىيىسى ئۆزئارا ئۇدۇل سوقۇلدى .دەل مۇشۇ پارتلاشتا تەنتەربىيە ھەرىكىتى نۇقۇل چېنىقىش ۋە ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجى خاراكتېرىدىن ھالقىپ ئۆتتى.ئۇنىڭ رېئال ئەمەلىيىتى سۈپىتىدە ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆزئارا قىرغىنچىلىققىمۇ ئېلىپ بارمايدىغان،ئوخشاشلا روھ ،تەن،بىلەكلەردىكى قۇدرەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىمۇ ھېس قىلدۇرالايدىغان شەكىل،ئىس-تۈتەكسىز جەڭ-ماھارەت تەنتەربىيىسى شەكىللەندى .
ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىغا تەۋە بولغان قەدىمكى دۇنيادا،بۇ قەدەر تەرتىپلىك، سىستېمىلىق ،ھەرىكەت شەكلىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بەلكىم بىر تەسادىبىيلىقتۇر ياكى تارىخىي مۇقەررەرلىكتۇر.بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك ناھايىتى تەس.ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن،قەدىمكى گرېك دۇنياسى،مەلۇم بىر ھەرىكەت ياكى ئىجتىمائىي ھادىسنىڭ پەيدابولۇپ كامالەت تېپىشىغا زۆرۈر بولغان ئاساسىي شەرتلەر نى ھازىرلىغانىدى.بۇ تۆۋەندىكى بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. توپلاشقان شەھەرھاياتى ۋە مەلۇم كۆلەمدىكى دېھقانچىلىق رايونى.
2. ئۇزاق مۇددەتلىك تىنىچلىق ۋە سىياسىي مۇقىملىق
3. دۆلەت،مىللەت پىسخىكىسىدىكى قەيسەر،جۇشقۇن،جەڭگىۋار روھ.
4. دىنىي ئېتىقاد،ئەدەبىيات-سەنئەت،سىياسىي مەسلەك ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدىكى ئەركىنلىك ۋەدېمكوراتىك ئىستىل.
5. ئېچىۋېتىلگەن قاينام-تاشقىنلىق سودا جەمئىيىتى
شۇنداق قىلىپ گرېكلار ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ بۇ ھەرىكەتنى ئۇنۋىرسال پائالىيەت شەكلىگە ئايلاندۇرالىدى مەدەنىي تۇرمۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرەلىدى...
IV
مىلادى476-يىلى غەرىبتىكى بۈيۈك دۆلەت غەربىيرىم ئىمپىرىيىسى،قۇللار قوزغىلىڭى ۋە ھون،گېرمان قاتارلىق ئاتالمىش«ۋار-ۋارمىللەتلەر»نىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى.بۇ ياۋروپادا قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئاخىرلىشىپ فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خارابىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەرقايسى فېئوداللىق كورۇللار، جەمئىيەت تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن ئالدىغا زور بىر قەدەم تاشلىغان بولسىمۇ، تۇرمۇشقا ئۇنىڭدىن بۆلەك جانلىقلىق ئېلىپ كېلەلمىدى.ئوخشاشلا ھۆكۈمران ئورنىغا ئۆتكەن خىرىستىئان دىنىمۇ ياۋروپانىڭ يۇنان مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن شۆھرىتى بىلەن ئەقلىي تاكاممۇللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. بەلكى دىنىي چەكلىمە،ئەخلاقىي قۇللۇق بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئۇزاق بىر قاراڭغۇ دەۋرنى باشتىن كەچۈردى.ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەشۇ مۇدھىش كۈنلىرىدە،خىرىستىئان دىنى ئەقىدىلىرىگە خىلاپ بولغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەر چەكلەندى.ئىدىيە ئازادلىقى،ئەركىن پىكىر تەرەپدارلىرى بىلەن قەدىمكى مەدەنىيەتكە سېغىنغۇچىلار «دەھرى»لىكتە ئەيىبلىنىپ ئوتقا تاشلاندى.قىسقىسى،ياۋروپادا ھۆكۈمران ئېتىقادقا ئايلانغان خىرىستىئان دىنى قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى چەكلەپ يوقۇتۇپلا قالماي،بەلكى يېڭى ئىدىيە،يېڭى بايقاشلارنىمۇ دىنىي ئەقىدىلەرگە خىلاپ دەپ بۆشىكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇپ كەلدى.يۇنان-رىم دەۋرىدە كۆرۈلگەن شەخسنىڭ قەدر-قىممىتى،ئورنى،رولى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپاغا مۇۋەپپىقىيەتلىك بېسىپ كىرگەن ھونلار،ئەرەبلەر ۋە تۈركلەر نىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىمۇ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئامالسىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى.بۇنداق ئاجىزلىق ۋە ئامالسىزلىقنىڭ نەتىجىسى ئومۇمىي ئۈمىدسىزلىك ۋەچۈشكۈنلۈك بولدى.گەرچە ئارىلىقتا ئەھلى سەلىب يۈرۈشلىرى بولغان بولسىمۇ،ئومۇمەن ئالغاندا،پۈتكۈل ئوتتۇرا ئەسىردە شەرق-غەرب(ياۋروپا بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى)بەل تۇتۇشىدا،شەرىق ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ كەلدى.بۇنداق ئاجىزلىق، مەغلۇبىيەت، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، بۇرۇختۇرمىلىق كەيپىياتى ۋە باشقا سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدە، غەربلىكلەر ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانىتىك مەدەنىيىتى بولغان كىلاسسىك گرېك مەدەنىيىتىنى قايتا تېپىۋالدى. بۇنداق ئۇلۇنۇش XIV ئەسىردە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن دىنىي ئىسلاھات، تەبىئىي پەنلەرنىڭ گۈللىنىشى،مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى ۋە سانائەت دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈردى.يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە ئىنساننى سۆيۈش،ئىنسانىي باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىرىستىئان دىنىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە زىت بولغان ئەقىدىلىرىگە قارشى تۇردى.تەقدىرچىلىك،زاھىدلىق قاراشلىرىنى رەت قىلىپ ھۆر پىكىر ۋە ئىرادە ئەركىنلىكىنى تەكىتلىدى. ياۋروپا گۇمانىزىمچىلىرى خىرىستىئان دىن جەمئىيىتىنىڭ«تەن روھنىڭ گۇندىخانىسى»دېگەن تەدبىرگە قارشى«ساغلام روھ ساغلام تەندە بولىدۇ»دەپ جاكارلاپ،قەدىمكى گرېكلارنىڭ تەن ۋە روھنى ماسلاشقان ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك،تەنتەربىيە كۆز قارىشى ۋە ئالىيجاناپ ماھارەت مۇسابىقىسىگە بولغان تەلپۈنىشىنى ئىپادىلىدى.
XIX- ئەسىرنىڭ30-يىللىرىدا سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئورۇندىلىشى نەتىجىسىدە،ئىجتىمائىي ئەمگەكنىڭ ئۈنۈمى ھەسسلەپ ئاشتى،كاپىتال ۋە مەھسۇلات كۆپەيدى،بازار كېڭەيدى،شەھەرلىشىش سۈرئىتى تېزلەشتى،داۋالىنىش شارائىتى ياخشىلاندى،پەن-مائارىپ ئومۇملاشتى.يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ياۋروپادا پادىشاھ مۇستەبىتلىك تۈزۈمى تەدرىجىي يوقىتىلىپ، پادىشاھ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ۋە دېمكوراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقلۇقلىرى ياشاش،مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى،تەربىيلىنىش،سايلامغا قاتنىشىش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سىياسىي مەسلەكلىرىنى ئەركىن بەلگىلەش، سۆز،مەتبە ئەركىنلىكى كاپالەتلەندۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ غەرىبلىكلار فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىىۋەتلىرى بىلەن خىرىستىئان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ روھىي بويۇنتۇرۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ،ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى تاڭىدىغان دەۋرگە كىرىپ كەلدى.
ئىنسانلار بارلىق ساھەلەردە داۋاملىق ئىلگىرلىدى. ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش،تەتقىقات ۋەسەنئەت پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.ئىلىم-پەننىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا تەدبىقلىنىشى ئارقىسىدا كۆپلەپ ماددي بايلىق يارىتىلدى.قورال-سايماننىڭ ياخشىلىنىشى،مەھسۇلاتلارنىڭ ئېشىشى،جىسمانىي ئەمگەكنىڭ ئازلىشىشى ۋە ئېشىنغان ئەمگەك ۋاقتى،قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جاپالىق تىرىكچىلىك ئۇسۇلى پۈكۈۋەتكەن قەددىمىزنى رۇسلىۋېلىشىمىزغا،دىمىققان ھېسلىرىمىزنى ئويغىتىشىمىزغا تۈرتكەبولدى.«توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ» دېگەندەك، ماددي بايلىققا تويۇنغان ئىنسان ئىستېتىك زوق،مەنىۋى ھۇزۇرغا تەشنا ئىدى.مۇشۇنداق كەيپىيات ۋە ئېھتىياجلار تۈرتكىسىدە تەنتەربىيە ھەرىكىتى جانلاندى.
دەسلەپتە يەككە تۈرلەر جەمئىيەتلىرى ئۆزئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ باردى. مەسىلەن :XVئەسىردە ياۋروپادا «قىلىچۋازلىق جەمئىيىتى»⑥قۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا1881-يىلى«ياۋروپا گىمناستىكا بىرلەشمىسى»،1982-يىلى «خەلىقئارا قولۋاق ھەيدەش بىرلەشمىسى»«خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى»⑦قۇرۇلدى.ئاخىرى كۇبىرتىن باشچىلىقىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر نىڭ تونۇشتۇرۇشى،تەشەببۇسى،كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۆچكىلى1500 يىل بولغان قەدىمكى زامان ئولىمپىك روھى دەۋرىمىزگە ئېلىپ كىرىلدى ۋە ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.شۇنىڭدىن باشلاپ بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان،دۇنيا مىقياسىدا جانلىنىۋاتقان تەنتەربىيە ھەرىكىتى باشلاندى.ئۇنىڭغا ماس ھالدا ئاساسىي مۇئەسسەلەر،قۇرال-سايمانلار ياسالدى.كەسپىي ئاپپاراتلار ،مۇلازىمەت كەسىپلىرى،تەنتەربىيە ئەدەبىياتى ۋە تەنتەربىيە سودا-سانائىتى شەكىللىنىپ،ئۇنۋېرسال مەزمۇنغا ئىگە كۆپ خىل ئىقتىدارلىق سىستېما بارلىققا كەلدى.
ھازىرقى زامان تەنتەربىيىسى چېنىقىش ئۇسۇلى ۋە چېنىقىشتىكى مەقسىدىگە قاراپ«بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن:ئاستا يۈگۈرۈش،تەيجىچۈەن قاتارلىق؛تەننى گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىدىكىلەر،بەدىئىي گىمناستىكا، بەدەن گۈزەللىكى ھەرىكىتى دېگەندەك؛كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكىلەر،بېلىق تۇتۇش.شاھمات ئويناش، بىليارت ئويناش دېگەندەك؛ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدىكىلەر ،پۇتبول،بوكىس،يېنىك ئاتلىتكا،چاڭغا تېيىلىش قاتارلىقلار؛ تىك قىيادىن سۇغا سەكرەش،تاغقا چىقىش،ئىسسىق يەل قاچىلانغان شارغا .ئولتۇرۇپ ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈش قاتارلىق غەيرەتنى ئاشۇرۇپ ئىرادىنى تاۋلاش،قاراملىق قىلىپ مۆجىزە يارىتىشتەك تەۋەككۈلچىلىك تۈرىدىكىلەرگە بۆلۈندى» ⑪.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوغلاق تارتىشىش،چامباشچىلىق،بۇقا بىلەن ئېلىشىش دېگەندەك رايون خاراكتېلىق تۈرلەر، دۇنيا جېنىس رېكورتى تۈرلىرى ۋە قۇلاقتا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى،گازىرنى يىراققا تۈكۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق رەڭگارەڭ غەيرىي رەسمىي تۈلەرگە بۆلۈندى.بەزى تۈرلەر نۇرغۇن مەبلەغ ،مەيدان، ئەسلىھە،سېستىمىلىق مەشىق تەلەپ قىلىدۇ.بەزى تۈرلەر ئارتۇق تەلەپ قويمايدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا،دۇنيا ھازىرقى زامان تەنتەربىيىسى كۆپ خىل مەزمۇن، شەكىل، ئۇسلۇب ۋە قاتلام بويىچە تەرەققىي قىلىپ ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ جۇشقۇنلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
V
مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى سۈپىتىدە ھازىرقى ئىنسانلار شوخلۇق،جۇشقۇنلۇق ۋەجاسارەتكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر دەۋر كىشىلىرىگە قارىغاندا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.چۈنكىXXئەسىردە ئىنسانلارنىڭ بىلىشى پارتلاش دەرىجىسىگە يەتتى.ئاتوم ئېنىرگىيىسى،ھاياتلىق ئىلمى،ئېرسىيەت ۋە گېن تەتقىقاتى،ئۇچۇر ئىلمى، ئېلىكترونلۇق مېڭە تەتقىقاتى،جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى،كېلون تېخنىكىسىدا ھاياتلىقنى ياساش قاتارلىقىلار ئىنسانلارنى گاڭگىرتىپ قويدى.ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسان قەلبىنى زىدە قىلدى.ئىقتىسادىي ئۈنۈم،پۇل ۋە مەنپەئەت قوغلاشقان جەمئىيەت كىشىلەر ئارىسىدا شەپقەتسىز رىقابەتنى ئۇلغايتىپ،مېھرىبانلىق،كۆيۈنۈش،ئۆزئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى يوقىتىپ باردى.ئېكوئولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈر،خىلىنىڭ ئازىيىشى،دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىۋاتقان شەھەرلىشىش سۈرئىتى كىشىلەرنى تەبىئەتتىن ئايرىپ،مەنىۋى يالغۇزلۇق تۇيغۇسىغا دۇچارقىلدى.جىسمانىي ئەمگەكنىڭ ئازلاپ ئەقلىي ئەمگەكنىڭ كۆپىيىشى،تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلىشىشى،ئەرلەرنى ئەركەك تۈكلىرىدىن مەھرۇم قىلدى.ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوخشاش بولۇشى،ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى باراۋەرلىك ئەر-ئاياللارئوتتۇرىسىدىكى خاراكتېر پەرقىنى يوقىتىپ باردى .بىلىمنىڭ كۆپىيىشى،تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ زېرىكىش،مەنىسىزلىك،تەشۋىش، ۋەھىمە يېيىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانماقتا.زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ روھىي ھالىتى ھەققىدە ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:«زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇرەسسەسىز پوزىتسىيىسى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى كۈنسېرى ماددىي مەئىشەتنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ،روھىيىتىنى قۇرۇقداپ،ئېچىرقىغان ۋۇجۇدىنى چەكسىز ۋەھىمە ۋە كىرىزىس ئېڭى بىلەن سۇغاردى .مىليونلىغان ماددىي بايلىقلارنى ئاپىرىدە قىلىپ ئىنسان جىسمىنى تويۇندۇرغان مەدەنىيەت ئويلىمىغان يەردىن روھىيەتنى دىۋانە قىلىپ قويدى. ماددىي بايلىق بىلەن روھىي كەمبەغەللىك،ئەقلىي كامىللىق بىلەن ھېسسىي ئىنتىزارلىق، ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلەن مەنىۋى ئىشەنچ ئوتتۇرىسىدىكى كۈن ساناپ كۈچىيىۋاتقان ھاڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان يوچۇقلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى »⑫.بۇنداق ئومۇمىي بەخىتسىزلىك، مەنىسىزلىك ۋە زامانىۋى غېرىبلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ھەل قىلىش چارىلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.بۈگۈنكى غەرب دۇنياسىنىڭ تەنتەربىيە قىزغىنلىق ىبىلەن مۇسابىقىدىكى زىل-زىلىسى زامانىۋى غېرىبلىقتىن قۇتۇلۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش،قەلىبنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش،يىراق قەدىم دەۋرلەرنىڭ شوخ، جۇشقۇن، رەڭدار رومانتىك ھاياتىغا سېغىنىش ھېسسىياتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى...
يۇقىرىدا تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ پەيدا بولۇشى،راۋاجلىنىشى،ئۇنىڭ ھەرقايسى ئەل،ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئاساسىي مەزمۇنى بىلەن ئىپادىلىنىش شەكلى (خاراكتېرى ) ھەققىدە توختالدۇق.شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ۋە يېقىنقى زاماندىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى قايتا جانلاندۇرۇپ دەۋرىمىزگە ئېلىپ كىرگەنلىكى ھەققىدە سۆزلىدۇق.قىسقىسى،بۇ ھەرىكەت قەدىمكى دۇنياغا نىسبەتەن پەقەت گرېتسىيىدىلا ئۆز تاكاممۇللىقىنى تاپقان،يەنى ئۇ پەقەت گرېتسىيىدىلا ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالىغان،مەدەنىي تۇرمۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلىگەن،شۇنداقلا يۇنان مائارىپىنىڭ بىر قىسمى بولغان،يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ،غەرب مەدەنىيىتى،ئىلىم-پەنى،سەنئىتى،قىممەت ئۆلچىمىنىڭ دۇنياغا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ،بۇ ھەرىكەتمۇ دۇنياغا تارىلىپ ئومۇملاشتى.
VI
ئەمدى،ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەھۋالىمىزغاكەلسەك،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە قاتناشقان ئالتاي تىللىرى مەدەنىيەت چەمبىرىگىدىكى ھەرقايسى قەبىلە-ئۇلۇسلار ئوتتۇرا شىمالىي ئاسىيانىڭ مۇرەككەپ،كۆپ قىرلىق ئىقلىم شارائىتىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنىدى.گەرچە تارىم ۋادىسى بىلەن ماۋرائۇننەھىر رايونىدا مىلادىدىن ئىلگىرىلامۇقىم ئولتۇراقلاشقان بوستانلىق ھاياتى مەلۇم كۆلەم شەكىللەندۈ رگەن بولسىمۇ،ئەمما پۈتكۈل ئوتتۇرا شىمالىي ئاسىيادا چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى.بۇ خىل ئىگىلىك تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە ئاساسىي ئېقىم بولغانىدى.دۇنيا تارىخىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئىنسايەتنى ياۋايىلىق دەۋرىدىن مەدەنىي دۇنياغا ئېلىپ كىرىشتە دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەھەر ھاياتى ناھايىتى مۇھىم،ھەتتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانىدى.تارىختىكى بۈيۈك مەدەنىيەتلەرمۇ ئاشۇ تېرىم ئىگىلىكى رايونىدا بارلىققا كەلگەنىدى.ئوتتۇرا شىمالىي ئاسىياغا نىسبەتەن بۇ شەرتلەر ھازىرلانمىغان بولغاچقا،بۇ رايوندا مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى بولغان تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ قەدىمكى يۇناندىكىدەك سېستىمىلاشقان، مۇنتىزىملاشقان، كەسىپلەشكەن ھالەتكە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.بەلكى يايلاق تۇرمۇشىغا ماس ھالداچەۋەندازلىق،ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش... دېگەندەك قىسمەن كۆڭۈل ئېچىش ياكى قەبىلە-ئۇلۇسلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىدا،توي مۇراسىملىرىدا ياكى باشقا ئالاھىدەكۈنلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى.ئومۇمەن ئۇ كۆڭۈل ئېچىش،ھەربىي ئېھتىياج خاراكتېرىدە ئىدى.
مىلادى840-يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيىدىن غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، مىللىتىمىز ھاياتىدا شەھەر تۇرمۇشى بىلەن تېرىم ئىگىلىكى ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىۋېلىشى بىلەن رايونىمىزنى قاپلىغان مەزھەپچىلىك، سوپى-ئىشانلىق،تار يۇرتچىلىق،سىياسىي تەلۋىلىك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك تەتۈرلۈك ۋە دەلدۈشلۈكلەر نەتىجىسىدە جەمئىيەت تەرتىپىمىز بۇزۇلدى، ئىجتىمائىي ئەخلاق ئاساسىمىز،ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز يوقالدى.ئەقلى قۇۋۋىتىمىز،ئاڭ سېزىمىمىز پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلەپ كەتتى.نۇرغۇن كىشىلەر رېئال تۇرمۇشتىن كېچىپ،زاھىتلىق،سوپى-ئىشانلىق قەلەندەر-دەرۋىشلىك يولىغا ماڭدى. جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ بۇ قەدەر دەھشەتلىك بۇزۇلۇشى سەۋەبلىك،نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆزىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرقى زامان مىللىتى تامان يۈزلىنىۋاتقاندا، بۇنىڭ ئەكسىچە مىللىتىمىز دەۋرنىڭ كەينىدە قالدى.نەتىجىدە تۇرمۇشىمىزدا ئەزەلدىن سۇس ئىپادىلىنىۋاتقان تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن تەنتەربىيە ئېڭى تۇرمۇشىمىزدا ئىپادىلىنىشتىن تامامەن قالدى.
مىللىتىمىز ۋە رايونىمىزدا ھازىرقى زامان تەنتەربىيە ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىغا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى بولغان جەدىتىزىم ھەرىكىتى ناھايىتى زور رول ئوينىغانىدى.XIXئەسىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى ئىسلام دىنىنى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇش،ياۋروپا مەرىپىتىنى ئۆگىنىش،ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپىغا تەبىئىي پەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە مۇشۇ ئاساستا «ئۇسۇلى جەدىت» مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.بۇ ھەرىكەتXIXئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ،رايونىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.1885-يىلى مىللىي بۇرۇژئازىيىنىڭ سەردارى ئاتۇشلۇق مۇسا بايۇپلار جەمەتى دىن بىلەن پەن بىرلەشتۈرۈلگەن «ئۇسۇلى جەدىت»مەكتىپى«ھۈسەينىيە»مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقتى. ئابدۇقادىر داموللام شۇ چاغلاردا ئېقىپ يۈرگەن غىتمەك موللىلا چىقارغان«ئۇسۇلى جەدىت ھارام،ئۇنى ئۆگىنىش گۇناھ»دېگەن پەتىۋانى «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ،ئۇنى ئۆگىنىش زۆرۈر»دەپ تۈزەتتى.شۇنداق قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان پەن-مائارىپى بىلەن قوراللىنىشقا ماددىي ئاساس ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس تۇرغۇزۇلدى...
مۇشۇنداق ئاساس ۋە تىرىشچانلىقلار بولغاچقا،1885-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپى199-يىلىغىچە شىنجاڭ مىقياسىدا دەسلەپكى كۆلەم شەكىللەندۈردى.تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەھۋالمۇ خۇددى شۇنداق . بۇ باسقۇچتىكى تارىختا ھۆكۈمەت خاراكتېرلىق تەنتەربىيە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى،ئۇل مۇئەسسەلەر، كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر،ھەردەرىجىلىك قەرەللىك مۇسابىقىلەر ئومۇمەن بولغان ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان تۈرلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇۋاتقان بولغاچقا،بۇ ساھەدە چېلىشىش،ئات بەيگىسى،ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق يەرلىك ئەنئەنىۋى تۈرلەر مۇتلەق ئۈستۈلۈكتە ئىدى.گەرچە ئومۇمەن كەيپىيات ئەشۇنداق بولسىمۇ1927-يىلى قەشقەر سەمەندە،ئاتۇش ياشلىرى بىلەن ئەنگىلىيە بىلەن شىۋېتسىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا كوماندىسى ئۆتكۈزگەن ئەشۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقەھازىرقى زامان تۈرلىرىنىڭ ھەيۋىسى،جەلىپكارلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانىدى،شۇنداقلا ئاشۇ تەڭسىز يىللاردىكى خەلىقنىڭ چۈشكۈن روھىغا ئۈمىد بېغىشلىغانىدى.بۇ خەلقىمىزنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى غەلىبىسى ئىدى.مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن،ئۆزىگە ئىشەنگەن،شىددەت بىلەن سىرتقا كېڭىيىۋاتقان بۇ كۆرەڭ ياۋروپالىقلارنىڭ سۈر-ھەيۋىسى،ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇشىدا توختاپ قالغان،تۇرمۇشىمۇ تۈزۈكرەك كاپالەتكە ئىگە بولالمايۋاتقان بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن ئەمدىلەتىن تونۇشۇۋاتقان پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن، قەشقەر سەمەندە يەرگە ئۇرۇلدى.دەل مۇشۇ مۇسابىقە قەشقەرلىكلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان،ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە تۈرتكە بولغان بولۇپ،شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدا قەشقەرلىكلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ،تۆھپىسىنىڭ زور بولۇشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دائىرىسىدىمۇ يېنىك ئاتلىتكا،توپ تۈرلىرى ئومۇملاشقان بولۇپ،يەككە تۈرلەر مۇسابىقىلىرى دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى.1950-،1960-يىللاردىكى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ جايدىن يېتىشىپ چىققانىدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيەكومېتىتلىرى،يەككە تۈرلەر جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىش باشلىشى ،شەھەر، ئۆلكە، مەملىكەت خاراكتېرلىق مۇسابىقىلەرنىڭ قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيىسىدىمۇ بىر تۈركۈم ئىختىساسلىق خادىملار يېتىشىپ چىقتى.شۇنداقلا بىز پەخىرلەنگىدەك نەتىجىلەر يارىتىلدى. «چېلىشىش كوماندىمىز1956-يىلى قۇرۇلۇپ1989-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە 107قېتىم ئۈچۈنچىلىككە ئېرىشتى.بۇ ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە،ئەينى چاغدا شىنجاڭ تەنتەربىيىسى ئالغان ئالتۇن مېتال ئومۇمىي سانىنىڭ 60%نى ئىگەللەيدۇ»10.غوللۇق ماھىرلاردىن سېرىك، داموللا، رازىقمۇ ھەممەد ،قۇربان غازى،ئەركىن زەيدىن،ھاجى ئىبراھىم،ئېلى باتۇر،ئەسقەرئابلايوف،گوجىللىن قاتارلىقلار بار. جۈملىدىن «ھاجى ئىبراھىم مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىغىچە توققۇز ئالتۇن مېدال ئالدى»11.شىبە مىللىتىنى ئاساس قىلغان ئوقيا ئېتىش كوماندىمىز«مەملىكەتلىك ۋە خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردە 46ئالتۇن مېدال،23كۈمۈش مېدال،27مىس مېدالغا ئېرىشتى. رۇگۇاڭ،بايۇڭشەنلەر23-يىلى،24-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى،رۇگۇاڭ،خې جۈن،جىيۇڭلار1993-يىلى ئوقيا ئېتىش بويىچە كوللېكتىپ نومۇردادۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى»12.ئات ماھارىتى تۈرلىرىگەكەلسەك،چەۋەندازلىرىمىز ئىچكى موڭغۇل بىلەن بىللە مەملىكەتنىڭ ئاساسىي كۈچى ھېسابلىنىدۇ.بوكىس كوماندىمىز1994-يىلى قۇرۇلۇپ،قىسقىغىنە سەككىز يىل ئىچىدە،دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندى.كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بوكسچىلاردىن ئابدۈشكۈر مىجىت، ئەكرەم ئىساق، ئابدۇراخمان ئابلېكىم قاتارلىقلارنى،كېرىمۇللا رەخمىتۇللا(ئەركىن مۇشتلىشىشقا مەملىكەت بويىچە بەش قېتىم چېمپىيون بولغان، بېيجىڭ كوماندىسىدا تۇرغان،ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق چېلىشىش ۋە رۇداۋ ھەركىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە ئىشلەيدۇ) ،پەرىدە(ئاتنى ئۇسۇللۇق قەدەمدە ماڭدۇرۇش ھەرىكىتى)،مالىك تاھىر (ۋالىبول) ،ئادىلجان (ۋاسكېتبول) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.بۇ قاتاردا يەنە جىنىس دۇنيا رېكورتى ياراتقانلاردىن دارۋاز ئادىل ھوشۇر بىلەن تەۋەككۈلچى جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ شۇغۇللانغىنى ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدىكىلەر بولمىسىمۇ،لېكىن بىز يا ئاممىۋى تەنتەربىيەھەرىكىتى(بۇ تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ مەلۇم بىر تۈرى بىلەن دائىم چېنىققۇچىلار بولۇپ،بىزئۇنى تەنتەربىيە نوپۇسى دەيمىز)دە بولسۇن،يا تەۋەككۈلچىلىك تۈرىدە بولسۇن،ئومۇمەن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتىمىز. تۆۋەندىكى جەدۋەلدە شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالدىنقى بەش نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇر بويىچە نام تەرتىپىنى رەتكە تۇرغۇزغاندىكى ئەھۋالى جەدۋەللەشتۈرۈپ كۆرسىتىلدى.
يۇقىرىقى جەدۋەلدىن كۆرەلەيمىزكى،رايونىمىزتەنتەربىيىسى مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ. قاتناشقان تۈرلەرنىڭ سانىمۇ تەسىس قىلىنغان ئومۇمىي تۈر(چوڭ تۈر،كىچىك تۈر)سانىنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ.بۇرۇنىقىنى قويۇپ يېقىنقى ئەھۋالىمىزنى ئالساق،«8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا 14چوڭ تۈردىكى 99كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشتى»13.بۇ تەسىس قىلىنغان ئومۇمىي تۈر سانىنىڭ 50%نى،ئەمەلىي قاتنىشىش نىسبىتى 28%نى ئىگىلەيدۇ،«بۇ يىل ئۆتكۈزىلىدىغان9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 30چوڭ تۈر بويىچە 345 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 15چوڭ تۈر بويىچە 113كىچىك تۈر مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ»14.بۇ يەردا بىز ئايدىڭلاشتۇرىۋالىدىغان نۇقتا شۇكى،مەن شىنجاڭ تەنتەربىيىسىنى مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە،ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەنتەربىيىسى بىلەن سېلىشتۇرمىدىم ، سېلىشتۇرۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى ۋە خەلىقئارا يەككە تۈرلەر مۇسابىقىلىرىدىكى رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ،شان-شەرەپ ئاز ساندىكى دۆلەتلەرگىلا مەنسۇپ بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ، ھەتتا ھىندىستاندەك نوپۇسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭمۇ ھالى خاراب. مەسىلەن : «27-نۆۋەتلىك سېدنىي ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ھىندىستان ئاران بىر دانە مىس مېدالغا ئېرىشتى». 15 خەلىقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1956-يىلى تەيۋەننى خەلىقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا قاتناشتۇرۇپ ئىككى جۇڭگو پەيدا قىلغانلىقتىن، دۆلىتىمىز بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ،1958-يىلى8-ئايدا خەلىقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزدى.بۇ خىل قاتمال ۋەزىيەت 1979-يىلى11-ئاينىڭ26-كۈنى جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ئورنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ،تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ يەرلىك ئورگىنى سۈپىتىدە خەلىقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدا تۇرۇپ قالىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغىچە داۋاملاشتى. 1980-يىلىدىكى موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ،ھەققانىيەتنى ياقلاپ،بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە بايقۇت قىلدى.مۇشۇنداق ئويبېكتىب سەۋەبلەر تۈپەيلى يېڭى جۇڭگو تەنتەربىيىسى1984-يىلىدىكى 23-نۆۋەتلىك لوس-ئانجېلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقىچە بولغان 35يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئالىي نىشانىدىن ئايرىلىپ قالدى.شۇڭا ماھارەت تەنتەربىيىسىنىڭ ئومۇملىشىشى ،سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولدى.بۇ خىل ئەھۋال شىنجاڭغا ئوخشاش نوپۇسى ئاز،سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن، قاتناش،ئالاقە ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغان،ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز رايونلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. شۇڭلاشقىمۇ شىنجاڭ تەنتەربىيىسى پەقەت مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئۆلكە،ئاپتونوم رايونلار بىلەنلا سېلىشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم.
بۇغۇ سىياسىي،ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كۆرۈلىۋاتقان ئەھۋال .ئۇنداقتا مەسىلىنى باشقا نۇقتىلاردىن كۆزىتىشنىڭ ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوق؟ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابنىڭ بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا ياردىمى تېگەمدۇ-يوق؟شارائىتىمىز، خاراكتېرىمىز،تەن-ساپايىمىزدىن ئالغاندا قايسى تۈرلەرنى نۇقتىلىق تۇتۇش كېرەك؟دۇنيا ھازىرقى زامان تەنتەربىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن يۈزلىنىشى قانداق؟بۇ ھەرىكەتنىڭ باشقا ساھەلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى نېمىدىن ئىبارەت؟ئەمدى بىر-بىرلەپ مۇلاھىزە قىلىمىز.
تەنتەربىيە ساھەسىدىكى بۇ خىل تۆۋەن سەۋىيىلىك ھالىتىمىزنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن تۈپ سەۋەبلەرنى تەكشۈرگىنىمىزدە،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن ئىقتىسادىي ئامىلنىڭ تەسىرىدىن باشقا،يەنە مۇقەررەر ھالدا مىللىتىمىزنىڭ مىجەز خاراكتېرى،پىسخىكىسى،ئستېتىك زوقى،گۈزەللىك ۋە بەخت چۈشەنچىسى قاتارلىقلارنىمۇ نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك.
ئەلۋەتتە،شىنجاڭ تەنتەربىيىسى نىرايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان،بۇنىسى پاكىت. ئەمما، ھەممەمىللەتنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز ھازىرچە يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاق، قىرغىز، تاجىك،تاتار،ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ناخشا-ئۇسسۇلغا ئامراق سەنئەتخۇمار خەلق، بۇ تەرىپى بىزگەئوخشايدۇ.شۇڭا،پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلىرى بىلەن تونۇشۇش،مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ھازىرقى تۆۋەن سەۋىيىلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتىمىزنىڭ شەكىللىنىشىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
VII
ئۇيغۇرلارناخشا-ئۇسسۇل،مۇزىكىغا ئامراق سەنئەتخۇمار خەلق(بۇ خىل باھا ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىندى).ھازىر بىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۆزىمىزگە خاس ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزدە سەنئەتنىڭ سالمىقى زور، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئېتىبارىمۇ ئالاھىدا ئۈستۈن.كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزمۇ شېئىرىي ئەدەبىيات.دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن مۇزىكا ئەسىرى 12 مۇقامنى ئالساق،ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئاھاڭلىرى 245گە يېتىدۇ، تېكستلىرى 2482 مىسرادىن تەركىب تاپىدۇ.ھەر بىر مۇقامنى ئورۇنداش ئۈچۈن24 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.ئۇدار،رېتىملىرى كۆپ، مىلودىيىسى گۈزەل،كۈي شەكىللىرى راۋان،نەغمىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ناھايىتى جىپسىلاشقان.بۇ جەھەتتە دۇنيا دا تەڭداشسىز بولۇپ،ئۇ خەلقىمىزنىڭ 2000-يىللىق كوللېتىپ ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ.ياۋروپا سىمفونىيىلىرىنى مەلۇم بىر «گېگانىت شەخس»ياراتقان بولسا،ئۇيغۇر كۈي مۇقاملىرىنى پۈتكۈل خەلق ياراتقان.مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا،بىزئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت سۈپىتىدە سەنئەتكار ھېسابلىنىمىز، «قازاندا نېمە بولساچۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ»دېگەندەك،خاراكتېرىمىز يۇمشاق بولغاچقا بىزدە يىغلاڭغۇ ناخشىلار،مۇڭلۇق،چۈشكۈن ئاھاڭلار كۆپ. ئادەمگە غەيرەت-جاسارەت بېغىشلايدىغان شوخ،جۇشقۇن،جەڭگىۋار مۇزىكىلار،مارش ئاھاڭلىرى يوق دېيەرلىك.
تەبىئىي مۇھىت،ئىجتىمائىي،تارىخىي شارائىت،يولۇققان دىشۋارچىلىق بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش خاھىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنىڭ ئوخشىماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ يەردە بۇ خىل پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى ئىزدىمەيمىز،مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن ئاشۇ خىل نەتىجىنىڭ ئۆزىنىلا كۆرسىتىمىز.گرېتسىيە مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىلەن يۈكسەك چوققىسى پەلسەپە بىلەن باشقا كونكېرت، ئەمەلىي پەنلەرنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزغانلىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولسا،غەربىي ئاسىيا مەدەنىيىتى زور دەرىجىدە دىنىي تەلىمات بىلەن خاراكتېرلەندى.خەنزۇمەدەنىيىتى بولسا نەزەرىيىۋى پەن،پەلسەپە،دىنىي ئىدىيىلەرگە قارىغاندا فار-فورچىلىق، يىپەكچىلىك، قەغەزچىلىك، كومپاس،مىلتىق دورىسى،مەتبە تېخنىكىسى،سەددىچىن سېپىلى، بىناكارلىق قاتارلىق ئەمەلىي تېخنىكىلارنى ئىنسانىيەتكە سوۋغا قىلدى.ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى ئومۇمەن شامان،مانى،بۇددىزىم ۋە ئىسلام دىنى بىلەن خاراكتېرلەنگەن دىنىي مەدەنىيەت، يىپەك يولى سودا مەدەنىيىتى ۋە كۇچانى مەركەز قىلغان ئەلنەغمە سەنئەت مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شامان دىنىدىن باشقا دىنلار بىزگە سىرتتىن كىرىپ ئۆزلەشكەن.يىپەك يولى سودا مەدەنىيىتى بولسا خەلىقئارالىق ھادىسە، خاس ئۆزىمىزنىڭ تۇپرىقىدا يارىتىلغان مەدەنىي بايلىقلىرىمىز بولسا،ئومۇمەن،سەنئەت ساھەسىگە مەركەزلەشكەن، مەدەنىيەت تارىخىمىزدا جەمئىيەتكە يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىدىغان تېخنىكىلىق ئىختىرالارنىڭ يوقلۇقىنى كۆرەلەيمىز. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا،مەدەنىيەت خاھىشىمىز مەنىۋى بوشلۇقلارغا بەكرەك يۈرۈش قىلغاندەك تۇرىدۇ.
شىمالدا تەڭرىتاغلىرى،غەربتە پامىرئېگىزلىكى،جەنۇبتا قارا قۇرۇم تاغ تىزمىلىرى بىلەن قورشىلىپ تۇرغان تارىم ئويمانلىقىدا ئەتراپتىكى تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن سۇغا تايىنىپ كۆكىرىپ تۇرىدىغان كىچىك-كىچىك بوستانلىقلاردا مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تارقاق ياشاش سەۋەبىدىن ئەجدادلىرىمىز زىل-زىلىلەردىن خالىي جىم-جىت تۇرمۇشقا كۆنۈك-تى.ئۈمىدسىز،يۇمشاق خاراكتېردىكى بۇددىزىم ھاياتىدا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ياشاش نەتىجىسىدە مىجەز-خاراكتېرىمىز بارغانچە يۇمشاپ كەتتى.كىچىك، تارقاق،جىمجىت بوستانلىق ھاياتىدىن كۆرۈلىۋاتقان ماكان چەكلىمىلىكى بىلەن رايونلار ئارا ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئازلىقى ئىدراكى ئىنتىلىشنىڭ سۇس تەپەككۇرىمىزنىڭ بىر خىل ۋە تومتاقلىقىنى بەلگىلىگەن ئاساسىي ئامىل بولۇپ قالدى.بوستانلىق ئىگىلىكى بىلەن بۇ خەلىقلەرنىڭ ئىدىيىسى توغرىسىدا گۋىن ھامبىلىي ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:«نىسبەتەن مۇقىم بولغان سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى بۇ رايوننىڭ تېرىم ئىگىلىكى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلىغانىدى.چوڭ قۇملۇقلار ۋە تاقىر دالىلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدە تۇرغان بۇ ئاھالىلەر رايونى گويا بىر كىچىككىنە دېھقانچىلىق ئارىلىغا ئوخشايتتى.گەرچە بۇ يېشىل ئاراللار بىر-بىرىدىن داۋاملىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ،لېكىن تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە كۈندىلىك لازىملىقلار جەھەتتەئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيتتى.دەل مۇشۇنداق بوستانلىقلار ۋە دەريا ھاۋزىلىرىدا بىر قىسىم شەھەر-بازارلار شەكىللەنگەنىدى.ئۇلار بۇ يەردىكى مۇھىم مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سىرتقا تارقىتىش پونكىتلىرى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە چوڭقۇرۇقلۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن سودا كارۋانلىرىنىڭ قاتناش لىنىيىسىدىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان روللارنى ئوينىغان . مۇشۇ يېزا-بازارلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنى بۇيەردىكى ئاھالىلەرنىڭ قەلبىدە ھەممىگە ئايان بولغان بىر خىل «بوستانلىق ئىدىيىسى»نى شەكىللەندۈرگەنىدى.بۇ خىل بوستانلىق ئىدىيىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلىم ئېلىش ۋەئەقلىي ئىستەك جەھەتتىكى تەلپۈنۈشنىڭ كەملىكىدە ئىپادىلىنەتتى.بۇنداق ئەھۋال پەقەت بۇ يەردىن ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتكەن سودا كارۋانلىرى ئېلىپ كەلگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىقلا تولۇقلىناتتى»16،دېمەك،يۇقىرىقىدەك تەبىئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي، تارىخىي شارائىت ۋە دىنىي ئامىللارنىڭ بىرىكىشىدە«تارىم ئويمانلىقىدىكى پىنھان بوستانلىقلاردا ئادەم بىلەن تەڭرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەركەزقىلغان ئىلاھىي ئوي-پىكىرلەر جۇش ئۇرۇپ نازاكەتكە،خىيالىي تۇيغۇغا ۋە رومانتىكىغا تولغان بۇددىزىم تام سىزمىلىرى ۋە مۇقام ھادىسىسىنىڭ ئۈندۈرمىسى بولغان <ماھادۇركۈيلىرى>راۋاجلىنىۋاتاتتى 17.پروفېسسور ئابدۈشكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ ئۇزاق يىللىق جاپالىق تەتقىقاتلىرىنىڭ مېۋىسى بولغان«غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى»،«شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى» قاتارلىق كىتابلىرىدىكى ئالاقىدار تەپسىلاتلاردىن كۆرەلەيمىزكى،مىلادىVI-VIIئەسىرلەردە سۇلى (قەشقەر)، ئۇدۇن(خوتەن)، ئىدىقۇد (تۇرپان) ، ئىۋىرغول(قۇمۇل) قاتارلىق جايلاردا كۈسەن (كۇچا) مۇزىكىچىلىقىنى ئاساس قىلغان ئەلنەغمە سەنئىتىمىز ھەدەپ كۈۋەجەپ بۇلدۇقلاپ تېشىپ قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى تۈرك خاندانلىقى ۋەماۋرائۇننەھىردىكى توققۇز چاۋۇپ مۇزىكا كۈيلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆلچەملىك مۇزىكا ئاساسىي بولغانىدى.يەنى سۈي-تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە ئەلنەغمە سەنئىتىمىز چاڭ ئەن،لوياڭ ئارقىلىق خەنزۇ سەنئىتىگە ۋە بېرما،ۋېيتنام،چاۋشىيەن،ياپونىيىگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. سۇجۇپ، ۋىدۇساكا،ماندا ئاقارى قاتارلىق مۇزىكانتلارنى ۋايىغا يەتكۈزگەن كۈسەن مۇزىكىچىلىقى يەتتە ئاۋازلىق كۈي شەكلى، بەش يېرىم ئاۋاز(بەشتاران)بىرلىشىپ 12 ئاھاڭلىق كۈي قانۇنى(12 تېمپېراتسىيە)قانۇنى ھاسىل قىلغان بولۇپ،بۇ يەتتە ئاۋاز،بەش تارانلىق ئاھاڭى،تۆت ئوكتاۋا بويىچە 28 ئاھاڭ شەكلىنى ھاسىل قىلغان.مانا بۇ كۇچانى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ كۈيچىلىك سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ.
تاڭ تەيزۇڭ(لى شىمىن)دەۋرىدىكى ئونقىسىملىق مۇزىكا ئىچىدە ئالتە قىسىم «خۇ»مۇزىكىلىرى بولۇپ،بۇمۇ كۇچا مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلاتتى.
چالغۇلىرىمىزدىكى تىك غوڭقا،پىپا (ئەگرى ساپلىق بەرباب)،بەش تارىلىق پىپا،سۇناي،بەل دۇمباق ،ناغرا، راۋاپ، بالىمان،جەللە،داپقاتارلىقلار بولغان. ئۇسۇللىرىمىزنىڭ خاس شەكلى ۋەئۇسلۇبىغا كەلسەك، تەمكىن، ئازادە ،ئۆزىگە ئىشەنگەن،غۇرۇر بىلەن ئويناش ،كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى نامايان قىلىش،ئالدى-كەينىگە قايرىلىپ، ئاچا، تەتۈر ئاچا،ئۈچ پۈكمە ھەرىكەتلەر بىلەن ئەۋرىشىملىك ھاسىل قىلىش، قاچۇرما ھەرىكەتلەرنى باش، گەۋدە،قول-پۇتتا ئورۇنداش، پىقىراش ئارقىلىق گۈزەللىك يارىتىش،ئىما-ئىشارەتلەرنى ئۇسۇللۇق قىياپەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆز ئوينىتىپ، ئىڭەك تاشلاپ،مەيدە ۋە قول-پۇت بېغىشلارنى بىر پۈتۈن گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. تاڭ شائىرلىرى بۇنى«پىرقىرىغان نىلۇپەر»،«چۆگىلىگەن پانۇس چىراغ»،«بوشلۇقتا دولقۇن ياساش» ،«تېپىپ سەكرەش»،«قايناپ ئويناش»،«كۆكرەك سىلاش»،«يەڭ شىمايلاش»،«قاش ئۇچۇرۇپ،كۆز ئېتىش»،«تىز قويۇش» ،«قولنى بەلگە ئېلىش»،«قاش ئېتىپ ئۇسسۇل ئويناش»،«ساغرا تولغاپ،بەل ئوينىتىش»،«يەڭگىل قەدەم تاشلاپ، ئەۋرىشىم مېڭىپ كېلىش».«سۆلكىتى كىيىمىدىن ئارتۇق بولۇش»دېگەندەك ھەرىكەت ۋە قىياپەت ئىبارىلىرى ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرغان.
ئەمدى ئەلنەغمە سەنئىتىمىز ھەققىدە تاڭ شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەرنى كۆرۈپ باقايلى.ۋاڭ جىئەن«لىياڭجۇغا ساياھەت»ناملىق شېئىرىدا:
«تاڭ سەھەر ئاڭلاپ خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازىنى،شەھىرى لوياڭدا جىمى ئۆي مەشىق قىلار خۇ سازىنى»18دەپ يازسا،يۈەن جېنجىڭ «فاچۈي»ناملىق شېئىرىدا:«بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز-ئاياللارمەشغۇلى،زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان.«سومرۇغ ئاتەش»نىڭ ساداسى مۇڭ بىلەن تولسا ئەگەر،<نەۋ باھار بۇلبۇل كۈيى>ياڭرايتتى بىر سالقىن ھامان.ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش،زىبۇ-زىننەت،تىل ئۆگىنىش،بولدى بەس-بەسلەك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان»19.دەپ يازىدۇ.شائىر.خۇارۇي(بەرگى خېنىم)
«قەسىرنەزمىسى»ناملىق شېئىرىدا:
«شاھىمىز چىققانداچىللە نەزەر-ئايەم قىلغىلى،بىللە چىقماقچى خېنىملار بەلگىلەندى ئەۋۋىلى.
مىنگىنى ئۇيغۇرئېتى،ئۇيغۇر لىباسى كەيگىنى،
جىلۋە قىلدى بۇلىباستا تال-چىۋىقتەك بەللىرى»20دەپ يازسا،لى دۈەن ئۆزىنىڭ بىرشېئىرىدا:
«لىياڭ جۇنىڭ ئۇيغۇرلىرى قايناپ ئۇسسۇل ئوينىغان،
ئىلمەك بۇرۇن،ئەتلىرى ئاپئاق قاشتېشى سىمان.
يەرگە تېگىپ سۆرۈلۈپ تۇرسا شۇڭدەك پوتىسى.
كاناپ كۆڭلەك پەشلىرى قايرىلىپتۇ ئىككى يان.
چېدىرنىڭ ئالدىدا ئۇ ئۆز تىلىدا شىۋىرلاپ،
كۆكرەك سىلاپ يەڭ شۈمۈپ چۈشتى ئۇسسۇلغا شۇئان...
قاش ئۇچۇرۇپ،كۆزئېتىپ شىرداق كىگىز ئۈستىدە،
مارجان بۆكى يېنىدىن ئاقتى تەرلىرى راۋان.
يالتىرىدى ئۆتىكى يورۇق چىراغ ئالدىدا،
مەست كىشىدەك ئۆزىنى تاشلىغاندەك ھەر تامان.
پىرقىرىسا،تىز قويسا،چۈشەر چالغان پەدىگە،
بەلگە قويسا قولىنى خۇددى ئايغا ئوخشىغان.»
دەپ يازىدۇ.يولداش ماۋزېدۇڭمۇ«سۈي سۇلالىسىنىڭ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ توققۇز قىسىملىق،ئون قىسىملىق مۇزىكىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى غەربىي رايون مۇزىكىلىرى ئىدى»(مۇزىكا خادىملىرى بىلەن قىلغان سۆھبەت)دەپ كۆرسەتكەنىدى.
خۇلاسە شۇكى،كۇچانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر ئەلنەغمە سەنئىتى سۈي-تاڭ دەۋرلىرىدە قىسمەن ئەھۋال بولماستىن،بەلكى مۇزىكا نەزەرىيىسىدىن ناخشا ئۇسسۇل شەكىللىرىگىچە زور تەسىر قوزغىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرەلەيمىزكى،تەكلىماكان گرۋەكلىرىدەماكان تۇتۇپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئەجدادلىرىمىز،ئۇزۇن مەزگىللىك شەھەر ھاياتى بىلەن ئاياللىق ۋە ئۈمىدسىز خاراكتېردىكى بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىدە مىجەز خاراكتېرى يۇمشاپ،تىنىچلىققا ئىنتىلىدىغان خۇشخۇي،ئوچۇق-يورۇق.يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي،كۈلكە-چاقچاققا،ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىغا ئامراق پىسخىك خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ،بۇ جەھەتتە شىمالدىكى خاراكتېرى ئۇرۇشقاق، جەسۇر، قورقۇمسىز كېلىدىغان كۆچمەن چارۋىچى قېرىنداشلىرىغا ئوخشىمايلا قالغانىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي ئاسىيانىڭ شاۋقۇن-سۈرەن،جەڭگە-جېدەلگە تولغان دالىلىرىدا ئات-تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرىدە جەڭگىۋار يايلاق ھاياتىدا ئۇرۇشقاق،جەسۇر،قارام ۋە قورقۇمسىز خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن ياۋايى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان شەرقىي ئۇيغۇرلار مىلادىيەVIIئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا لوياڭدىن چىققان تۆت نەپەر مانى دىنىي راھىبىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئىچىدە مانى دىنىنى تەرغىپ قىلىشى بىلەن ئېتىقاد ئالماشتۇرۇپ،شامان دىنىدىن مانى دىنىغا كۆچتى،مىلادىيە840-يىلىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارتەڭرىتاغ ئېتەكلىرى بىلەن تارىم ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كەلدى .ئاندىن بۇ يەردا مانى دىنىنى تاشلاپ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلدى.بۇددا ۋە مانى دىنلىرى تەلىماتلىرىدا جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى چەكلەيتتى،ھاياتلىقنى قەدىرلەيتتى.ئۇرۇش،جېدەل،قىرغىنچىلىققا نەپرەتلىنەتتى.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەجدادلىرىمىز بۇددا ۋەمانىي دىنىنىڭ ئېتىقاد تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ،چارۋىچىلىقنى تاشلاپ،يەر ئېچىپ زىرائەت تېرىدى،گۆش-ياغ ئىستېمال قىلىشنى تاشلاپ،ئاشلىق ۋە كۆكتات يېدى.بۇنىڭ بىلەن ھەممىگە مۇلايىم قارايدىغان تىنىچلىقپەرۋەر يۇۋاش-يۇمشاق خاراكتېر يېتىلدۈردى.
قسقىسى،840-يىلىدىكى كۆچۈش-مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي تەقدىرى،مىجەز-خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن زور ۋەقە بولدى.
شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى،مىللىتىمىزھاياتىدا سەنئەتكە بولغان تەلپۈنۈش ۋە ئېتىبار،بۇرۇندىن ھازىرغىچە ئىزچىللىققائىگە ئەنئەنە بولۇپ كەلدى. سۇلتان ئابدۇرېشىتخان،خانىش ئاماننىساخانلارمۇ ئوردىغا سولىنىۋېلىپ مۇقام رەتلەپ كۈن ئۆتكۈزدى.بۇ ھەقتە تارىخشۇناسلار ئابدۇرېشىتخانغا بەرگەن باھاسىنى ئاڭلاپ باقايلى.«دادىسىغا سېلىشتۇرغاندا ئابدۇرېشىت ھەربىي ئىشلاردا ھېچقانداق تۆھپە يارىتالمىدى.ئابدۇرېشىت باشقىچە تىپتىكى ھۆكۈمران ئىدى».موللا مۇسا سايرامى ئابدۇرىشىتخانغا باھا بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«ئۇ بىلىملىك،دېگىنىنى قىلىدىغان خان ئىدى.ئۇ شېئىر،مۇزىكىدا ئۇستاز،پارسچە،تۈركچە شېئىرلارغاماھىر،يۇنان مۇزىكىسىدىن خەۋىرى بار ئىدى.»
ئابدۇرېشىتخانغا مۇنداق باھا بەرگەن كىشى يالغۇز موللا مۇسا سايرامىلا ئەمەس، نۇرغۇن تارىخىي ماتىرىياللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى،«ئابدۇرېشىتخاننىڭ زېھنىنىڭ كۆپ قىسمى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگەمەركەزلەشكەن.ئۇ بولۇپمۇ ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە ئىشتىياق باغلىغان.ئۆزىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىنى ھەر خىل ئېقىمدىكى شائىرلار،ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ شېئىر،ماقالە ۋەدىنىي تەلىماتلىرى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرگە سەرپ قىلغان»22
ھەرقايسى دەۋرلەردىكى سىياسىئون،جامائەت ئەربابلىرىمىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدىن باشقا قىزىقىشىنىڭ ئاساسلىق ئەدەبىيەت-سەنئەت ساھەسى بولۇشى بۇ خىل ئىزچىللىقنىڭ تىپىك نەمۇنىلىرى سانىلىدۇ.ئەمدى قارىساق«تازنىڭ نېمىسى بار،ئالتۇن تارغىقى» دېگەندەك داۋاملاشتۇرغىدەك ئەمەلىي نەرسىمىز بولمىغاچقا تۇرمۇشىمىزنىڭ سەنئەت پۇرىقى قاپلاپ كەتتى. تېلېۋىزور ئېكرانى«دىلى ئۈزۈك يىگىتلەرنىڭ يىغىسىنى ئاڭلايدىغان،خۇش پىچىم خېنىملارنىڭ جىلۋە-نازلىرىغا سەمە بولۇپ،جاھاننىڭ ئاچچىق چۈچۈكلىرىنى ئۇنتۇيدىغان،ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىلارغا ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق نەزىرە قىلىدىغان،بالىلارغا ئاتاپ قىلىدىغان ۋاستىدەك بولۇپ قالدى»23.سەنئەت تۈسىنى ئالغان ھەرخىل يىغىلىشلار ،ئايەملەر، مۇراسىملار، تەبرىكلەشلەر، بەزمىلەر، چايلار، ناۋالار،سەيلىلەر، مەشرەپلەر ئەمەلىي قىممەت يارىتىۋاتقان ساھەلەرنى نەزىرىمىزدىن سىقىپ چىقاردى.زىيالىيلار قاتلىمىمىزدىمۇ ئىجتىمائىي پەن خادىملىرىمىز كۆپ.شۇڭا،ھەر شاپ بۇرۇت يىگىتلىرىمىز دۇتار،تەمبۇر،جاز مۇزىكىلىرىنى قۇچاقلاپ جان بېقىۋاتىدۇ (ئەگەر ئۇلارنى زاۋۇتقا ئەكىرىپ قويسا،بىر قاپ سەرەڭگىنى ئوڭلاپ چىقىرالمايدۇ).قىزلارنى ھازىرچە توغراچۈشىنىپ تۇرارمىز،چۈنكى ئۇلار تەبىئىتىدىن ھېسسىياتچان كېلىدۇ.غىدىقلىنىشقا،غوزغىتىشقا موھتاج بولىدۇ.مەكتەپ تەربىيىسىگە كەلسەك ئەڭ كۆپ قۇرۇلۇۋاتقىنى يەنىلا سەنئەت كۇرۇژوكى بولىۋاتىدۇ.
ئەمدى مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىدىكى پەن خىلىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىر قاتارسانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىمىز.بۇ مەلۇماتلار ئەلۋەتتە ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى، مائارىپىمىزدىكى ئېغىشنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.«1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش سارىيى يازلىق تەتىلدە 20 تۈردە تەربىيلەش كۇرۇژوكى ئاچقان،بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيەت-سەنئەت سىنىپىغا قاتناشقانلار 1000دىن ئارتۇق بولۇپ،پەقەت ئۇسسۇل كۇرۇژوكىدىلا 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولغان. يەنە رەسىم، ھۆسىن خەت،گىمناستىكا تۈرىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغان. كومپىيۇتېر، ئىنگىلىزتىلى، ئايروپىىلان مودىلى ياساش قاتارلىق پەن-تېخنىكا تۈرلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا ئاز بولغان.شۇنداقلا ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى ئىچىدە ئاران 20% پىرسەنتكە يەتكەن »24.يەنە بىر مەلۇمات بولسا،«2000-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەبىئىي پەن تۈرىگە 4738 خەنزۇ ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ،ماتىماتىكىدا 60 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار 2707 گە يېتىپ ئومۇمىي ساننىڭ%57.1ئىگىلىگەن.فىزىكىدا 60تىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلا ر2095 بولۇپ،ئومۇمىي ساننىڭ%42.2نى ئىگىلىگەن،خىمىيىدىن 60 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار 4090 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %86.3نى ئىگىلىگەن. ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە 1847 خەنزۇ ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، ماتىماتىكىدا 60 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار 734 كە يېتىپ ئومۇمىي ساننىڭ%39.7نى تەشكىل قىلغان.
2000-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپئىمتىھانىدا تەبىئىي پەن تۈرىگە قاتناشقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 1003 بولۇپ،ماتىماتىكىدا 60 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار 49 بولۇپ ئومۇمىي ساننىڭ %4.9نى ئىگىلىگەن،فىزىكىدا 60 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار ئاران سەككىز بولۇپ،ئومۇمىي ساننىڭ %0.8 نى ئىگىلىگەن.خىمىيىدىن 60 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار 270 بولۇپ،ئومۇمىي ساننىڭ %26.9نى ئىگىلىگەن.ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە قاتناشقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 497بولۇپ،ماتىماتىكىدا بىرمۇ ئوقۇغۇچى ئۆتەلمىگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مىللىي مائارىپ سۈپىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ،2000-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە پەنلىرىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەن بولۇشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ.مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي پەن نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە».25
قىسقىسى،ھازىر ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا سەنئەتكە بولغان تەلپۈنۈش ۋە ئېتىبار شىددەتلىك تۈس ئالماقتا.بۇ ئەلۋەتتە باشقا ساھەلەرنى تارايتىپ بارماقتا.سەنئىتىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە پەيلاسوپىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:«بۇ شۇ قەدەر غۇرۇرسىز سەنئەتكى،ئۇ بۇتتەك ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان، ھاياجانلىنىش،چاۋاك چېلىش،ئىنكاس دېگەنلەرنى بىلمەيدىغان،خۇددى يوق تاماشىبىنلار ئالدىدىمۇ غەمزە قىلىشقا تەييار بۇھالەت،ئوردا مەھرەملىرىنىڭ سالاپەتلىك كېبىرلىك ھالىتىنى ئەسلىتىدۇ».26
ئەينى چاغدا ئىسپانىيە ئەدەبىياتىدا رېتسارلار ھەققىدە تېتىقسىز رومانلار كۆپىيىپ كەتكەچكە،سىرۋانتىس ئەپەندى ئاشۇدەۋرنى مەسخىرە قىلىپ«دونكىخوت»رومانىنى يازغانىدى.ھازىرقى مەدەنىيەت ھاۋايىمىز دەل ئاشۇ دونكىخوت پەيدا قىلغان مۇھىتقا ئوخشاپ قالدى.قارىغاندا بىزمۇ دونكىخوت رومانىنى قايتا يازساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
شۇ نۇقتا ئېنىق بولسۇنكى،مەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى بەخت-سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر كەسىپ،ساھە ۋەئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ قىممىتىنى كەم سۇندۇرغۇم يوق.ئوخشاشلا قەدىمكى ئاشۇ زۇلمەتلىك دەۋرلەردە تەكلىماكان بويلىرىدىكى خىلۋەت بوستانلىقلارداناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز،مۇقاملىرىمىز، دۇتار، راۋابلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ-زارىغا،قايغۇ-ھەسرىتىگە ئورتاقلىشىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. پەقەت مۇشۇ نۇقتىدىلا تارىخىمىزدىكى سەنئەت قىزغىنلىقىنى توغراچۈشىنىمىز.لېكىن مەۋجۇدلىقىمىز، ئىستىقبالىمىز، كەلگۈسى تەغدىرىمىزنى ئۆتكۈر پەن-تېخنىكا،سودا-سانائەت،ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئەمەلىي مەنپەئەت بەلگىلەۋاتقان ، شەپقەتسىز ئىقتىسادىي رىقابەت شىددەتلىك تۈس ئېلىۋاتقان ھازىرقى كۈندىمۇ،ناخشا-ئۇسسۇل ھەممە ساھەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى.نورمال بولغان بىر مەدەنىي جەمئىيەت ئۆزىنى تەشكىل قىلغۇچى نۇرغۇن كەسىپ، ساھە ، قاتلاملارنىڭ مەلۇم مىقداردىكى نىسبىتىدىن تەشكىللىنىدۇ.
مەسىلەن ئالساق:بىز نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋانىڭ تەركىبىدەN(ئازوت)%78،O(ئو كسىگېن) %21،CO2 (كاربون IVئوكسىدى)،He( گېلېي) Ne (نىئون) Ar(ئارگون) ،Kr(كىرىپتون)،Xe(كېسنون قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان گازلار %0.94نى ئىگىلەيدۇ. مانا بۇ نورمال شارائىتتىكى ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى گاز ماددىلىرىنىڭ نىسبىتى.ئەگەر ئوكسىگېن %5 كە ياكى كاربون IVئوكسىدى %50 گە يەتسە بۇ نورمال ھاۋا ھېسابلانمايدۇ.
جەمئىيەت ئىجتىمائىي ھادىسە.ئۇنىڭ نورماللىقىغا ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرقايسى تەركىبلەرنىڭ سانلىق مىقدارى نىسبىتىنى تۇرغۇزۇپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق.ئەمما ئۇنىڭ مەلۇم ساھەگە زور دەرىجىدە ئېغىپ كېتىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ نورمال بولمىغان كېسەلمەن گەۋدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بىزنىڭ كەيپىمىز ئۇچۇۋاتقىنى دەل ئەشۇ نىسبەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىدا،ناخشا ئۇسسۇلنىڭ ھەممە ساھەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغانلىقىدا.
مەن تەنتەربىيىنىڭ رولىنى كۆپتۈرمەكچى ئەمەس،ئۇنىڭ قىممىتى دەل ئۇنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىدا.كەلگۈسىگە باقساق XXI ئەسىرنىڭ جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ بولدى.بۇ ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم،ئەمەلىي ھۈنەر-تېخنىكا،ئۆتكۈر نەزەرىيىۋى پەن ئاساسىدىكى ئىس-تۈتەكسىز جەڭ.قارىغاندا بىز بۇ جەڭ دۇمبىقىغا ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز، مۇقام لىرىمىز ، دۇتار-تەمبۇرلىرىمىز،ئەتلەس-كۆينەك،قاما-تۇماقلىرىمىز، سۇمبۇل چاچلىرىمىز، قەلەم قاشلىرىمىز، «ئاھۇ» كۆزلىرىمىز، ئەۋرىشىم بەللىرىمىز، ئىڭەك تاشلاپ،قاش ئېتىپ كۆز قىسىشلىرىمىز،قىيا بېقىشلىرىمىزنى تەڭكەش قىلىۋاتقاندەك تۇرىمىز.
دۇنيا تەنتەربىيىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن يۈلىنىشىگە كەلسەك،كىلاسسىك تۈرلەر ھازىرقى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملاشتى .قار-مۇزھەرىكەتلىرى(قىشلىق ئولىمپىك تۈرلىرى)تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلى، شىمالىي ياۋروپا،شىمالىي ئامېرىكا دائىرىسىدە كۆلەملەشتى.مۆتىۋەرلەر ھەرىكىتى دېيىلىۋاتقان چويلا توپ ،گولف توپ، بىليارت تۈرلىرى بىلەن خىراجەت كۆپ كېتىدىغان، تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى، نۇرغۇن ئەسلىھەلەرنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلىدىغان دالا ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى،موتسىكىلىت مۇسابىقىسى، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسى دېگەندەك زامانىۋى تۈرلەر ياۋروپا، ئامېرىكا تەنتەربىيىسىنىڭ يېڭى بۆسۈش نۇقتىسى ۋە يېڭى يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. يېنىك ئاتلېتكا،كەسپىي بوكس ساھەسىنى نېگىرتەنھەرىكەتچىلەر مونوپول قىلىۋالدى. ياۋروپادىكى بەش چوڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە،فىرانسىيىلەرنىڭ Aدەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى)ھەرقايسى ئەل ،مىللەت ،ئىرق توپچىلىرىنىڭ چوڭ ئائىلىسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.تىك-تاك توپ،سۇ ئۈزۈش ۋە ئايال تەنھەرىكەتچىلەرساھەسىدە دۆلىتىمىز ئەڭ كۈچلۈك،ئەگەر جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل نورمال بولغان بولسا، جۇڭگونىڭ ماھارەت تەنتەربىيىسى ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى. ئەلۋەتتە، تەنتەربىيىدە كۈچلۈك دۆلەتلەردىنيەنە ئامېرىكا،روسىيە ،گېرمانىيە،ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە،ۋېنگىرىيە،ياپونىيە،نورۋىگىيە قاتارلىقلارنى كۆرسىتەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن خەلق ئارىسىدىكى تۈرلۈك ئويۇنلارمۇ ھازىرقى زامان تەنتەربىيىسىگە ھۆسىن قوشماقتا.
رايونىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك سۇ ئۈستى ھەرىكەتلىرىگە جۇغراپىيىلىك شارائىتىمىز ماس كەلمەيدۇ.قار-مۇز ھەرىكەتلىرىنى ئالتاي،چۆچەك دائىرىسىدە تىزگىنلەش كېرەك.ئاپتوموبىل،موتسىكىلىت ھەرىكەتلىرىگە ئىقتىسادىمىز يار بەرمەيدۇ.
شۇڭا يېنىڭ ئاتلېتكا،چېلىشىش،بوكىس،ئوقيائېتىش،قارىغا ئېتىش،چەۋەندازلىق ۋە خاراكتېرىمىزدىن ئالغاندىمۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن تەلەپ بولۇپ قالدى.2001-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇشتەك ئون يىللىق پىلانى دەسلەپكى قەدەمدە بىكىتىلدى.بۇ ئومۇمەن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ.«ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى راۋاجلاندۇرۇپ،تەنتەربىيە نوپوسىنى %42كە يەتكۈزۈش؛ئاپتونوم رايون،ۋىلايەت،ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش تورى قۇرۇش ؛ماھارەت تەنتەربىي ىسى ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش؛تەنھەرىكەت-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى قۇرۇش؛شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى قۇرۇلۇشنى تاماملاش؛ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاستلاردا بىردىن تەنتەربىيە سارىيى قۇرۇش»27قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئەھۋالدىن قارىغاندا پات ئارىدا تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى تۇرمۇشىمىزدىكى يېڭى يۈزلىنىش ۋە قىززىق نۇقتا بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.چۈنكى ئۇ سىياسىي جەھەتتىمۇ ،قانۇنىي ئاساس جەھەتتىمۇ كاپالەت ۋە ئېتىبارغا ئىگە.نۆۋەتتىكى دۇنيا يۈزلىنىشىمۇ شۇنداق.ئەمدى ئۇنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ،تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش،ئايلاندۇرالماسلىق سەنئەت خۇمار خاراكتېرىمىزگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.
ئىزاھات:
①«ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇشلۇقى»شىنجاڭ پەن-تېخنىكانەشرىياتى،1993-يىلى نەشرى،1-بەت.
②سەئىد فەييار مەخمۇت:«ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچەتارىخى»1-كىتاب،22-،23-،25-،26-بەتلەر،شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى،1996-يىلى نەشرى.
③مۇنبەت ھىلال ئاي رايونى:پارس قولتۇقىدىن مىسسىپوتامىيە ۋادىسىنى بويلاپ غەربىي شىمالغا سوزۇلغان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىن تاكى سىناي يېرىم ئارىلى ئارقىلىق مىسىرغا تۇتاشقان ھىلال ئاي شەكلىدىكى مۇنبەت جۇغراپىيىلىك رايوننى كۆرسىتىدۇ.بۇ يەردە مەشھۇرسومېر-بابىل،ئىبراي(يەھۇدىي)،مىسىر مەدەنىيەتلىرى بارلىققا كەلگەن.
④داۋۇد ئوبۇلقاسىم:«تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈنكى ماھىيەت»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى.1996-يىلى4-سان42-بەت
.⑤ئەسەت سۇلايمان:«تەكلىماكانغا دۈملەمگەن روھ»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000-يىل نەشرى386-بەت.
⑥«ئولىمپىك ھەققىدە ساۋات»،(شىيۇڭ شيەنبېي،ليۇيىڭچىڭ تۈزگەن)خەلق تەنتەربىيە نەشرىياتى1989-يىل نەشرى،216-بەت.
⑦يۇقىرىقى كىتاب 39-بەت
⑧«ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنتەربىيەئوقۇشلىقى»،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى1993-يىلى12-،13-بەتلەر.
⑨ئەسەت سۇلايمان:«ئۇنتۇلغان توتېم ۋەزامانىۋى كەمتۈكلۈك»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى،1994-يىل4-،5-سان94-بەت.
⑩«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،2000-يىلى10-ئاينىڭ21-كۈنى8-بەت.
11«شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»ژۇرنىلى،1992-يىلى2-سان،18-بەت.
12«شىنجاڭ گېزىتى»،1997-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى،1-بەت
13«شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»ژۇرنىلى،1997-يىل5-سان3-بەت.
14«شىنجاڭ بازار يېتەكچىسى»گېزىتى2000-يىل12-ئاينىڭ 9-كۈنى1-بەت.
15«پايدىلىنىش خەۋەرلىرى»گېزىتى2000-يىل12-ئاينىڭ 9-كۈنى1-بەت.
16ئەسەت سۇلايمان:«تەكلىماكانغادۈملەنگەن روھ»شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى2000-يىلى نەشرى 354-بەت.
17يۇقىرىقى كىتاب،389-بەت.
18ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن:«شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى».
19يۇقىرىقى كىتاب39-بەت.
20يۇقىرىقى كىتاب41-بەت
21يۇقىرىقى كىتاب 65-بەت.
22ليۇزىشاۋ:«ئۇيغۇر تارىخى»1-قىسىم 2-كىتب737-بەت.
23ئابدۇقادىر جالالىدىن:«ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»شىنجاڭ خەلىقنەشرىياتى2000-يىللىق نەشىر 147-بەت.
24«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»1998-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى4-بەت.
25«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»2001-يىلى2-ئاپرېل سانى8-بەت.
26«ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى2000-يىلى نەشرى264-،265-بەتلەر.
27«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»2001-يىل 4 –ئاينىڭ 24-كۈنى 2-بەت.
بۇ ماقالە «قۇمۇل ئەدەبىياتى»نىڭ 2004-يىللىق 1-2ساندىكى.تەنتەربىيە-روھتەربىيە بابىدىن ئېلىندى. چۇۋالداربەگ:
مۇشۇ چۇۋالداربەگ توغرۇلۇق مەلۇمات بەرسىڭىز؟ tagh يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 15:29 static/image/common/back.gif
چۇۋالداربەگ:
مۇشۇ چۇۋالداربەگ توغرۇلۇق مەلۇمات بەرسىڭ ...
« ئاتنى چۈشۈنەمسىز » ناملىق يازمىڭىزغا ئىنكاس ( 40 -قەۋەت ) يازغان .شۇ ئنكاسىمدا ئازراق شەپە بەرگەنتىم . يەنە ئازراق ئويلانسىڭىز تېپىۋالىسىز . قېنى تەلىيىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ .:lol
بەت:
[1]