qeyser يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 09:34:19

قەيسەر مىجىت: ئۈچ يۇرت ھەققىدە ئۇچقۇر تۇيغۇ ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gilas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-29 14:16

   ئىلاۋە: ئالدى بىلەن ئاق بايراق كۆتۈرۈپ جاكالايدىغىنىم شۇكى مەن شائىر ئەمەس، پەقەتلا ھەۋەسكار. سەھەرلىرى قەھۋە ئىچكۈچە، پويىز ساقلىغۇچە ۋە ياكى پويىزدا كىتىۋاتقۇچە خىيالىمغا كەلگەنلىرىمنى شىئىرى شەكىلدە يىزىپ قويىمەن خالاس. شىئېردا كامالەتكە يەتكەن ئىسىمسىز ئەمەس، سىفىرلىق سالاھىيەت بىلەن مۇنبەرگە كىرىپ "چەتئەلدىكىلەر شىئېرنى پاخال قىلىۋەتتى" دەپ قاخشايدىغان بۇرادەر، جىددىلىشىپ كەتمىگەيسەن...
بەلكىم سىەن مەندەك ئۇزۇن يىل چەتئەلدە تۇرساڭ بۇ مىجەزىڭ بىلەن ساڭا كىلىدىغىنى چوقۇم بولمايدۇ، ساپ تۇيغۇ،بەلكى كۆڭلۈڭنى باسىدۇ رەنجىش، كۆزۈڭنى ئۇيقۇ!
تۆۋەندىكىسى ئۈچ يۇرت ھەققىدە تۆككەن تۆكمىلىرىم، ئىزدىنىش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئىلىپ تۇراي دىدىمغۇ ....


**************************************************


1. ئۈرۈمچى


ئۈرۈمچى،

يىڭى كەلگەن چىغىمدا ساڭا،

نۇرغۇنلىغان ئادەمگە ئوخشاش،

ئوقۇپ بولۇپ كىتىمەن دىگەن.

كىچىكلىكتە "مۇساپىر" ھىس قىپ،

نىمە ئويلاپ نىمە دىمىگەن؟


ئۈرۈمچى،

قۇچاغلاندىم سەندە توققۇز يىل،

نائىل بولدۇم مۇھەببىتىڭگە.

مەي بوپ كەتتى مەندىكى كۆڭۈل.

سەندە تاپتىممۇھەببىتىمنى،

سەن زەررىچە بولمىدىڭ بىخىل!


ئۈرۈمچى،

كۆز ئالدىمدا ئاشۇ كوچىلار،

قول تۇتۇشۇپ ماڭغان كىم بىلەن؟

ھەر ئەسلىسەم قايتار ياشلىغىم،

ئۇ چاغ ھەجەپ تاتلىق چاغ ئىكەن.

مەن قىزىڭغا بەلكى دۈم چۇشكەن:)!


ئۈرۈمچى،

شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتسىمۇ،

سېغىنىمەن سىنى يۈرەكتىن.

ئەگەر كىتىپ قالسام بىر كۈنى،

ياشلىغىمنى ئىزدەيمەن سەندىن،

"كىلىدۇ" دەپ ئۈمىد كۈت مەندىن!



يىزىلدى، 29-ئافرىل سەھەر



2. قەشقەر نانلىرى


(بوستۇنغا يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچى سىڭىلچاق قەشقەر نانلرىنى ئالغاچ كەپتىكەن، بۈگۈن 1-ماي سەھەر شۇنى يەۋىتىپ..)



قەشقەر، قەشقەر -سۆيۈملۈك شەھەر،

سەن ھەر زامان قەلبىم تەختىدە.

مەندە قالدى گۈزەل ئەسلىمەڭ،

بەك سىغىندىم ئۇنى بىر دىمە!


يازاي دىسەم پۈتىدۇ داستان،

كۆيۈپ سىنىڭ مۇھەببىتىڭدە.

"شە" دەپ ئاتار ئىدۇق بىز سىنى،

ئۇلۇغ شەھەر-سەن بەك ئۆزگىچە!


لەغمەنلىرىڭ-لەڭپۇڭلىرىڭدا،

تەمى باردۇر-تەملىك خەلقىمنىڭ.

نانلىرىڭدا-كاۋاپلىرىڭدا،

ئىززىتى بار لەززەت-قۇۋۋەتنىڭ.


ھوزۇر بىلەن يىيىلدى بۈگۈن،

تونۇرۇڭدا يىقىلغان نىنىڭ،

ئوغلۇم قۇرۇق چايناپ كىتىپتۇ،

پەيزىسىنى سۈرۈپ ھوزۇرنىڭ!


كۈلۈپ كەتتىم ئوغلۇمغا قاراپ،

ئۇيغۇرلىغى بولغاچ نامايان.

قەشقەر نىنى - ئۇيغۇرنىڭ نىنى،

بەخش ئەتتىڭ سۆيگۈ ھاياجان.


3. ئاتۇش سۆيگۈسى



دىدىم قەشقىرىم، دىدىم ئۈرۈمچەم،

دىمىدىم تېخى سىنى ئاتۇشۇم.

ئاشۇ سۇئالنى قويدى بىر قوشنام،

"يىزىڭ ئاتۇشنى، كۆڭلى قالمىسۇن!".


"چەكمەن چاپىنىم" ھەر دائىم بىرگە،

بارالمىساممۇ ئانا ئاتۇشقا.

ئۇندىن ئىزدەيمەن سايە ھەم راھەت،

ھايات تومۇزى قىينىغان چاغدا.


ئاللا خالىدەم ئەسلەپ كەتمەيمەن،

كۆڭلۈم چىچىلغان تىنجىق كۈنلەردە.

يامغۇر ئىزدەيمەن ئاسمانلىرىڭدىن،

راھەتلىك چاغلار بولسۇن ھەممىگە.


خىيال شۇڭقارىم ئۇچۇپ كىتىدۇ،

تەۋفىق روھىدىن مەدەتلەر سوراپ.

داموللام سۆزى بىرەر كۈچ -غەيرەت،

ئىمان-ئىدرەكتىن قەترىلەر يوللاپ!


ئاللا قەشقىرىم سەندە بارتارخ،

ئاللا ئۈرۈمچەم سەندە بار سۆيگۈم.

ئاللا ئاتۇشۇم -ئىتەكلىرىڭدە،

قايتا تۇغۇلار خىيالىم -ئۆزۈم!



13-ماي سەھەردە يىزىلدى.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 12:55:47

مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش ھىسياتتا

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 13:08:47

باغداش ئەمەس ئىزدىنىش دەڭ..:lol

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 14:26:08

بىزلەر بۇ يەردە ھامبۇرگ توقىچى، پىسا قاتلىمىسى يىگەچ شىئېرلىرىڭىزنى ئوقۇۋاتىمىز .
بەت: [1]
: قەيسەر مىجىت: ئۈچ يۇرت ھەققىدە ئۇچقۇر تۇيغۇ ...