baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 18:34:38

دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى

تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا پۇتبول  لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئازلا قالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مۇسابىقە مەزگىلىدە قىز-ئوغۇللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم ئىشلارنى رەتلەپ چىقايلى.

قېنى، ئاۋال دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىزلار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىر كۆرۈپ چىقايلى.
1. بۇ يىلقى مۇسابىقە بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
2. مۇسابىقە ۋاقتى كەچقۇرۇندىن تاڭ ئاتقۇچە ئارىلىقتا بولىدۇ.
3. بۇ يىل ئېنگلاند كوماندىسىدا بېكھام يوق.
4. بۇ يىل چېمپيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى كوماندىلار بىرازىلىيە، ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا ۋە ئوغۇل دوستىڭىز قوللايدىغان كوماندا.
5. مۇسابىقە كۆرۈۋاتقاندا ھەرگىز «نېمە ئىش بۇ، 10 نەچچە ئادەم بىر تال توپنى قوغلاپ يۈرۈپ نېمە دىگەن مەنىسىز» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ سالماڭ، بولمىسا يىگىتىڭىزنىڭ ئاچچىغى 80 گە چىقىشى مۇمكىن.
6. دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدە، يىگىتىڭىز پەقەت بۈگۈچ كەچ ۋە ئەتە كەچتىكى مۇسابىقە ۋاقتى ۋە كوماندىلارنىڭ ئىسمىنى يادىدا تۇتالايدۇ. بۇ چاغدا ھەرگىز ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى سىنايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، مەسىلەن، 6-ئاينىڭ مەلۇم كۈنى نېمە كۈن دېگەندەك سوئاللارنى ئۇنىڭدىن سوراپ يۈرمەڭ، ئۇ كۈن ئىككىڭلارنىڭ توي خاتىرە كۈنى بولسىمۇ مەيلى. چۈنكى ئۇ سىزگە «سائەت 12 دە ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ مۇسابىقىسى بار» دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن، ناۋادا شۇنداق بوپ قالسا، كۆڭلىڭىز چوقۇم قاتتىق يېرىم بولىدىغۇ دەيمەن.
7. يىگىتىڭىزنى ئەڭ سېغىنغان ۋاقتىڭىز، دەل توپ باشلىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. ئازراق ئۇۋالچىلىق تاتسىڭىزمۇ، بىراق تۆت يىلدا پەقەت بىر قېتىملا تارتىدىغان ئۇۋالچىلىق بولغاچقا، ئۇنى كەچۈرىۋېتىڭ.
8. ئۈستىدىكىگە ئوخشاش، يىگىتىڭىز بىلەن تېلېفون پاراڭلاشقىڭىز كەلگەن ۋاقىتمۇ دەل توپ باشلايدىغان ۋاقىتتۇر. شۇڭا…
9. ناۋادا يىگىتىڭىز قاتتىق خۇشاللىق ۋە ھاياجان بىلەن سىزگە بىر دۆۋە چەتئەللىكنىڭ ئىسىملىرى ۋە كوماندىلارنىڭ جەڭ تاكتىكىلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم كەسپىي ئاتالغۇلارنى سۆزلەپ كەتسە، جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بېرىڭ. چۈشەنمىسڭىزمۇ ھېچنىمە سورىماڭ، چۈنكى نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. سىز پەقەت ئۇنىڭغا «ۋاھ جېنىم، سىز نېمە دېگەن قالتىس» دېگەن چىراي ئىپادىڭىزنى كۆرسەتسىڭىزلا، دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن مول-ھوسۇل ئالىدىغان پەيت كېلىدۇ.
10. ناۋادا يىگىتىڭىز قوللاۋاتقان كوماندا شاللىنىپ كەتسە، ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ. چۈنكى، ھەر تۆت يىلدا ئۇ چوقۇنىدىغان كوماندىلار شاللىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا ئۇ كۆنۈك.
11. ناۋادا يىگىتىڭىز قوللاۋاتقان كوماندا بىلەن سىز قوللاۋاتقان كوماندا ئارىسىدا پەرق چىقىپ قالسا، ئۇنىڭدا ئىچىڭىزدە بىلىپ ئۇ قوللاۋاتقان كوماندىنىڭ يېڭىشىنى تىلەڭ. چۈنكى، سىز پەقەت كۆڭلىڭىزدە قوللايسىز، يىگىتىڭىز بولسا، يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قوللاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
12. يىگىتىڭىز قايسى كوماندىلارنى ياقتۇرىسىز دەپ سورىسا ھەرگىزمۇ مانچېستېر، خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى دەپ سالماڭ، چۈنكى بۇلار دۆلەت كوماندىسى ئەمەس.

13. مۇسابىقە ئويناۋاتقان ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ يىگىتىڭىزدىن ئوفسايد(越位) دېگەن نېمە دەپ سوراپ سالماڭ، Google دىن ئىزدەپ بىلىۋالسىڭىز بولدى.
14. ناۋادا يىگىتىڭىز تۈز ھەم چىرايلىق بېرىلگەن پاسلارنى ياقتۇرسا، ئىسپانىيەلىك Xavi دىن باشقا يەنە ئېنگلادتىكى Gerrard نى ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ.
15. بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى برازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدۇ. برازىلىيەنىڭ جەنۇبىي يېرىم شاردا ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتقاندا، يىل ئوتتۇرىسى قىش پەسلىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا تېلىۋېزوردا توپچىلارنىڭ 6~7-ئايلاردىمۇ ئۇزۇن يەڭ توپ كىيمى كىيىپ يۈگۈرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ. ئەلۋەتتە، برازىلىيەنىڭ بىر قىسىم ئىسسىق جايلىرىمۇ بار. شۇڭا بۇ مەسىلىگە سىزنىڭ بەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز ھاجەتسىز.
16. نۇرغۇن ياخشى مۇسابىقىلەرنىڭ ۋاقتى ئوتتۇرا كېچىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا يىگىتىڭىز بىلەن تېلىفون پاراڭلىشىدىغان ياخشى پەيت. ناۋادا قاتتىق مۇڭدىشىۋېتىپ يىگىتىڭىز تۇيۇقسىز ئاغزىنى بۇزۇپ سەت تىللاپ كەتسە، ھەرگىزمۇ بۇنى يىگىتىڭىزنىڭ مۇسابىقىسىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن دەپ ئويلىماڭ. گەرچە ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق بولسىمۇ…
17. ناۋادا يىگىتىڭىز بىلەن پاراڭلاشقاندا دىققىتى تازا جايىدا بولمىسا، بۇنىڭدىن بەك ئەجەپلىنىپ كەتمەڭ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئەمەس، پەقەت بىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
18. مۇسابىقىگە 32 دۆلەت كوماندىسى قاتنىشىدۇ. شۇڭا سەمىڭىزگە يەنە سالاي، قايتا سوراپ يۈرمەڭ، بۇ مۇسابىقىدە بارسېلونا ياكى مادرېد يوق.
19. كېلىشكەن يىگىتىلەر ئەڭ كۆپ كوماندا ئىسپانىيە كوماندىسى. بىراق يىگىتىڭىز سوراپ قالسا، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ تېخنىكىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى دەپ قويسىڭىزلا بولدى.
20. قايسى توپچىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى سورىسا ھەرگىزمۇ كىرىستىيان رونالدو دەپ سالماڭ، دروگبا ياكى ياكى رىبېري دېسىڭىز باشقىلارغا تېخىمۇ ئۆزگىچە تەسىر بېرىشىڭىز مۇمكىن.
21. ياپونىيە ياكى كورىيە كوماندىسىدا كېلىشكەن يىگىتلەر يوق، شۇڭا جىق ئويلىماڭ.
22. بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە 22 ئادەم 11 دىن ئىككى كوماندىغا بۆلۈنۈپ 1 تال توپنى قوغلاپ ئاخىرىدا قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا كىرگۈزۈپ ئوينايدۇ. بۇ خۇددى بىر توپ قىزلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال باھاسى چۈشۈرۈلگەن داڭلىق ماركىدىكى سومكىنى تالاشقىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا بەك ئەجەپلەنمەڭ.
23. توپنى كۆپ كىرگۈزگەن كوماندا يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ.
24. يىگىتىڭىزنىڭ كۆرگەن نەچچە 10 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى قوشسا، سىزنى ساقلىغان ۋاقتىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆڭلى كۆڭسىڭىزنى كەڭرى تۇتقايسىز، ئاياللار يېرىم دۇنيا ئەمەسمۇ…
قىزلارنىڭ تۈگەپمۇ قاپتۇ، ئەمدى ئوغۇللارنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدە بىلىۋالىدىغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. ئاۋال، ئەڭ ئاۋال ھە…سىزنىڭ بىر قىز دوستىڭىز ياكى ئايالىڭىز بولۇشى كېرەك، بولمىسا كېيىنكى تارماقلىرىنى يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق.
تۈگىدى.

مەنبە: تورخۇمار بىلوگى http://www.torhumar.com/girls-guide-to-world-cup-2010.html

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 21:16:21

ئەھمىيەتسىز تېمىدەك بىلىندى، گويا مۇنبەرنىڭ خاسلىقىغا داغ بولغۇدەك:(

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 22:59:29

ئىزدنىشتا توپخۇمارلار  خېلى بارغۇ ... تىمنىڭ ئەھميتىنى ئالدىرماي بىلىپ قالمىز  .


يۇمۇر ئارلاش ئابدان يېزىلغان تىمىكەن {:112:}

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 06:59:31

ياخشى چىقىپتۇ، :lolتوغرىسى: پۇتبول دۇنيا لوڭقىسى دىيىلەمدۇ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 07:19:15

ئويۇن باشلانماي تۇرۇپ تۇتىۋىلىش قابىلىيىتىڭلار توۋەنلەپ كىتىپتۇ .
«دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى»دەپ ئاتايمىز .
tarim@مۇ قىززق ، خاتالىقىنى كۆرگەندىكىن تۇزتۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 07:53:42

ئالدىنقى قېتىملىق جەنوبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، قاتناشتۇرغان كوماندىسى يوق تۇرۇقلۇق 30 كۈن ئۇدا كىچىسى قوپۇپ توپ كۆرۈپ، ئەتىسى يەنە خىزمەتكە چىقىپ، چارچاشتىن ئۆلگەنلەر بار.
ئىبرەت ئېلىڭ.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 08:00:29

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 08:42:16

تاينىڭلا قالمىغىلى تۇرۇپتۇ مۇشۇ يۇمۇر تېمىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ئەھمىيەت ئىزدىگىلى كىرگەن بولساڭلا:lol


يەنە بىر گەپ
دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى دەمدۇ ياكى پۇتبول دۇنيا لوڭقىسى دەمدۇ قىزلار ئۈچۈن بەرىبىر:lol
مۇھىمى بۇ مۇسابىقىگە مادرىت بىلەن بارسىلونا قاتناشمايدۇ:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 09:31:18

فانىي:lol

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 11:37:25

ياخشى تىما بوپتۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 15:06:44

بولىدىكەن ....ئادەم  ئېرىنىپ قالمىسا كەمپىرنى تىك توختىتىپ قويۇپ ئوقۇپ بېرىدىغان ياكى ئالىم مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇنقى يېرىم سائەتتە ئاڭلىتىدىغان تۈزۈملەرگە ئوخشاش  مۇسابىقە باشلاشتىن بۇرۇن ئاۋازلىق قىلىپ قايتا قايتا ئاڭلىتىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولامدۇ نىمە :lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 15:17:22

مەلۇم بىر  كۈنى ئەر  ئايال ئۇرشۇپ قالدى ، بىز سەۋەبنى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن ئىزدەپ باقايلى :


ئايالنىڭ خاتىرسىدىن :
2057 - يىلى 15-ئاينىڭ 39 -كۈنى    ھاۋا قارا بورانلىق
بۈگۈن مەن ئۇنىڭ بىلەن تەگىشىپ قالدىم ،  ئەمما  مەن ئۇنىىڭغا  شۇنچە  نۇرغۇن گەپ قىلسام بىر  ئېغىزمۇ گەپ قايتۇرمىدى . ئاھ  خۇدا  پەرزىم توغرا چىقتى ئۇ مىنى ھازىر 5 پۇڭغا تەڭ قىلمايدىكەن ، مەن بوغاچامنى ئېلىپ ئانامنىڭ ئۈيىگە يامانلىدىم ، ئەمما  ئۇ مىنى تۇتۇپ قېلىش  تۈگۈل ھەتتا  بىر بۇلۇڭدا  تاماكىسنى قاتتىق شۇراپ  پەرۋاسز  ئولتۇردى ، ئاھ خۇدا  بۇ ماڭا نىمە كۈن ، شۇنداق مەن قايتىپ كەلدىم ، ئۇ ئاۋالقىدەك كەينىمدىن قوغلاپ چىقمىدى ... مەن ئانامنىڭ ئۈيىگە  قايتىپ كەلدىم . ئامامغا ئېسلىپ بۇقۇلداپ يىغلىدىم ئەمما  ئۇ ماڭا تىلفۇنمۇ قىلمىدى ، ئۇيقۇم قاچتى دەرىزە سىرتىدىكى ئايغا قاراپ بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشنى ئەسلىدىم :
   بۈگۈن بىز دوستۇمنىڭ تۇيىغا  باردۇق ، ئەر ئايال ئىككىلىمىزنىڭ باشلانغۇچتىكى كونا ساۋاقدىشىز ئىدى. ئۇ دەل شۇنىڭ باشلاپ ماڭا گەپ قىلمىدى ، تاماكىسنى شۇراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ... ..........  ....  ....   زادى نىمە  بولغاندۇ ؟ ......  ياق  ياق ئۇنداق ئەمەس  .... توختا ،  بۈگۈن كونا  مۇھابىتنىڭ تويى ، ئەسلى ئىش  مۇنداقكەندە .....  .... ئۇ نىمىشقا شۇنداق قىلدۇ ، تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بالمىزنى .... .............(ئۇھ  يېزىپ بۇلالمىدىم ، ھەر  بىر  چىكىتنىڭ ئورىندا  1000 خەت قىسقارتىلغان دەپ چۈشنۈڭلا بولدى )


ئەمدىكىسى ئەرنىڭ خاتىرسى :
2057 - يىلى 15-ئاينىڭ 39 -كۈنى    قارا بۇلۇتلۇق
   ئاھ  خۇدا ، بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ پاجەلىك كۈن بولدىغۇ بۇ !!! بارسولونا  نىمىشقا  ئۇتتۇرۋېتىدۇ !!!!

تۈگىدى !!!{:87:}


بىر  چاغدا  بىر  يەردىن كۆرگەن ئىدىم ، ئەمما  ئىسىمدە تۇللۇق قالماپتۇ ، شۇڭا  ئۈزەم تەخمىنى يېزىپ قويدۇم .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 19:07:25

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 15:17 static/image/common/back.gif
مەلۇم بىر  كۈنى ئەر  ئايال ئۇرشۇپ قالدى ، بىز سەۋەبنى ئۇ ...

بارسىلونا نىمىشقا ئۇتتۇراتتى..چۇقۇم بىزنىڭ چېلسىغا ئۇچراپ قالغان گەپ..:lol

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 19:14:15

RE: دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 19:07 static/image/common/back.gif
بارسىلونا نىمىشقا ئۇتتۇراتتى..چۇقۇم بىزنىڭ چېلسىغا ئ ...

تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ دىگەندەك ، بىزنىڭ مادرىدنىڭ ئالدىدا باسا بىلەن چېلىسىنىڭ گېپىنى ئاز قىلىڭلا ، ، ،

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 19:25:58

boss يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 19:14 static/image/common/back.gif
تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ دىگەندەك ، بىزنى ...

سىز دىگەن بۇ مادرىد خانلىق مادرىدمۇ ياكى مادرىد رىقابەتمۇ؟ :lol

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 22:07:16

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 19:07 static/image/common/back.gif
بارسىلونا نىمىشقا ئۇتتۇراتتى..چۇقۇم بىزنىڭ چېلسىغا ئ ...

مورىنھو ياخشى تۇرۋاتامدۇ؟{:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 22:21:43

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 22:07 static/image/common/back.gif
مورىنھو ياخشى تۇرۋاتامدۇ؟

ياخشىغۇ...ئابلاباي، توررېس ئۈچى دۇدىجۇ ئويناۋاتقاندۇ بەلكىم...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 13:10:44

ئەمسە دەرىس تەكرار قىلايلى، بۇ يىلقى 32كوماندا ۋە مۇسابىقە كۈن تەرتىپى!



بەت: [1] 2
: دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى