xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 00:02:07

« مەڭگۈ تاشلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ناملىق كىتاپ نەشردىن چىقتى

« مەڭگۈ تاشلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ناملىق كىتاپ نەشردىن چىقتى

كىتاپ ئاپتورىنىڭ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى

       شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگېيە ئىنىستوتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى ئاساسىدىكى « قەدىمقى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ( ـــــــ « تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى »، « كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى »، « بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى » مىسالىدا ) ناملىق كىتاۋى شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى تەرەپىدىن  خەنزۇچە نەشر قىلىندى.
بۇ كىتاپتا تېكىست ئانالىزى، ئەدەبىيات ژانىرشۇناسلىقى ھەم  بايانشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل نۇقتىلاردىن مىلادىيە 6 – ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە ئۇرخۇن – يەنسەي ۋادىسىدا تىكلەنگەن قەدىمقى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى ئۈستىدە ئەدەبىيات يەشمىچىلىكى يۈرگۈزۈلگەن. « تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى »، « كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى »، « بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى » قاتارلىق ئابىدىلەرنىڭ تېكىستىنى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قايتىدىن تەشكىللەشتىن، مەڭگۈ تاش ئەدەبىياتى ژانېرشۇناسلىقى، شۇنداقلا تىل سەنئىتى مەسىلىلىرى، مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى يازغۇچىلىرى كىملىكى ھەققىدە مەدەنىيەت ئەستلىكى نۇقتىسىدىكى ئىزدىنىش، تېكىستلەرنىڭ بايان ماھارىتى ۋە ئىستراگېيىسى ھەققىدىكى كۆزقاراش ۋە تەتقىقاتلار  ئىجادىي ۋە ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ كىتاپ قەدىمقى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىكىدە كۆپ خىل تەتقىقات مىتودى ۋە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشنىڭ مۈمكىنلىكىنى يورۇتىدۇ.  
كىتاپ ئىستىمال سەۋەبىدىن چەكلىك نەشر قىلىندى. مەزكۇر تېمىغا قىزىقىدىغان دوسلارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەلكۈن كىتاپخانىسى تارقىتىشنى ئۈستىگە ئالدى.
ئەلكۈن كىتاپخانىسىنىڭ مەنزىلى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 653 – نومۇر. ( « جام » تاماقخانىسىنىڭ يېنىدا )  ئالاقىلەشكۈچى: مۇھەممەتئىمىن ياسىن؛ تېلىفون: 1899921191
  
كىتاپ مەزمۇنىدىن قىسقىچە ئارىيە:

ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەزمۇن كىتاپنىڭ 3- بابى « قەدىمقى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىڭ بايان سەنئەتلىرى » نىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىم مەزمۇن ئۇدۇل ھەم تېز تەرجىمە قىلىندى. پايدىلانغۇچىلارنىڭ يەنىلا نەشردىن چىققان نۇسخىسىنى ئاساس قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىڭ بايان ئالاھىدىلىكى

ھىكايە سۆزلەش ۋە بەلگىلىك ۋەقە – ھادىسىنى بايان قىلىش بايانىي ئەسەرلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، بىراق بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئوخشىمىغان ئەسەرلەردە ئۆخشىمىغان خاراكتىرگە ئىگە بولىدۇ. گەرچە تارىخچىلىقتىكى ئېنىق ۋە تۈز بولغان بايان ئەندىزىسى ئەدەبىياتقا ھەم خاس بولسىمۇ، بىراق ئۇلار خاراكتىر جەھەتتە يەنىلا پەرقلىنىدۇ. تارىخىي بايان ئوبېكتىپ چىنلىقنى تەكىتلەيدۇ، رىئالنى خاتىرىلەشكە دىققەت قىلىپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئەدەبىياتتىكى بايان بولسا تەسىرلىك، جانلىق كەيپىياتتا ئوبراز يارىتىدىغان، بەدىئىي خاسلىققا ئىگە بولغان باياندىن ئىبارەت. شۇنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىنكى، مەڭگۈ تاش ئابىدە تېكىستلىرىنىڭ يازغۇچىلىرى ئىجادىي تەپەككۈرگە ئىگە تارىخچىلار بولۇپ، ئۇلار «مەڭگۈ تاش» يېزىشتىن ئىبارەت ئۆز دەۋرىنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت، دىن ھادىسىسىنى پەقەت تارىخىي بايان قاتلىمىدا چەكلەپ قويمايدۇ بەلكى ناھايىتى قويۇق بەدىئىي سۈپەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق « مەڭگۈ تاش » تېكىستلىرى ھەرقايسى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيەت تارىخىدا ئەڭ دەسلەپكى تەزكىرەلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ تارىخ ۋە ئەدەبىياتىنىڭ يېزىق مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى تارىخچىلارنىڭ رىئاللىققا، تارىخقا سادىق بولۇش ئېڭىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۈرى، غايىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىلمىلىك ۋە بەدىئىلىكنىڭ ئۆزارا بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ھەم تۇنيۇقۇق، يوللۇق تېگىن قاتارلىق مەڭگۈ تاش يازغۇچىلىرىنىڭ تارىخىي بايان قاتلىمىدىكى بەدىئىي تەسەۋۋۇرىنىڭ كۈچى ئىدى.
مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى تارىخ ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپتىدائى ھۆججەت قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنتايىن مۇھىم بەدىئىي قىممەتكە ئىگە. مەڭگۈ تاش تېكىست يازغۇچىلىرى ھەمىشە ئالاھىدە سالاھىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇلار بەزىدە تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ قاتناشقۇچىسى بولسا بەزىدە بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنى كۈزەتكۈچى،بەزىدە ئۇلار پەقەتلا ئوبېكتىپ بايان قىلغۇچى. ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئوقۇرمەنلەرنى تارىخىي تەپەككۈرگە باشلاش بىلەن تەڭ يەنە بايان سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرىدىن ھوزۇرلاندۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بايان ماھارىتى ئالاھىدە مىللىي كۈلتۈر ئەندىزىسى ۋە ئېيتىم ماھارىتىنىڭ كودلىشىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە كودلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىش ئارقىلىق بۇ خىل بايان ستراتېگىيەسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان  سىياسىي، ئىجتىمائى ۋە مەدەنىيەت مەنبەسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. «مەڭگۈ تاش» يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئېڭىغا ئاساسلىنىپ، ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق ۋەزىيەتنى خاتىرىلەيدۇ، ھەر بىر پارچە تېكىستتىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللىقاچان مەلۇم دەرىجىدە ئۆلچەملەشكەن تەزكىرە – تارىخ يېزىش ئەنئەنىسى باربولۇپ، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ بەدىئىي تىلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن ئېپوس ۋە تارىخىي تەزكىرەلەرنىڭ بايانىي ماھارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنى ھەرگىزمۇ ساددا قېلىپلاشقان خاتىرىلەش دىيىشكە بولمايدۇ.
ئەگەردە ئەدەبىياتنى قەدىمدىن تارتىپ مەلۇم ئەندىزىگە ئىگە دەپ قارىغىنىمىزدا، قەدىمقى تۈرك مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى قايسى خىل ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان؟ ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىپتىدائى يازما ئەدەبىياتى دەل شۇ مىللەتنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ مەنىدىن قارىغىنىمىزدا بۇ تېكىستلەرنى يازغۇچىلار دەل ھەرقايسى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئاغزاكىي ئەدەبىياتىنى يازما ئەدەبىيات دەۋرىگە ئېلىپ كىرگۈچىلەر. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى مىللەتنىڭ ئىپتىدائى تەرجىمىھال ئەدەبىياتى ياكى تارىخ – تەزكىرەچىلىكىدە ئاۋانگارتلىق رول ئوينايدۇ؛ ئۇلار قوللانغان بايان ماھارىتى بولسا ئۇلار دەل خەلقنىڭ بايان ئېيتىمى ئاساسىدا يەكۈنلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ مىللىلىك ۋە ئىجادىلىقنىڭ ئۆزارا بىرىكىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇلارنىڭ بايان نۇقتىسى ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بايان نۇقتىسى ھەم خەلقنىڭ ئادەت ئېيتىمى بىلەن مەلۇم ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولۇپ، مەلۇم نۇقتىلاردا خېلىلا ساددا.
مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىڭ ھەممىسى بىرىنچى شەخسنىڭ ئەسلىمىسى شەكلىدە تۈرك ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىدىكى ۋەزىر، خاقان ياكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى بايان قىلىنىدۇ. بۇ خىل بايان شەكلىدە ئوخشىمىغان پېرسۇناژلارنىڭ ھىسسىياتى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئەركىن ۋە تولۇق بايان قىلغىلى ھەم ئوقۇرمەنگە چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە ئادەتتىكى ئەسلىمىگە ئوخشىمايدۇ ، چۈنكى بايان قىلىنىۋاتقان ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى شەخسنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى. تېكىستنىڭ تىلى ئەينى دەۋردىكى يايلاق خەلقىنىڭ زوقلىنىش ئادىتىگە ماس كېلىپلا قالماستىن ( ساۋاتلىقلار ناھايىتى ئاز، شۇڭا چۆچەك(ھىكايە) ئاڭلاش  بىرقەدەر ئومۇملاشقان) يەنە ئۇلارنىڭ قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلاشتەك ئادىتىگىمۇ ماس كېلىدۇ. تېكىست يازغۇچىلىرى بىزگە ئەينى دەۋردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھىكايە قىلىپ بېرىدۇ، بايان قىلغۇچى بىر پارچە تېكىستە بەزىدە كۆرۈنۈپ بەزىدە يوقاپ كېتىدۇ، ئوقۇرمەنگە بەزىدە تېپىشماق قالدۇرسا بەزىدە ئۇلار بىلەن بىللە ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنازىرە شەكىللەندۈرۈپ ئۇلارنى تەسىرلەندۈرمەكچى ۋە تەربىيىلىمەكچى بولىدۇ؛ بەزىدە ناھايىتى سالماق تەمكىن قىياپەتتە كۆرۈنسە، بەزىدە ھاياجانلىق مۇنازىرىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سوبېكتىپ مەيدانىنى جاكالايدۇ.
مىلادىيە 7- 9 ئەسىر ئەدەبىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن قارىغىنىمىزدا، بۇ خىل خاراكتېرلىك باياننىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار. بىرىنچى، بايانچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىشى بىر خىل بايان ئىمتىيازىنى شەكىللەندۈرىدۇ. سىياسىي نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئۇلار قۇدرەتلىك يايلاق ئىمپىرىيىسىنىڭ خاقان، ۋەزىر ۋە ئەقىلدارلىرى( بىلىم كىشىلىرىدىن) ئىبارەت؛ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدە، ئۇلار تۈرك قانۇنى ۋە ئىپتىدائىي دىنىي نۇقتىدىن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەستىلىكىنى نادىرلاشتۇرغۇچى ۋە قېلىپلاشتۇرغۇچى، شۇڭا ئۇلار قانۇنىي ئىمتىياز ۋە كۈچكە ئىگە بولۇپ، قانۇن پەرمانلارنى تۈزۈش ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىككىنچىدىن، تېكىستنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە، بايانچى ۋە ئوقۇرمەننىڭ مۇناسىۋىتى يۇقىرى تەبىقە ۋە پۇقرا مۇناسىۋىتىدە داۋاملىشىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىشى تېكىست يازغۇچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئېنىق، قەھرىمان شەخسلەر ياكى ۋەقە – ھادىسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىدى ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار يېزىق ئارقىلىق بەلگىلىك تەربىيىۋىي رولنى ئۆتىشى لازىم. بۇ ئىككى خىل ئىجادىيەت مۇددىئاسى ھەر بىر پارچە قەدىمقى تۈرك يېزىقىدىكى تېكىستلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل تەربىيىۋىي قىممەتكە ئىگە بايان ئۇسۇلى دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئومۇملاشقان دىيىش مۈمكىن، قەدىمقى ئۇيغۇر  خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرىدىن بولغان « ئوغۇزنامە »، « ئېرىق بېتىك » قاتارلىق ئەسەرلەردىنمۇ بۇ خىل بايان ئۇسۇلىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، « ئوغۇزنامە » داستانىدىكى بىرىنچى شەخس بايانىدا بىر تەرەپتىن ئوغۇزخاقاننىڭ تۆھپىلىرىنى ئىگەللەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ كۈچلۈك چاقىرىقلىرىنى ئاڭلايمىز، بۇ دەل داستان بايانچىلىرىنىڭ ئوغۇزخاقان ئوبرازىغا سىڭدۈرگەن مەۋقەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بايانچىغا نىسبەتەن يەنىلا قەھرىماننىڭ چاقىرىقى مۇقەددەس كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۈچىنچى، بايانچى بايان، تەسۋىر ۋە مۇھاكىمە ئارقىلىق ئەسەردىكى باشقا ئوبرازلار بىلەن ۋاستىلىق پىكىرلىشىدۇ، بۇ ئوبرازلار باشتىن – ئاخىر بايان پائالىيىتىگە قاتنىشالمايدۇ ياكى باش پېرسۇناژ ۋە ئىش – پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇ بايانچىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ كۈلتۈرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر خىل بايان ئىمتىيازىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
.............................
ئەسلى مەنبەسى: http://www.nuh.me/?p=1413

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 07:53:08

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 08:18:48

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى چىقىش نوقتىسى بار .
بىرى ئەخلاق ، بىرى دەل مۇشۇ ئورخۇن ۋادىسى ،


ئۇيغۇرلار قاچانكى مۇشۇ نوقتىنى تونۇپ يىتەلىسە شۇ چاغدا ........

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 14:41:44

ئەڭ ئاددىيسى مەڭگۈتاش دېگەن ئىسىمغا شۇنچە قايىل بولىمەن

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 14:57:27

مەڭگۈـ تاش  دىگەن نام قانداق كىلىپ چىققان؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 15:17:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 15:23  

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 14:57 static/image/common/back.gif
مەڭگۈـ تاش  دىگەن نام قانداق كىلىپ چىققان؟

س:غالىپجان دىگەن ئىسىم قانداق كېلىپ چىققان؟
ج: مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن كېلىپ چىققان. :lol
مەڭگۇ تاش دىگەن ئىسىممۇ ئەينى دەۋىردىكى مەدەنىيەت كونتېكىستىنىڭ مەھسۇلى ، تېخىمۇ ئەتىراپلىق مۇلاھىزىلەر مەزكۇركىتاپتا بولۇشى مۇمكىن.

مەن ھازىر ئوقىۋاتىمەن، سۇئالىڭىزنى كۆرۈپ ئوتتۇرى بىر يېرىنى ئاچسام جاۋاپ باردەكلا قىلىدۇ. بىراق كىتاپ ئۆزى خەنزۇتىلىدا يېزىلغاچقا، ئوقۇپ چۈشەنسەممۇ تەرجىمە قىلىشقا پېتىنالمىدىم( كەسپى ئاتالغۇلار بەك جىقكەن، يەنە كېلىپ تۈرۈكچە، نىمىسچە، ئىنگىلىزچە ئەلەي بەلەي... ) {:92:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 18:37:04

نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچىغا نەشىر قىلىنمىغاندۇ ؟
بەت: [1]
: « مەڭگۈ تاشلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ناملىق كىتاپ نەشردىن چىقتى