تېرە كىسىلىدىن مەسلىھەت بەرسەڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك.مۇنداق ئەھۋال:
بىمار:ئايال . ھامىلدار بولغانغا 8 ئاي بولدى .بىلەك ھەم ئىككى بىقىنغا قىزىل قاپارتقۇ(شەكلى ماي چاچراپ كۈيۈپ قالغاندەك)چىقىپ،قىچىشىپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ.ھامىلدار بولغىنى سەۋەپ ،دورا يىيەلمەيدۇ.دوختۇرمۇ قىچىشىشنى پەسەيتىدىغان سۈركەيدىغان دورا بەرگەن.ئەمما ئەھۋالدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش يوق.دوختۇر بىرەر نەرسە رىئاكسىيە قىلغان ئېھتىمال دەيدۇ.تۇخۇم،سۈت،بېلىق،توخۇ گۆشىدىن پەھىز تۇتۇڭ دەپتىكەن.پېقىر يەلتاشما دەپ ئويلىۋالدى.كەڭ ئىزدىنىشلىقلار نىمە دەپ ئويلايدۇ ھەم قانداق پىكىر مەسلىھەتلەر بار بولسا دەپ باقساڭلار.رەھمەت. @jalinus
13325627640 بۇنىڭ داۋاسى كۆك ئوسمىنى سىقىپ سۈيىنى ئەسۋە ئورنىغا چىپىش كىرەك. رەسىمىنى بىللە يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن. شۇنىڭغا ئاساسەن مەسلىھەت بەرسەك. دوختۇرخانىدا بىر خىل دورا بار سۈيۈق ھاكتەك شۇ دورىنى ئىشلىتىڭلار تېز مەنپەت قىلىدۇ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ..
گۈڭگۈرتنى ھايۋانات مېيىغا ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ سۈرۈپ بەرسە شىپالىق تاپقۇسى. ئەڭ ياخشىسى ئىيىق مىيى بولسۇن. ياكى داۋغان مىيى يەلتاشمابولسا ئات گۆشىدە پولو ئېتىپ يىسۇن،بىر ئىككى قېتىم يىسىلا ساقىيىپ كەتمىسە مېنى تۇتۇڭ مېنى تۇتۇشنى خالىمىسىڭىز ساداقەت يەل كۆيدۈرۈش كاپسۇلىنى يىسۇن
بەلكىم يەلتاشما بولماسلىقىمۇ مۇمكىن،تېرە كېسەل دوختۇرلىرى ياكى ياشقا چوڭ پىشقەدەملەرگە كۆرسىتىڭ،تېزلا ئايرىپ داۋاسىنى دەپ بېرىدۇ
بەت:
[1]