tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 12:02:18

گۈلقەنت ياساش ئۇسۇللىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-29 12:14  


گۈلقەنت ياساش ئۇسۇلى
گۈلقەنت ئاتا بوۋىلىرىمىز يېمەك ئىچمەك ئىستىمالىدا مۇھىم بىلىپ كەلگەن بىر خىل ئۇزۇقلۇق ۋە دورىلىق خۇسۇسىيەتگە ئىگە بولغان مەھسۇلاتتۇر،تۆۋەندە ياساش ئۇسۇلى ۋە قىسقىچە تەسىرلىرى بېرىلدى،چېچەكلەرگە قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى،يۇپۇرماقلارغا يالپۇز گۈلقەنتىنى مىسال قىلدىم.
قىزىلگۈل گۈلقەنتى ياساش
كېتەرلىك ماتىرىياللار: يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈل، ئاق شېكەر.

ئاۋال قىزىلگۈلنىڭ بەرگىلىرىنى پاكىزە ئايرىپ ئالىمىز،بىر كىلوگرام قىزىلگۈل بەرگىگە 3كىلوگرام ئاق شىكەر قوشۇپ قولىمىزدا تۇلۇق ئارىلىشىپ بولغۇچە مۇجۇپ داتلاشماش قاچىغا ئېلىپ،ئاغزىنى گېزىت ياكى ياپقۇچتا مەھكەم بېكىتىپ تۇمۇز ئىسسىقتا ئىككى ئاي ئەتراپىدا  قويىمىز.

ئەگەر تەييارلىماقچى بولغان گۈلقەنت جىق بولسا ئېزىش ماشىنىسىدا تەييارلىسىمۇ بولىدۇ. ئىمكان بار قولدا ئىزىپ تەييارلىسا رەڭگى ۋە پۇرىقى بەك ياخشى چىقىدۇ.

تەسىرى ۋە داۋالايدىغىنى: كۆڭۈلنى ئېچىپ روھلاندۇرىدۇ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدۇ. جىگەردىكى توسالغۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچى سىقىلىش، قورساق كۈپۈش، ئاشقازان ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇنۇتقاقلىق،قەۋزىيەت، ئىشتىھاسىزلىق ۋە تۇبىركۇليۇز قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئانار چېچىكى گۈلقەنتىمۇ يۇقىرىقىدەك تەييارلىنىدۇ.
قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى شىكەردىن باشقا ھەسەل بىلەنمۇ تەييارلايدىغان بولۇپ، ھەسەلدە تەييارلانغىنىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىققا مايىل كېلىدۇ،ئاساسلىقى بەلغەمدىن بولغان كېسەللىكلەرگە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، ياساش ئۇسۇلى ئوخشاش ،مىقدارى گۈل بەرگى بىر ھەسسە،ھەسەل ئىككى ھەسسە بولسا بولىدۇ.

پىننە گۈلقەنتى

كىتەرلىك خۇرۇچلار: يۇمران پىننە بىر كىلوگرام، شىكەر ئۈچ كىلوگرام.
پىننىنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى پۇتاپ ئېلىپ، پاكىزلەپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ تازا مۇجۇپ تەكشى ئارىلاشقاندا ، قاچىغا ئېلىپ،تۇمۇز ئاپتاپتا ئىككى ئاي قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئەگەر پىننى قۇرۇق بولسا شىكەرنى قىيام قىلىپ،پىننە يۇپۇرمىقىنى يۇمشاق سۇقۇپ قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىسىمۇ ياكى پىننىنى سۇ بىلەن ئۇزاق قاينىتىپ سۈزۈپ سۈيىگە شېكەر سېلىپ قىيام قىلىپ تەييارلىسىمۇ بولىدۇ،
تەسىرى ۋە ئاساسلىق داۋالايدىغىنى مېڭە ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش،ئاشقازاندىكى سوغۇق يەلنى تارقىتىش،ئىشتىھانى ئېچىش، قان كۆپەيتىش  تەسىرى بار.
يالپۇز،بىنەپشە ۋە باشقا ئۈسۈملۈكلەرنىڭ يۇپۇرمىقىدىن گۈلقەنت تەييارلاشمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش بولسا بولىدۇ.
تادۇبەگ ئۈندىدار سالونىدىن TADUBAG


karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 12:44:38

ماۋۇ  ھۈنەرنى ساقلاپ قويۇپ ، قېرغاندا موماي بىلەن بىللە تەتقىق قىلسام بولغۇدەك.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 12:51:59

تۆتىنجى رەسىمدىكىسى ئىزىلگەن قىزىلگۈلمۇ ياكى گۈلقەنىتمۇ ؟ بەك كۆركەم ھەم يىيىشلىكتەك كۆرۈندى ، مەن كۆرگەن  يىگەن قۈلقەنىتلەرگە ئوخشىمايدىكەن
گۈلقەنىتنى شىكەر ئىشلەتمەي ھەسەل بىلەن قىلسا بولمامدۇ ؟  گۈلقەنىت دىئابىتلارغا ماس كەلمەمدۇ ؟ شىكەرنى قىلماي ساپ قىزىلگۈلنى يىسىمۇ گۈلقەنىتتەك رولى بولامدۇ؟

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 13:11:33

رەخمەت... ماتىرياللارنى تاپقىنى بولغۇدەك، ئۆيلەردە ئۆزىمىز ياسىۋالساقمۇ بولىدىكەن !

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 13:17:22

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 12:51 static/image/common/back.gif
تۆتىنجى رەسىمدىكىسى ئىزىلگەن قىزىلگۈلمۇ ياكى گۈلقەنى ...

رەسىملەرنى توردىن تاپقان.
گۈلقەنىتنى شىكەر ئىشلەتمەي ھەسەل بىلەن قىلسا بولمامدۇ ؟
بولىدۇ.
گۈلقەنىت دىئابىتلارغا ماس كەلمەمدۇ ؟
ماس كەلمەيدۇ.
شىكەرنى قىلماي ساپ قىزىلگۈلنى يىسىمۇ گۈلقەنىتتەك رولى بولامدۇ؟
مەلۇم تەسىرلىرى ئوخشايدۇ،مەلۇملىرى ئوخشىمايدۇ.

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 13:19:37

ئاپام بەكمۇ ئۇستا بۇ ھۈنەرگە.......

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 14:04:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-29 14:06  

ئىنتاھان بەرگەندەك جاۋاپ بەردىڭىزغۇ  تادۇبەگ ئەمچى

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 14:28:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-29 14:57  

بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىمنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ئايرىم تېما ئىچىپ قويدۇم. ئۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب: تادۇبەگنىڭ تېمىسى گۈلقەنت ياساش ھەققىدە بولسا ، مەن تەييارلىغىنىم ‹‹گۈلقەنت ياساشتا ۋە ساقلاپ ئىستىمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار›› دېگەن تېما بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 15:08:50

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 14:04 static/image/common/back.gif
ئىنتاھان بەرگەندەك جاۋاپ بەردىڭىزغۇ  تادۇبەگ ئەمچى

شۇنداق چىقىپ قالدى ھاھاھا

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 16:51:55

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 16:57:35

گۈلقەنت بەلەن نەرسە، لېكىن ياساش بەكمۇ مۇرەككەپ، بۇ يەردە بىر قۇر ئوقۇپ ئاساندەك تۇيۇلغان بىلەن قول تۇتۇپ ياسايدىغان بولسا ، ئاللا ئاللا ئالامەت...يەنە قىززىق يېرى بەك جىق كىشىلەر گۈلقەنتنى ياقتۇرمايدىكەن تېخى:o

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 17:16:55

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 16:51 static/image/common/back.gif
بىر يىللىرى ئايالىم ئىشىك ئالدىغا تېرىلغان ئازغان گۈل  ...

ئېزىپ قالمىسۇن،
گۈلقەنتمۇ گۈلىگە قاراپ تەسىر قىلىدۇ.

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 21:03:09

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تادۇبەگ ئەپەندى ، يەنە قانداق گۈل - گىيالاردىن گۈلقەنت سالغىلى بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ تەسىرىچۇ ؟ رەھمەت ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 02:22:55

كۆپ رەھمەت

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 11:06:42

sherqi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 21:03 static/image/common/back.gif
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تادۇبەگ ئەپەندى ، يەنە قانداق گۈل -  ...

جىگدە چىچىكى.  ئانار چىچىكى  . ئەتتىرگۈل    .مۇشۇلارنى بىلىدىكەنمەن

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 11:08:12

تاتلىق دىسسە  جان تىكىمەنغۇ  مەن  ..... ھەسەل .مۇراببا  ،گۈلقەنت  ناۋات   شىكەر .......
لىكىن  ئاچچىققا   پەقەتلا خوشۇم  يوق

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 21:28:50

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 11:08 static/image/common/back.gif
تاتلىق دىسسە  جان تىكىمەنغۇ  مەن  ..... ھەسەل .مۇراببا  ،گۈ ...

.....لازا ، ئاچچىقسۇ ، پىياز ، ھاراق ، تاماكا ، :lol :lol

turghon يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 06:13:37

بەكمۇ ياخشى تىمايوللاپسىز... مۇشۇنداق قولدا قىلىدىغان نۇرغۇن ئەنئەنىلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كىتىلىۋاتىدۇ....
بەت: [1]
: گۈلقەنت ياساش ئۇسۇللىرى