bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 08:26:55

(bilgejan) بالا ھەمرىيىدىكى مىكروبلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-29 22:37  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى (NIH) دېرىكتورى، ئاتاقلىق گېنتىكا ۋە فىزىئولوگىيە ئالىمى دوكتور فىرانسىس كولىن (Francis Collins) يېزىۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ئۆز قەلىمىدىن ئېلىنغان تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرىنى دېققىتىڭلارغا سۇنۇشنى باشلىغان ئىدىم. بۇ كىشى دۇنيا ساغلاملىق ساھەسى، جۈملىدىن دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەشكە لايىق بولۇپ، ئۇ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى ياكى قىسقارتىپ NIH بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقاتقا مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇ كىشى مۇشۇ ئورگاننىڭ ئەڭ مۇھىم تەتقىقات ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مۇشۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيىلىك ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى، قىزىقارلىق يازمىلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە دەل ۋاقتىدا تونۇشتۇرۇپ مېڭىۋاتىمەن ۋە بۇ يازمىلار ئاممىباپ تىلىدا يېزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا ھەر كىشى ئۆزىگە چۇشلۇق نەپ ئالالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن. دوكتور فىرانسىس كولىن توغرۇلۇق بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى يازمامنى كۆرۈپ بېقىڭ:
http://bbs.izdinix.com/thread-58378-1-1.html
تۆۋەندە مەن دوكتور فىرانسىس كولىن بۈگۈن يېزىپ ئېلان قىلغان بالا ھەمرىيى توغرىسىدىكى يېڭى ماقالىسىنى سىلەرگە سۇنىمەن. مەن بۇ ماقالىنى تەخمىنەن بىر سائەت بۇرۇن كۆرۈپلا، ماڭا ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان بالا ھەمرىيى ئۈستىدىكى ماقالە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ  ھاياجانلاندىم ۋە دەل ۋاقتىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى كۆزلەپ تىزلا تەرجىمە قىلدىم. ئەسلى ئېنگىلىز تىلىدىكى ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://directorsblog.nih.gov/2014/05/28/not-sterile-after-all-the-placentas-microbiome/

بۇ ماقالە ھەر بىر ئىنساننىڭ ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىزنى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى دۇنيارىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈشكە يېتەكلەيدۇ. ئانا قورسىقىدىكى 9 ئايلىق ھاياتىمىز بىزنىڭ باشقا ھەر قانداق دەۋرىدىكى ھاياتىمىزغا قارىغاندا بىزگە يەنىلا بىر سىر بولۇپ، بۇ مەزگىلنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى ۋە بىزنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىمىزدا نەقەدەر زور رولى بارلىقى بىزگە تۆۋەندىكىدەك كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاستا-ئاستا ئايان بولماقتا. مەن ئىلگىرى دەل بالا ھەمرىيى ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلارنىڭ ئەزا يېتىلىشى ۋە كىيىنكى مەزگىللەردە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە دىئابىت كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىتابولىزىملىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈستىدە ھايۋانات مودىللىرىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئىدىم. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىم تۆۋەندىكى ئىلمىي ماقالىلىرىمدا ئېلان قىلىنغان، قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ (كېينچە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ قويارمەن):
http://ajpendo.physiology.org/content/early/2013/07/31/ajpendo.00117.2013
http://ajpregu.physiology.org/content/302/7/R795
http://www.rbej.com/content/11/1/34
http://www.expert-reviews.com/doi/abs/10.1586/eem.13.14

مەن ھازىرمۇ مايمۇن مودىلىدا ئىنسان مېڭىسىنىڭ  بالياتقۇدىكى مەزگىلىدە قانداق يېتىلىدىغانلىقىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىشقا ئاساس سېلىشنى كۆزلەپ ئىنسان مېڭىسىگە ئەڭ يېقىن كىلىدىغان پرىمات تىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتدىكى گېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماقالىنىڭ ماڭا بولغان ئىلھامى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن، بۇ ماقالىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق مەسلىلەر ئۈستىدە ئويلىنپ بېقىش ۋە كەلگۈسىدە ئاتا-ئانا بولىدىغان بارلىق كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولۇپ قالار دەپ ئويلاپ بۇ ماقالىنى سۇندۇم.

بالا ھەمرىيىنىڭ مىكروب توپى
ئاپتور: فىرانسىس كولىن (Dr. Francis Collins)
تەرجىمىدە: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە



سىز سالامەتلىكىڭىز ياكى بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم بالا ھەمرىيىنى ئېسىڭىزگە ئېلىپمۇ قويماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۇ دائىم سەل قارىلىدىغان، بىراق ئىنتايىن مۇھىم بولغان قازان نېنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئورگان پەقەت تۇغۇت جەريانىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ بالىياتقۇنىڭ ئىچكى دىۋرىدغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ ۋە ھامىلە يېتىلىشىنى يېتەكلەيدۇ:  بىر قىسمى ئانا تېنىگە تەۋە يەنە بىر قىسمى ھامىلىگە تەۋە بۇ ئورگان نۇرغۇنلىغان ئىنتايىن مۇھىم فۇنكىسىيەلەرگە ئىگە بولۇپ، كېندىك تومۇرى ئارقىلىق ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى ئانىدىن يېتىلىۋاتقان ھامىلە تېنىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەمما، بالا ھەمرىيى ئەمەلىيەتتە ئانا ۋە بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە مۇھىم بولۇشى مۇمكىن.

تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە، بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيى بالىنى بىخەتەر ساقلايدىغان باكتېرىيىسىز ۋە مىكروبسىز بىر مۇھىت دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇغىنىسى، بىر ھەپتىلىك بولغان بالىلارنىڭ ئۈچىيىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ تۈزۈلۈشتىكى كۆپ خىل مىكروبلار مەۋجۇت. ئۇنداقتا بۇ باكتېرىيىلەر زادى نەدىن كەلگەن؟ ئىلگىرى كىشىلەر بوۋاقلاردىكى تۇنجى تۈركۈم باكتېرىيىلەر بالا تۇغۇلۇش جەريانىدا جىنسىي يولدىن بالا تېنىگە كىرىدۇ ياكى قەيسەر ئوپراتسىيىسى (تۇغۇت ئوپراتسىيىسى) جەريانىدا ئانا تېرىسىدىن بالىغا ئۆتىدۇ دەپ قارىغان. بىراق، 2007-يىللىق NIH دېرىكتورىنىڭ «يېڭى ئىجادكار مۇكاپاتى» ئېرىشكەن بەيلور مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى ۋە تېكساس بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى تۇغۇت ئىلىمى ئورۇنباسار پروفىسورى كيېرستى ئاگارد (Kjersti Aagaard) بۇ ئىشنىڭ تېگىدە گەپ بار دەپ گۇمان قىلغان.

دوكتور ئاگاردنىڭ گۇمانى قىسمەن NIH باشلامچىلىق قىلىۋاتقان «ئىنسان مىكروب توپى تۈرى،HMP» نىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ ئېشىپ بارغان. 2007-يىلى باشلانغان HMP تۈرى بەدىنىمىزدىكى بۇرۇن بوشلۇقىمىز، ئېغىز بوشلۇقىمىز، تېرە، ھەزىم قىلىش يوللىرى ۋە سۈيدۈك-كۆپىيىش يوللىرىمىزدا ياشاۋاتقان مىكروبلارنى ئېنىقلاپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ تۈر ئاللىقاچان بىزگە ھەر بىر ئورۇندىكى مىكروب تۈرلىرى ئۈستىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى سۇندى. ئەمما ئاگارد بوۋاق تېنىدىكى مىكروب توپلىرىنى تەتقىق قىلغىنىدا، ئۇ بوۋاق ئۈچىيىدىكى مىكروبلارنىڭ ئازراقمۇ ئانا جىنسىي يولى ياكى تېرىسىدىكى مىكروبلار بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

كېيىن، ئاگارد NIH مەبلەغ سالغان، ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋېرستېتى-سائىنت-لۇيىستىكى ئالىملار ئىشلىگەن بىر تەتقىقات تۈرىدە بالا ھەمرىيىدا مىكروبلارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئوقۇغان (1). شۇنىڭ بىلەن، ئاگارد بالا ھەمرىيىنىڭ ئۆزىنىڭ مىكروب توپى بولغانىكەن، بەلكىم بالا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتىلا بىۋاستە بالا ھەمرىيىدىن تۇنجى مىكروب توپلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان.

بۇ ئىددىيەنى سىناق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى 320 بالا ھەمرىيى ئەۋرىشكىسىنى يېغىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن مىكروپ توپلىرىنى ئايرىپ ئالغان. ئۇلار باكتېرىيەلەرنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا مىكروسكوپ ۋە پېتىر چاشكىدا ئېنىقلاشنىڭ ئورنىغا، باشقا ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋېرستېتى تەتقىقاتچىلىرىدەك، ئاگاردمۇ بۇ ئىشتا ئوخشاشلا DNA نى مەركەز قىلدى. ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر بالا ھەمرىيىدىن DNA نى ئايرىپ ئىلىپ ئۇلارنىڭ گېن تەرتىپلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە بۇ ئارقىلىق ھەر بىر بالا ھەمرىيىدە ساقلانغان باكتېرىيىلەرنىڭ كېملىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلار بالا ھەمرىيىدىكى بۇ مىكروب توپلىرىنى ھامىلدار ئەمەس ئاياللارنىڭ ئېغىز، بۇرۇن، تېرە، جىنسىي يول ۋە ئۈچىيىدىكى باكتېرىيە توپلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ ئېغىزىدىكى مىكروب توپلىرىنىڭ بالا ھەمرىيىدىكى بىلەن ئوخشاشلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ چىققان (2).

بۇ ھەقىقەتەن كىشى ئويلاپ باقمىغان بىر نەتىجە ئىدى. قانداقسىگە ئانىلارنىڭ ئېغىزىدىكى مىكروبلار بالا ھەمرىيىدە بولۇپ قالىدۇ؟ ئاگارد بۇنى ئېنىقلاشتا ئىلگىرىكى ھايۋان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئىلتىجا قىلدى. بىر چاشقان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىزغا ئورۇنلاشقان  Fusobacterium nucleatum دەپ ئاتالغان بىر باكتېرىيە قان تومۇرلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق باشقا باكتېرىيىلەرنىڭ قانغا ئۆتۈشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىكەن (3). قانغا ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئېغىز مىكروبلىرى بالا ھەمرىيىگە يېتىپ بارالايدىكەن. ئاگارد بۇنىڭدىن ئىنسانلاردىمۇ ئوخشاشلا ئېغىز مىكروبلىرى قانغا ئۆتۈپ، شۇ ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيىلەرنى بالا ھەمرىيىغا «تېرىيدۇ» دېگەن خۇلاسىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ، ھامىلدارلىقنىڭ تۇنجى ۋە ئىككىنچى بۆلىكىدە (تەرجىماندىن: ھامىلدارلىق جەريانى 3 ئايدىن جەمئىي ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ) باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغان ئانىلارنىڭ بەدىنىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ ئىزنالىرى بالا ھەمرىيىدىن تېپىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇلار يەنە 37 ھەپتىلىكتىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغان (بالدۇر تۇغۇلغان) بوۋاقلار تېنىدىكى مىكروب توپلىرىنىڭ تولۇق 40 ھەپتىلىكتە تۇغۇلغان (نورمال تۇغۇت) بوۋاقلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئىنتايىن كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان كۆزىتىش بولۇپ، بەلكىم كىلىنىكىدا ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ھەر يىلى ئامېرىكىدا 500،000 بوۋاق، يەنى ھەر 8 بوۋاقنىڭ بىرى مۇددەتتىن بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ. بۇنداق دۇنياغا مۇددەتتىن بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش خەتەرلىك بىر ئىش چۈنكى بوۋاقنىڭ مۇھىم مېڭە ۋە ئۆپكە فۇنكىسىيىسىنىڭ يېتىلىشى ھامىلدرلىقنىڭ 39-ھەپتىسىگىچە داۋملىشىدۇ. ئۇلار گەرچە ھازىرقى دوختورخانىلاردا بار ئىلغار شارائىتلار بىلەن ھاياتىنى ساقلاپ قالسىمۇ، ئەمما ئادەتتە مۇدەتتىن بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدە نەپەسلىنىش ۋە ئوزۇقلىنىش قېيىنچىلىقىغا ئۇچراش، چوڭ مېڭە يېتىلمەسلىك (تەرجىماندىن: بىر ئۆمۈر پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىقى ۋە نېرۋا كېسەللىرىگە گرىپتار بولۇش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

ئاگارد ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى نۆۋەتتە  NIH چىقارغان مەبلەغنى ئىشلىتىپ 526 نەپەر ئايالنى ئۇزۇن مۇددەت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، زادى مىكروبلار بىلەن بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى بار يوقلۇقىنى ئېنقلاشنى باشلىدى. بەلكىم مەلۇم تۈردىكى مىكروبلار ياكى مىكروب توپلىرىدىكى ئالدىنئالا پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بىر ئۆزگىرىش قايسى بوۋاقلارنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭلۇقىنى ئالدىن بايقىشىمىزغا ئىلمىي ئاساس تەمىنلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئېھتىماللىقلار جەزىملەشتۈرۈلسە، ئۇ ھالدا بالدۇر دىئاگنوز قويىدىغان سىناقلار ئارقىلىق قايسى ئاياللارنىڭ بۇرۇن تۇغۇشىنى پەرەز قىلىشقا ياردىمى بولۇشى، ھەتتا مىكروب توپلىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تولۇق مۇدەتتە تۇغۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ مۇمكىن.

ئاگاردنىڭ بايقاشلىرى پەقەت غايەت زور مۇز تاغنىڭ بىر كىچىك پارچىسى بولۇشى مۇمكىن. سىز بالا ھەمرىيىنىڭ فۇنكىيىسىدىن چاتاق چىقسا ئانا ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئىنسۇلىن قارشىلىقى، ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىمى، ھەتتا يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە بەلكىم بېشىڭىزدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، بالا ھەمرىيىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن قېيىن بولۇپ، پەقەت بالا تۇغۇلغاندىن كىيىنلا ئاندىن بالا ھەمرىيى ئەۋرىشكىسىنى تەتقىق قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىزگە ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا بالا ھەمرىيىنىڭ نورمال ياكى بىنورمال فۇنكىسىيەگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمەيدۇ. دەل شۇ سەۋەب، NIH نىڭ «دۆلەتلىك بالا ساغلاملىقى ۋە ئىنسان يېتىلىشى ئىنىستىتۇتى»دىكى ئالان گاتماچىر (Alan Guttmacher) «ئىنسان بالا ھەمرىيى تۈرى, HPP» نى ئوتتۇرىغا قويدى. كېلەر ھەپتە، NIH تىكى تەتقىقاتچىلار بالا ھەمرىيى بىئولوگىيىسى ساھەسىدىكى خەلقىئارالىق مۇتەخەسىسلەر بىلەن بىر يەرگە كىلىپ، بۇ تۈرنىڭ تەپسىلىي تەتقىقات ۋەزىپىلىرىنى بېكىتىشنى كېڭەش قىلىدۇ. بۇ تۈر ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقىغا زور تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. بەلكىم HPP تۈرى ئۇزاق زامانلاردىن بىرى سەل قارىلىپ كەلگەن بالا ھەمرىيدىن ئىبارەت بۇ چەكسىز مۇھىم ۋە كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئەزاغا تىگىشلىك دېققەت ۋە ھۆرمەتنى بېرىشىمىزگە تۈرتكە بولغۇسى.


پايدىلىنغان ماتىرىياللار:

:
Identification of intracellular bacteria in the basal plate of the human placenta in term and preterm gestations. Stout MJ, Conlon B, Landeau M, Lee I, Bower C, Zhao Q, Roehl KA, Nelson DM, Macones GA, Mysorekar IU. Am J Obstet Gynecol. 2013 Mar;208(3):226.

The Placenta Harbors a Unique Microbiome. Aagaard K, Ma J, Antony KM, Ganu R, Petrosino J, Versalovic . J Sci Transl Med. 2014 May 21;6(237).

Transmission of diverse oral bacteria to murine placenta: evidence for the oral microbiome as a potential source of intrauterine infection. Fardini Y, Chung P, Dumm R, Joshi N, Han YW. Infect Immun. 2010 Apr;78(4):1789-96.

The Human Placenta Project: placental structure, development, and function in real time. Guttmacher AE, Maddox YT, Spong CY. Placenta. 2014 May;35(5):303-4.

دوكتور فىرانسىس كولىننىڭ باشقا ماقالىلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئىنسانلار كەلگۈسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ؟
ياش قان بىلەن قېرى مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ؟
(bilgejan) چايان چاقسىمۇ ئاغرىمىسىكەن دەپ ئويلامسىز؟

بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس، ئامېرىكا)
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىپ كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 09:26:57

تەتقىقاتچى دىگەن مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ئەڭ موھىم ئىش دەپ بىلسە ، ئاندىن قىلغان ئىشىدىن نەتىجە چىقىدىكەندە . . . . .
بەلكىم HPP تۈرى ئۇزاق زامانلاردىن بىرى سەل قارىلىپ كەلگەن بالا ھەمرىيدىن ئىبارەت بۇ چەكسىز مۇھىم ۋە كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئەزاغا تىگىشلىك دېققەت ۋە ھۆرمەتنى بېرىشىمىزگە تۈرتكە بولغۇسى.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 09:40:54

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 09:26 static/image/common/back.gif
تەتقىقاتچى دىگەن مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ئ ...

توغرا دەيسىز. مەن كۆرۈشكەن ھەر بىر داڭلىق ئالىم ھەر ۋاقىت ئۆزى قىلىۋاتقان تەتقىقاتنىڭ دۇنيادا ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ بۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى. بىر قېتىم ئۇ مەندىن مېنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشۇمدىكى تەتقىقاتىم ئۈستىدە سورىدى ۋە كەينىدىنلا ئۆزى قىلىۋاتقان تەتقىقات ساھەسىنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ۋە مېنىڭ تەتقىقات ساھەيىمدىكى بەزى ئالىملارنىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئاچچىقى بىلەن سۆزلەپ كەتكىنىدە ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم… :lol

سىز ئېيتقاندەك، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى سۆيۈش ۋە ئۇنى شۇ كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلىش تەتقىقاتتا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇشى مۇمكىن.

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 10:05:44

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.
بالا ھەمرايىدىكى مىكروپلارplacental barrier(胎盘屏障 بالا ھەمرايى توسقۇچ قورۇلمىسىدىن قانداق ئۆتىدۇ؟بالا ھەمرايى ئارقىلىق ھامىلىگە كۆپلىگەن ئىمونىتىت ئاقسلى توشۇلىدۇ ،بۇ ئىمونىتىت ئاقسىللىرىنىڭ بالا بەدىنىگە كىرگەن بۇ باكتېرىيەلەرگە نىسبەتەن تەسىرى بولمامدۇ؟ئەگەر تەسىرى بولمىسا دىمەك بۇ باكتېرىيەلەر بىلەن ھامىلە تېنىگە توشۇلغان ئىمونىتىت ئاقسىللىرى ئالدىن تاللانغان دىگەنلىكمۇ قانداق؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 12:21:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-29 19:06  

ھامىلىدار بولالمىغان ياكى قورساقتا ھامىلە ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستىتى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە بالىياتقۇدا ۋىرۇس بارلىقى سەۋەپتىن دەپتۇ، شۇ ئاياللار ماڭا شۇنچىلىك دەپ بېرەلىدى،ئۇرۇقنى دەمدۇ يەۋېتىدىكەن دەپ…
بۇنىڭ مۇشۇ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇ قانداق گەپ ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 12:22:55

ۋېيشىن ئىشلەتمىدىم ھازىر،ئۆچۈرۈۋەتتىم يانفونۇمدىن

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 13:07:48

ھامىلە ئوكسىگىننى قانداق قوبۇل قىلىدۇ ؟ ھامىلىدەمۇ قان ئايلىنىش بولغاندىكىن ئوكسىگىنغا كىرەك بولار

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 19:05:15

imam567 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 10:05 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.
بالا ھەمرايىدىكى مىكروپلارplacental barrier(胎盘屏障 بالا ھەمرايى توسقۇچ قورۇلمىسىدىن قانداق ئۆتىدۇ؟بالا ھەمرايى ئارقىلىق ھامىلىگە كۆپلىگەن ئىمونىتىت ئاقسلى توشۇلىدۇ ،بۇ ئىمونىتىت ئاقسىللىرىنىڭ بالا بەدىنىگە كىرگەن بۇ باكتېرىيەلەرگە نىسبەتەن تەسىرى بولمامدۇ؟ئەگەر تەسىرى بولمىسا دىمەك بۇ باكتېرىيەلەر بىلەن ھامىلە تېنىگە توشۇلغان ئىمونىتىت ئاقسىللىرى ئالدىن تاللانغان دىگەنلىكمۇ قانداق؟
============================
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ناھايىتى ياخشى سوئاللارنى سوراپسىز. قارىسام بالا ھەمرىيىنىڭ تۈزۈلۈشىىدىن سەل خەۋىرىڭىز باردەك قىلىدۇ. بالا ھەمرىيى توسقۇچ قۇرۇلمىسى بالا ھەمرىيىنىڭ تاشقى قەۋىتىدىكى ئىپىدىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ «ھىم تۇتىشىش» ئارقىلىق بىر مۇداپىئە قورغانى ھاسىل قىلىدىغان تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئانا تېنىدىن بالىغا يۇقىرى ئېغىرلىقتىكى مولىكۇلالارنىڭ ئۆتىشىنى چەكلەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيان تەتقىقاتچىلار بۇ توسقۇچى پەردىدىن بۇرۇن ئۆتەلمەيدۇ دەپ قارالغان  خىلى چوڭ مولىكۇلالارنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىماقتا. بۇ جەھەتتە مېنىڭ خىزمەتدىشىم دوكتور توماس جەنسون (Thomas Jansson)  https://physiology.uthscsa.edu/faculty-profile/756 نىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى كۆرۈنەرلىك.
ئەمدى بالا ھەمرىيى ئارقىلىق توشۇلىدىغان ئىممۇنىت شارچىسىمان ئاقسىللىرىغا كەلسەك، بەش خىل ئىممۇنىت شارچىسىمان ئاقسىللىرى ئىچىدە (IgM, IgG,IgD,IgA, IgE)، پەقەت IgG لا بالا ھەمرىيىدىن ئۆتۈپ ھامىلىگە يېتىپ بارالايدۇ. IgG نىڭ رولى مەلۇم باشقا جانلىق تېنىدىن كەلگەن يات ئاقسىللىق تۈزۈلۈشلەرگە قارىتا ئانتىبودى رولىنى ئۆتەش ئارقىلىق سىرتتىن ھۇجۇم قىلغۇچىنى ۋەيران قىلىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار پەقەت ھامىلدارلىقنىڭ 24-ھەپتىسدىن كېيىن ئاندىن ھامىلىگە يېتىپ كىلىدۇ. شۇغىنىسى بۇ باكتېرىيەلەر ھامىلە يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىلا يېتىپ كىلىدىغان بولغاچقا ھامىلە بۇ باكتېرىيەلەرنى يات دەپ تونۇماي ئۆز دەپ تونۇشى مۇمكىن.

يەنە بىرى، ھامىلە ئىممۇنىت سىستىمىسى يېتىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى پىشىپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى بولغان تۆش بېزى (thymus) ئىچىدە بىر «تۆش بېزىدە تەربىيىلىنىش» دەپ ئاتىلىدىغان مۇھىم جەرياننى باشتىن كەچۈرىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھامىلە ئۆز تېنىدىكى ئوخشىمىغان ئاقسىللار پىشىپ يېتىلىۋاتقانT ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرىگە بىر-بىرلەپ تونۇتۇلىدۇ-ۋە، شۇ ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى يېتىلگەندە ئۆز تېنىدىن كەلگەن ماددىلار بىلەن يات جانلىقتىن كەلگەن ماددىلارنى ئاسانلا پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئانا تېنىدىكى ئانا بەدىنىمۇ ئۆز دەپ تونۇيدىغان كېسەل پەيدا قىلمايدىغان باكتېرىيىلەر خاتىرجەم ھالدا بالا تېنىگە ئورۇنلىشالايدۇ. بۇ جەھەتتە يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن تەتقىقاتلار بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 19:07:42

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 12:21 static/image/common/back.gif
ھامىلىدار بولالمىغان ياكى قورساقتا ھامىلە ئۆلۈپ كەتكە ...

ياق، بۇنىڭ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قالغان بالىياتقۇ ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنلا شۇنداق بولغان بولىدۇ. بۇ يەردە مىكروب دېگەندە پەقەت ئانا بەدىنىدىكى زېيانسىز باكتېرىيىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 19:09:27

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 13:07 static/image/common/back.gif
ھامىلە ئوكسىگىننى قانداق قوبۇل قىلىدۇ ؟ ھامىلىدەمۇ قا ...

شۇنداق، ھامىلىگە ئەلۋەتتە ئوكسىگېن كېرەك بولىدۇ. ھامىلە ماقالىنىڭ بېشىدا دېيىلگەندەك ئانا تېنى بىلەن بالىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغا كېندىكتىكى ۋىنا تومۇرى ئارقىلىق ئوكسىگېن ۋە بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۋالىدۇ.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 20:26:11

جوڭگۇ تېبابتىدە بالا ھەمرىيىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا دەپ قارايدىغان قاراشنىڭ ئىلىمى ئاساسى بارمۇ ؟
دورا زاۋۇتىلىرى دوختۇرخانىلاردىن بالا ھەمرىيى سېتىۋىلىپ بالا ھەمرىيى تالقىنى ئىشلەپ چىقىرىش ھالىتىگە بېرىپتۇ بايقىشمچە

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 23:14:08

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 20:26 static/image/common/back.gif
جوڭگۇ تېبابتىدە بالا ھەمرىيىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا دەپ  ...

مەنمۇ شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. بالا ھەمرىيىدا مول مىقداردا ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار بار ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما بۇلارنىڭ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بۇ توغرىدا ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئاكادىمىيىسى تۇغۇت ئىلىمى دوختۇرى مەگىي بلوتنىڭ دېيىشىچە (http://news.bbc.co.uk/2/hi/uk_news/magazine/4918290.stm) ھايۋانلار بالا ھەمرىيىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن بالا ھەمرىيىنى يەۋىتىدۇ، ئەمما ئىنسانلار يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بالا ھەمرىيىنى يېيىشنىڭ ئورنى يوق ۋە ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق.

دېگىنىڭىزدەك جۇڭگو تىبابىتىدە قۇرۇتۇلغان بالا ھەمرىيى ماۋۇ نامدا دورا سۈپىتىدە سېتىلىدىكەن:


رەسىمدە كۆرگىنىڭىزدەك، بۇ 紫河车 دېگەن دورا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، روھنى كۆتۈرۈش ۋە كۈچ-قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بارمىش. ئەمما كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە بالا ھەمرىيىنىڭ بۇ خىل پايدىسىنىڭ بارلىقىغا قارشى ئىسپاتلار كۆپ.
http://www.sciencebasedmedicine.org/eating-placentas-cannibalism-recycling-or-health-food/

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 08:06:06

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 19:05 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇ ...

رەھمەت.مەن كىلىنكىلىنكىك تىبابەت كەسپىنى پۈتتۈرگىلى ئىككى يىل بولدى،شۇڭا ئانچە مۇنچە ئۇققانلىرىمنى دەپ قويدۇم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 08:27:06

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 20:26 static/image/common/back.gif
جوڭگۇ تېبابتىدە بالا ھەمرىيىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا دەپ  ...

مەنمۇ مۇشۇ خەنسۇلارنىڭ بوۋاق ۋە بالا ھەمراھىنى يېيىش ئىشى ھەققىدە سوراشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن،
بەت: [1]
: (bilgejan) بالا ھەمرىيىدىكى مىكروبلار