qeyser يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 09:31:58

قەيسەر مىجىت: مىنىڭ چوڭ دادام -ئەمەت باقى


    ئىلاۋە: ھەر قانداق بىر ئەۋلادنىڭ ئەجدادى بولىدۇ. مىنىڭمۇ ئۆزۈم پەخرلەنگۈدەك ئەجدادلىرىم بار. مەن ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىن ھالاللىق ۋە راستچىللىق بىلەن، ياخشىلىق بىلەن ياشاپ ئەۋلادلىرىغا ياخشى تەربىيە ۋە تەسر، مېھر-مۇھەببەت قالدۇرۇپ ئۆتكىنىدىن چەكسىز پەخرلىنىمەن.
مەزكۈر يازمامنى مەن ئانامنىڭ دادىسى -ئاتۇش ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىنىڭ ئوچار كەنتىدە تۇغۇلۇپ 94 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئۆز تۇپرىغىنى قۇچاقلاپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن رەھمەتلىك چوڭ دادام ئەمەت باقىغا بىغىشلايمەن!
   مەن 2011- يىلى ئاۋغۇستتا ۋەتەنگە بارغاندا قەشقەر ئايرۇدۇرۇمدىن ئۈستۈن ئاتۇشقا كىرگەن تۈنجى قەدىمىمدە ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن ئەمەت دادامنىڭ قەۋرىسىگە بىرىپ ئۇنىڭغا ۋە باشقا بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ كىتىپ قالغان تۇققانلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلدىم!
*****************************************************
   بىر ئادەمنىڭ ئەقىللىق ۋە زىرەك بولۇشىدا -ئىرسىيەتنىڭ ئوينايدىغان رولى چوڭ. پاراسەت -كىيىنكى تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا ئىرسىيەتتىن كەلگەن ئەقىل تۇپرىغىدا بىخ سۇرۇپ، ئائىلىۋى تەربىيىنىڭ تەسىرى ۋە ئىجتىمائى شارائىتنىڭ غىدىقلىشى، تەلىۋى ۋە تەقەززاسى بىلەن ياكى زورۇيۇپ بارىدۇ، ياكى ئۇخلاپ قالىدۇ.
   مىنىڭ ئانا تەرەپ ئەجدادلىرىمدىن ئۆتكەن ئەسىردە ياشىغانلىرى تىجارەتتە خىلى ئىپى بار كىشىلەردىن بولۇپ پۇل تىپىشقا ھىرىس قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلاردىكى ئۇ خىل روھ ماڭا ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك زەررىچە يۇقماپتىكەن. ئويلىسام، مىنىڭ "پۇل تىپىش"قا ھىرىس قىلماسلىغىم - بەلكىم قاناتئەتچان بىر ئائىلىدە ۋە ياكى بازىرى بولمىغان، كىشىلەر ئۆزىدە بار بولغان ئوشۇق نەرسىنى باشقىلارغا پۇلغا سىتىشتىن ئۇيۇلۇپ بىكارغا بىرىشكە رازى بولىدىغان تاغلىق ئورمان مەيدانىدا چوڭ بولغانلىغىمدىن بولسا كىرەك. بولمىسىغۇ ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەزىلىرىدە بولىدىغان تىجارەتكە ماھىرلىق مىنىڭ ئەجدادلىرىمدىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، مىنىڭ ئانامنىڭ چوڭ دادىسى - ئاتۇشنىڭ ئۇستۇن ئاتۇش يىزىسى ئوچار كەنتىدە تۇغۇلۇپ ياشاپ ئۆتكەن باقى ئىسىملىك بوۋىمىز -ئاۋازلىرى بوم ھەم چوڭ چىقىدىغان، تەمبەل كىشى ئىكەنمىش، بۇ ئۇلۇغ بوۋىمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا "شەدىن" (قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلاردا ياشايدىغان ئادەملەر زامانىسىدىن بۇيان قەشقەرنى ئاشۇنداق ئاتىشىپ كەپتىكەن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادا قەشقەردىن ئۆتە گۇزەل ۋە ئۇلۇغ شەھەر يوق!) مال ئەكىلىپ ئۈستۈن-ئاتۇشنىڭ بازارلىرىدا ساتاتتىكەنتۇق. (ئانامنىڭ دىيىشىچە بۇ ئۇلۇغ بوۋىمىز - مىنى يەنى ئەۋرىسىنى 6 ئايلىق چىغىمدا كۆرۈپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كىتىپتىكەن، 1971-يىلى 96 يىشىدا قازا قىلغان ئىكەن، ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامىن)
      باقى دادامنىڭ ئەمەت باقى ۋە رەھم باقى دەپ ئاتىلىدىغان ئىككىلا ئوغلى بولۇپ، ئەمەت دادام - ئانام مەرەمنىساخاننىڭ دادىسى ئىدى. ئەمەت دادام- ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلىپ ئۆسمۈر چاغلىرىدىلا دۇكان ئىچىپ خىلى باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىكەن. (ھەتتا مىنىڭ قېينى-ئاتام ئىمام ھاجى ئەپەندىنىڭ يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ ياشىغىنىغا 60 يىل بولغىنىغا قارىماي، چوڭ دادامنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىشلىرىنى ئىنىق ۋە توغرا تەسۋىرلەپ بىرەلىگىنىگە قارىغاندا چوڭ دادام زامانىسىدا شۇ يۇرتتىكى يامان ئەمەس تىجارەتچىلەرنىڭ بىرى دىگەن گەپ). ئانام ماڭا جاھان قاتتىقچىلىق چاغلىرىدا بازار تاقالغاندىن كىيىن سېتىلماي قالغان كۇپ-كۇپتىكى چىلان، جىگدە ۋە ياڭاقلارنىڭ ئۆزلىرىگە بەك ئەسقاتقانلىغىنى سۆزلەپ بىرىدىغان. ئەمەت دادام ئۆزى ساۋاتسىز بولغىنى بىلەن پۇلنىڭ ھىساۋاتىنى ياخشى بىلەتتى، مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئۇنىڭ قوناق ئۇرۇقى بىلەن ھىساپ قىلىدىغىنىنى كۆرەتتىم. ئۆزى ئىگىز بوي، قامەتلىك، يۈزلىرى قىزىل كىلىشكەن، ئىشچان، ساغلام تەبىئەتلىك كىشى بولۇپ، ئۆز ئىشىغا پۇختا، ئوشۇق ئىشقا ئارىلاشمايدىغان، غەيۋەت-شىكايەتتىن يىراق، ئۇيقۇنى، ئارام ئىلىشنى، بەش ۋاق نامازنى قولدىن بەرمەيدىغان پاكىز ياشايدىغان دىيانەتلىك خۇشئاۋاز، بىشىدىن تۇماق ياكى دوپپىنى ئايرىمايدىغان تەمكىن كىشى بولۇپ مەھەللىنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ بىرى ئىدى. 80-يىللارنىڭ بىشىدا بازار قويۇۋىتىلگەندىن كىيىن چوڭ دادام ياشچاغلىرىدا قىلغان تىجارىتىنى باشلىۋالدى. ئەمەت دادامنىڭ زەيدىن دىگەن بىرلا ئوغلى مەرەمنىسا ۋە تۇنىسا دەيدىغان ئىككى قىزى بولۇپ، ئاناملارنىڭ ئانىسى - ئايشەمخان ئانام 1950-يىللارنىڭ بىشىدا تۇغۇت جەريانىدا قازا قىلىپ كەتكەن ئىكەن (جانابى ئاللا ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن!)
         چوڭ دادام ئەمەت باقى (بەزىلەرنىڭ ئەمەت شاڭيوم دەيدىغىنىنى ئاڭلاپ قالاتتىم بەزىدە، راست شاڭيوم بولغانمۇ ئۇقمايمەن، ھەم ئۇنىڭ نىمىلىگىنى ھەم ئۇقمايمەن، مەھەللە موتىۋىرى دىگەن گەپ بولسا كىرەك؟)- تاغام زەيدىن ئەمەتنىڭ مەن دىمەتلىك ئوغۇللىرىنى، ۋە ھەر تەتىلدە تاغدىن چۈشكەن مىنى بازار كۈنلىرى كەينىگە سىلىۋىلىپ بازارغا ئىلىپ چىقاتتى ياكى "شەگە" سودىلىققا ئىلىپ باراتتى. مىنىڭ مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە چوڭ دادامنىڭ بىز نەۋرىلەرگە سىڭدۈرگەن، بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئۈگەتكەن تۇرمۇش ۋە تىجارەت بىلىملىرىگە بولغان مىننەتدارلىغىم بارغانسىرى ئىشىپ بارماقتا.
    مەن ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا "قەشقەردىكى كونا چايخانا" دەپ بىر شىئر يازغان ئىدىم. چۈنكى مەن قەشقەرنىڭ نۇرغۇن تارخ يوشۇرۇنغان سېھرلىك چايخانىلىرىدا 9-12 ياش چاغلىرىمدامۇشۇ چوڭ دادامنىڭ كەينىدە يۈرۈپ ھازىر ئەسلىيەلىگۈدەك دەرىجىدە ئۇنىڭدا ھوزۇرلىنىپ قارا شاملىرى لەيلەپ تۇرغان سېرىق ساپال قاچىلاردا ئىسسىق گىردە نانلار ۋە ياكى مەزىلىك سامسىلار بىلەنچاي ئىچكەن، غىزالانغان. چوڭ دادامنىڭ ماڭا ئەينى چاغدا ئاشۇ پۇرسەتلەرنى بەرگىنىگە رەھمەت. ئادەم دىگەن مانا مۇشۇنداق كۆرۈپ، تېتىپ، سېزىپ ۋە ئويلاپ ئۈگۈنىدىكەن. ھىلىمۇ ئېسىمدەنۇرغۇن قىتىم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ "شەگە " مال ئېلىشىپ بەرگىلى بارغىنىم.
   ئۇ چاغلار 1980-يىللار ئەمدى كىرگەن چاغلار بولۇپ قەشقەر بازارلىرى جانلىنىپ ئاجايىپ ھاياتى تۈسكە كىرگەن ئىدى. ئۇزۇن يىل بوغۇلغان ئادەملەر، تۇنجۇققان ھىسلار ۋە تەلپۈنۈشلەر بىراقلا پارتىلاپ چىققاندەك قەشقەر بازارلىرى ئاجايىپ قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى.
      قېنى ئوقۇرمەن كۆز ئالدىڭلارغا دولىسىغان كىچىك خۇرجۇن سىلىپ، ئاق شاپاق دوپپىنى كىيىۋىلىپ چوڭ دادىسىنىڭ كەينىدە چوڭ دادىسى ياش چاغلىرىدا "ئىلىم-بىرىم"، سودا-سىتىق قىلىشقان كونا چوپقەتلىرىدىن ئالغان چلان، ياڭاق، مەنفىس كەمپىت ۋە كۇچارنىڭ سوپۇنلىرىنى قاچىلاۋاتقان، چوڭلارنىڭ سۆھبىتىگەقىزىقىپ قۇلاق سىلىۋاتقان، چوڭ دادىسى بەرگەن 20 سىنت پۇلغا قەشقەرنىڭ ئوخشىغان لەڭپۇڭلىرىنى ئىلىپ ھوزۇرلىنىپ يەۋاتقان كىچىك 10 ياشلىق قەيسەرنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بىقىڭلارچۇ؟ كىم ئىسىڭلەرگە كەلدى؟
ھىلىقى "يول باشلىغۇچى" فىلىمىدىكى ئۆسمۈر باھاۋۇدىن ۋە ئۇنىڭ بوۋىسى ئىسىڭلەردىمۇ؟
    مەن دەل شۇنداق ھالەتتە چوڭ دادامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭاتتىم....
    بۇنىڭ پايدىسى ماڭا كۆپ بولدى، چۈنكى مەن "تاغلىق" بولغاندىن كىيىن مىنىڭدە "توۋار ۋە بازار ئىدىيىسى" يوق دىيەرلىك ئىدى، ھەم بىر ئۆسمۈردە ئۇنداق ئدىيىنىڭ بولۇشىمۇ ھەم تەلەپ قىلىنمايتى ھەم زۆرۈرمۇ ئەمەس ئىدى. چوڭ دادام ياخشىمۇ تىجارەتچى بوپ قاپتىكەن، ئۇنىڭ كەينىدە يۈرۈپ مۇشۇ "شەگە"بىللە مال ئالغىلى بىرىپ ماللارنىڭ تۈرىنى، خۇسۇسىيىتىنى، خىرىدارلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىپ قالغان ئىدىم. ئۇنداق بولمىغان بولسا "مەخەممەت ئەنجان كاۋىسىنى قوغۇن دەپ پىچىپ بەرسە ئىشىنىپ يىگەن، ئەنجۈرنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقىنىكۆرۈپ، "ھۇ ئاتاڭدىن گۆرۈگۈ... ماغا نە دەپ قۇرتتى ساتاسىڭ" دەپ باققالنىڭ ئالدىغا ئەنجۈرنى ئاتقان، بازار كۆرۈپ باقمىغان تاغدىكى ئاتامبايدەك" ساددا چوڭ بوپ قالاتتىم دىسە. مىنىڭ بىر نەۋرە تۇققانلىرىم تىجارەتكە پۇختا ئىدى يەنى ئۇلار - تىجارەتكە "چىڭ بولۇپ"، "ۋاي مەنپەئەت قىممايدۇ دەمە" دەپ تۇرۇپ ھەتتا تۇققانلاردىن باھانى تالىشىپ تۇرۇپ سودىلىشاتتى، بىرەرى ئىككى ياڭاقنى ئارتۇق ئىلىۋالسا غۇدۇڭشۇيتتى. مەن ئۇلارغا قاراپ - "تۇققاندىنمۇ پۇل ئالامدۇ؟" دەپ ئۇيۇلۇپ تۇرۇپ كىتەتتىم. مەنچە بولسا بىكارغا بېرىشى كىرەك ئىدى. ھەتتا تونۇشلار دۇكانغا كىرىپ قالسا ئامال بار مال ئىشكاۋىنىڭ ئاستىغا يوشۇرنۇشقا تەمشىلەتتىم، ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ "دىھقانلا" كەنتىدىكى يىزا بازىرىغا يەكشەنبە كۈنى چوڭ دادامغا ھەمكارلىشىپ مال ساتقىلى بىللە چىققاندا، تونۇش-بىلىشلەرنىڭ كىلىۋاتقىنىنى كۆرسەم بىشىمنى تىقىۋالاتتىم ياكى ئامال قىلىپ قىچىپ كىتەتتىم. نىمىشقىدۇر مەن "تونۇش بىلىشلەرنىڭ قولىدىن پۇل" ئىلىشنى خىجىل بولىدىغان ئىش دەپ قارايتتىم.
   چوڭ دادام - قەشقەردىن سوپەكتە (قول تىراكتۇر) تىجارەتچىلەر ئىلىپ چىققان قوغۇن-تاۋۇزنى سىتىۋىلىپ دۇكىنىنىڭ ئالدىغا چۇشۈرۈۋېلىپمۇ ساتاتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە تىجارەتچى دىگەن پەسىلگە قاراپ، ئىھتىياجقا قاراپ، پايدا چىقىدىغان توۋارلارنى سېتىشى، پايدا ئاز بولسىمۇ چىقسىلا ئىلىپ سىتىشى كىرەك ئىدى. يازلىق يىغىم مەزگىلىدە بىز نەۋرىلەرنى ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ئوچار كەنتىدىكى مۇنار دەپ ئاتىلىدىغان يەرنىڭ 300 مىتىر ئۈستىگە، سىدىق بەنجاڭنىڭ (بۇ ئادەم چوڭ دادامغا نەۋرە ئىنى تۇققان بولۇپ ئىككىسىنىڭ چىرايلىرى ئوخشىشىپ كىتىشەتتى، 40 -يىللاردا ئەسكەر بولۇپ سىدىق بەنجاڭ دەپ ئاتىلىپتىكەن، قازا قىلىپ كەتكىلى خىلى يىللار بولدى، ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامىن) ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان يىزىلىق ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ ئالدىغا ساتقىلى چىقىراتتى. غەللە -پاراق تاپشۇرغىلى كەلگەنلەردىن قوللىرىغا پۇل تەككەنلەر بالىلىرىغا قوغۇن-تاۋۇز ئىلىپ كىتەتتى.      
      ئۈستۈن-ئاتۇشنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدىن كەلگەنلەر ئاساسەن بالىلىرىغا ئىسكىلاتنىڭ ئالدىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئالدىدىن قۇرۇق قول قايتماي بىر نەرسە سىتىۋىلىپ كىتەتتى. شۇ ئەمىليەت بولغاچقا مەنمۇ قوغۇنلارنىڭ تۈرىنى، نەدىن چىقىدىغىنىنى بىلىپ قالغان ئىدىم، "بىشەكچىن، كۆكچى..."ئەيھۇ ئەنناس بۇ قوغۇنلارنىڭ تاتلىقلىغىنى...
   ئەگەر تىجارەتچى بولغان بولسام مەن ھىلىقى لەڭپۇ ساتسا- ئۆزى يەۋىلىدىغان، گازىر ساتسا ئۆزى چىقىۋالىدىغان، دوغاپ ساتسا "ساراڭ" قىلىپ ئىچىۋالىدىغان بىرسى بولمايتتىم چوقۇم! چۈنكى، نەۋرە تۇققانلىرىم - قوغۇن- تاۋۇزنى ياخشى ساتقان كۈنلىرى - ئىككى ئۈچنى يىيىۋىلىشىمىزنى ھەقلىق دەپ قارايتتى. ئەمما مەن ئۇنى يىگۈم بولسىمۇ تازا توغرا تاپمايتتىم، چۈنكى كەچتە چوڭ دادامغا ھىساۋات بەرگەندە يۈز قىزىرىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ دەپ!
    مۇبادا مەن ئەسكەر بولغان بولسام - قالتىس ئىنتىزامغا رۇئايە قىلىدىغان، "پوستا تۇر" دىسە بۇيرۇققا بويسۇنۇپ مۇگدەپ بولسىمۇ تىك تۇرۇپ ئاخىرى چارچاپ كەينىمگە "تىرىڭگىدە" ھىلىقى ئۇلۇغچات 1-ئوتتۇرىدا ئوقۇغان، ياتاقنىڭ ئالدىدىكى ئۆزى تۆككەن يۈندە مۇز بوپ قىتىپ قالغاندا ئۆزى يىقىلىپ چۈشكەن بىچارە پامىردەك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، قۇلاقچام بىر يەرگە دومۇلاپ كىتىدىغان بىرسى بولاتتىمغۇ دەيمەن! مۇشۇ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى يولىدا بولمىسىمۇ بولمايدىكەن جۇمۇ بەزىدە.
    چوڭ دادامنىڭ قىلغانلىرى توغرا ئىكەن. ئۇ نەۋرىلىرىگە ئۆزىنىڭ تىجارەت دىتىنى يەنى بىر خىل پۇلغا ۋە تىجارەتكە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئىشچان ۋە سەگەك ئۇدۇمنى كىچىكىدىنلا يۇقتۇرۇپ مىڭىپتىكەن، بۇ خىسلەتلەر تاغامنىڭ ئوغۇللىرىغا يۇققىنى بىلەن ماڭا يۇقمىدى دىسە، بەلكىم بۇ مىنىڭ ئۇنىڭ قىزىنىڭ بالىسى بولغانلىغىمدىنمۇ ۋە ياكى مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەقەت تەتىل مەزگىلىدىلا تۇرىدىغان ۋاقىتنىڭ ئازلىغىدىنمۇ بۇنىسى نامەلۇم... بەلكىم چوڭلارنىڭ "قىزنىڭ بالىسى - خەقنىڭ بالىسى" دىگەن گەپنىڭ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋلاتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىگىنى ئاتا تەرەپتىن ئاساس قىلىپ سانىشىنىڭ مەلۇم ئىلمى ئاساسى بولسا كىرەك.
       مەن ھەر قىتىم تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار بىلەن ئۇچراشقان چىغىمدا چوڭ دادامنىڭ كىلىشكەن قامىتى، پاكىز چىرايىنى ۋە ئىشچانلىغىنى ھەم سودىدىكى ئىللىقلىغىنى ھەمدە ئۇنىڭ بەزى قىزىق ئىشلىرىنى ئېسىمگە ئالىمەن، بۇنداق چاغلاردا ئۇنى بەك سىغىنىپ كۆزلىرىمگە ياشلار كىلىپ كىتىدۇ.!
كوپىراتسىيە مەزگىلىدە بىرەر يۇز تۇياق قوي-ئوچكىسى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى تارتتۇرۇۋەتكەندىن كىيىن جەمىيەتكە ئىشەنمەيدىغان بوپ قالغان چوڭ دادام - تىجارەتتە تاپقان پايدىنىڭ بىر قىسمىنى، ئۆينىڭ، ھويلىنىڭ، سامانلىقنىڭ تاملىرىغا، ياغاچنىڭ كاۋاكلىرىغا تىقىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىكەن. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى يۇرەك كىسىلى بىلەن قاتتىق ئاغرىپ قەشقەر كىرەمباغ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇ بىردىن بىر ئىنىسى - بىز نەۋرىلەر- "رەيىم دادا" دەپ چاقىرىدىغان ئاناملارنىڭ تاغىسىنى چاقىرىپ ۋەسىيەت قىلىپ بولۇپ ئاندىن شۇنداق دەپتۇ:
-رەيىماخۇن، مەيەگە كەلگىنا. مەن ھازىر ئەس -ھۇشۇمنىڭ بارىدا دەۋىلاي، ئاۋۇ پالانچى ئۆينىڭ پۇستانىچى يىرىدە، ئىغىلنىڭ ئاۋۇ تىمىدا، سامانلىقنىڭ مۇنۇ يىرىدە، مەن تىقىپ قويغان كىچىككىنە ئوقەت بار، ماڭ ھازىرلا بىرىپ ئىلىۋال!
   خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن چوڭ دادام ئۇ كىسەلدىن ساقىيىپ يەنە 20 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈپ 94 يىشىدا ۋاپات بولدى، ئىنتايىن پاكىز كەتتى. ئاڭلىسام تاكى كۆزىنى يۇمغۇچە ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىپتۇ. چوڭ دادام ۋاپات بولۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئانام ئويگە ئەكىلىپ بىقىۋاتقان ئىكەن، مىنىڭ تىلىپوندا چوڭ دادام بىلەن شۇنداق سۆھبەتلەشكىنىم ئىسىمدە:
-ۋاي جىنىم چوڭ دادا، مىجەزىڭ يوق بوپ قاپتۇ، يوقلاپ بارالمىدىم، دوللار ئەۋەتسەم گۆش ئىلىپ يىيەلەمسەن؟
- يىمەمتىكىن؟ دوللار بولسا خەجلەيمىز ئۇنى. ئاناڭنىڭ يانچۇقىدىن ئىلىپ ماڭا پۇل بەرگۈزمەي ئۆزەڭ ئەۋەت جۇمائائائا بالام...
ئاتا يەنىلا ئۆزىنىڭ قىزىنى ئايايدۇ دىگەن شۇ دە.
   ئۇ چاغدا چوڭ دادامنىڭ ئاۋازى يەنىلا جانلىق ۋە تىتىك ئىدى. مەن ئۇنداق ئاسان كىتىپ قالار دىمەپتىكەنمەن.
ئانام ئامىرىكىغا كەلگەندە ئۇ چوڭ دادامنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە: قەيسەر بالام قانداق بوپ كەتكەندۇ؟ بىر كۆرسەم بولىتى! دەپ كەتكەنلىرىنى ئىيتقىنىدا كۆڭلۈم تولىمۇ بۇزۇلدى. چەتئەلدە ياشاپ قالغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىگىمىزنىڭ بىرسى مانا مۇشۇ. سۆيۈملۈك ئادەملىرىمىزنىڭ يىنىدا ھالقىلىق پەيتتە بولالمايمىز.
   چوڭ تاغىمىز رەھم باقى -(بىز نەۋرىلەر رەھم دادا دەپ چاقىراتتۇق) ئىنتايىن ئاق-كۆڭۈل، مەھماندوست، خۇشچاقچاق كىشى بولۇپ بىر نەرسىسى بولسا كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ باشقىلارغا بىرىپ قويۇپ ئاندىن ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى خەق بەرمىسە ئۇلاردىن سوراپ ئىلىشتىن ئۇيۇلىدىغان قولى كەڭ، سېخى كىشى ئىدى. (ئويلىسام، مەن مۇشۇ رەھم دادامنىڭ كۆڭۈلچەكلىك مىجەزىنى تارتىپ قاپتىمەن، ھەمىشە ياخشى ئەمەسكەن ئادەم ئۇنداق بولسا)رەھىم دادامنىڭ بىر قىتىم ئاكىسىغا مۇنداق چاقچاق قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ چۈشنەلمەي چوڭ دادامنىڭ ھىلىقى تامغا بايلىق تىققان ئىشىنى بىلگەن ئىدىم.
   ياز ئايلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ھاۋا ئىللىق ھەم راھەت. بۇنداق كۈنلەردە چوڭ دادامنىڭ ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئاستىغا سىلىنغان كارۋاتتا يىتىپ ئارام ئىلىۋالىدىغان ئادىتى بار ئىدى. رەھىم دادام ئىشىكتىن توۋلاپ كىرىپ قالدى.
- ئاكا ھوي ئاكا....
ئۆزى ئوتتۇرا بوي كەلگەن رەھم دادام ئاكىسىغا بەك ئامراق ئىدى ھەم بەك ھۆرمەت قىلاتتى. توي-تۆكۈن، نەزىرىلەرگە ئاكىسىنى ئالماي بارمايتتى.
چوڭ دادامنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ دىدى:
-ئاكا قوپسىلا، شەمشەت قارىملا يولغا چىقىشقا تەييا بولاپ قالدى چايغا كەچ قالمايلى.
-رەيىماھۇن، ئۆزەڭلا بىرىپ كەگىنا، ھالىم بوش تۇرىدۇ.
-ۋوي ئاكا، ھالىم بوش دەيلا كىتىپ قالمىسىلا يانا. چايغا بارمىساممۇ بارماي، قايسى تامغا دۇنيانى تىقىپ قويلا دەپ بەسىلە...كىتىپ قاسىلا ھىچكىم بىلەممەي قالىدۇ.
   بۇ گەپنى ئاڭلاپ، چوڭ دادام ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئىدى، "سەن بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ گەپنى" دىدىڭ دىگەندەك ئاچچىق بىلەن.
ئۆلۈمنىڭ ياش -چىكى يوق دەپ، ھۆرمەتلىك رەھىم دادام چوڭ دادام بىلەن ياش چاغلىرى ئۆتكەن ئالتاي كۆكتوقايدىكى تۇققانلارنى يوقلاپ چىقىپ ئاغرىپ قىلىپ 1993-يىلى 68 يىشىدا ئۇرۇمچىدە ۋاپات بولدى. ئۇ چاغدىكى ئەمەت دادامنىڭ ئازاپلىق چىرايىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ھازىرمۇ يۈرۈگۈم ئاغرىيدۇ. (جانابى ئاللاھ رەھىم دادامنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن!)
       خوش، مەن چوڭ دادامنىڭ ئۇدۇمىنى ئالالمىغان بىلەن تاغام زەيدىن ئەمەتنىڭ ئوغۇللىرى ياخشى ئالدى. تاغام زەيدىن ئەمەت ئۆزى چىچەن، تىرىشچان كىشى بولۇپ ئىكىساق ھۇسەينىيە مەكتىۋىگەئۇزۇن يىل مۇدىر بولغان قابىليەتلىك مۇئارىپچى ئىدى( ھازىر ئۆز ئالدىغا خاس ئىگىلىك تىكلىۋالدى). دىمەكئۆيدە بىر-بىرىدىن تەسىرى كۈچلۈك ئىككى ئەر بار ئىدى، بىرى بالىلارنىڭ ئۆز ئىشىغا پۇختا، تىجارەتكە ماھىر بولۇشىنى تەكىتلەيدىغان چوڭ دادام-ئەمەت باقى يەنە بىرى ئۇنىڭ ئوغلى -مۇئارىپنىڭ مۇھىملىغىنى تەكىتلەيدىغان مۇئارىپچى تاغام.
   ئاتىنىڭ ئالدىدا، بالا دىگەن بالا دە! تاغامنىڭ تۆت ئوغلى ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ تەربىيەسىنى ئەمەس، بەلكى چوڭ دادىمىزنىڭ ئۇدۇمىنى ناھايىتى ياخشى ئالدى. مەن 2011-يىلى ۋەتەنگە بارغاندا كۆردۈمكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۆزىگە چۇشلۇق خىلىلا ياخشى ئىگىلىك تىكلىۋاپتۇ.
نەۋرە ئىنىم غەيرەت مىنى ئاتۇشنىڭ كوچىسىدا ماشىنىسىدا ئەكىتىۋاتاتتى، بىر تىلىفون كىلىپ قالدى.
- "جى گى" دەپ تازا ئىنىق ئاتۇش تەلەپپۇزىدا خەنزۇچە سۆزلىدى ئۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭغا مال زاكاز قىلىپ بىر خەنزۇ سودىگەر تىلىفۇن قىپتىكەن.
-ھەي، "جى گى "دەپ يۇرۇپ نەچچە مىليون تىپىۋىتىپسەن، مەندەك "جى گې" دەپ خەنزۇچىنى، "خاۋ مەني" دەپ ئېنگلىزچىنى سۆزلىيەلىسەڭ خەلقئارالىق باي بوپ كىتەمسەن نىمە؟
- شۇ تىللارنى سۆزلىمىگەچكە تىپىۋاتقان پۇل بۇ ئاكا دەپ كۈلدى ئۇ.
مىنىڭ ئىسىمگە دەرھاللا بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى بولغان بىر ئىش كەلدى.
      مەندىن كىيىن بوستونغافىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كەلگەن ئىككىنجى ئۇيغۇر ماخمۇتجان ئوبول ئاكا بىر كۈنى بىر كىتاپ ئوقۇۋىتىپ ماڭا ئۆزىگە قىزىق تۇيۇلغان بىر جۈملە سۆزنى كورسەتكەن ئىدى. كىتاپنىڭ ئاپتورى ۋە ئىسمى ئىسىمدە يوق، ئەمما ئۇ جۈملە ھازىرمۇ ئىسىمدە بار: ئامىرىكىدا قولىدىن ئىش كىلىدىغان ئادەم ئالى مەكتەپلەردە پروفىسسور بولمايدۇ.
   ئۇ چاغدا بۇ سۆز ماڭا ھەم غەلىتە تۇيۇلغان ھەم ئۇنى تازا چۈشۈنۈپ كىتەلمىگەن ئىدىم. نەۋرە ئىنىم غەيرەتنىڭ ئۇ سۆزى بىلەن 10 يىل ئىلگىرى مەن ئوقۇغان ئاشۇ سۆزى قانداقتۇر بىر باغلىنىش ھىس قىلدىم. (بىر كۈنلەردە بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ ئۆتكۈم بار ئىنشائاللا)
   تاغامنىڭ ئوغۇللىرى چوڭ دادامنىڭ تىجارەتتىكى ئۇدۇمىنى ئالغان بىلەن مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئۆزۈمگە تەلىم-تەربىيە ئالغان، نۇرغۇن ھىكايىلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ چەبدەس بولۇشىنى، سەمىمى ۋە ياخشى نىيەتلىك بولۇشىنى تەكىتلەيتتى. ئۇنىڭ ئايەت ئوقۇپ تەسۋى سىرىپ تۇرۇپ، ئىزىلىپ مىچىلداپ يەۋاتقان تاماقلىرىمغا زەڭ سىلىپ:
- ۋاي بالام، ئوغال بالا دىگەن گاچ گاچ يىمەمدا تاماق دىگەننى دىيىشلىرى، ئوغال بالا ئىلدام ئىلدام ماڭمامدا، چاققان چاققان قىلمامدا بىر ئىشنى دىيىشلىرى بەكلا ئىسىمدە.
    مەن 1994-1995 يىللىرى ئۈرۈمچىدە بىر ژورنالدا :"سەمىمىلىك قەدىرلىنىشى كىرەك" دىگەن ماقالىنى ئىلان قىلغان ئىدىم. بۇ ماقالىنىڭ خۇرىچى مانا مۇشۇ چوڭ دادام ئىيتىپ بەرگەن ھىكايىلەردىن بىرى ئىدى. سەمىمىلىك بارغانسىرى كەمچىل بولۇۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە مەن بۇ ھىكايىنى قايتا تىلغا ئىلىش ئارقىلىق ھۆرمەتلىك چوڭ دادامغا بولغان سېغىنىش ۋە سۆيگۈلۈرۈمنى ئىپادىلەيمەن.
   چوڭ دادام بىزگە سوزلەپ بەرگەن بۇ ئىش دەل ئۇ يايما دۇكاندارچىلىغىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولۇشنىڭ ئالدىدا بولغان ئىكەن:
- ھازىرقى ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ تۆۋىنىدىرەك يەردە "مۇنار" دەيدىغان يەر بولىدىغان ھەر ھېيت بايرامدا بىز تىجارەتچىلەر ئاشۇ يەردە يايما يىيىپ مال ساتاتتۇق. بالىلار ھېيتلىق پۇللىرىغا بىزدىن بىر نەرسىلەرنى سىتىۋالاتتى. ئاشۇ يىللىرى بىر روزا ھېيتتا ھېيت بۆلەكچىلا بىر قىزىپ كەتتى.ئېسىمدە قىلىشىچە مىنىڭ يىنىمدا دائىم دىگۈدەك ئولتۇرۇپ مال ساتىدىغانلارنىڭ بىرىنى "قۇناخۇن ئۇستام" دەپ ئاتايتتۇق، ئۇ ئادەمنىڭ 10-11 ياشلارغا كىرگەن بىر ئوغلىمۇ بولىدىغان. شۇ كۈنى ئاشۇ بالىمۇ دادىسى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئولتۇرۇپتىكەن، بازار قىزىپ كەتكەندە ئۇ مىنىڭ دىققەتسىزلىگىمدىن پايدىلىنىپ بىر موچەن قىممىتىدىكى بىر كىچىك قەلەمتۇراچنى تىقىۋاپتۇ. ئارىدىن 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۇنگە كەلگەندە نىمە بولدى دىمەمسىلەر؟ چوڭ دادام قىزىشىپ ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن ئىيتقانىدى بۈگۈن چۈشتە ماللىرىمنى پەيشەنبە بازاردا سىتىپ ئولتۇراتتىم تەمبەل بىر ئادەم "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ چىرايلىققىنە سالام بىرىپ يىنىمغا كەلدى، قاراپ تونۇيالمىدىم، ئۇ ئۆزىنى ماڭا ھىلىقى قۇناخۇن ئۇستامنىڭ ئوغلى دەپ تونۇشتۇردى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھازىر قاسساپلىق قىلىۋاتقىنىنى ھال كۈنىنىڭ ھىلىلا ياخشى ئىكەنلىگىنى، قۇناخۇن ئۇستامنىڭ كىتىپ قالغىنىنى ئىيتىپ كىلىپ مىنى مەمەت مانتىچىنىڭ مانتىخانسىغا تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى "دادام كۆرگەن ئادەم سىلە، بىللە تاماق يەيلى" دەپ. مانتا يەۋىتىپ ئۆزىنىڭ بالىلىق قىلىپ قەلەمتۇراچنى تىقىۋالغىنىنى بۇنى 30 يىل ئۆتسىمۇ ئۇنتالمىغانلىغىنى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مۇشۇ ئىش تۈپەيلى كۆڭلى غەش بوپ كەلگەنلىگىنى شۇڭا بۈگۈن ئالايىتەن ئاشۇ قەلەمتۇراچنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بەرمەكچى بولغانلىغىنى سكزلەپ كىلىپ 5 كوينى تەڭلەپ تۇرۇۋالدى. مەن "ۋاي بالام ئۇنىڭغا مەن رازى" دەپ قەتئى ئالغىلى ئۇنىمىدىم، ئەمما ئۇمۇ "ئالمىسىڭىز بولمايدۇ" دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. توۋا مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ بولارىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن."
    ئاشۇ چاغدا چوڭ دادام سۆزلەپ بەرگەن ئۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسر قىلغان ئىدى.
    گەرچە ئۇنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مىھرىۋان چىرايى، كىلىشكەن قەددى قامىتى كۆز ئالدىمدا تەكرار -تەكرار نامايەن بولۇپ كۆڭلۈمنى سىغىنىش ھىسلىرىغا ئورىسا، ئۇنىڭ ئىيتىپ بەرگەن ھىكايىلىرى، سۆزلەپ بەرگەن سۆزلىرى ماڭا غەيرەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىشچانلىغى ۋە ھەق سۆزلىگىدەك ئىسىل سۈپەتلىرى ماڭا ھەر دائىم ئۈلگە بولىدۇ.
    سىنى سىغىنىمەن مەرھۇم چوڭ دادا، سىنى چوڭقۇر سىغىنىش ئىچىدە ئەۋلادىڭ بولۇشتەك مۇقەددەس ھىسسىياتىم بىلەن ئەسلەيمەن، جانابى ئاللاھ ياتقان جايىڭنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن!
2014 -يىلى-18-ماي
قىستۇرما: «قەشقەردىكى كونا چايخانا» دىگەن شىئىرنىڭ ئۇلانمىسى بۇ يەردە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-20217-1-1.html

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 14:21:05

پىراپىسسور دىگەنمۇ مۇشۇنداق ئاددى تىل ئىشلىتىپ ئەسەر يازامدۇ قەيسەركا، چۇشەنمىگىدەك بىر نەرسە يىزىڭە. . . .
:lol:lol:lol:lol:lol
بەت: [1]
: قەيسەر مىجىت: مىنىڭ چوڭ دادام -ئەمەت باقى